توي قىلىپ قانچىنچى يىلىغا كەلدىڭىز؟
بىرىنچى يىلى، قەغەز توي،دەسلەپكى بىرلىشىش خۇددى قەغەزدەك نىپىز بۇلىدۇ
ئىككىنچى يىلى، تىرەك توي، شامالدا يۇپۇرماققا ئوخشاش لىڭشىپ تۇرىدۇ.
ئۈچۈنچى يىلى، خۇرۇم توي، ئەۋرىشىملىككە قاراپ ماڭىدۇ.
تۆتىنچى يىلى، يىپەك توي، چىڭ يۆگەلگەن بۇلىدۇ.
بەشىنچى يىلى، ياغاچ توي، ياغاچتەك قاتتىق بۇلۇشقا باشلايدۇ.
ئالتىنچى يىلى، تۆمۈر توي، ئەر - خوتۇنلۇق ھىسىيات، خۇددى تۆمۈردەك مۇستەھكەم بۇلىدۇ.
يەتتىنچى يىلى، مىس توي، تۆمۈردىنمۇ مۇستەھكەم ۋە ئاسان داتلاشمىغان بۇلىدۇ.
سەككىزىنچى يىلى، ساپال توي، ساپال قاچىدەك مۇستەھكەم ۋە گۈزەل بۇلىدۇ.
توققۇزىنچى يىلى، سۆگەت توي، خۇددى مەجنۇنتالدەك بوران - چاپقۇندا سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
ئونىنچى يىلى، قەلەي توي، قەلەيدەك يۇمشاق ھەم چىداملىق بولغاچقا ئاسان تىشىلىپ كەتمەيدۇ.
11-يىلى، پولات توي، ئاسان داتلاشمايدۇ، شۇنىڭدەك تۆمۈردىن چىداملىق بۇلىدۇ.
12-يىلى، زەنجىر توي، خۇددى تۆمۈر زەنجىردەك مۇستەھكەم بۇلىدۇ.
13-يىلى، كەشتىلەنگەن گۈل توي، چىداملىق بۇلۇپلا قالماستىن، ناھايتى گۈزەل بۇلىدۇ.
14-يىلى، پىل چىش توي، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى شۇنچە نەپىس بۇلۇپ كۆركەملىشىدۇ.
15-يىلى، خرۇستال توي، سۈزۈك ھەم گۈزەللىكىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.
20-يىلى، جانان چىنە توي، نۇقسانسىز سىلىق بولىدۇ، ئەمما يەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىكى كىرەك.
25-يىلى، كۈمۈش توي، كۈمۈش توي يەنى تويدىن كىيىنكى تۇنجى چوڭ تەبرىك توي
30-يىلى، مەرۋايىت توي،مەرۋايىتتەك چىرايلىق ھەم قىممەتلىك بولغاچقا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.
مەنبە:ساغلاملىق دەستۇرى