گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1291 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل ئۈلۈشكۈن 11:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    يۇرتۇم سايرامنى ھەجەپ سېغىندىم ، قاچانمۇ بارغىلى نسىپ بۇلا !

  • يۈسۈپجان ئۈلۈشكۈن 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناھىيىمىزدە نىمانچە كۆپ يەر تەۋرەيدىغاندۇ ،مانا ھازىرمۇ يەر تەۋرىدى...

  • سادىر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

  • شاختۇرا 2013-1-23 11:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار  ؟ دوستۇڭلار شاختۇرادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  • نائىل 2013-1-20 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن  تېلىفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا  ئۇيغۇرچە باسقىلى بولمايدىكەن، تورداشلار توغرا چۈشىنىڭلار!

كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 6

ئانا يۇرتۇمدىن بايانىم! (نائىل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

7

دوست

493

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

يوقلىما
12
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 133
تۆھپە : 14
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 01:00:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نائىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 01:03  


                                                             ئانا  يۇرتۇمدىن  بايانىم
                                                                     (نائىل)

      مەن ئۈرۈمچىدە مەلۇم  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، ئۆزۈم دىھقان ئائىلىسىدە چوڭ  بولغاچقىمىكىن  مۇشۇ دېھقانلارغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ، باشقا جايلاردا قانداقكىن بىزنىڭ يېزىدا ھەر يىلى ئەتىيازدا  دېھقانلار  بانكىدىن قەرز ئالغىلى  كەنىتتىن خەت  ئېلىپ ،  يېزىدىن خەت ئېلىپ ئاندىن  بۇ تېرىقچىلىققا كېتىدىغان مەبلەغنى ھەل قىلىشىدۇ،  ھەتتا مۇشۇ خەتلەرنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ  نەچچە ئارقا  ئىشىكلەرنى قىلمىسا  ئۆچرەتنىڭ  ئەڭ كەينى بولۇپ تۇرۇپ قالىدىغان گەپ، نەگە بارسا  مۇشۇ  چوڭاملار قۇرۇق  گەپ قۇلاققا  خوشياقمايدۇ دېسە بۇنىڭ تېگىنى بىلگەن ئەقىللىق كشىلىرىمىز  ئانچە مۇنچە گەپنى ‹نەمدىتىپ›  قىلىپ مۇشۇ  چوڭاملارنىمۇ  كۆندۇرۇپ  قويىۋاتىدۇ.  ئەڭ ئاۋال قەرز  بىجىرەلەيدىغانلار  ھەر قايسى كەنىتنىڭ  ‹چوڭلىرى›  ئاندىن  قولىدا  سەل باراقلىرى ،ئارقىدا  يەنىلا  شۇ  قول ئىلىكىدە يوقلار .............    يېزىلاردىكى بەزى ئامما بىلەن كەنىت كادىرلىرى ئارىسىدىكى  يۈز بەرگەن  ئىشلار   يا مەن  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاچقىمۇ  كاللامدىن زادى ئۆتمەيدۇ........
              ھەر يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ ئۆينىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا  قارىشىپ بېرىمەن، بىزنىڭ يېزىدا  بولۇپمۇ  بىزنىڭ كەنىتتە  ئۇرۇق قوناقنى يامان كۆپ تېرىيمىز ، ئەتىيازدا تېرىساق  ئاۋال ئانىلىقىنى بىر تېرىيمىز  سەككىز توققۇز  كۈن ئۆتۈپ ئاندىن ئاتىلىقىنى تېرىيمىز  ، مۇشۇ  ئارلىقتىكى 15 كۇن ئىچىدە ھاۋا ياخشى بولسىلا  قوناقلار يامان ئەمەس  ئۈنۈپ  چىقالايدۇ،  ئالىمادىس  يامغۇرلار يېغىپ كەتسە نەچچە  كۈنلەپ ئېتىزلىقتا قوناقنى تۆشۇكىدىن چىقىرىمىز دەپ يەر تاتلايدىغان ئىش، ئاندىن ئىككى ئاي  ئۆتكىچە ئوغۇت سۈيىلىرىنى  ۋاقتىدا  بېرىپ تۇرمىساق ھەم  بولمايدۇ،ئاندىن  كېيىن پۆپىكىنى (بەزى چوڭلىرىمىز  ‹پۆپچەك› دەپمۇ  قويىدۇ يەنە بەزىلەر ‹پىپەك› مۇ دەيدۇ ) ئالىمىز دەپ يەنە ئىككى  ئاي،  كۈندە نەچچە  قېتىم  قوناقلىقنى ئارىلاپ يۇرۇپ گەدەن پاتتاڭ يۈز  كۆزلەرنى  قوناق شاخلىرى جىياپ  قىپقىزىل ئىششىتىپ  نەچچە  يېغىرلارغا  تولۇپ  كېتىدۇ، مۇشۇ پۆپەك  ۋاقتىدا  قايسى ئانىلىق قوناق بالدۇر چىقارسا شۇنىڭدىن باشلاپ پۆپەك ئالىدىغان گەپ. بەزى يەر ئىگىلىرى كۆرمەي قالغان پۆپەكلەر بەزىدە چېچەكلەپ  چاڭ تارقىتىۋەتسە ئەتراپتىكى قوناقلارمۇ  بولمايدىغان ئىش، شۇ  كۈنلەردە  ئۇرۇق پونكىنتنىڭ  خادىملىرىمۇ  نەچچە  كېلىپ ئېتىز  بېشىغا چىقىۋېلىپ دۇربۇندا  قوناقلىقنى  كۆزەتمىسە  بولمىغان، تېخى قوناقلار ھەددىدىن ئېشىپ بەس بەستە  پۆپەك چىقارغىلى تۇرسا سەل كۆپرەك تېرىغانلارنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەي  قالغانلىقتىن پۆپەكلەر ساقلىمايلا ئېچىلىشقا باشلايدۇدە ، شۇ  ۋاقىتتا  كۆرۈڭ كارامەتنى  ئۆيدىكى ئۇششاق-چوڭ، پىششىق-توڭ  ھەممەيلەن قوناقلىققا  چىقىپ  شۇ بازانى  قايناتقىلى تۇرىدۇ، بۇ  ئېتىزدىكىنى ئالسا  يەنە بىر  ئېتىزدىكىسى   تۇرغان  بىزنىچۇ  دەپ،  شۇنداق  ۋاقىتتا  ئۇرۇق پونكىنتىكىلەر  سىلەر بەك قاشاڭكەنسىلەر! نىمىشقا تېخىچە  تۈگىمەيدۇ؟  ئېتىزلىقىڭلارغا ئادەم سېلىۋاتىمىز دېگۈلى  تۇرىدۇ .   _ۋاي ئۇنداق قىلمىساڭلار  ئۆزىمىز  ئېلىۋەتسەك  بولاتتىغۇ _، دېگەن  يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ  قارىماي  باشقا  يەرلەردىن بىر تال پۆپەك ئاچىقساڭلار  ئىككى كويدىن  بېرىمىز  دەپ  ئادەم ئەكىلىپ  سالغۇزىۋەتكەن .  كېين  پۆپەكنى  ئاچىقىپ بىردىن  ساناپ  بەزىلەرنىڭ كۈنلۈكى   500   600  كويغا  توغىرلىشىپ قالسا  ،  ئۇرۇق پونكىنتتىكىلەر  ئەسلى مۇنداقتى دەپ  بىر  تال  پۆپەكنىڭ باھاسىنى  ئىككى  موغا  چۈشۈرسە  كەلگەن ئادەملەر  _سەن بىزنى نېمە كۆرۇپ قالدىڭ ، گېېپىڭنى باشتا  ئوچۇق قىلساڭ  بولمامدۇ ؟،  ئۇنداق  ئادەمنى  ئاخماق  ئەتكىچە  ئۆزۈڭلار  قىلساڭلار  بولمىدىمۇ ؟......دەپ  بىر مۇنچە  جېدەل، مۇشۇ قېتىممۇ  شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى بىلەن  ئۇرۇق  پونكىنتتىكى بىر خادىم  سوقۇشۇپمۇ  ئۈلگۈردى  ھېلىمۇ  بىز  بوپقاپتىكەنمىز  ۋاقتىدا  ئاجىرىتىۋالدۇق. ھەم  مۇشۇ  مەزگىلىدە مەھەللىدىكى قوناق تېرىغان ھەممە ئائىلىدىن بىردىن ئادەم  چىقىپ ، بىر پۈتۈن  مەيداندىكى  قوناقلىقنى تەكشۈرۈپ ماڭىمىز، ئەگەر  قونالىقتا  تولا مېڭىۋېرىپ ئانىلىق قوناقنىڭ چېڭى  سىزگە  تارقىلىپ كەتسىغۇ  ھېچنىمە بولمايسىز  ئەمما  كۆزىڭىزنى  يوغان ئېچىپ ماڭالماي قالسىڭىز  بەزىدە  ئانىلىقنىڭ  پۆپىكىنى ئالدىم دەپ ئاتىلىقنى  ئېلىپ  قالسىڭىز ئىش چاتاق، يەرنىڭ بېشىغا  پۆپەك  سانىغىلى  چىققاندا  نەچچە  ئون يىللىق  قوناق  تېرىپ پىشىپ كەتكەن تەجىربىلىك دېھقانلار  قولىڭىزدىكى  پۆپەكنىڭ   قانداقلىقىنى بىر قاراپلا  بىلىۋالالايدۇ،  مانا  مۇشۇ  يەردە  باياقى  ئىككى موغا چۈشۈپ قالغان پۆپەك  بىراقلا  200  كويغا  چىقىدۇ،  مانا  ئاتىلىقىنىڭ پۆپىكى  ئانىلىقىىغا  قارىغاندا  نەچچە ھەسسە  مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى  بىلىپ  يەتتىڭىزغۇ دەيمەن.   بۇنى بەلكىم  مۇنبەردىكى شۇ ئۇرۇق قوناقنى تېرىپ باققان دېھقان مۇنبەرداشلار  بولسا  بىلىدىغۇ  دەيمەن ،  ئارقىدىن  ئانىلىقى پىشماستا يەنى ئەمدى دان تۇتۇشقا باشلىغاندا  ئاۋال ئاتىلىقىنى ئورۇۋتمىسەك  قوناق چالا مەدەك بوپ  قېلىۋاتقان. ...... ئۇندىن باشقىسىنى  دېمىسەممۇ  بىلىسىلەرغۇ  دەيمەن قانداق  يىغىۋېلىشنى............. مانا مۇشۇنداق  جاپاسى  تولا  بۇ  قوناقنىڭ.   
             مۇشۇ  يازلىق   تەتىل بولۇشى بىلەنلە ئويگە  قايىتقان ئىدىم بىزنىڭ 20 مو ئېتىزنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ ئۇرۇق  قوناق كەپتىكەن،  ئۆيگە بېرىپلا   ئىككى  ئايدىن  كۆپرەك ۋاقىتتا پۆپەك ئالدىم،   لېكىن نەچچە  ۋاقىتتىن بېرى ئىش قىلماي يۈرۈپ ئازراق  ھورۇن بوپقاپتىمەن. تېخى تەتىلىمىزمۇ توشمىغان ۋاقىتلاردا بىزنىڭ كەنىتكە مۇشۇ ئۇرۇق قوناقنى تەكشۈرگىلى ۋىلايەتتىن دەمدۇ ئاپتونۇم رايۇندىن دەمدۇ باھالاش  كېلەمىش دەپ مۇشۇ كادىرلارنىڭ  قىلىمىغان قىلىقى قالمىدى ھەتتا  نەچچە  ئون يىلدىن بېرى ھېچقانداق كەتمەن تېگىپ باقمىغان، ئانچە مۇنچە مەھەللىدىكىلەر  قويلىرىنى ئاچىقىپ بېقىپ قويىدىغان شۇ  قوناق تېرىغان ئېتىزنىڭ باش ئايىغىنى پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنى ئاچىقىپ ئوتىغىلى قويدى ،ئەسلى ئۇ يەر  بەكمۇ ئوت بېسىپ كەتكەن يەرمۇ ئەمەس، ئوتىمۇ  بار ھەم ئۇ يەرنىڭ  بەك قاتتىقلىقىدىن كەتمەننى بىر قېتىم چاپسىڭىز كەتمىنىڭىز  قاڭقىپ  قوللىرىڭىز  قېقىلىپ كېتىدۇ. نىمىشقا ئوتايمىز دېسەم  كادىرلار: _ ھە  شۇ چوڭ باشلىقلار كېلىپ  قوناقنى كۆرۈپ ماڭىدىغان يەر بۇ دەپ سۆزلەپلا كەتتى.  مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چىققاندىكىن ئامال يوق بىزمۇ  چىقتۇق. كېيىن ۋاقىت ئاز قالغانسېرى بۇ  ئىشلارمۇ تۈگىمەي پۈتۈن يېزىدىكىلەردىن باشقا خوشنا كەنىتلەردىن قوناق تېرىغانلاردىن  ئەكىلىپ ئوتاتقۇزدى،  نېمىشقا  دېسەڭلار  چۈنكى بىزنىڭ  كەنىت  قوناق  تېرىشتا  ئۈلگىلىك  كەنىتمىش. شۇنداق  تەكشۈرۈش، باھالاشلار  بولسۇن بىرىنجى قېتىم  بىزنىڭ كەنىتكە  چۇشىدۇ، شۇ ۋاقىتلاردا ئادەمنى بىر  خۇش قىلىدىغان يېرى ھەر قېتىم مۇشۇنداق تەكشۈرۈشلەر كەلگەندە ياسالماي قالغان كۆۋرۈكلەر ،  ئەسكىرەپ كەتكەن يوللار  خېلى ئوبدانلا  بوپ قالىدۇ دېسە.......... شۇنداق قىلىپ  پىشىپ بولاي دېگەن قوناقلىقنىڭ ئىچىنى باش  ئايىقىدىن 50 مېتىر يەرگىچە ئوتايسىلەر ئەگەر ئوتىمىساڭلار بىر مو يەرگە 30 كويدىن  پاكەن  دەپمۇ  ئۈلگۈدى  كەنت كادىرلىرى، سەل چوڭ يولنىڭ  بويىدا  ئېتىزى  بارلىرى  بەكراق،  چەتتىراقلىرىمىز  سەل ئازراقتىن  ئوتىدۇق،  كادىرلار  قارىسا  يەنە بولمىغان ، ئاش تېرىسا  ھەر  قانداق  ئېتىزنىڭ  باش  ئايىقى  تازا  ياخشى  بولمايدۇ، شۇڭا پونكىنتىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ مۇشۇ  بولمىغان  جايدىكى  قوناقنى  ئورۇۋېتىشنى  قارار  قىپتىكەن. ئەزالار  ئۇنىڭغا  دەسلەپتە  ئۇنىمىدۇق، كېيىن شۇ ئورۇۋەتكەن قوناقنىڭ تۈپىگە ئۇرۇق پونكىنتتىن بەش مودىن  پۇل بېرىپ ئورۇۋەتسە  دەپ  پىكىر  قىلساق، كەنىتنىڭ  شۇجىسى  بولغان  يوغان قورساق  ھەممىنىڭ ئالدىدا:_  ياق  بولمايدۇ  دەپ  ئاخىرى ئۈچ مودىن  بېكىتىپ ،  يەنە شۇلارنىڭ   دېگىنى بۇيىچە  بولدى،    ئارقىدىن  قوناقمۇ ئورۇلۇپ  بولدى ئاندىن ئورنىنى قايتىدىن  تۈزەپ  ياساپمۇ  بولدۇق ،  ۋاي  مانا  تەكشۇرۇش ئەتە زادى  كېلىدىكەن  دېگەن گەپنى  ئاڭلىدۇق  ،  بىردەمدە  ئەزالار يىغىلىڭلار دەپ يىغىن ئاچماقچى بولدى.    يىغىندا  ئاڭلىساق  قايسى كۈنى بىز  ياساپ  تۈزلەپ قويغان يەرنىڭ  توپىسى  ئۆرلەپ كېتىپتۇ  شۇڭا  ھازىردىن  باشلاپ  شۇ  يەرگە سۇ چاچىمىز   دېمەسما!!!    جۇدۇنۇم بىر  گەز  ئۆرلىدى.   تېخى مەن كىچىك يا سوقۇشقىلى ئەسلى بولمىغان،  ۋاي  مۇشۇ  ئىشمىتى  دەپ كېيىن ئۆيدىكىلەردىن سۇ  چاچقىلى ھېچكىمنى  چىققىلى  قويمۇدۇم .....
      مانا   ئەتىسى  سەھەردىلا  ئۆيدىكى قويلارغا  ئوت ئەكەلگىلى شۇ قوناق ئېتىزنىڭ قېشىغا باراي دەپ  چوڭ  يولنىڭ قېشىغا كەلسەم بىر مۇنچە ئەزالار  توپلىشىۋاپتۇ ، نىمە ئىش  بولدى دەپ سورىسام  شۇ  ھازىر  باھالاش  كېلەمىش  دەپ يوللارنى توسۇپ ھېچكىمنى ماڭغىلى قويماپتۇ،  مەنمۇ ساقلاي دەپ پاراڭلىشىپ تۇرساق  بىز  كۈتكەن  تەكشۈرۈش  ئۆمىكى ئاخىرى  يېتىپ  كەلدى،  ھەر  ئۇزۇن  ماشىنلاردىن  يەتتە  سەككىزى  كەلدى،  قاراپ تۇساق  ھېلىقى كەلگەن ماشىنىدىكىلەردىن  پەقەت  بىر  ماشىنىدىن  15 تەك  ئادەم  چۈشۈپ  ئېتىز  بېشىدا  بەش مىنۇتچىمۇ  تۇرماي  كېتىپ  قېلىشتى........        يوللاردا    تۇرغانلار   بىز  مۇشۇلارنى  كېلىدۇ  دەپ  ئون  نەچچە  كۈن   ئىشلىسەك   بىرەر  سائەتمۇ   كۆرۈپ  قويمىدى  دەپ  غودۇڭلاشلىرىنى  ئاڭلاپ  قالدىم ......      بىر ئازدىن كېيىن  يوللارمۇ   ئېچىلدى   مەنمۇ   قويلۇرۇمغا   ئوت  ئېلىش   ئۈچۈن  يۈرۈپ   كەتتىم.....  ئىچىمدە  كىملەرنىڭدۇر  ئېيتقان  ‹باشلىق  كېلىدۇ›  دېگەن ناخشىسى يادىىمدىن  كەچتى....

ھەممە  پۇقرا  يۇيۇپ تارانسۇن باشلىق كېلىدۇ ،
پۇزۇر كىيىپ ئۇز ياسانسۇن باشلىق  كېلىدۇ،
يول يوللارغا  سۇ  سېپىلسۇن  باشلىق كېلىدۇ،
.....................................................

2012-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى               (  جۈمە  )
مەنبەسى  :  مىسرانىم تورىدىن  ئەكەلدىم   ئۆزۈمنىڭ  يازمىسى  


11

تېما

7

دوست

1506

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 618
تۆھپە : 42
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-25

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 16:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر..


8

تېما

18

دوست

1425

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1323
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 456
تۆھپە : 65
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 16:04:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەممە  پۇقرا  يۇيۇپ تارانسۇن باشلىق كېلىدۇ ،
پۇزۇر كىيىپ ئۇز ياسانسۇن باشلىق  كېلىدۇ،
يول يوللارغا  سۇ  سېپىلسۇن  باشلىق كېلىدۇ،
.....................................................
مانا مۇشۇنچىلىك شۇ.
بۇ ئەسەردىن بەزى يېزلاردىكى  دېققانلارنىڭ  تۇرمۇشى ئېچىپ بېرلگەندەك قىلدۇ.
ياخشى يېزىپسىز.


11

تېما

10

دوست

1800

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 747
تۆھپە : 22
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 23:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا خشى كۈنلەر ئالدىمىزدا،


0

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1563
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 6
تۆھپە : 4
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 23:36:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس . بۇھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆزدۇر. بىزنىڭ يىگىنىمىز دېھقاننىڭ ئېشى ، كەيگىنىمىز دېھقانلىرىمىز تېرىغان ئاپپاق پاختىنىڭ رەختلىرى ، زىمىستان سوغاقتا يېپىنچىمىز يەنىلا ئاپپاق پاختا ،ھەي جاپاكەش دېھقانلىرىم بىز ساڭا نىمە قىلىپ بىرەلىدۇق ، نىمە قىلىپ بىرەلەيمىز .بىز ھەممىز ئەشۇ جاپاكەش ، ئاق كۆڭۈل دېھقانلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى چۈنكى بىزمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەۋلادى.


7

تېما

13

دوست

813

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1269
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 379
تۆھپە : 16
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-17

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 16:48:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يېزىمۇ خالىي ئەمەس بۇ دىشۋارچىلىقتىن،،،،،،مەيلى ماقۇل نىم قىلسا قىلسۇن؟پارتىيە بۆلۈپ بەرگەن ،تېرىمىسا دۆلەتنىڭ بايلىقى ئىسراپ بولۇپ،خەلق غۇرىبەتچىلىككە دۇچار بولىدىغان ئاشۇ ئازغىنە ھۆددە يەرنى تېرىش ئۈچۈنمۇ ئۆزلىرىگە تەزىم قىلدۇرسۇنمۇ بۇ چوڭاملار؟،،،،،،بىچارە دېھقانلار،،،،،سەندىن ئۆزگە ھېچكىم بۇنداق بەرداشلىق بېرەلمەيدىغۇ ئاخىر!؟


0

تېما

0

دوست

249

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 140
تۆھپە : 10
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-15

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 21:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەخىر قىلىڭ، دوستۇم بۇ كۈنلەرنى ئوزگەرتدىغان ئادەم ھامان چىقدۇ!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-1-31 06:23 , Processed in 0.187891 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش