گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1291 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل ئۈلۈشكۈن 11:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    يۇرتۇم سايرامنى ھەجەپ سېغىندىم ، قاچانمۇ بارغىلى نسىپ بۇلا !

  • يۈسۈپجان ئۈلۈشكۈن 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناھىيىمىزدە نىمانچە كۆپ يەر تەۋرەيدىغاندۇ ،مانا ھازىرمۇ يەر تەۋرىدى...

  • سادىر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

  • شاختۇرا 2013-1-23 11:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار  ؟ دوستۇڭلار شاختۇرادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  • نائىل 2013-1-20 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن  تېلىفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا  ئۇيغۇرچە باسقىلى بولمايدىكەن، تورداشلار توغرا چۈشىنىڭلار!

كۆرۈش: 197|ئىنكاس: 8

ئاشىق بۇلاق(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

169

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

يوقلىما
0
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1562
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 22
تۆھپە : 26
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-26

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 21:22:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                       ئاشىق بۇلاق
                                                                       (ھېكايە)

                                                            
مەن سېنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
سوزۇنچاق جىلۋىگەر چېھرىڭ، مەغرۇرلۇق ۋە تەمەننا شولىسى غىلپال پارلاپ تۇردىغان ئويچان كۆزلىرىڭ،ئەبجەش بوياقلاردىن خالى، سەھرا گۈزەللىرىنىڭكىدەك ئاتەش لەۋلىرىڭ،چىمدىپ قويغاندەك تۈپ-تۈز قاڭشىرىڭ،ئوڭ زىنىقىڭغا خوپ ياراشقان خال... تەبىئەت ساڭا ئاتا قىلغان بارچە گۈزەللىكلەر قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا  باش باھارنىڭ سىمسىم يامغۇرىدەك سىڭىپ بارماقتا.
بىلەمسەن گۈزەل؟سېنڭ يارالمىشىڭ مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ كاپالەتنامىسى ئىكەنلىكىنى سەندىن ئايرىلىپ قالغان كۈنۈمدىن باشلاپلا چوڭقۇر  ھېس قىلماقتىمەن .ئازاب، چۈش ، ھىجران،ئاتالغۇلىرىنىڭ باغلىنىشى ۋە رېئاللىقتىكى مەنىسىنى بارغانچە چوڭقۇر چۈشىنىۋاتىمەن.
     سېنىڭ ئاشۇ تالاي سوئاللار ۋە ئىلتىجالار كۆمۈلگەن  تىلسىم قاراشلىرىنىڭنى يىراق ساھىللىرىغا يوشۇرۇنغان،پەقەت ئۆزۈڭگىلا  خاس ھايات ھېكمەتلىرىنى يېشىشكە ئورۇنۇۋاتىمەن...
                                     1
      كۆز يېشى_قەلبلەرنىڭ لەرزىگە كېلىشىدىن ھاسىل بولغان تەگسىز  ئازاب ياكى خۇشاللىقنىڭ تاشقى دۇنياغا سىرغىپ چىقىشىدۇر.
گۈزەل،سەن يىگىتلەرنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈ ئۈچۈن يۈرىكىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ،ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشمەككە تۆككەن كۆز يېشىنى كۆرگەنمۇ؟مانا بۈگۈن ئالدىڭدا ئاچچىق ئازاب،شېرىن ئۈمىد ئىچىدە ياش تۆكۈۋاتىمەن،بۇ ياش يۈرىكىمدىن سىرغىپ چىقىۋاتىدۇ.
قايسىبىر كىتابتىن ‹‹ئەرلەرنىڭ ياش تۆكۈشى – ئاجزلىقنىڭ بەلگىسى››دېگەن جۈملىلەرنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە . ئەرلەردىمۇ تالاي – تالاي ھېس – تۇيغۇلر كۈۋەجەپ تۇرىدىغۇ !؟ بۇ ياش تۆكۈش — ئاشىق روھىنىڭ كۆز يېشى ! ھەرگىزمۇ ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس  ئەلۋەتتە .
—ماڭا ئىشىنىڭ گۈزەل،مەن سىزگە تەلۋىلەرچە ئاشىق !
—مەن يۈرىكىڭىزنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى  كۆرمىدىم.
—گۈزەل، سىزگە قانداق ئەسلىي ھالەت  كېرەك، مەن تەييار!
سەن ئۈندىمىدىڭ،شۇ كۈنى ساڭا بولغان سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرمەك  ئۈچۈن كۆرگەن كىنو – تېلىۋىزىيە ۋە كىتابلاردىكى ئاجايىپ ۋەقەلەرنى ئويلاپ چىقتىم .
‹‹كاككۇك قونغان تال بىلەن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئادىمىنى ئۇرۇپ قويسا ئۇمۇ شۇ كېىشىگە ئاشىق بىقارا بولىدۇ ›› دېگەن سۆزنى كىچىكىمىدە ھەر قېتىم كاككۇك سايرىغاندا چوڭلاردىن ئاڭلايتىتىم . كاككۇك قونغان تالىنى تېپىش ئاجايىپ مۈشكۈل سەپەر ئىدى . كاككۇك پىنھاندا نىدا قىلىشنى ياخشى كۆرسە كېرەك ، قايسى شاخقا قونغانلىقىى ئاسان پەرق ئەتكىلى بولمايتتى . مەن كاككۇك قونغان تال ئىزدەپ توپتوغرا بىر كۈن چاپتىم .
يەر يۈزىدىكى نىشان دەرەخ ئۈستىدە غايىپ بولاتتى . كاككۇك بەكمۇ سەزگۈر كېلىدىكەن ، ئازراقلا سەپە بولسا پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىدىكەن . ئۆزۈمنىڭ نەچچە قىر ئاتلاپ ، نەچچە شورا – سۈڭگۈچلەرنى ئارلىغىنىم ، قانچە تۈپ دەرەخكە مايمۇندەك ياماشقىنىمنى ساڭا دەپ بېرەلمەيمەن . يۈز – قوللىرىمنىڭ تېرىسى سۈرۈلگەن جايدىن سىرغىپ چىقىۋاتقان قان ، كۆڭلەك ، ئىشتانلىرىمنىڭ شاخ ئىلىپ يىرتىۋەتكەن تۆشۈكچىلىرى ماڭا شۈبىھە بىلەن تىكىلگەندەك ، بىر تال ئۈجمە شېخىنى سۇندۇرۋالغىنىمدا ، ھارغىن جىسىمىم روھلىنىپ ، توپا باشقان چىرايىم ئېچىلىپ ، گەز باغلىغان لەۋلىرىمگە سۇس كۈلكە يامرىدى . مەن كاككۇك قونغان تالنى ئاۋايلاپقىنە سۇ قۇيۇلغان بوتۇلكىغا سېلىپ قويدۇم .
ياتىقىمدىكى سىرى چۈشۈپ كەتكەن كونا كارىۋات ، تاماق ئۈستىلى ، يېزىق شىرەسى ، بۇلۇڭغا دۆۋىلەپ قۇيۇلغان ئىككى يەشىك كىتاب ، ئالىي مەكتەپتە ئىشلىتىپ يانىدۇرۇپ كەلگەن سېرىق سىرلانغان ساندۇق … مانا بۇ مېنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتىم . غېرىبلىق ، تەنھالىقنى چىللايدىغان ياتىقىمغا تەگسىز بىر ئازاب ، خىرە ئۈمىد ئىچىدە قايىتىپ كەلدىم . ھاكلىرى ئۈركۈپ قارىشىداشقا باشلىغان تام ، گۇڭگا پىلىلداۋاتقان چىراغ مېنى مازاق قىلىۋاتقاندەك ، ساڭا بولغان ساداقىتىمگە سەندەكلا گۇمان نەزەرى بىلەن قاراۋاتقاندەك تۇيۇلدى . پەقەت ئۇنئالغۇدىن ياڭراۋاتقان :
كەتمە ، كەتمە ، كەتمە ۋاپادار ،
ۋىسالىڭغا يارىڭ ئىنتىزار …
دېگەن يىغلاڭغۇ ناخشىلا يۈرىكىمگە تەسەللى بېرىۋاتقاندەك ، ئۆمرۈمدە تۈزۈكرەك ناخشا ئېيىتىپ باقمىغان بولساممۇ ، خۇددى بۇ ناخشىنى يۈرىكىمدىن چىقىرىپ ئېيتىۋاتقاندەك ، باغانسىرى ئېزىلىپ كېتىۋاتاتتىم .
ئەتە شەنبە ، كاككۇك قونغان تالىنى ئالىمەن – دە ،سېنى يېنىككىنە ئۇرۇپ قويىمەن . سەنمۇ ماڭا ئاشىقى بىقارار بولىسەن . رەڭدار گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ ، ۋىسالىمىزنى قۇتلۇقلىسا ، كېپىنەكلەر ئەتىراپىمىزنى ئايلىنىپ ، قۇشلار مۈرىلىرىمىزگە قۇنىۋېلىپ ، بەختىمىزگە پىچىرلىشىپ ناخشا ئېيتماقتا … ئاھ ! مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئامەتلىك يىگىت … تاتلىق تەسەۋۋۇر ئىلىكىدە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن ؟ …
ئاھ شەنبە ! تالاي ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن قۇتلۇق كۈنى ، سەن تالاي كىشلەرنى قەھ – قەھلىتىپ كۈلدۈرۈپ ، ۋىسال جامىدا شەربەت سۇنساڭ ، يەنە مەن كەبى تالاي ئاشقنى تەگسىز تەنھالىق ھاڭلىرىغا ، چاك – چاك چاڭقىغان غېرىبلىق چۆلىگە سۈرگۈن قىلىسەن .
خەيرىيەت،«ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار»،يەنىلا كۆڭۈل خاھىشىمنى يۈرىكىمنىڭ دەرتلىك سوقۇشىغا تەڭكەش قىلىپ،سەندىن سۆيگۈ تىلەپ ھوزۇرۇڭ تامان ئاتلاندىم.
ئېسىڭدىمۇ گۈزەل،سەن نۇقتىدا تۇرغان يېزىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئالدىدا بىر بۇلاق بار،دەل – دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ئويناق بۇلاقنىڭ سۈيى شۇنچىلىك ساپ،شۇنچىلىك ھوزۇرلۇق ئىدىكى ، تومۇزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا ئوچۇملاپ قانغۇچە ئىچىپ ، يۈزۈڭنى يۇيۇۋالساڭ تېنىڭ پەيدەك يەڭگىللەپ ، نەچچە كۈنلۈك ھاردۇقۇڭ بىراقلا چىقىدۇ. مېنىڭ بۇ بۇلاققا باشقىچە ئامراقلىقىم كېلىدۇ،چۈنكى ، ئۇ سېنىڭ تەشنالىقىڭنى قاندۇرىدۇ، دەل ئاشۇ شەھلا كۆزۈڭنى، ئەگىم قېشىڭنى ، تال – تال تۆكۈلۈپ تۇرغان بوستان كىرپىكلىرىڭنى ، مۇنۇ يېزىنىڭ داڭدار گۈرۈچلىرىدەك ئاپپاق چىشىلىرىڭنى يۇيىسەن ئەمەسمۇ ؟!.
        مەن بۇلاق بېشىغا كېلىپلا سېنىڭ ھىدىڭنى ھىدلىغاندەك ،سۇ يۈزىدە جامالىڭنى  كۆرگەندەك بولدۇم. ئوچۇملاپ ئىچىپ ،چاڭقاقلىقىمنى باستىم.بۇلاق بويى پاكىزە سۈپۈرۈلگەن،بۇلاق گىرۋەكلىرىنى سۇ يالاپ ئانچە-مۇنچە بۇزغان،بۇلاق سۈيىدە يۇيۇلغان كۆكاتلارنىڭ يۈزىدە  قۇياش نۇرى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.
     مەن بۇلاق بېشىدا ئۇزاق  تۇردۇم، يۈرىكىم كۆكرەك قەپىزىمنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىدىغاندەك تېپچەكلەيتتى.قورۇنۇش،خىجىللىق ، قانداقتۇر بىر غايىۋى كۈچ تۈرتكىسىدە ئىشىكىڭنى چەكتىم.
—كىرىڭ.
مەن كىردىم، تال بىلەن مۈرەڭگە يىنىككىنە ئۇردۇم .
—نېمە قىلىۋاتىسىز ؟
—چاقچاق قىلىپ .
ماڭا بىر قارىۋىدىڭ ئۇجۇقۇپلا كەتتىم،كۆزۈڭدىن چاقنىغان سوغۇق نۇر  تاپىنىمدىن كىرىپ، مېڭەمدىن چىقىپ كەتتى،مەن شۇ ئانلا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىمنى بىلدىم.
—كىرىپ  قاپسىزغۇ؟
—ھەئە، بۈگۈن ئارام كۈنۈم ئىدى،سىزنى كۆرۈپ كېلەي دەپ.
—مېنى كۆرۈپ نېمە قىلاتىڭىز ؟
—كۆرگۈم كېلىپ …
ياتىقىڭ پاكىزە، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان،قىزلارغا خاس خۇشپۇراق دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى،ئۈنئالغۇدىن مەن ساڭا سوۋغا قىلغان«كەتمە»ناملىق لېنتىا قۇيۇلۋاتاتتى ،سەن خىيالچان، ئۈنسىز ئولتۇراتتىڭ.ئارىمىزدا ئۇزاق سۈكۈت داۋام ئەتتى،مەن خۇددى قوقاس ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك بىئارام ئىدىم.
       —يۈرۈڭ ،تاماق يەپ كىرەيلى.
—ماقۇل .
بىرزى ئاددىغىنە ئاشپۇزۇلدا غىزالاندۇق ، مەن قولۇڭدىكى سائىتىڭنىڭ يوقلۇقلىقىغا دىققەت قىلىدىم .
     —سائىتىڭىز قېنى؟
—ئۆتكەندە كىر يۇيۇپ ، بۇلاق بېشىدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن،كېيىن ئىزلىسەم يوق.
شۇ كۈنى مەن خىزمەتداشلىرىڭنى  ئۆيۈمگە تەكىلىپ قىلىدم . ئەمما سەن قۇشۇلمىدىڭ ، پەقەت خىزمەداشلىرىڭنىڭ زورى بىلەن ئامالسىز باردىڭ ، .سەن پېتىرمانتىغا ئامراق ئىدىڭ،ئاپام كۆڭلۈڭدىكىنى تاپقاندەك، پېتىرمانتا ئەتكەن ئىدى.كەچتە مەن ئاپامغا قىيمىغان ھالدا سەن بىلەن يېزا مەركىزىگە ماڭدىم.
      —ئۆيىڭىزدەقالماي بىزگە ئەگىشىۋالدىڭىزغۇ ؟
—يېزىدا ئازراق ئىشىم بار ئىدى .
گۈزەل ،سەندىن زادى ئايرىلغۇم يوقلىقىنى ، سېنىڭ ئاشۇ ئاتەش تىنىقىڭ سىڭگەن ھاۋانىڭ ماڭا شۇنچىلىك شىپا ئىكەنلىكىنى چۈشىنەرمىدىڭ ؟!
بىز كەچتە دوستۇڭ سەلىمەنىڭ ياتىقىغا جەم بولدۇق،سەلىمەنىڭ يىگىتى قادىر بىردەمدىلا سورۇن قوراشتۇردى. قادىر ، مەن ، يەنە سۇلتان ئىسىملىك يىگىت ئۈچۈىمىز ئاق ھاراق ئىچىشتۇق. سۇلتان گىتارنى شوخ – شوخ پەدىلەرە چېلىپ ، قىزىقچىلىق بىلەن سورۇننىڭ گۈلىگە ئايلاندى ، ھەممە قىزلار بىلەن بىر قولدىن  تانسا ئويناپ بولۇپ ، سەن بىلەنلا يېنىش – يېنىشلاپ تانسا ئويناۋەردى . يۈرىكىمنى مۈشۈك غاجىلىغاندەك بىئارام بولۇپ ، غەيرەتكە كېلىپ سېنى تانسىغا تەكلىپ قىلدىم. ئالقىنىڭدىن تارىغان ئىللىق ھارارەتتىن بىھۇشلا ئىدىم . مەن ناخشا-مۇزىكىنىڭ رېتىمى ئەمەس ، يۈرەك رېتىمىغا تەڭكەش قىلىپ بۇلۇتلار ئۈستىدە سەن بىلەن قول تۇتىشىپ لەرزان چۆرگىلەيتتىم. پۇتىڭنى دەسىسۋېلىپ سەندىن كەچۈرۈم سورىغىنىمدا :
—بولدى ئوينىمايلى،-دېدىڭ
—مەيلى،-دېدىم مەنمۇ ئامالسىز .
تۇنجى رەت مامۇقتەك قوللىرىڭنى تۇتۇش شەرىپىمۇ ، ياكى ئاتەش تىنىقلىرىڭ يۈزلىرىمنى غىل – پال سىلاپ ئۆتۈشىنىڭ مەستخۇشلۇقىمۇ ، مۇڭلىنىپ ئولتۇراتتىم .
سۇلتان تىغ ئۇچىنى ماڭا قارىتىپ يېغىرىمنى تاتلاش بىلەن ئاۋارە . مېنى كۆپرەك ئىچىپ ، ئېچىلىپ ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ ھاراق زورلايتتى . مەنمۇ ھاراقنى يۈرىكىم چىلاشقۇچە ، ئاچكۆز نەپسىم ، ھارغىن نېرۋىلىرىم سەزگۈسىنى يوقاتقۇچە ئىچمەكتە ئىدىم …
        بېشىمنىڭ زىڭىلداپ ئاغرىشى،تاڭلاي ۋە گاللىرىمنىڭ سەللا مىدىرىسام سۇنۇپ كېتىدىغاندەك قۇرۇپ كېتىشى،چەكسىز تەشنالىق مېنى ئويغىتىۋەتتى.ماغدۇرسىز تېنىمنى تەستە كۆتۈرۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.باش تەرىپىمدىكى بىر دۆۋە قۇسۇققا قاراپ نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولدۇم،ئۇسسۇزلۇقنىمۇ ئۇنتۇپ يۈزۈمنى يوتقان بىلەن چۈمكىۋالدىم،يۈزۈم قىزىلمۇچ سۈيى بىلەن يۇيغاندەك قىزىپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەنچە سېنى ئويلىدىم.
گۈزەل، مەن نېمىلەرنى قىلىدم – ھە ! ساڭا يۈزكېلەلمەيمەن،يۈزۈڭنى تۆكتۈم،بەلكىم مېنى كەچۈرمەسسەن...
ئىشىكنىڭ يەڭگىل ئېچىلىشى خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى،قولۇڭدا سۈپۈرگە بىلەن گۈرجەك تۇراتتى.
ماڭا بىرھازا مىختەك قادىلىپ قاراپ كەتتىڭ ،كۆزۈڭدىن چاچرىغان سوغۇق نۇر ھەربىر ھۈجەيرەمگىچە تېشىپ كىرىپ ، كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەندەك جالاقلاپ تىتىرەپ كەتتىم. سەن ياتاقنى پاكىزە تازىلاپ چىقىپ كەتتىڭ،مەن باغقا چىقىپ ، ئېرىقتىكى مۇزدەك سۇدا يۈزۈمنى يۇيۇپ ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالدىم . سەندىن ھەم دوستلىرىڭدىن خىجىل بولۇپ ، باغدىنمۇ چىقمىدىم … ئاخىرى قادىرنىڭ زورلىشى بىلەن ياتاققا كىردىم. سەن سۇلتاننىڭ كۆڭلىكىگە تۈگمە قاداپ بېرىۋاتاتتىڭ . يىڭنىنى كۆڭلەككە ئەمەس ، سۇقۇپ ھالىدىن كېتەي دېگەن يۈرىكىمگە سانجىۋاتاتتىڭ . مەن شۇنچىلىك خولۇق ھېس قىلدىمكى ، سۇلتاننىڭ مىيقىدا مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ ، غادىيىپ ئولتۇرشىغا چىدىماي ، قولۇمدىكى پىيالە بىلەن كاللىسىنى يېرىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ ئولتۇردۇم.
«ئۆچ ئېلىۋېتىپسەندە گۈزەل ، خۇشال بولساڭلا مەيلى ، سۇلتان سېنىڭ پېيىڭگە چۈشكەندەك قىلىدۇ ، مېنى ئاخشام قەستەن مەست قىلىشى ، ساڭا رودىپايدەك چاپلىشىۋېلىشى … خەپ ! تېنىمدە جانلا بولىدىكەن ، بۇ مۇمكىن ئەمەس !…›› دېدىم ئۆزۈمگە . بىز چاي ئىچىپ بولۇپ باغقا چىقتۇق .
       —كەچۈرۈڭ گۈزەل،ئاخشام سەت ئىش قىپتىمەن.
      —كەچۈرۈڭمىش!كۆزۈمدىن دەرھال يوقىلىڭ.
      —مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماپتىمەن.
     —ئەگەر سىز يوقالمىسىڭىز مەن يوقىلىمەن!
     —مەن...مەن...ئەسلىدە...
گېپىمنىڭ داۋامىنى كۈتمەيلا  باغدىن چىقىپ كەتتىڭ.
                                  2
         نومۇسچان يىگىتلەر بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالسا تولىمۇ ئېھتىياتچان،سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ . ئۆزىدىن ئۆتكەن كىچىككىنە سەۋەنلىك  كەچۈرگىسىز گۇناھتەك تۇيۇلىدۇ، نورمال پىسخىكىسى بۇزۇلۇپ ، ھەممە ئىشلىرى ياسالما كۆرۈنىدۇ، ئاشىق قەلبنىڭ  ئەسلىي قىياپىتىنى، ھەقىقىي  ماھىيىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئاشىق كۆز،ئاشىق يۈرەك بىلەن تىكىلگەندىلا ئاندىن كۆرەلەيسەن.
—ئەزىمەت،  سىزنىڭ  مېنى قوغلىشىۋاتقىنىڭىزغا خېلى بولدى،ھېلىقى ئىشتىن كېيىن يۈزىڭىزگە زادىلا قارىمايمەن دەۋەتكەندىم ، ئۇۋالىڭىزغا قالماسلىقىم ئۈچۈن يەن بىر مەزگىل قاراپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم . ئەمما ماڭا سەمىمىيەت كېرەك .
     —رەھمەت،مېنى شۇنچىلىك چۈشىنىپ ، پۇرسەت بەرگىنىڭىزگە .
گۈزەل، سەندىن شۇنچىلىك سۈيۈندۈمكى،  كۆيۈپ ئۆچەيلا دېگەن چوغنى ئاتەش نەپەسلىرىڭ بىلەن لاۋۇلداتتىڭ. سوقۇپ ھالىدىن كېتەي دىگەن نىمجان  يۈرەككە  قايتا ھاياتلىق بەخش ئەتتىڭ، سۆيگۈ ئىلاھىنىڭ سېنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىگەمىڭلارچە تەشەككۈر . ئاشىق ئۈچۈن مەشۇقنىڭ ئادەتتىكى ئىما-ئىشارەتلىرىمۇ سۆزسىزكى ،  ھەربى بۇيرۇق . ئاشۇ ئىما-ئىشارەتلەر ئاشىقنى تاغنى تالقان قىلىۋەتكۈدەك مادارغا،جاسارەتكە ئىگە قىلىدۇ . گۈزەل ، ئۆزۈڭنىڭ شۇنچە كۈچتۈڭگۈرلۈكىنى سەزگەنمىدىڭ؟ ياق،ياق؟سەن سەزمىدىڭ،يۈرىكىمنىڭ بېغىشى كۆرۈنمەس  يىپتا بارمىقىڭغا چېكىلگەن تۇرسا؟مەن ياسىز ئوق،سەن كىرىچنى تارتىپ قايسى چۆلگە ئاتساڭ بولىۋېرىدىغان. ئەنە،سەن مېنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىپ باقمىغىنىمنى بىلگىنىڭدە شۇنچىلىك قاھقاھلاپ كۈلدۈڭكى كۆزلىرىڭدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چىقىپ كەتتى. ئەمما مەنچۇ؟ئولتۇرغان ئورۇندقۇم دەرھال مىقلىق ئورۇندۇققا ئايلاندى،بۇ مىق مېنىڭ يىگىتلىك غۇرۇرۇم،ئاشىق يۈرىكىمنى خەسكە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
      —كىچىكىمدە ئۆيىمىز نامرات بولغاچ ۋېلىسىپىت يوق ئىدى،باشقىلارنىڭكىنى سوراي دېسەم خىجىل بولدۇم،ۋاقىت ئۆتۈۋەردى،چوڭ بولغانسېرى ئوقۇش بىلەن بولۇپ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگۈنۈشكە  ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
     —ۋاقىت چىقمىدى ئەمەس چوڭ بوغاندا نومۇس قىلدىم دېمەمسىز؟
     سەن توغرا ئېيىتتىڭ ، مەندىكى كىچىككىنە ئەيىبمۇ سىنچى كۆزۈڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغىنىغا ھەيرانمەن. ئۆزۈم ئېتىراپ قىلمايدىغان نۇقسانلىرىم ئۈچۈن بۇنچىلىك نومۇسقا قېلىشىمنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىكەنمەن.
ساڭا چەكسىز سۆيگۈمنى ئىپادىلەشكە ، شەرتىڭنى(ماڭا شەرتتەك تۇيۇلدى)ئورۇنلاشقا دەرھال ۋېلىسىپىت سېتىۋېلىپ ، مىنىشىنى ئۆگەندىم، نەچچە يىقىلىپ،پۇتۇمنىڭ تېرىسىدىن قان تەپچىرىدى،جاھىللىقىم ئاخىرى غالىپ كەلدى،ئىككى كۈندىن كېتىن ئالدىڭغا «پارات»تىن ئۆتۈشكە باردىم،لېكىن سەن ئانچە پەرۋا قىلپ كەتمىدىڭ ،ۋېلىسىپىتنى مىنىپ  ئالدىڭقا بارغاندا سۇس كۈلۈمسىرەپلا قويدۇڭ، كۈلكەڭ يۈرەكتىن كۈلگەنگە ئوخشىمايتى .  مەن ئىمتىھاندا تولۇق نومۇر ئېلىپ خۇشھاللىقىنى دادىسىغا ئېيتقىنىدا دادىسىدىن دەشنام يىگەن بالنىغا ئوخشاپ قالدىم، پۇتۇمدىكى جاھاھەت جېنىمنى قاقشاتتى . پىنھاندا ئولتۇرۇپ تاماكىنى ئاچچىق-ئاچچىق شورىغىنىمچە ئۇھسىندىم،جاراھىتىمگە سېپىلگەن تۇز يۈرىكىمنى ئۆرتىمەكتە ئىدى.
سۆيمەك ئاسان ، سۆيۈلمەك نەقەدەر قىيىن-ھە! ئەزىمەت سەن نەقەدەر يارامسىز! ھەقىقىي  ئاشىق بولساڭ ، بۇ مەنزىلدىن قايتما! ئۈمىدسىزلىك مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەنە شۇنداق تەسەللى بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم،سەن مېنىڭ ھەربىر قەدەملىرىمگە، ئېڭىمغا خاس ھۆكمىران ئىدىڭ گۈزەل . .
                                    3
        بۈگۈن 16-نويابىر-سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ. كۈنۈڭگە نېمە سوۋغا قىلىش ھەققىدە كۆپ باش قاتۇردۇم . ئاخىرى نەپس ئىشلەنگەن قول سائىتى سېتىۋالدىم .  ئاشىق يۈرەككە مەلھەم بولغۇچى تىنىقلىرىڭ سىڭگەن سۆيۈملۈك بۇلاق بېشىغا تەگسىز سېغىنىش،تەشنالىق ئىلكىدە ئېغىر قەدەملەر بىلەن  كېتىۋاتىمەن. قويۇن يانچۇقۇمدا تۇغۇلغان كۈنۈڭگە ئاتاپ يازغان «ئاناڭ تۇغقان يەرشارىغا شۇنداق بىر قۇياش»ناملىق لېرىكام.
ئاخشام پۈتتۈرگەن بۇ شېئىرىمنى تاڭغىچە قانچە قېتىم دىكلاماتسىيە قىلدىمكىن؟  ھەربىر مىسرا، ھەتتا چېكىت، پەشلىرىگىچە يادقا بولۇپ كەتكەن. قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە ئوخچۇپ-ئوخچۇپ كۈلىۋاتقان مۇڭلىرىم، ھىجىران پۈتۈكلىرى بولغاچقا  ھەر ئوقۇسام ئۆزگىچە تۇيغۇلار غەليان كۆتۈرەتتى .
دەريا بويىغا كەلگەندە ھېلىقى سۇلتاننىڭ قونچاقتەك ياسىنىۋالغان بىر قىزنى قولتۇقلىغىنىچە سەيلە قىلىپ يۈرگىنىنى چېلىقتۇردۇم . شۇندىلا سۇلتانغا ئارتۇقچە گۇمان بىلەن ئۇۋال قىلدىممۇ قانداق ؟ دېگەن خىيال ئېڭىمدىن لىپپىدە كەچتى .
ئىشىكىڭنى چەكتىم،ئىشىكنىڭ  ئېچىلىشى بىلەنلا  بۇرنۇمغا ئۇرۇلغان جىگدە چېچىكىنىڭ ھىدى تومۇرلىرىمغا يېڭى قان،نەپەلىرىمگە ساپ ھاۋا بەخش ئەتتى، كەيپىڭ چاغ ، خۇشھال كۆرۈنەتتىڭ.
       —تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ! ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم.
      —رەھمەت،جۇۋاپسىز،- دېدىڭ قولۇمدىكى نەپس ئورالغان بولاقنى ئېلىپ،تومپۇچكىدىكى لوڭقىدا چېچەكلىگەن جىگدە شېخى سۇغا چىلاقلىق ئىدى .
—يۈرۈڭ ، دەريا بويىنى ئايلىنىپ كېلەيلى .
—بايام سۇلتان بىر قىز بىلەن دەريا بويىدا يۈرەتتى ، دوقۇرشۇپ قالارمىزمۇ ؟
—ئۇلارمۇ ئۆز يولىدا ماڭىدۇ ، بىزمۇ ئۆز يولىمىزدا .
—مەيلى ئەمسە .
بىز ياتىقىڭنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى دەريا بويىنى ئايلاندۇق،دەريادا ئېقىۋاتقىنى كەلكۈن پەسلىدىكى قىيان ئىدى ، گىرۋەكلىرى بۇزۇۋېتىلگەن دەريا قىنىدا ئېقىۋاتقان سۇ تولىمۇ سىرلىق كۆرۈنەتتى .
مەن خۇددى ئەمدىلا ئايىقى چىققان بالىدەك ساڭا ئەگىشىپ كېتىۋاتىمەن، ئادەتتىكى سۆزمەنلىكىم نەلەرگىدۇر يوقالغان، يول بويى ئويلاپ كەلگەن مارجان سۆزلىرىمنىڭ بىرىمۇ يوق.بىز تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق،سۆھبىتىمىز تازا قولاشمايۋاتاتتى،ئاشىقلىق ئەقىلگە ھۆكمىران بولغاندا تىل ئەمەس يۈرەك سۆزلەيدۇ، ئاشىق يۈرەكنىڭ نىدالىرىنى پەقەت ئاشىق يۈرەكلا تىڭشىيالايدۇ .
          بۈگۈن 16-نويابىر،جىسمىمدا تۇنجى سۆيگۈ گۈلخانلىرىنى يېقىپ ۋۇجۇدۇمنى قاخشال قىلىۋەتكەن ئاھۇ كۆزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،يۈرىكىم ھاياجان،ئۈمىد،خۇشھاللىقتىن يېرىلىپ كېتەي دەيتتى . ھەتتا كۈندە تۇغۇلغان كۈنۈڭ بولسىكەن دەپ ئويلىدىم تېخى. چۈنكى ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا سېنى سەيلىگە تەكلىپ قىلىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس،بۈگۈن مېنى سەيلى قىلدۇرۇپ ئالەمچە شادلىق ئاتا قىلدىڭ ئەمەسمۇ!
       —گۈزەل، سىزنى بەك ياخشى كۆرگەچ سۆيگۈمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي بەك قىينالدىم،ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
      —مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى  بىلىمەن،مىجەزىم چۇس،ئاچچىقىم يامان،سىزگە پەقەت ئىچ ئاغرىتساملا بولامدۇ؟
      —ياق،ياق!مەن سەدىقىگە مۇھتاج ئەمەس،بەلكى ھەقىقى سۆيۈلۈشكە مۇھتاج .  
     —ئۇنداقتا ئورۇنۇپ كۆرەي.
     ئاھ گۈزەل!بۇ بىزنىڭ ئاداققى پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز ئىكەنلىكىنى  زىنھار ئويلىمىغان ئىكەنمەن،سۆيۈش سۆيۈلۈشكە،ئەقىل ھېسسىياتقا ھۆكمىران بولغاندىلا ئاندىن ۋىسال قۇچاق ئاچىدىكەن ئەمەسمۇ؟سۆيۈشنى بىلىپ سۆيۈلگەن يۈرەكنىڭ تارىغا قانداق زەخمەك ئۇرۇش ۋىسال ياكى ھىجىراننىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئىكەن ئەمەسمۇ ؟!
مەن كاككۇك قونغان تالىنىڭ سېھىرى كارامىتىدىن ئۈمىدىلىنىپ ، گاھ ئۈمىد ، گاھ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تەمتىرەپ ، بىر ئاينىڭ قانداق تۇشۇپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قاپتىمەن .
بۈگۈن بىر ئايمۇ توشۇپتۇ ،ئىككىمىز ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپتىمىز،شۇنچە ئوخشىغان تائاملار ئىشتىھايىمنى تارتالمايتتى . چۈنكى سۆيگۈمگە سەن قازى ئىدى .
      —كەچۈرۈڭ ، مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن .
—ئاھ تەڭرىم ،ماڭا ئەمدى پۇرسەت يوقمۇ گۈزەل؟
—يۈرىكىمگە ئاسىيىلىق قىلالمايمەن .
بەدىنىمنى سوغۇق تەر باستى،تۇيۇقسىز مومام كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ :
—ئوغلۇم ئازابلانما،كۆپىنچە قىزلار توي قىلىش ئالدىدا كۆزى ئەمما بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن بىر ئۆمۈر پۇشايمان، خىيال ئىچىدە ياشايدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا ئاللىقاچان مەندەك مومايغا ئايلىنىپ بولىدۇ،- دېگەن سۆزىنى خىرە-شىرە ئاڭلىغاندەك بولدۇم.…
4
بۇلاق – ئاشىق يۈرەكنىڭ دىلىكىشى ، بۇلاقنىڭ شىلدىرلىشى – ئاشىق قەلبنىڭ تىۋىشى ئەمەسمۇ ؟
بىلەمسەن گۈزەل ، بۈگۈن يۈرىكىمگە نەقىش بولۇپ ئويۇلغان سىيمايىڭنى ئىزدەپ ، بۇلاق بىلەن سىردىششىقا كەلدىم . بۇلاق بويى جىمجىت ئىدى . سارغىتىپ سولىشىشقا باشلىغان كۆكتاتلار ، چىرىگەن ياپىراقلاردىن تارالغان قاڭسىق ھىد ، ئىككى يىل بۇرۇنقى ۋىلىقلاپ ، ئەكسىڭنى ئەينەن كۆرسىتىپ تۇرىدىغان سۈپسۈزۈك سۇلار ھازىر يۈزى كۆرۈنمىگۈدەك دەرىجىدە قەغەز پارچىسى ، يوپۇرماق …بىلەن بۇلغانغان ، ئايىغىدىن سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىقچىلار تىنىپ كېتەي دېگەن . بۇلارنى كۆرۈپ پىغانىم ئۆرلەپ ، كۆڭلۈم تولىمۇ بىئارام بولدى . ئىزگۈ تۇيغۇلارنىڭ ئەللەيلىشىدە بۇلاق بېشىنى پاكىز تازلاپ ، سۇ سەپتىم ، يوپۇرماق ، ئەخلەتلەرنى بىر تال – بىر تالدىن سۈزۈپ ئېلىپ ، ئېرىقچىلارنى راۋانلاشتۇردۇم . چىرايلىق تۈسكە كىرگەن بۇلاق قورايدەك جىسمىمغا مادار ، يۈرىكىمگە تەسەللى ، مەلھەم بولدى . بۇلاق ئاشىقلىق قىسسەمنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى .
ئاداققى سۆھبەتتىن بىر يىل كېيىن سېنى سۇلتان بىلەن توي قىلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ، ياتىقىڭغا ئىزدەپ باردىم .
—ئاڭلىسام سۇلتان بىلەن توي قىلىدىكەنسىز .
—شۇنداق .
—ئۇنىڭ سۆيگىنى بار ئىدىغۇ ؟
—ھازىر ، مەن ئۇنىڭ سۆيگىنى ، سىز ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلمەڭ ، ھەر ھالدا مۆرىمەس ، گومۇشلاردەك كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ ئادەم قىينىمايدۇ .
—سىزچە ئىشەنچىلىكمۇ ؟
—مەن يۈرىكىمگە ئىشىنىمەن .
مەن ئارتۇقچە سۆزلىمەي قايتىپ چىقىتىم .
راستىلا تۇيۇڭ بولدى ، ماڭا ئەۋەتكەن باغىقىڭمۇ ھازىرغىچە تارتمامدا ساقلاقلىق تۇرۇپتۇ .
يېقىندا سېنى يۈز – كۆزلىرىڭ كۆكەرگەن ، لەۋلىرىڭ داكا بىلەن ئورالغان ھالەتتە دوختۇرخانىدا ئۇچىرىتىپ قېلىپ ، يۈرەكلىرىم لەختە – لەختە قان ھالەتتە ، نەچچە كۈنگىچە گاراڭ ھالەتتە ئۆتتۈم .
بۈگۈنمۇ سۇلتاننىڭ باشقا بىر قىزنى قولتۇقلاپ ، مېھمانخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، دەردلىرىمنى تۆكۈشكە بۇلاق بېشىغا كېلىپ مۇڭلانماقتا ئىدىم . ‹‹قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ›› دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك . مەن يەنىلا تەنھا بۇلاق بويىغا كېلىپ ، بۇلاق بىلەن سىردىشىپ ، ساڭا بەخىت تىلەپ ئولتۇراتتىم …


1

تېما

7

دوست

493

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 133
تۆھپە : 14
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 00:31:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muxu kurlarni baskan kolliringizga dart kalmisun! esil asarni okup
ras gap kilsam pakat kanmidim !  ijadiyatliriga utuk tilayman !ahiri bamu ya??


14

تېما

20

دوست

833

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  205
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 12
تۆھپە : 123
توردا: 105
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 15:57:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ئاخىرى باردۇ-ھە؟؟؟


توردىكى بارلىق دوسلار ياخشمۇ سىلەر؟

0

تېما

1

دوست

35

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1545
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 5
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-17

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 09:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى


تەغدىردىن كەلگەندە مەندە نە چارە.

8

تېما

18

دوست

1425

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1323
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 456
تۆھپە : 65
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 13:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز.
بۇلۇپمۇ دەل جايىدا قوللىنىلغان ھەر خىل تەسۋىرلەر ماڭا بەك ياقتى.ياخشى چىققان مۇھاببەت ھېكايىسىكەن.
ھېكايە يېزىشتا سىزنى ئۇستاز تۇتسام بۇلامۇ
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرڭىزنڭ ئۈزلۈپ قالماسلىقنى ئۈمۈت قىلمەن....
قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن(ئۇستاز)!!!!


1

تېما

26

دوست

848

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1384
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 345
تۆھپە : 5
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 16:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىدىكى باش پېرسۇناژ سىز شۇمۇ نېمە؟ بولمىسا قانداقسىگە دوختۇرخانىدا ئۇچۇرشۇپ قالىسىلەر؟ بۇ سىزنىڭ كەچمىشلىرىڭىزمۇ ياكى خىيالىي تەسسەۋۇرىڭىزمۇ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟

ئىشقىلىپ بەك ياخشى يېزىپسىز،ماڭا بەك ياقتى ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!


پايدىسىز ياشىغاندىن بىۋاقىت ئۆلگەن ئەۋزەل...

31

تېما

8

دوست

2209

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1150
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1113
تۆھپە : 71
توردا: 74
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 18:50:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 18:51  
199409 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 16:57
بۇ ھېكايىدىكى باش پېرسۇناژ سىز شۇمۇ نېمە؟ بولمىسا قاند ...


شۇنى دەيمىنا...


يۈرەك يۈرەككە بولسا گەر يېقىن،ئوقچىغان قانلاردىن ئۆركەشلەر ئېقىن!

0

تېما

2

دوست

346

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  705
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-23

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 21:02:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەركەن.


6

تېما

0

دوست

171

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1549
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 15
تۆھپە : 12
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 20:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش ۋاقتىڭىزدىكى كەچۇرمىشلىرىڭىزنى يېزىپسى-دە.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-1-31 11:59 , Processed in 0.205085 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش