بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 23:43
چاقچاقنامە (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتى تۈزگەن ‹‹تارىم ناۋاسى›› ناملىق توپلامدىكى قەلەمكەشلەرگە چاقچاق ) تۇنىياز مەمەتنىيازغا
قۇغۇنلۇقتا قويدۇق كىيدۈرۈپ ،
‹‹مۇنەۋۋەر››لىك تونىنى سىزگە .
‹‹جۇدالىقنىڭ تۇيغۇلىرى››مۇ ،
ھوزۇر ئىلھام بەرمەكتە بىزگە .
بېغىمىزنىڭ پەرۋىشكارى سىز ، ئەجىرىڭىزدىن رەڭلىنەر چېچەك . ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر بار بولسۇن ، بۇ مەندىكى بىر ئوتلۇق تىلەك !… روزى ھاپىزغا
مۇزاتتىكى پىشقەدەم سالچى ،
دولقۇن ئارا ئۈزۈپ كەلدىڭىز .
يېرىم ئەسىر مۇزات بويىدىن ،
دۇر – ئۈنچىلەر سۈزۈپ كەلدىڭىز .
‹‹مۇۋەششەئى مۇخەممەس››يەنە ، ئەۋلادلارغا بولغۇسى ئۆرنەك . دەم ئېلىشقا چىقتىڭىز ئەمدى ، ئاسان ئەمەس ئەلنى خوش ئەتمەك . ئابلىز قۇربانغا
بىر تىرىشچان شائىر ئىدىڭىز ،
تىل ئۇستىسى ماھىر ئىدىڭىز .
‹‹ھاتا ۋە مەن›› دىدىڭىز ئاران ،
تالاي ئىشقا قادىر ئىدىڭىز .
سىزنى ئىلىپ كەتتى شۇم ئەجەل ، تېڭىرقاپلا قالدۇق بىر مەھەل . قايغۇ بەرسۇن قەلەمگە قۇۋۋەت ، كۆكتە پارلاپ چىقسۇن بىر زوھەل . سالى ئىبىراھىمغا
‹‹شۇنداق خەق بىز›› قەلىپ غۇرۇرى ،
تەشنا دىلغا شەربەت يەتكۈزدى .
بىراق سىزگە ھاردۇق يەتتىمۇ ؟
‹‹تاغ بۇلىقى›› ماغدۇر كەتكۈزدى ؟
ئەھەت ئامانغا
ئوقۇتقۇچى ھەمدە غەزەلخان ،
خوپ ياراشقان تونىڭىز سىزگە .
ئۇلار ياستۇق بولۇپ قالمىسۇن ،
يېڭى مېۋە سۇنمامسىز بىزگە ؟
ئىبراھىم قۇربانغا
‹‹يەتتە قىز››نى قاتارغا قوشۇپ ،
قىلمىغانسىز ئەسلا ‹‹پۇشايمان››.
توققۇز بۇلاق بەرگەچكە ئىلھام ،
‹‹ئۇچقۇن›› لىرىڭىز ياندۇردى ئارمان .
تۆھپىكار سىز ئەلگە خەلقىمگە ،
تون كىيدىڭىز خوپ ياراشتۇرۇپ .
يوللار يىراق مەنزىللەر يىراق ،
تۇرماڭ دەيمەن قولنى قوشتۇرۇپ .
ھۈسەيىن ئىمنھاجىغا
كەسپداشمىز ھۈسەينھاجىكا ،
بىمار تەنگە بولىمىز دەرمان .
بىر دەستە گل تۇتتۇم ھۆرمەتتە ،
ئەشئار بىلەن قايتسۇن دەپ ھامان .
ھېلىم ئەبەيدۇللاغا
چاخچاق بىلەن گۈزەلدۇر ھايات ،
چاخچاق بىلەن ئۇزارغاي ئۆمۈر .
ھايات دېمەك ئاق بەتلىك كىتاب ،
ئىجاد بىلەن باسقايسىز مۆھۈر .
قەييۇم مەمتىمىنگە
‹‹موللامۇسا ھەققىدە›› يېزىپ ،
‹‹مىڭ ئۆي›› ئارا سەيلە ئەتتىڭىز .
يوقمۇ سىزنىڭ باشقا سۆزىڭىز ،
ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز ؟
ياسىن قاسىمغا
‹‹باشلىق بولغان دوستۇمغا›› دەيسىز ،
خانتەڭرىنىڭ مۇكاپاتى بار .
پۇقرانىمۇ يېزىپ باقمامسىز ؟
قانداق كۆڭۈل قىلىدۇ ئىزھار ؟
شەيدائىغا
‹‹ساقىنامە›،يازسىز تېخى ،
مەيخۇمارلار مەيلىنى ئېلىپ .
تېما كۆپتۇر تۇرمۇشتا دېگەن ،
يېڭى جەڭڭە كېلىڭ ئات سېلىپ .
تۇرسۇن مامۇتقا
ئوغلىڭىزغا نەسھەت قىلىپ ،
ياخشى يولغا سېلىپ قويدىڭىز .
شەخسىيەتچى ئىكەن تۇرسۇنكام ،
دىگەن مۇددا خىيال ئويدا بىز .
ئابدىقادىر ھەسەنگە
‹‹مۇئەللىمگە سالام ››بېرىسىز ،
ناخشا ئېيتىپ شىكەر سىتاندا .
بىزگە قاچان بېرىسىز سالام ؟
قالمايلى بىز داغدا – ئارماندا .
زوردۇن ئىمىرغا
‹‹مەھەللەمدە›› يوقتى ئېلىكتىر ،
‹‹مەين سابا›› سىيپاپ ئۆتكەندە .
سىزكەلدىڭىز – توكلارمۇ راۋان ،
بىزمۇ خۇشال – زۇلمەت كەتكەندە .
‹‹خاڭچىلارغا ناخشا›› ئېيتتىڭىز ،
شۇنچە تەمكىن ياڭراق ئاۋازدا .
يېڭى – يېڭى سوغات سۇنسىڭىز ،
تۈن پەسلىدە باھاردا – يازدا .
كېرەم قاسىم ئەۋجىگە
كۈمۈش پاختا ئوغلانى ئەۋجى ،
‹‹ئىز›› باسارى مەرھۇم ئۆتكۈرنىڭ .
قەلەمكەشلەر جەم بولغان بىر رەت ،
باغىقى يوق ئەمما پىقىرنىڭ .
ئەشئارىگە بولۇپ پەرۋانە ،
خانتەڭرىدىن ئالدىڭىز تارتۇق .
كۈمۈلمىسۇن ‹‹ئىز››لار بىۋاقىت ،
دېسەم سىزگە كەتتىمۇ ئارتۇق .
ئوسمان ھۇشۇرغا :
‹‹خۇدالىق››نىڭ ھەسىرىتى يامان ،
مۇئەللەقتە ئوينساق ئۇيۇن .
‹‹ئەرۋاھلارنىڭ ماجىراسى›› چىقار ،
‹‹تارىم›› ،‹‹تەڭرىتاغ›› چىقارسا قۇيۇن .
قىسمەتكە باي تۇرمۇش يەنىلا ،
‹‹جۇدالىق››مۇ ۋاقىتىلىق پەقەت .
خانتەڭرىدىن ئامەت تىلەيمەن ،
ئوسمان ھۇشۇر سىزگە نەچچە رەت .
زاھىر ئابدۇراخمانغا
‹‹كۈمۈش قەتىرە›› چاچىرىتىپ بىر چاغ ،
‹‹روھقا سەپەر›› قىلغان ئىدىڭىز .
كىرىۋېلىپ قامۇسقا ئەمدى ،
ھاردۇق يەتتى ئارام ئالدىڭىز ؟
بىدارىغا
‹‹سايە بېرىپ ئۆتەر گاھ جانان›› ،
خانتەڭرىدە كۆرگەندە سىزنى .
بۇ ئەمەستۇر ئاداققى پەللە ،
نا ئۈمىددە قويماسسز بىزنى .
بۇۋىھەجەرگە
نىمشېھىدنىڭ قىزى بۇۋھەجەر ،
سىز تەقدىرگە سوئال قويدىڭىز .
پەخىرىمىزنىڭ روھى شادلانسۇن ،
بىزگە دەستە گۈللەر سۇنسىڭىز .
مۇقارىپ يەھياغا
سزىىۋېرىپ ‹‹باھارغا سىزما››،
‹‹گۈل توزۇتتى باھار سەلكىنى››.
ياز ، كۈز ، قىشنى سىزمايسىز ئەجەپ ،
قاچتىمۇ يا ئىلھام كەلكۈنى .
تۇراخان توختىغا
‹‹يېڭى يۇلتۇز لوڭقىسى›› ئېلىپ ،
خۇشال بولدى ‹. شېئر ئىلاھى››.
‹‹ئۆتكەن ئىشلار›› بولغۇسى تارىخ ،
باردۇر يېڭى لوڭقىلار تېخى .
جېلىل خېلىلغا
ئونسۇ دېگەن گۈرۈچ ماكانى ،
پەپىلەيدۇ سىزدەك ئوغلاننى .
‹‹ئالۋون››،‹‹ئونسۇ ئەدەبىياتى››،
تارتۇقلايدۇ ئەجىر قىلغاننى .
ئابلىز ئوسمانغا
‹‹پىلسىراتقا كۆۋرۈك›› سالدىڭىز ،
مۇكاپاتنى قوشلاپ ئالدىڭىز .
‹‹ئوت ناخشىسى››،‹‹ كېلەچەك›› بىلەن ،
‹‹ئالتۇن چاغ›› قا ياراپ قالدىڭىز .
‹‹تارىم›› غا سىز ‹‹مۇنەۋۋەر ئاپتۇر››،
خانتەڭرىمۇ سىزگە قۇت تىلەر .
بولار تېخى تۇنجى قەدەمدۇر ،
شەرەپ قان – تەر تۆككەننى بىلەر .
ياسىن ئەمەتكە
‹‹سەھرادىكى بالىلىق›› دېگەن ،
سىزنىڭ مېنىڭ غەمسىز چاغلىرىم .
تەھىرىر مۇخبىر بەكمۇ ئالدىراش ،
بوش قالمىسۇن شېئر باغلىرىم .
قۇربان ئېلىغا
‹‹دومچەكلەرنىڭ بۇرنىغا ››كىرىپ ،
ئاق توشقاننى قويماڭ قاچۇرۇپ .
‹‹كەنت مۇدىر››نىڭ ئاچچىقى يامان،
قوغلاپ كېتەر ‹‹موزاي››نى سۈرۈپ .
‹‹تەخەي گۆشى››،‹‹گۇناھتىن قېچىش››،
‹‹تەنھا›› لىققا بارمسۇن باشلاپ .
بازار ئارلاپ يۈرۈپسىز پا- پات ،
ئەسەر يازماي بېشىڭىزنى قاشلاپ .
قەھرىمان روزى ئەرچىنىغا
سۆيگۈ دېگەن ‹‹ۋىسال تىلسىمى››،
ئاز – ئاز يىتەر ‹‹بەخىت قەدىمى››.
ئۆسمۈرلەرنى قىلسىز خۇشال ،
كىتابىڭىز بېسلىغان كۈنى .
تىنىم تاپماس ھارماس شائىرسىز ،
قامۇسقىمۇ چىقتى نامىڭىز .
كۆز تەگمىسۇن قەلەم – قەدەمگە ،
يىراق تېخى مەنزىل – جايىڭىز .
مۇختار داۋۇتقا
بىز ئەمەسقۇ ‹‹قىل ئۈستىدىكى دوست››،
ئون تۆتىنچى باھار ئالماشتى .
‹‹گىرىمسەن شولىلار – تۇتاش دولقۇنلار››،
دىللارغا ئوت ياقتى – كۆزلەر قاماشتى .
ئىشخانا مائاشقا ئامراقسەن ئەجەپ ،
كانسپسەن چارچىماس كۆزۈڭ ۋە قولۇڭ .
شاكىرى مايسىگۈل بولسۇن بىر ماياك ،
قۇياشتەك پارلىسۇن ئىقبالىڭ – يولۇڭ .
توختى تۇرسۇنغا
‹‹تىتىرىگەن قوللاردا سۇنۇلغان شاراپ ››،
قىزلارغا يازسىز تىنماي خاتىرە .
يىگىتلەر ھەققىدە يېزىپ قويمايسىز ،
كىم سىزنى رەنجىتىتى سورىماي ئۆزرە ؟
پاشاگۈل ئىسمايىلغا
‹‹پەخىرىمدۇر قىز بولۇپ تۈرەلگەنلىكىم›› ،
قىلىدىڭىز پاشاگۈل بىزلەرگە جاكا .
كۆڭۈللەر غەش بولدى ‹‹پارچىلىنىش›››تىن ،
ئىجادلا تەسەللى بەرگي سىزگىلا .
مۇتەللىپ خۇرسەندىگە
‹‹سىز مىسالى غىلاپسىز خەنجەر››،
ئۆتكۈر ئىدى ئەسلى بىسىڭىز .
ئۈششۈك تەگدى ‹‹سرىن›› گەنچۈن ؟
ياكى غىلاپ ئىزدەپ يۈرەمسىز ؟
خاتىمە
ۋاراقلاندى ‹‹تارىم ناۋاسى››،
غورا سۇندۇم سىلەرگە ئەمما .
ئاچچىق – چۈچۈك ئاچار ئۇيقۇنى ،
يېڭى ئەسىر كەلمەكتە مانا !…
ئىزاھات:تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىرى قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نامى ياكى مۇكاپات ناملىرى .
1999 – يىل 19 – ئىيۇل باي |