
ئىلاۋە: ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەر يىلى نورۇز كەلسە مۇنبەرلەردە ھەر خىل تېمىلار قايناپ كېتىدۇ. بىرى دەيدۇ نورۇز بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى ئەمەس دەپ. بىرى دەيدۇ نورۇز دېگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى دەپ. مەنمۇ تازا ئاڭقىرىپ بولالماي قالدىم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكى يازمىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىدىن نەقىل ئالدىم. كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«نورۇز» (Noruz) ئەسلىدە پارىسچە سۆز، ئۇ «نەۋرۇز»سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى بولۇپ، سۆز مەنىسى جەھەتتىن «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز بايرىمى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.
«نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارىسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. تارىختا پارىسلار بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Newruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكىلىگە كەلگەن.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كۆك تەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قاراپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشىچە، ئاققۇزا يۇلتۇزى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ، قوش، بېلىق يۇلتۇزلىرىنىڭ يوقۇلۇپ، ئاققۇزا ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى ئىنسانلارغا بەخت ۋە تەلەي كېلىدۇ، دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) نى نورۇز بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.

نورۇز بايرىمىنىڭ قاچان ۋە قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، بۇ بايرام ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي ئاساسلانغان كائىنات ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى، يەنى قۇياشنىڭ ھەمەل(قوزا) بۇرجىغا كىرىشى، كېچە بىلەن كۈندۇزنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن تەڭلىشى، كۈندۇزىنىڭ ئۇزىراشقا باشلىشى، تەبىئەتتە يېڭىچە جاللىنىشنىڭ باشلىنىشى، باھارنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن باغلىق بولغان. بىز نۇرۇز بايرىمىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىغا مۇراجىئەت قىلساق، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋىرلەردە ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ دېقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئېتىز-ئېرىق، دالىلاردا يېڭى ئىش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىدىن ئۆتكۈزىدىغان باھار بايرام-مۇراسىملىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.
قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئالىى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى ( ھەزرىتى موللام مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېنىدا «نورۇز بۇلاق»دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بار. ئۇزۇن تارىخنىڭ شاھىدى بولغان بۇ بۇلاق ھەققىدە شائىرلىرىمىز نۇرغۇن شېئىر، قوشاقلارنى يېزىشقان. بۇ بۇلاقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا نورۇز سەيلىللىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىىلىدىغان سەيلىگاھلاردىن بولغانلىقى ئېنىق. «ھەزرىتى موللام تەزكىرىسى» ( مەھۇد قەشقەرى تەزكىرسى)نىڭ ئاياق قىسمىدا، ئۇستازلار ۋە قارىلارنىڭ ئۆز تالىپلىرىنى باشلاپ نورۇز بۇلاققا بېرىپ، بۇ يەردە تۈنەپ سەيلە قىلىدىغانلىقى ۋە تالىپلارغا شۇ بۇلاقتىكى سەيلىدە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
شېڭ سىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن، بۇ بايرامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە 1-ئاينىڭ 1-كۈنىنى يىل بېشى قىلىپ بېكىتكەن، ھەمدە نورۇز بايرىمىنىڭ ئورنىغا ئۆزى تەخىتكە چىققان 12-ئاپرېل كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتىپ، شۇ كۈنىنى قۇتلۇقلاشنى بۇيرىغان. نورۇز بايرىمى گەرچە ئۇزۇن يىل تاشلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئارىسىدا بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەيرى رەسمىي يوسۇندا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنىدى.

1982-يىلى، بۇ بايرامغا تەشنا بولۇپ كەلگەن نەچچە مىڭلىغان كىشى نورۇز بۇلاق بېشىغا بېرىپ تۇرغۇنلۇقتىن كېيىنكى تۇنجى نورۇز سەيلىسىنى يەنە بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ نورۇز بۇلاق سەيلىگاھىدىن باشلىدى.
19-ئەسىرگىچە ئوپالدىكى نورۇز بۇلاق-كاتتا نورۇز سەيلىگاھى بولۇپ كەلگەن. بۇ بۇلاق شۇ جايدىكى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى (ھەزرىتى موللام مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، 14-ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ھەر يىلى نورۇز پائالىيىتى شۇ بۇلاق بويىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنلىكتىن، بۇ بۇلاق «نورۇز بۇلاق» دەپ ئاتالغان. بۇ نورۇز سەيلىسىدە شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا خەلققە ئاپەت كەلتۈرىدىغان جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مەقسەت قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن «سۇ چېچىش ئويۇنى»، ئەقىللىق بولۇشقا دەۋەت قىلىندىغان «بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى»، «تۇمارلىق ئېلىش ئويۇنى» قاتارلىق ئويۇنلارمۇ ئوينالغان.
شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى: بۇ مۇسابىقە يۇرت-يۇرتلاردىن نورۇز سەيلىسىگە كەلگەن داڭلىق ئۆلىما، داموللا، مۇدەررىسلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۇلارنىڭ شاگىرت-تالىپلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن(ھازىر بۇ، ئۇمۇمىي خەلق پائالىيىتىگە ئايلىنىپ، بۇ ساھەدە ئىقتىدارى بارلىرىنىڭ ھەر قاندىقى قاتنىشىدىغان بولدى). مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققۇچىلار ماددىي مۇكاپاتلارغا مۇ يەسسەر بولغان.