ئىلىم-پەننىڭ كەينىدىن چاپالامسەن ئۇيغۇرۇم،
ناچار يامان ئىللەتنى تۈزەلەمسەن ئۇيغۇرۇم،
بەختىن كۆرسەڭ ئۆزگىنىڭ كۈلەلەمسەن ئۇيغۇرۇم،
بۇ دۇنياغا مەردانە باقالامسەن ئۇيغۇرۇم،
يوقاتقان شۇ ئەخلاقنى تاپالامسەن ئۇيغۇرۇم؟
ھايات بىلسەڭ ئاجايىپ ،بەزى گۈزەل بەزى سەت،
بەزى دەيسەن«ئەي ئىگەم،ئاماناتنى ئېلىپ كەت:
زار قاخشايسەن بەزىدە قىسمىتىڭدىن يىرتىپ بەت،
ياش قۇيۇلار كۆزۈڭدىن قوشۇپ دەرىتكە يەنە دەرىت،
قاچانغىچە ھاياتتىن رەنجىپ يۈرىسەن ئۇيغۇرۇم؟
تاڭ سەھەردە خورىزىڭ چىللىماسلا بوپ قالدى ،
ئۈمىد باركى يوللارغا قاراپ كۆزلىرىڭ تالدى،
يۈرىكىڭدە بار ئوتلار (مۇھەببەت)دەپلا ياندى،
ئەقىل ھېسسىيات ئارسىدا تېڭىرقىشىڭ كۆپ بولدى،
قاچانغىچە ھاياتتنن رەنجىپ يۈرىسەن ئۇيغۇرۇم؟
ئويۇن دىسە يۈگۈردۈڭ باش ئايىغىنى ئويلىماي ،
سەرىپ قىلغان چىقىمىڭ كىرىمىڭگە بويلىماي ،
كۈندىن كۈنگە بۇ يانچۇق پۇللىرىڭغا تويۇنماي،
كېتىپ قالدى قوللىرىڭ ساڭا پەقەت بوسۇنماي،
قاچانغىچە رىسقىڭغا توپا چاچىسەن ئۇيغۇرۇم؟
كىتاپ كۆرسەڭ قولىدا ئۆزگىلەرگە سەن كۈلدۈڭ،
ياغلىق چەگكەن قىزنى سەن مەتۇ دىدىڭ تىللىدىڭ،
چوڭنى كۆرسەڭ پوش دىمەي ئەل ھايانى تاشلىدىڭ،
شۇنچە پۇرسەت يېنىڭدا تۇرسا قىلچە بىلمىدىڭ ،
قاچانغىچە پاتقاقتىن يۇلقانمايسەن ئۇيغۇرۇم؟
قىلالمىساڭ بىر ئىشنى دەيسەن (تەقدىر مۇشۇنداق)،
كىچىككىنە جاپادىن قورقۇپ قاچتىڭ (بولدى ياق)،
ئايرىيالماي ئالدىڭدا قايسى قارا قايسى ئاق،
بىكار تۇرۇپ رازى سەن ئاپتاپلىقتا بولۇپ قاق،
قاچانغىچە ئۆزۈڭگە تايانمايسەن ئۇيغۇرۇم؟
بىر تاپساڭ چىقمىغان دۆڭلىرىڭمۇ قالمايدۇ.
سۆزلەپ ماختاپ ئۆزۈڭنى ئېغىزلىرىڭ تالمايدۇ،
يا خوجىنىڭ قارىسا لىپ-لىق بولۇپ تولمايدۇ ،
كۈنلىرىڭدە ھېچبىر يا ئازادىلىك بولمايدۇ ،
قاچانغىچە يولۇڭغا يول قوشمايسەن ئۇيغۇرۇم؟
بىلىم ئالغىن ۋاقتىڭنى بىكارغىلا ئۆتكۈزمە..
بەختىڭنى سەن قولۇڭدىن قاراپ تۇرۇپ كەتكۈزمە..
دۈشمەنلىرىڭ يىغلىسۇن نىشانىغا يەتكۈزمە ..
بەختىڭ سېنى ساقلايدۇ ئۇنى بۇنداق كۈتكۈزمە ..
كۆزۈڭنى ئاچ ئەقلىڭنى راسا ئىشلەت ئۇيغۇرۇم.....