گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1291 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل ئۈلۈشكۈن 11:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    يۇرتۇم سايرامنى ھەجەپ سېغىندىم ، قاچانمۇ بارغىلى نسىپ بۇلا !

  • يۈسۈپجان ئۈلۈشكۈن 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناھىيىمىزدە نىمانچە كۆپ يەر تەۋرەيدىغاندۇ ،مانا ھازىرمۇ يەر تەۋرىدى...

  • سادىر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

  • شاختۇرا 2013-1-23 11:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار  ؟ دوستۇڭلار شاختۇرادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  • نائىل 2013-1-20 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن  تېلىفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا  ئۇيغۇرچە باسقىلى بولمايدىكەن، تورداشلار توغرا چۈشىنىڭلار!

كۆرۈش: 174|ئىنكاس: 9

ئۆز قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى بۇزمايلى(ئامانگۈل تۇنىياز دىلچىن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

87

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

يوقلىما
0
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1570
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 16
تۆھپە : 12
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-14

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 23:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى بۇزمايلى
ئامانگۈل تۇنىياز دىلچىن

بىز-ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن قائىدە-يوسۇنلۇق، ئۆز مىللىي خاسلىقىمىز ۋە ئۆرپ-ئادىتىمىزنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى. ئەلۋەتتە، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى بولىدۇ. شۇ قاتاردا، بىز-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىز تولىمۇ ئۆزگىچە ۋە ئىنتايىن ئېسىل بولۇپ، باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن خاس ئادەتلىرىمىز بار.
بىزنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىمىز بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان، مىللىتىمىز ئارىسدا تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزدىن كېسەل يوقلاش، تۇغۇت يوقلاش، مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغانلارنىڭ قارىسىنى ئۇشتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، بىر-بىرىدىن ھال سورايدىغان ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت مىللىتىمىز ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر كەڭ ئومۇملىشىپ كېلىۋاتقان ياخشى قائىدەرلەرنىڭ بىرى.
بىراق، ھازىر كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت ئۇسۇلىمىزنىڭ شەكلى بار-بارا ئۆزگىرىپ، كىشىلەرنىڭ بۇخىل «ئىلغار مەدەنيەت»كە بولغان كۆز قارىشىى تەدرىجىي سۇسلاپ كەتتى. بىز سەگەكلىك بىلەن ياخشى ئويلىنىدىغان بولساق، بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى قاتناش ناھايىتى قولايسىز، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى يوق ۋاقىتلاردا بىز بىرەرسىنى يوقلاش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئۇدۇللا بېرىپ، ئالدىمىزغا بىر پىيالە ئىسسىق چاي قۇيسىلا شۈكۈر-قانائەت ھاسىل قىلىپ، يۈز كۆرۈشۈپ قايتىپ كېلەتتۇق. بىراق، بىز ھازىر كېسەل يوقلىغىلى، ياكى تۇغۇت يوقلىغىلى بارماقچى بولساق شۇ بىمارنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ، بىرمۇنچە تەييارلىق قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كۈتكىلى قويىدىغان، قارىسىنى ئۇشتۇش ئۈچۈن، «قىرقى» توشقاندا رېستۇرانغا چاقىرىپ، ئەر-ئايال جەم بولۇپ ھاراق-شاراب قۇيۇپ قارىسىنى ئۇشتۇشتەك... نۇرغۇن يامان ئىللەتلەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
ئەلۋەتتە، دوستلارنىڭ بىر-بىرىدىن ھال سورىشى، شۇنداقلا ساھىپخاننىڭ دوستلىرىغا كەڭ قوللۇق قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى كۈتىۋېلىشى بىر ياخشى ئىش. بىز بۇ دۇنياغا پەقەت يەپ-ئىچىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئەمەس. شۇڭا بىز بۇنداق ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، باشقىلارغا بىھۇدە بېسىم بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى تارتساق، باشقىلارغا ھەقىقى كۆڭۈل ئازادىلىكى بەخش ئەتسەك بۇ ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ قارايمەن.
بىز بارغانلا يەردە ساھىبخان سالغان داستىخانغا قارايدىغان، يېمەك-ئىچمەك مول بولمىسا، سىرتقا چىقىپلا سۆز-چۆچەك قىلىدىغان يامان ئىللەتنى ئۆزىمىزگە يۇقتۇرۋالمايلى. شۇ سەۋەبلىك، بىر-بىرى بىلەن ئىختىيارى بېرىش-كېلىش قىلىدىغان قائىدىلەر تۈگەپ، بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ شەكلى تەدرىجى ئۆزگىرىپ، بۇ ياخشى قائىدە ھازىر «قەرز قايتۇرۇش» سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، بۇ خىل تەمەخورلۇق ئىللەتلىرىمىز ھەر ۋاقىت دىلىمىزنى غەش قىلماقتا.
بىزدىكى بۇنداق يامان ئىللەت تۈزەلمىسە، خەلقىمىز مەڭگۈ روناق تاپمايدۇ. تەمەخورلۇق، ھەشەمەتچىلىك ئەزەلدىن يامان ئىللەت. بىز بىراۋنى يوقلىساق چوقۇم ياخشى نىيىتىمىز بىلەن يوقلايلى! بىزگە يەپ-ئىچىش ئەمەس، بەلكى دىدار-مۇلاقەت، سەمىمىي سىردىشىش، كۆڭۈل سوراش غەنىمەت!
ئۆز قائىدە-يوسۇنىمىزنى، ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلىتىمىزنى، ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز دەپسەندە قىلمايلى! نىيىتىمىز ھەر ۋاقىت دۇرۇس، كۆڭلى-كۆكسىمىز كەڭ بولسۇن!

باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن:
ئامانگۈل تۇنىياز دىلچىن




ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
ئەتىرگۈل + 15 + 15 + 10 بەك ياخشى!
خەنجەر731 + 10 قوللايمەن!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 25  تىللا + 15  تۆھپە + 10   باھا خاتىرىسى

1

تېما

7

دوست

493

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 133
تۆھپە : 14
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 02:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xundak bizning esil kaida yosunlirimiz bar , bularni saklap kelix, bularni tarakki kildurux asrap mollaxturux, bizdak yax awlatlarning  zimmimizda,  milli haslikimizni yokutp koymayli! tema igisiga rahmat!


67

تېما

24

دوست

4481

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1930
تۆھپە : 165
توردا: 219
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 11:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە، مۇشۇنداق تېمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، ھەرمىغايسىز.


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

11

تېما

7

دوست

1506

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 618
تۆھپە : 42
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-25

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 13:08:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،مىنىڭمۇ قۇشۇپ قويىدىغان ئىككى ئېغىز گېپىم بار،بولۇپمۇ ئاتا ئانىلارغا،قىزلىرىمىزنى چوڭ قىلدۇق،قاتارغا قوشتۇق،لىكىن توي قىلىدىغان چاغدا ئاسمانغا ئېسىپ ھەشەمەتچىلىك،ئىسراپخورلۇق قىلدۇق،قۇلاقلىرى كۆتىرەلمىگۈدەك ئالتۇن ئالمىسا چىقارمىدۇق،بولسا مۇشۇ توي قىلىش قائىدىمىزنى قېلىپقا چۈشۈرسەك،ئادەم دىگەن يالڭاچ كېلىدۇ يالىڭاچ كىتىدۇ،بۇ دۇنيادا قىلغانلىرىمىزنىڭ سورىقىنى ئۇ دۇنيادا بېرىمىز،تۆت كۈنلۈك ئالەمدە پەرزەنتلىرىمىزگە ئەۋلاتلىرىمىزغا،ھەم بۇرۇن ئۆتكەن ئەجداتلىرىمىزغا يۈزكىلەلىگۈدەك ئىش قىلساق.پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تويلىرىنى ئاددىي-ساددا ئىسلام قائىدىسى بويىچە ئۆتكۈزسسەك.ھاراق-شاراپ ئىچىلگەن توي توي ئەمەس اللا بۇنداق تويلارنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۈ،شۇڭا مۇشۇ نىجىستىن يىراق بولايلى.ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تەربىيە قىلايلى،بىرنى ئوڭشىساق بىزگە كىلىدىغان ساۋابى ئاز ئەمەس،مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلارغا بىزدىن نىمە قالىدۇ؟ئويلىنىپ باقايلى...


باھا سۆز

ئالىيە  قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 13:10

0

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1563
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 6
تۆھپە : 4
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 16:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلارنى ئوبدان كۆزىتىپسىز ، دىمىسىمۇ بىزدىكى بارغانسىرى سۇسلىشىپ كىتىۋاتقان ئەدەپ ئەخلاق مەسىلىسى ھەبىر ۋىژدانلىق ئۇيغۇرنى ئويلاندۇرماي تۇرالمايدۇ . ھازىر بىزلەردە سورۇن كۆپەيدى ، ھاراق - شاراپسىز سورۇن قىزىمايدۇ ، سالام - سائەتلەر ئازايدى ، كىشلەر بىر - بىرسى بىلەن كۆرۈشكەندە باش لىڭىشتىپ قويۇپلا بولدى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى . بۇ ئاددىلا بىر تەرىپىغۇ سۆزلىسەك ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ئىشلار جەمئىيىتىمىزدە كۈرمىڭ . بولسا ھەممىز ئاتا بوۋىلىرىمىز بىزگە ئۆگەتكەن  ئەخلاق قائىدە - يۇسۇنىمىزنى  ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنى تېپىۋالايلى . چۈنكى بىز دىگەن ئۇيغۇر.


129

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 4080
تۆھپە : 1672
توردا: 342
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 17:13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تېمىكەن، ھازىرقى زامانغا تولىمۇ ماس كېلىپتۇ. قولىڭىزدىن بەرىكەت ياغسۇن!


0

تېما

0

دوست

319

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  436
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 147
تۆھپە : 10
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 13:44:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايدىكى نەزىر - چىراغنىڭ شەكىلى ئۆزگىرەپ كەتكەندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ .


6

تېما

16

دوست

2447

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1213
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1481
تۆھپە : 12
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 17:17:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نائىل يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 02:32
xundak bizning esil kaida yosunlirimiz bar , bularni saklap kelix, bularni tarakki kildurux asrap mo ...

خاپا بولماي ئىنكاسنى ئۇيغۇرچە يازسڭىز بۇلوپتكەن ،


1

تېما

7

دوست

493

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 133
تۆھپە : 14
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 20:28:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرمەر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 17:17
خاپا بولماي ئىنكاسنى ئۇيغۇرچە يازسڭىز بۇلوپتكەن ،

kaqurung man hazir telifunda qikiwatiman. lekin muxu telfunda uygurqa baskili bolmaydu. bolmisa meningmu hoymu okugum kelidu.


1

تېما

7

دوست

493

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 133
تۆھپە : 14
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 20:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرمەر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 17:17
خاپا بولماي ئىنكاسنى ئۇيغۇرچە يازسڭىز بۇلوپتكەن ،

kaqurung man hazir telifunda qikiwatiman. lekin muxu telfunda uygurqa baskili bolmaydu. bolmisa meningmu hoymu okugum kelidu.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-1-31 13:30 , Processed in 0.209306 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش