گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1644 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    مېنى سېغىنغانلارنى مەنمۇ سېغىندىم .

  • admin 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى،خەۋەردار بۇلۇپ قالغايسىلە.

  • لالە1224 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزۇن بىر زامان بولۇپ كېتىپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى....

  • شاختۇرا 2013-6-26 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ھەر-بىر كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن ...

  • بۇرادەر 2013-6-24 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام مۇنەرداشلار. بۇرادەردىن سالام كەتتى.

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلىرىم

  • يەھيا618 2013-6-22 02:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام   ئەلەيكۇم    ياخشىمۇسىلەر .ئاڭلىسام   كايسى  كۈنى  بايدا  مولدۈر  يېغىپتىمىش    بۇ   راسما   ؟

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    گۈل ئۈچۈن تىكىنى بولغاچقا قالقان ، ۋىسال يۈرەكنى قىلىدۇ قان - قان .

  • شۇڭقار 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا ئەجەپ قىززىپ كېتۋاتدۇ يا؟

  • مۇختەرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ تىنجىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە ؛ دوستلار بىلەن   سۇغا چۈمۈلۈپ كەلگۈم بار .

  • مۇختەرجان 2013-6-26 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا نىمانداق بەك ئىسسىپ كەتتى ؟ ئەزىز دوستلارنىڭ ئەزىز تېنىگە ئىسسىق ئۈتۈپ قالمىسۇن ، دىققەت قىلىڭلار .

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سەلتەنەتلىك گۈزەل باي . دېسە دېمسە گۈزەل جاي  يۇرتۇمنىڭ نامى گۇيا. ئاسماندكى گۈزەل ئاي

  • يەھيا618 2013-6-23 22:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمانداق زېرىكشلىك   كۇنلەر  بۇ   .ئۆينى ھەجەپ  سېغىندىم ...ھۇھۇھۇھۇھۇھ

  • بۈركۈت 2013-6-21 19:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار!ئامانمۇ سىلەر؟

كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 2

[ئۈمىدجان توختى](2)چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاساسچىسى __ نورخاچ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

577

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

يوقلىما
26
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1549
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 228
تۆھپە : 26
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 01:54:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دەرۋىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 22:34  

14300000868259127906125741285.JPG

تەرجىمە قىلغۇچى:ئۈمىدجان توختى(ۋېنجو ئونۋېرسېتىتى باي ناھيەلىك تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپ1-يىللىق 5-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
جورجىتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش

     نورخاچ ياشىغان دەۋىردە جيەنجۇ جورجىتلىرى چوڭ جەھەتتىن جيەنجۇ بەش بۆلىكى ۋە چاڭبەيشەن ئۈچ بۆلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن : جيەنجۇ بەش بۆلىكى بولسا سۇكېسۇخۇ دەرياسى بۆلىكى،  خۇنخې دەرياسى بۆلىكى ، ۋەييەن بۆلىكى ، دوڭ ئې بۆلىكى، جيېچىڭ بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالسدۇ . چاڭبەيشەن ئۈچ بۆلىكى يالۇجياڭ دەرياسى بۆلىكى، جۇشېلى بۆلىكى ، نېيىن بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى . ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوڭ - كىچىك ئاتامانلار بولۇپ ، ئازراقتىن يەر ئىگىلەپ ، سېپىل سېلىپ ، بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلاتتى.
     نىكانۋاران ۋە نورخاچ ئوخشاشلا سۇكسۇخۇ دەرياسى بۆلىكىگە تەۋە ئىدى ، نىكانۋاران مىڭ ئوردىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ، نورخاچنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تەھدىت بولۇپ قالدى، شۇڭا نورخاچ ئەڭ ئاۋال نىكانۋارانغا ھۇجۇم قىلدى ، شۇ يىلى 8-ئايدا نورخاچ قوشۇن توپلاپ جيابەن شەھرىگە ھۇجۇم قىلدى ، لېكىن نومىنانىڭ مەخپى خەۋەر يەتكۈزىشىدىن نىكانۋاران يەنە قېچىپ كەتتى .
         نورخاچ ئىككى قېتىم  ھۇجۇم قىلىپ نىكانۋاراننى تۇتالماسلىقىدىكى سەۋەپ   نومىنانىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئىدى . نورخاچ ئەمدى نومىنانى كەچۈرەلمىدى، بولۇپمۇ نورخاچنىڭ ئاچچىقى كېلىدىغىنى نومىنا ئۆزىنى كۈچلۈك دەپ كۆەڭلەپ ، چوڭچىلىق قىلىپ نورخاچنىڭ ئالدىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنى خۇنخې دەرياسى بۆلىكىدىكى خېڭجيا، جياكۇمۇ ئىككى شەھەرنى ئالغىلى قويمىدى ، ھەمدە دوڭجيا ، باردا ئىككى شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ، بولمايدىكەن لەشكەر ئەۋەتىپ ئۇنىڭ يولىنى توسىدىغانلىقىنى ئېيتتى . نورخاچ بىلىپ يەتتىكى ، نومىنانى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ نىكانۋاراننى ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرگىلى بولمايتتى ، ھەمدە ھازىرقى بىرنەچچە بىرلەشكەن كىشلىرىدىن ئايرىلىپ قالاتتى ، بىراق نومىنانىڭ كۈچى زور ، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئىش قىلسا بولمايتتى ، پەقەت ئەقىل ئىشىلتىش كېرەك ئىدى ، نورخاچ يالغاندىن نومىنا بىلەن بىرگە باردا شەھرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى ، ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئالدىدا نورخاچ نومىنانى ئالدىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۈندىدى ، نومىنا قوشۇلمىدى، نورخاچ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ:
__ سىلى ھۇجۇم قىلمىسىلا قوشۇنلىرىنىڭ قورال- ياراق،دۇبۇلغا - ساۋۇتلىرىنى ماڭا بېرىپ تۇرسىلا ، مەن ھۇجۇم قىلاي،__ دېدى.نومىنا بۇنىڭ قىلتاق ئىكەنلىكىنى ئۇقماي ،پۈتۈن قورال-ياراقلىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى، نورخاچ پۇرسىتتىن پايدىلنىپ نومىنا ئۆلتۈرۈپ ، سارخۇ شەھرىنى ئىگىلىدى.
جورجىتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا نورخاچ يەر شەكلىگە ئاساسەن ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن ھۇجۇم قىلىش نىشانى تاللىدى، ۋەنلىنىڭ -12يىلى1-ئايدا ئۆز قەبىلىسىدىن چىققان لىدەي خەيشى جورجىتلىرىدىن بولغان خادا قەبىلىسىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ نورخاچنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى خۇجى شەھرىگە ھۇجۇم قىلدى ، نورخاچ ۋاقتىنچە نىكانۋارانغا بولغان ھوجۇمىنى توختۇتۇپ ، لىدەيگە تاقابىل تۇردى،ھەمدە جاۋجيا شەھرىنى قولغا ئالدى، ئىنىسى خېشاخەننىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ، 6-ئايدا ماېردۈن شەھرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئالدى، سامۇجيەن قاتارلىق كىشلەرنى ئۆلتۈردى ، شۇنىڭدىن كېيىن نورخاچ داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئېلىپ باردى.
كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن نورخاچ نۇرغۇن قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇردى، لېكىن ئۇ سۇنماس ئىرادىسى بىلەن تەقدىرگە جەڭ ئېلان قىلدى، شۇ يىلى 9-ئايدا نورخاچ دوڭئې قەبىلىسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش پەيتىدىن پايدىلنىپ ، قوشۇن باشلاپ چىجىدا شەھرىگە ھۇجۇم قىلدى ، شەھەرنى قولغا ئالاي دېگەندە قار يېغىپ كەتكەچكە ئامالسىز چېكىندى ، ۋەنلىنىڭ 13-يىلى 2-ئاي، نورخاچ 50 ئادەم بىلەن جيېچىڭ بۆلىكىگە تەۋە بولغان جيېفەن شەھرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى ، بىراق دۈشمەننىڭ تەيارلىق قىلغىنىنى  كۆرۈپ كەسكىنلىك بىلەن چېكىندى، تەيلەنگاڭغا كەلگەندە جيېفەن، سارخۇ ،دوڭجيا ،باردا تۆت شەھەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيسى بولغان 400كىشلىك قوشۇن قوغلاپ يېتىشىۋالدى ، جيېفەن شەھرى ئاقساقىلى ناشىن ، بامۇنى ئەڭ ئالدىدا نورخاچقا ئېتىلىپ كەلدى ، نورخاچ قىلچە ئىككىلەنمەستىن قىلىچىنى سوغۇرۇپ دۈشمەنگە قاراپ ئېتىلدى ، قىلىچىنى بىرلا شىلتىپ ناشىننىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلدى ، كەينىگە بۇرۇلۇپ بامۇنىنىمۇ بىر قىلىچ بىلەن ئاتتىن دومىلىتىۋەتتى ، بىرلەشمە ئارمىيە قورقۇپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭمىدى ،نورخاچ قوشۇننى قوغداپ ئاستا - ئاستا چېكىندى ، 4-ئايدا نورخاچ 80ئادەم بىلەن جيېچىڭ بۆلىكىگە قايتا ھۇجۇم قىلدى ، تۇمۇخې ، جاڭجيا ، باردا ، سارخۇ ۋە جيېفەن قوشۇنىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ ئاخىرى ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۈچلۈك بولغان دۈشمەننى مەغلۇپ قىلدى ، 9-ئايدا نورخاچ سارخۇ دەرياسى بۆلىكىدىكى ئەنتۇگائېر شەھرىنى قولغا ئالدى ، 14-يىلى 5-ئايدا خۇنخې دەرياسى بۆلىكىدىكى بېيىۇەن شەھرىنى ئالدى ، ئۇزاق ئۆتمەي جيېچىڭ بۆلىكىدىكى تۇمۇخې شەھرىنى قولغا ئالدى.
نورخاچ ئۇزۇن يىل قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى قولغا ئالدى ، نوپۇس ۋە بايلىقى كۆپۈيۈپ ئەمىلىي كۈچى ئېشىپ ، قىساسكارى نىكانۋاران بىلەن تىغمۇ - تىغ ئېلىشالىغۇدەك دەرىجىگە  يەتتى .
7-ئايدا نورخاچ قوشۇن باشلاپ نىكانۋارانغا ھۇجۇم قىلدى، ۋەنلىنىڭ 11-يىلى كۈزدە جيابەن ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا نىكانۋاران خوتۇن-بالىلىرنى ئېلىپ، ئېرخون شەھرىگە قېچىپ كەتكەن ئىدى، ئېرخۇن شەھرى چېگراغا يېقىن بولغاچقا ھەمدە ئەتراپتىكى قەبىلىلەر تېخى نىكانۋارانغا تەسلىم بولمىغاچقا نورخاچ كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ تېز ئىلگىرلىدى، ئېرخون شەھرى سىرتىدىكى ئۇرۇشتا نورخاچ قاتمۇ-قات مۇھاسىرە ئىچىدە قالدى، 30نەچچە يېرى يارىلاندى ، بىراق يەنە قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ دۈشمەننى چېكىندۈردى، كېيىن ئۇ ئاساسىي قوشۇننى باشلاپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى ، شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن نىكانۋاراننىڭ شەھەردە ئەمەسلىكىنى ئۇقتى ، نورخاچ ئاچچىقىنى باسالماي 19خەنزۇنى ئۆلتۈرۋەتتى،ئوقى تېگىپ يارلانغان ئالتە نەپەر خەنزۇنىڭ يارا ئېغىزىغا يا ئوقىنى تىقىپ شۇ پېتى چېگرا قوغدىغۇچى بەگنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ، نىكانۋاراننى تاپشۇرۇپ بېرىشنى سورىدى، چېگرا قوغدىغۇچى ئەمىرلەر نورخاچنىڭ كۈنسىرى زورۇيۋاتقانلىقىنى ، نىكانۋاراننىڭ جورجىتلار ئارىسىدا تەسىرى كۈچى قالمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئەلچى ئەۋەتىپ ، ئەمدى نىكانۋاراننى يۆلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇنىڭ بىلەن نورخاچ 40 ئادەمنى ئېلىپ چېگراغا بېرىپ نىكانۋاراننى تۇتۇپ ئۆلتۈردى .
ۋەنلىنىڭ 15- يىلى نورخاچ جيېچىڭ بۆلىكىگە قايتا - قايتا ھۇجۇم قىلىپ ، 6-ئايدا ئارىتاي شەھرىنى ئالدى ، 8-ئايدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ يۈرۈش قىلىپ سانغۇنى ئېيىتونى باردا شەھرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى ، ھەمدە ئۆزى دوڭچىڭ شەھرىگە ھۇجۇم قىلدى، شەھەر ئاقساقىلى جياخەي تەسلىم بولدى، شۇندھق قىلىپ نورخاچ جيېچىڭ بۆلىكىنى بىرلىككە كەلتۈردى.
قوشۇن تارتقاننىڭ ياقى نورخاچ جورجىتلارنىڭ ھەرقايسى قىسمىغا «شەپقەت بىلەن ھەيۋىنى تەڭ ئىشقا سېلىش»ەك يولنى تۇتۇپ ، ئۇرۇش قىلغاچ كىشلەرنى ئۆزىگە قاراتتى ، نۇسرەت قازانغانسىرى ھەيۋىسى ئېشىپ نۇرغۇن قەبىلە ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا تەسلىم بولدى، ۋەنلىنىڭ 16-يىلى  سۇۋەن قەبىلىسى ئاقساقىلى سورگو ،دوڭئې قەبىلىسى ئاقساقىلى خېخالى،يارگۇ قەبىلىسى ئاقساقىلى ۋۇلاخۇ قاتارلىقلار قوشۇن ۋە شەھەرنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى. شۇ يىلى 9-ئايدا نورخاچ قوشۇن باشلاپ ۋەنيەن شەھرىنى ئېلىپ جيەنجۇنى بىرلىككە كەلتۈردى، ۋەنلىنىڭ 19-يىلى نورخاچ چاڭبەيشەندىكى ئۈچ قەبىلىگە قوشۇن تارتىپ شۇ يىلى 1-ئايدا يالۇجياڭ بۆلىكىنى ئالدى ،ۋەنلىنىڭ 21-يىلى جۇشېلى بۆلىكىنى ئالدى،ئاندىن نايىن بۆلىكىنى ئېلىپ ، چاڭبەيشەننى بىرلىككە كەلتۈردى .
نورخاچ ئونبىر يىل ئىچىدە جيەنجۇ جورجىتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئەمىلى كۈچى ناھايتى زورايدى، سياسىي جەھەتتە مىڭ ئوردىسىغا يالغاندىن ياخشىچاق بولۇپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان بايلىقنى قايتۇرۇپ بەردى ، ھەمدە مىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقرىلغان ، نورخاچتىن پانا تىلىپ كەلگەن جيامۇخې جورجىت لىرىنىڭ ئاتامانى كېۋۇشنى ئۆلتۈردى ، كۆپ قېتىم ئاستانىگە بېرىپ پادىشاغا سوۋغا - سالام بەردى ، شۇنداق قىلىپ نورخاچ مىڭ ئوردىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى ، ۋەنلىنىڭ 15-يىلى نورخاچ ئۆزىنى شاھ دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ، 17-يىلى 9-ئايغىچە ئوردا ئۇنى جيەنجۇ قورىقچى بېگىدىن باش تۇتۇق بەگلىككە ئۆستۈردى، ئۇ مىڭ ئوردىسنىڭ ھەيۋىسى بىلەن غەرىپتە فۇشۈنگىچە ، شەرقتە يالۇجياڭ،شىمالدا كەييۈەن، جەنۇپتا چىڭخېغىچە بولغان كەڭ زىمىننى ناھايتى ئوڭۇشلۇق باشقۇردى. ئىقىتىسادىي جەھەتتە ئۇرۇش ئارقىلىق ئولجا ئالغان ، بۇلىغان پۇل-ماللارنى، ھەر يىلى مىڭ ئوردىسى بەرگەن 800سەر كۆمۈشنى،سودا قىلىش ئارقىلىق تاپقان پۇللارنى ئىشلەتتى ، لەشكىرىي ئىشلار جەھەتتە نورخاچ ئۆزىنىڭ ھەقىقى قوشۇنىغا ئىگە بولدى،يېڭى ئىسيان كۆتۈرگەن چاغدا ئادىمى يۈزگە يەتمەيتتى ، ھەر قېتىم جەڭگە چىقسا نەچچە ئون ئادەم بىلەن چىقاتتى، بىراق نورخاچنىڭ كۈچى بارغانسىرى زورۇيۇپ، ئېيىتو باشلاپ ماڭغان قوشۇنلا مىڭدىن ئاشاتتى ، نورخاچنىڭ قوشۇنى بولسا 20مىڭدىن ئاشقان ئىدى .
گۈلى تېغى ئۇرۇشى
مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوڭخۇجياڭ دەرياسى بويلىرىدا ياشايدىغان خەيشى جورجىتلىرى يۆتكىلىش ، كۆچۈش ئارقىلىق خادا، ئۇلا، خۇيفا،ئېيخا قاتارلىق تۆت قەبىلە بولۇپ شەكىللىنىپ ، خۇلۈن تۆت قەبىلىسى دەپ ئاتالدى.
خەيشى جورجىتلىرىنىڭ تۆت قەبىلىسىنىڭ ئاتامانى نورخاچنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىشىدىن ناھايتى ئەنسىرىدى، خەيشى جورجىتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئېخا قەبىلىسىنىڭ ئاتامانى نارىن بېيلىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر زور ئىدى ، ئۇ كۈنسىرى قۇدرەت تېپىۋاتقان نورخاچنى ئۆزىنىڭ جورجىتلارغا ئاتامان بولىشىنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى دەپ قارايتتى، شۇڭا تىغ ئۇچىنى نورخاچقا قاراتتى . ۋەنلىنىڭ 19-يىلى ئۇ فۇئالاغا ئەلچى ئەۋەتىپ ، جيەنجۇنىڭ ئېرمىن،جياكۇمۇدىن ئىبارەت ئىككى شەھرىنى ئېخاغا بۆلۈپ بېرىشنى ئېيتتى ، نورخاچ كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ «بۇ ئىككى شەھەر جيەنجۇغا تەۋە ، سىلى بولسىلا خۇلۈنگە تەۋە، ھەممىمىزنىڭ زىمىنى بار ، سىلەرنىڭ زىمىنىڭلار چوڭ بولسا مەن تارتىۋالمايمەن، بىزنىڭ زېمىنىمىز كەڭ بولسىمۇ سىلەر بۆلىۋالساڭلار بولمايدۇ»دېدى. نارىن بىلىنىڭ بۇ پىلانى ئاقمىدى . شۇڭا ئۇ خادا، خۇيفا بىلەن بىرلىشىپ، نۇرىاچقا ھەيۋە قىلىپ ،تەسلىم بولمىسا ئەمدى جەڭ مەيدانىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، نورخاچ ئاچچىقىنى باسالماي ، شەمشەرنى چىقىرىپ يېنىدىكى ئۈستەلنى بىرلا چېپىپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى .
نارىن  بىلى ئىككى قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ مەقسىتىگە يېتەلمەي ، نورخاچقا جازا يۈرۈش قىلماقچى بولدى . ۋەنلىنىڭ 21-يىلى 6-ئايدا ئۇ نورخاچنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە قوشۇن تارتتى ، ئېخا ، خادا ، ئۇلا ، خۇيفا قاتارلىق تۆت قەبىلە بىرلىشىپ خۇبۇچا شەھرىنى ئالدى ھەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى ،نورخاچ بۇنى ئاڭلاپ دەرھال يولغا چىقىپ ، ئۇدۇل خادا قەبىلىسىنىڭ زىمىنىغا بۆسۈپ كىردى، فۇئېرجياچى شەھرىنى ئېلىپ ، ئاندىن خادا لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.
شۇ يىلى 9-ئايدا ئېخا بىلىسى بۇجەي ، نارىن بىلى نورخاچنى باش ئەگدۈرۈش ئۈچۈن خەيشىدىكى خادا،ئۇلا ،خۇيفا،چاڭبەيشەندىكى جۇشېلى ، نايىن ، موڭغۇل لاردىن قورچىن ، شىبو،گۇئارچا قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ ، توقۇز قەبىلە بىرلەشمە ئارمىيسىنى تۈزۈپ ، 30 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن جيەنجۇغا قاراپ ماڭدى، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان دۈشمەن ئالدىدا  نورخاچ ئۆزىنى ناھايتى تەمكىن تۇتتى. چۈنكى ئۇ خەيشىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلەتتى ، شۇڭا تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ ، بالدۇرلا ئۇخلىدى. يېرىم كېچىدە دۈشمەن ئەھۋالىنى كۈزەتكىلى كەتكەن كىشلەر قايتىپ كېلىپ توققۇز قەبىلە بىرلەشمە ئارمىيسىنىڭ خونخېدىن ئۆتۈپ شائېرچىغا قاراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ، نورخاچ كېچىسى قوشۇن يۆتكىسە پۇخرالارنىڭ  كۆڭلىنىڭ بىسەرەمجان بولىدىغانلىقىنى ، شۇڭا تاڭ ئاتقاندا ئاندىن قوشۇن تارتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، يەنە داۋاملىق ئۇيقۇسىنى ئۇخلىدى. ئىككىنچى كۈنى نورخاچ قوشۇن تارتىپ جياكېغا كەلدى. توققۇز قەبىلە بىرلەشمە ئارمىيسى ئۇلاردىن بالدۇر كەلگەن بولۇپ ، جاكېنى ئالاماي، خېيجىگې شەھرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى . جيەنجۇ لەشكەرلىرى دۈشمەننىڭ 30مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ساراسىمىگە چۈشتى . نورخاچ لەشكەر ۋە سەركەردىلەرگە :
___ كۆپچىلىك ، قورقماڭلار! دۈشمەن كەلگەندە بىز ئۇلار بىلەن تىركەشمەيمىز، مەن ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم،قوشۇنىمىز يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغان يەردە پىستىرمىدا تۇرىدۇ ، بىز ئۇلارنى ئالداپ ئەكىلىمىز . دۈشمەنلەر كەلسە بىز بىراقلا ھۇجۇم قىلىمىز . دۈشمەن كەلمىسە باشقا ئۇسۇل بويىچە بۆلۈنۈپ ھۇجۇم قىلىمىز ،__ دېدى.نورخاچ يەنە:
__ دۈشمەن گەرچە كۆپ بولسىمۇ قوشۇن باشلايدىغان ئاتامانلىرى كۆپ ، ناھايتى قالايمىقان . ئۇرۇش بولغاندا چوقۇم ئالدىغا ئىلگىرلىمەيدۇ . بىز پەقەت بىرنەچچە قوشۇن باشلايدىغان ئاتامانلىرىنى ئۆلتۈرسەكلا، دۈشمەن قورقۇپ قاچىدۇ ، قوشۇنىمىز ئاز بولسىمۇ كۈچەپ بىر ھۇجۇم بىلەنلا غەلبە قىلالايمىز ،__ دېدى. نورخاچنىڭ بۇ گېپى بىلەن لەشكەرلەرنىڭ كۆڭلى ئىزىغا چۈشتى . ئۈچۈنچى كۈنى نورخاچ قوشۇن باشلاپ گۇلى تېغىغا بېرىپ خېيجىگې شەھرىنىڭ سىرتىدىكى يەر شەكلى خەتەرلىك بولغان يەرگە قارارگاھ قۇرىغۇزدى. قوشۇن باشلاپ دۈشمەن ئۆتىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرپىگە پىستىرما قويدى . تاغقا كۆتەك ، يوغان تاشلارنى باغلاپ تەييارلىق قىلدى.بۇ چاغدا دۈشمەن يەنىلا خېيجىگې شەھرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى . نورخاچ ئېيىتونى 100ئادەم بىلەن دۈشمەنلەرنى ئالداپ ئەكىلىشكە بۇيرىدى. دۈشمەنلەر ئېيىتونى كۆرۈپ خېيجىگې شەھرىنى تاشلاپ، ئېيىتونى قوغلاپ كەلدى ، ئېيىتو ئۇرۇش قىلغاچ كەينىگە چېكىندى. ئېيخا بىلىسى بۇجەي ئەڭ ئالدىدا قوغلاپ پىستىرما قويغان يەرگە كېلىپ قالدى . ئالدىدىكى يونىڭ تارلىقىنى كۆرۈپ ، ئاستا-ئاستا ماڭدى . نورخاچ بۇنى كۆرۈپ ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرىدى، كۆتەك ۋە تاشلار تاغدىن چۈشۈپ بىرلەشمە ئارمىيىنى تېرە-پېرەن قىلىۋەتتى ، پىستىرمىدا تۇرغان لەشكەرلەر جەڭگە چىقىپ باتۇرانە كۈرەش قىلدى ، بىر قىلىچ بىلەن ئېخا بىلىسى بۇجەي ئاتتىن دومىلاپ كەتتى ، نارىن بىيلى ئاكىسىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ قورقۇپ ھۇشىدىن كەتتى ، باشقا قەبىلىنىڭ بىيلىلىرى قورققىنىدىن تۆت تەرەپكە تارقاپ قېچىپ كەتتى . نورخاچ كەينىدىن قوغلاپ خادانىڭ چەيخې شەھرىگىچە باردى ، گۇلى تېغى ئۇرىشىدا جيەنجۇ قوشۇنى ئاز كۈچ بىلەن دۈشمەننى يېڭىپ ، جەمئى تۆت مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى ، ئۇلا بىيلىسى مەنتەينىڭ ئىنىسى بۇجانتاينى تۇتتى ، جەڭ ئېتىدىن ئۈچمىڭنى ، دۇبۇلغا - ساۋۇتتىن مىڭنى ئولجا ئالدى، بۇ ئۇرۇشتا نورخاچنىڭ ناھايتى ئۈستۈن بولغان جەڭ قىلىش ماھارىتى نامايەن بولدى . گۇلى تېغى ئۇرۇشى دىكى غەلبە نورخاچنىڭ جيەنجۇ جورجىتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى كېيىنكى ئۇرۇشلارنىڭ غەلبىسىنىڭ كاپالىتى بولۇپ قالدى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھەيۋىسى تەرەپ-تەرەپكە تاراپ ، ھەممە كىشلەر ئۇنىڭدىن قورقتى ، جيەنجۇدىكى باشلامچى بولۇش ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى .خەيشى جورجىتلىرى ۋە ياۋايى جورجىتلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدە تەسىرى زور بولدى ، جيەنجۇ جورجىتلىرى ۋە خەيشى جورجىتلىرى ئارىسىدىكى كۈچىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى ئۆزگەرتتى . جيەنجۇ، ئېخا ، ئۇلا قاتارلىق ئۈچ كۈچلۈك قەبىلىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى، خەيشى جورجىتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرشكە ئاساس ياراتتى .
(داۋامى بار،داۋاملىق يوللىنىدۇ)

0

تېما

0

دوست

285

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  886
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-11

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 16:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەرجىمە ئىكەن داۋامىنى تىزرەك تەرجىمە قىلىڭ


14

تېما

7

دوست

1897

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 791
تۆھپە : 48
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-25

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 19:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى يوللىمايسىزغۇ؟


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2013-7-4 18:36 , Processed in 0.174138 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش