گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 0

رۇبائىيلار (زوردۇن ئىمىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
24
تېما
38
قىزغىنلىق
546
تىللا
1065
تۆھپە
280
توردا
45 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 18:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               
               
       

زوردۇن ئىمىر


ياشلىقنى ئوخشاتما يۇگەنسىز تايغا ،
چاپتۇرما ھەم شاش دەپ چۆل-ئېدىر سايغا.
چولۋۇردىن ئايرىلغان ئاشۇ شاش تېيىڭ ،
پاتمىسۇن بىر كۇنى چىقالماس لايغا .

بۇراندا تاۋلايدۇ شۇڭقار قاناتنى ،
مېھنەتتە تاۋلايدۇ ئىنسان ھاياتنى.
ياشنىتار ئۆمۇرنى گۈل قىلىپ ھەركىم ،
قىزىتسا ئىجادتا بەيگە-پاراتنى .

ئېسىلساڭ ياخشىلار پېشىگە ئېسىل،
قېتىلساڭ ئاقىللار سېپىگە قېتىل.
قالدۇرۇپ ھاياتلىق بېغىدا ئىزلار ،
ئەل-ۋەتەن قەلبىدە گۇل بولۇپ ئېچىل.

ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسى نېمە ،
سەن ئۇنى يەپ-ئىچىش،پۇل تىپىش دېمە.
قىلماي يار ئۆمرىڭگە مېھنەت بىلىمىنى،
چىن ھايات بىغىدىن لەززەت ئىزدىمە .

ئۆمۇرنىڭ لەززىتى سۆيگۈ بىلەندۇر،
ۋىسالغا ئىنتىلگەن كۆيگۈ بىلەندۇر.
چىن سۆيگۈ بەرمىسە ھاياتقا مەنا ،
كۆيگۈنىڭ قىممىتى نۆل بىلەن تەڭدۇر.

ئارمانلار يىلتىزى پەندە كۆلەيدۇ،
شىجائەت ئىجتىھات تەردە كۆكلەيدۇ.
مېھنەتتىن بىخ سۇرۇپ ئىستەك شاخلىرى،
گۈل-چېچەك ئاچقان شۇ يەردە كۆكلەيدۇ.

بولمىسۇن قەلبىڭدە ھەسەتكە ئورۇن،
توسمىسۇن كۆزۇڭنى قىمەتلىك قۇيۇن .
شىكايەت-غەيۋەتنىڭ بولۇپ ئەسىرى،
نادامەت چۆلدە ئوينىما ئويۇن.

زېمىننى ياشنىتار ئنساننىڭ ئەقرى،
زېمىندىن ھاياتلىق ئالار زوق-بەھرى.
بۇيۇكلۇك تەختىنىڭ شاھىدۇر ئىنسان ،
ئۇلۇغدۇر شۇڭلاشقا ئنساننىڭ قەدىرى.

مەنبە :ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىنىڭ 2011-يىل10ماي
B04چولپان بىتىدىن ئىلىندى .       




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 04:52 , Processed in 0.094886 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش