گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1644 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    مېنى سېغىنغانلارنى مەنمۇ سېغىندىم .

  • admin 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى،خەۋەردار بۇلۇپ قالغايسىلە.

  • لالە1224 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزۇن بىر زامان بولۇپ كېتىپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى....

  • شاختۇرا 2013-6-26 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ھەر-بىر كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن ...

  • بۇرادەر 2013-6-24 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام مۇنەرداشلار. بۇرادەردىن سالام كەتتى.

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلىرىم

  • يەھيا618 2013-6-22 02:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام   ئەلەيكۇم    ياخشىمۇسىلەر .ئاڭلىسام   كايسى  كۈنى  بايدا  مولدۈر  يېغىپتىمىش    بۇ   راسما   ؟

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    گۈل ئۈچۈن تىكىنى بولغاچقا قالقان ، ۋىسال يۈرەكنى قىلىدۇ قان - قان .

  • شۇڭقار 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا ئەجەپ قىززىپ كېتۋاتدۇ يا؟

  • مۇختەرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ تىنجىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە ؛ دوستلار بىلەن   سۇغا چۈمۈلۈپ كەلگۈم بار .

  • مۇختەرجان 2013-6-26 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا نىمانداق بەك ئىسسىپ كەتتى ؟ ئەزىز دوستلارنىڭ ئەزىز تېنىگە ئىسسىق ئۈتۈپ قالمىسۇن ، دىققەت قىلىڭلار .

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سەلتەنەتلىك گۈزەل باي . دېسە دېمسە گۈزەل جاي  يۇرتۇمنىڭ نامى گۇيا. ئاسماندكى گۈزەل ئاي

  • يەھيا618 2013-6-23 22:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمانداق زېرىكشلىك   كۇنلەر  بۇ   .ئۆينى ھەجەپ  سېغىندىم ...ھۇھۇھۇھۇھۇھ

  • بۈركۈت 2013-6-21 19:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار!ئامانمۇ سىلەر؟

كۆرۈش: 515|ئىنكاس: 4

سۆيگۈ كۈيلىرى-مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

106

تېما

4

دوست

7925

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى(Rank: 6Rank: 6)

يوقلىما
119
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4600
تۆھپە : 435
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-27

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 21:54:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-3 22:01  

سۆيگۈ كۈيلىرى
(ناخشا تېكىستلىرى)

مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

سېنى كۈتۈپ

ئايسىز قالدى مېنىڭ تۈنلىرىم،
مۇڭغا تولدى ئېيتقان كۈيلىرىم،
بىر ئۈمىدتە ياشايمەن ھامان،
سېنى كۈتۈپ ئۆتەر كۈنلىرىم.

ئىزدەپ كەلدى تالاي جانانە،
كۈيلىرىمگە بولۇپ مەستانە،
مەن ئۇلارغا ئەمەس پەرۋانە،
سېنى كۈتۈپ ئۆتەر كۈنلىرىم.

بىلەلمەسمەن، نەدۇر خىيالىڭ،
ئارزۇيۇمدۇر شېرىن ۋىسالىڭ،
دىل بېرىشكە يوقمۇ ئامالىڭ؟!
سېنى كۈتۈپ ئۆتەر كۈنلىرىم.

سېنى كۆرگۈم كېلەر، بەرىبىر

ئىشىك چېكىپ پەرىلەر ئۆتەر،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر.
گۈللەر توزۇپ، قۇشلارمۇ كېتەر،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر.

دۇنيادا سەن يىگانە سەنەم،
ھۆسنۈڭ كۈيلەپ تالمايدۇ قەلەم،
ھەر كۈن ماڭا قىلساڭمۇ ئەلەم،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر.

چىرايىمنى سارغايتىدۇ غەم،
قار ياغىدۇ يۈرەكىمگە ھەم،
مەن قەلبىڭگە سىغمىغان ئادەم،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر.

يىراقلارغا جىمجىت كېتەرسەن،
ئورنى ئاسمان، بىپەرۋا لېۋەن،
قالساممۇ دەرد-ئازابلار بىلەن،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر.

مەشۇققا سۇئال

ناخشام بىلەن يوللىدىم سالام،
سىزگە مېھرىم قىلغاچقا داۋام،
سۆزۈم بولماس شۇندىمۇ تامام،
مەندىن يىراق كېتەمسىز جانان؟!

سۆيگۈ تولغان يورۇق دۇنيادا،
ئۆتسە كۈنلەر غەمكىن، بىناۋا؛
بۇ ئەلەمگە قىلماستىن داۋا،
سۈكۈتلەرگە پاتامسىز جانان؟!

ھىجرانىڭىز قىينايدۇ ھامان،
چىن ئاشىقمەن، غەمدىن باغرى قان،
شەھىرىڭىزدە ياشايمەن پىنھان،
سۆيگۈڭىزدىن تانامسىز جانان؟!

يۈرەكىمدىن ئالغان مەڭگۈ جاي،
سىز بەرىبىر خىرەلەشمەس ئاي،
نۇرىڭىزنى مەن ئۈچۈن چاچماي،
ئۆزگىگە يار بولامسىز جانان؟!

يېنىمغا قايتىڭ

يۈرەكىمگە شولا تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتىڭىز،
سىزنى ئىزدەپ يۈرگەنىمدە يۈتۈپ كەتتىڭىز.
سىزگە مېھىر بېرىشىمگە كەتمەيدۇ سەۋەب،
دىل سۆزۈمنى ئېيتسام، ئەجەب چۆچۈپ كەتتىڭىز؟!

بۇ دەۋرنىڭ سىزدەك گۈزەل رەنالىرى بار،
قەلبى كۆيگەن مەندەك چىۋەر بەرنالىرى بار،
ئاشىقلارنىڭ ئارىسىدا يىگانىدۇرمەن،
پاك دىلىمدا چىن سۆيگۈنىڭ دەريالىرى بار.

تۇرنا بولۇپ يىراقلارغا قىلدىڭىز پەرۋاز،
ماڭا كۈلۈپ باقمىدىڭىز، قىلمىدىڭىز ناز.
زىمىستاندا قويماڭ مېنى، يېنىمغا قايتىڭ،
ئۆمۈر بېغى گۈللىنىدۇ كەلسە باھار، ياز.

ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر

مېنى ئوتتا قىلىدۇ خاراب،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.
دىلغا مىڭ رەت سالىدۇ ئازاب،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.

باغلىرىمدا كۈلۈپ بىر ئوماق،
دىل قۇشۇمغا قۇرار مىڭ توزاق،
قىيناپ تۇرار كەتكۈزمەي يىراق،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.

مىنىپ سۆيگۈ يولىدا ئاتقا،
مېنى باشلار گۈزەل ھاياتقا،
ياردۇر ئەمما ئاقىۋەت ياتقا،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.

يۈرۈشۈمگە قىلىپتۇ ھەۋەس،
مەنچە بۇنى «سۆيگۈ» دېيىش تەس،
ئۆز ھالىچە قالسۇن ئەمدى بەس،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.

قۇت تىلەيمەن

توي قىلىسىز مېنى قويۇپ پىراقتا،
بىكار كەتتى سىزگە قىلغان ئەقىدەم.
خۇشال كۈنلەر ئەمدى مەندىن يىراقتا،
تويىڭىزغا قۇت تىلەيمەن مەلىكەم.

ماڭا قايتا خەت ئەۋەتىپ يۈرمەيسىز،
باھاردىمۇ باغلىرىمغا كەلمەيسىز،
نە ھالەتتە قالغىنىمنى بىلمەيسىز،
تويىڭىزغا قۇت تىلەيمەن مەلىكەم.

دەردىڭىزدە خازان بولار گۈللىرىم،
ئەلەم بىلەن ئۆتەر مېنىڭ كۈنلىرىم،
مۇڭغا تولار ئەمدى ئېيتقان كۈيلىرىم،
تويىڭىزغا قۇت تىلەيمەن مەلىكەم.

سىز يېنىمدا توختىمىغان شامال سىز،
يات كوچىغا پېتىپ كەتكەن ھىلال سىز،
سىز مەن ئۈچۈن مەڭگۈ شېرىن خيال سىز،
تويىڭىزغا قۇت تىلەيمەن مەلىكەم.
(ئاپتور: «شىنخاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە)

مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى»2012-يىل 4-سانىدىن

4

تېما

0

دوست

243

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1353
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 129
تۆھپە : 8
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-18

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 04:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئر ئاددىي،پىكىر تەبىئي ئىپادىلىنىپتۇ.مەنچە بولغاندا پىكىرنى سەل غوۋالاشتۇرسا ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلۇدۇم.

4

تېما

2

دوست

646

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1593
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 369
تۆھپە : 8
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-27

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 17:16:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ

1

تېما

4

دوست

284

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1712
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 156
تۆھپە : 2
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 21:46:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئرلار بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،مەن بەك ياقتۇردۇم،قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي!

0

تېما

0

دوست

108

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1707
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 45
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 13:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت  ياخشى يېزلىپتۇ؟؟؟؟ھارمىغايسىز
ياخشى تېمىلارنى  كوپلاپ  يېزىپ تۇرۇڭلار  كىېرنداشلار؟؟ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2013-7-4 20:15 , Processed in 0.200582 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش