سونېتلار
توختى تۇرسۇن
(1)
زەڭگەر كۆكتە چوققىلارنى سۆيگەن ئاق بۇلۇت ،
ئۇ مەڭگۈلۈك ساداقەتكە بولالماس نىشان .
كۈل بولمىدى قوقاس ئارا يېلىنجىغان ئوت ،
گۈلخان بولۇپ يېنىشىدىن بولما دەر گۇمان .
ئۈمىدسىزلىك كەلكۈن كەبى يامرىسا ئەگەر ،
يۈرىكىڭنى قۇياشقا تۇت ، ئاقسۇن ئاڭا نۇر .
تىلەكلىرىم پارلاپ تۇرسا روھىڭغا قەدەر ،
كېلىچىكىڭ جەۋلان قىلماس نە ئۈچۈن مەغرۇر .
مەنزىللەردە كۈتەر بەخت ، ياكى دەرت - ئەلەم ،
پەرياد چېكىپ قۇشلار كەبى ئىزدىمە باھار .
بەرق ئۇرۇپ چېچەكلىرىڭ ئېچىلار كۆركەم ،
بەختىڭ ئۈچۈن بەخشەندە بوپ يېنىڭدا مەن بار .
تۇمان تاراپ ساھىل ھامان بۇلىدۇ ئېنىق ،
نەزەر سالغان كۈتەر ئۇندا تەنھا بىر قېيىق .
(2)
تىۋىشلىرىم ئاقسا ئەگەر ھۇجراڭغا تىمتاس ،
سۈكۈتلىرىڭ چۈشلەر ئارا چېقىلسۇن تامام .
تىترەپ تۇرغان يۈرىكىمگە كۆمۈلگەن قاقاس ،
نىگاھىڭدا كۆيگەچ تاڭغا بېرىدۇ سالام .
ئاي شولىسى گۇگۇم ئارا قېقىپ يېنىك پەر ،
تاش ئورۇندۇق قۇچىقىدا جىلۋە قىلار سۇس .
چۆچەكلەرگە ئەسىر بولۇپ چاقنىغان ئەختەر ،
ھېسلار ئارا تەلپۈنۈشتە قاتىدۇ ئەپسۇس .
چىغىر يوللار قەدىمىڭگە بۇلۇپ ئىنتىزار ،
قىسسە سۆزلەر بېلىجانسىز بۇلاققا پىنھان .
بىر قەلىبتە يادلىنىشنى قىلساڭ ئىختىيار ،
ئىستەكلىرىم بىخلىنىدۇ روھىڭغا ھامان .
گۈيا چۈشتەك كۆكۈش پەردە ئورىغان ئورمان ،
نە سەۋەپتىن قۇشلار ئۇندا قىلالماس جەۋلان .
(3)
روھىم ئۈزرە تەنھا يەلكەن ئۈزسە بېتىنىم ،
دەۋرەپ كېلىپ يېپىشىدۇ سىماھىڭ مەھكەم .
ئامەتمۇ يا بەختسىزلىك بىلمەيمەن بەلكىم ،
يوللىرىمدا ئىككىلىنىپ باسقان ھەر قەدەم .
كۈلۈپ سېنى سۆيەلمىسەم كۈلگىنىم يالغان ،
ئەقىدىسىز ياشىغۇم يوق ھاياتتا زىنھار .
گۈلگە سۇنغان قوللىرىمدىن ئاقسۇن مەيلى قان ،
ئازابنىمۇ بەخت بىلىپ ئېلىشقا تەييار .
تاشلىنىدۇ چۈشلىرىمگە قۇش پېيى ئېغىر ،
نۇرلىنىدۇ پەرۋازلىرى ئېڭىمدا ئاپئاق .
كۆكتە چاقناپ قالار چۇقۇم يۇلتۇزىمىز بىر ،
تەڭرى بىزنى قىلىپ قويغان بولسا جۈپ-قوشماق .
باسماق ئۈچۈن شۇ نامەلۇم مەنزىلگە ئاياق ،
ماڭغىنىڭدا گۈللەر ئاڭا چاچسۇن خۇش پۇراق .
(ئاپتور - باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسدە) |