گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1291 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل ئۈلۈشكۈن 11:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    يۇرتۇم سايرامنى ھەجەپ سېغىندىم ، قاچانمۇ بارغىلى نسىپ بۇلا !

  • يۈسۈپجان ئۈلۈشكۈن 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناھىيىمىزدە نىمانچە كۆپ يەر تەۋرەيدىغاندۇ ،مانا ھازىرمۇ يەر تەۋرىدى...

  • سادىر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

  • شاختۇرا 2013-1-23 11:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار  ؟ دوستۇڭلار شاختۇرادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  • نائىل 2013-1-20 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن  تېلىفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا  ئۇيغۇرچە باسقىلى بولمايدىكەن، تورداشلار توغرا چۈشىنىڭلار!

كۆرۈش: 248|ئىنكاس: 7

توزىغان گۈل(پوۋېسىت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

321

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

يوقلىما
17
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1215
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 151
تۆھپە : 23
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 23:48:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 12:32  

توزىغان گۈل
(پوۋېسىت)
ئەركىن قەييۇم (يالچىن)
تۈن يېرىم،نىساخان ئانا تاتلىق ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.ئۇ چۈش كۆرگەن ئىدى. چۈشىدە قىزى ئايقىز ئېگىز تىك قىيادىن شىددەت بىلەن  ئېقۋاتقان سۇغا  ئۆزىنى ئېتۋالغان ئىدى. قانداقتۇر ئەنسىزچىلىككە چۆمگەن نىساخان ئانا ئۆزى بىلگەن بىر نەچچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ قىزىنىڭ تىنىچ-ئامانلىقىنى تىلەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئاستا ياستۇققا باش قويدى.دېمىسمۇ ئايقىز نىساخان ئانىنىڭ ئارزۇلۇق بىرلا قىزى بۇلۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك چىرايلىق چوڭ بولغان ئىدى.
بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن نىساخان ئانىنىڭ يولدىشى مۇھەممەت ئاكا بىر قېتىملىق كەنىتنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ھاشىردا تۇيۇقسىز بېشىغا يوغان بىر قورام تاش تىگىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغۇچە قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئايقىزمۇ مەكتەپ يېشىغا تۇشۇپ،سېنتەبىر ئايلىرنىڭ بېشىدا مەكتەپ بۇسۇغىسىغا قەدەم قويدى،نىساخان ئانا ھەر كۈنى ئايقىزنى مەكتەپكە يېتىلەپ ئەكىلىپ قۇياتتى.
ئايقىز مەكتەپكە كىرىپ بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ناھايتى تېزلا ساۋادىنى چىقىرۋالدى،مەكتەپتىن كېلىپلا تامىقىنى يەپ بۇلۇپ كاڭدا دۈم يېتۋېلىپ دەپتىرگە نىملەرنىدۇر جىجىلاپ يېزىپ ئاپىسغا كۆرسىتەتتى،گاھىدا رەسىم سىزىپ :
-ئاپا، قاراڭ، مەن سىزنى سىزدىم،- دەپ نىساخان ئانىنى خوش قىلۋىتەتتى.
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاشقۇچە ئايقىزمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا  مەكتەپكە چىقتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ئاكتىپلىقى، تارتىنماستىن مۇستەققىل پىكىر قىلشى ساۋاغداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى ئارىسدا تەسىر قوزغاپ خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ئىدى،ئايقىزمۇ ئوتتۇرا تېخنىكۇمغا ئىنتاھان بېرىش ھەلەكچىلگىە تىپىرلاپ يۈرەتتى.
يۇقىرلاپ ئوقۇش ئىنتاھانىمۇ تۈگەپ، ئايقىز تۆت كۆزى بىلەن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرشىنىڭ تېزراق كېلىشنى كۈتۈپ يۈرەتتى.
بىر كۈنى نىساخان ئانا ئايقىزغا:
- قىزىم سىز ئوقۇشقا كەتسىڭىز مەن قانداق قىلارمەن، دادىڭىز رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكىلى بىر نەچچە يىل بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلى بەك كۆپ دەيدۇ،قولىمىزدا تۈزۈك ئىقتىسادمۇ قالمىدى،شۇڭا سىزنى ئوقۇتماي يۇقارقى مەھەللىدىكى ئايشەمخان ھاجىمنىڭ قىزى بۈۋىھەجەرگە ماشىنچىلىق ھۈنىرگە بېرەيمىكىن دەيمەن ،-دېدى.
ئايقىز ئاغزىنى ئۈمچەيتكىنىچە:
-ئاپا مەن ئوقۇيچۇ؟ ناۋادا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالسام تىرشىپ ياخشى ئوقۇپ داڭلىق دوختۇر بۇلمەن،كېسەللەرنى داۋالايمەن،ئوقۇمىسام دادامنىڭ روھى قورۇلۇپ قالمامدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام ماڭا ھەمىشە قىزىم تىرشىپ ياخشى ئوقۇڭ ئۇچام يالڭاچ،قورسىقىم ئاچ قالسىمۇ سىزنى ئوقۇتىمەن ،ھەرگىز ئۆزەمگە ئوخشاش ئېلىپنىڭ سۇنىقىنى بىلمەيدىغان دېھقان قىلمايمەن دەيىتتى.ئاپا مەن ئوقۇيچۇ!؟دەپ ئانىسغا يىلىندى.
قىزىم قېنى بىرنەچچە كۈن قاراپ باقايلى، ئالدى بىلەن چاقىرىق كەلسۇن ئاندىن بىر نەرسە دېيىشەيلى ،ھەراسىت  قىزىم مەن كەنىتكە بېرىپ كىلەي سىز خېمىر يۇغۇرۇپ قۇيىڭە، مەن كەلگەندىن كېيىن ئوخشۇتۇپ چۆچۈرە ئىتىپ ئىچەيلى.
-ماقۇل ئاپا ،- ئايقىز خوشال بولغىنىچە تەڭلىنى كۆتۈرۈپ قازناققا كىرىپ كەتتى.
‹‹2››
كەچقۇرۇن نىساخان ئانا بىر كونۋېرىتنى قولتۇقىغا قىسىقىنىچە پالاقلاپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.
-قىزىم ،ئايقىز !
-ھە ئاپا،- ئايقىز ئىچكىركى ئۆيدىن چىقىپ كەلدى.
- قاراڭ قىزىم، كەنىتكە بارسام ئوسمان شۇجى قىزىڭىزغا ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بىر ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەپتۇ دەپ بۇنى تۇتقۇزۇپ قويدى، -دەپ كونۋېرتنى ئايقىزغا بەردى،ئايقىز قىن-قىنىغا پاتماي كونۋېرتنى ئاۋايلاپ ئاچتى.
ئايقىزغا ئۈرۈمچىدىكى بىر تىببى تېخنىكۇمنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدىن چارقىرىق كەلگەن ئىدى .
ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىغان نىساخان ئانىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ،- بىر ھازا چوڭقۇر خىيالغا پاتقاندىن  كېيىن:
-قىزىم قاراڭە، ئوقۇش پۇلى نىمانچە كۆپ؟ سىزنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلڭىزنى بىز دېھقان خەق تەستە تاپىمىز، شۇڭائوقۇشقا  بارمىسىڭىز بولارمىكىن دەيمەن،-دېدى.
- ئاپا،- دېدى ئايقىز ئاپىسغا ئەركىلەپ،- بۇ بىر يىللا  جاپا تارتىپ قالسىز، تۇنجى يىلى ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۋاتساق  كېلەر يىلدىن  باشلاپ قىينالمايمىز. مەنمۇ تىرشىپ ئوقۇپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئۆزەمنىڭ خىراجىتىنى ئۆزۈم تاپىمەن . قوشنىمىز نىڭ قىزى پاتەممۇ  بۇ قېتىم يازلىق تەتىلدە كىيىم-كېچەك دۇكىندا ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ كېلۋىتىپتۇ.يەنە كېلىپ ئۆيدىكىلىرگە بىر مۇنچە پۇل ،كيىم-كېچەك ئەۋەتىپتۇ. ئوقۇيچۇ؟ ئاپا،- ئايقىز يىغلامسىراشقا باشلىدى.
-ھە بولدى يىغلىماڭ، مەن ئەتە بېرىپ سەمەت ئاكىڭىز بىلەن سۆزلىشىپ كېلەي، ئاندىن بىر گەپ بولسۇن، چۆچۈرنى  تۈگۈپ بولغان بولسىڭىز قازاننى ئېسىڭ تاماقنى يەپ بۇلۇپ بالدۇرراق ئۇخلايلى،ـ نىساخان ئانا شۇنداق دېگىنىچە قاپاقنى ئېلىپ تەرەت ئېلىش ئۈچۈن باغقا چىقىپ كەتتى.
نىساخان ئانا جەينامازدىن چۈششىگە تاماقمۇ پىشىپ تەييار بولدى. ئانا-بالا ئىككەيلەن  چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر خىل جىمجىتلىق ئىچىدە  تاماق يىيىشۋاتاتتى،  نىساخان ئانا ئىختىيارسىز ھالدا يولدىشى مۇھەممەد ئاكىنى ئەسكە ئېلىپ.كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزلىرىدىن ياشلار سىرغىشقا باشلىدى.
توۋا! تەقدىر دېگەن بەزىدە ئاشۇنداق رەھىمسىز بولىدىكەن.ئاشۇ قېتىملىق كەلكۈن مۇھەممەد ئاكىنى ئېلىپ كەتمىگەن بولسا، بۈگۈنكىدەك قىزىغا چاقىرىق كەلگەن كۈن نىساخان ئانا ئۈچۈن باش قېتىنچىلىقى بولماستىن بەلكى بىر خوشال كۈن بولغان، نىساخان ئانىمۇ ھازىرقىدەك ئىككىلىنىپ ئولتۇرماستىن خوشاللىق بىلەن قىزىنى ئوقۇشقا يولغا سالغان بولاتتى. ئانىسىنىڭ ئۈن-تۈنسىز ياش تۆكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئايقىز ئانىسنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ:
- ئاپا نىمە بولدى؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟-دەپ سورىدى.
-ياق قىزىم، تۇيۇقسىز دادىڭىز رەھمەتلىك ئېسىمگە كەچتى،دادىڭىز چۆچۈرگە بەك ئامراق ئىدى.رەھمەتلىك بولغان بولسا قىززىغىدا بىرەر ئاپقۇر ئىچىۋالغان بولسا  ناھايتتى خوشال بۇلاتتى. ئۇ كىشى،  خۇدايىم بەندىلىرىڭنى بالا-قازا، ئاغرىق سىلاقتىن ساقلىغايسەن ،-دېدى  نىساخان ئانا كۆز يېشىنى رومىلى بىلەن سۈرۈتكىنىچە .
-بولدى ئاپا، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، دېمىسمۇ دادامنىڭ قەدىرى بەكمۇ ئۆتۈلدى،- دېدى ئايقىزمۇ ئاپىسغا تەسەللى بېرىپ ،-ئەمدى ئارام ئالايلى، ئاپا سىز كىرىپ ياتقاچ تۇرۇڭ، مەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۋېتىپ ئاندىن ئۇخلاي.
-ماقۇل قىزىم، تىزراق بۇلۇڭ ئەمسە ،-دۇئاغا قول كۆتۈرگەندىن كېيىن نىساخان ئانا ئىچكىرگە كىرىپ كەتتى،ئايقىز بولسا بۈگۈنكى خوشاللىقتىن ئاغزى قۇلقىغا يېتىپ، ھاپىلا-شاپىلا قازان-قۇمۇچلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسنىڭ قېشىغا ئورۇنىغا كىردى.ئۇ ھەقىقەتەن خوشال ئىدى، چۈنكى  ناھىيە بازىرغا 70 نەچچە كىلومېتىر كېلدىغان بۇ خىلۋەت يېزىدا يىلدا بىرەر ئىككى دېھقان –چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالايىتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى گۈزەل كۈنلىرى،ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پىلانلىرى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان خىياللارنى سۈردى. ۋە ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتىشىنى تىلەپ خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ئۇخلىدى.
‹‹3››
ئايقىز بۈگۈن سەھەر ئورنىدىن تۇردى.ئانىسنىڭ تەرتىگە سۇ تەييارلاپ،ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈشكە باشلىدى،بىر ھازادىن كېيىن نىساخان ئانا قاپاقنى كۆتۈرگىنىچە باغقا چىقىپ كەتتى ،ئايقىزغا قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ باغقا چىقىپ كەتتى ،ئايقىز ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن مال-چارۋىلارغا ئوت تاشلاپ بېرىپ ئەتىگەنلىك تاماققا تۇتۇش قىلدى،تاماق يىيلىپ بولغاندىن كېيىن نىساخان ئانا ئايقىزغا بىر مۇنچە ئىش تاپىلاپ قوشنا كەنىتتىكى چوڭ ئوغلى سەمەتنىڭ ئۆيىگە قاراپ  يۈرۈپ كەتتى.
ئايقىز قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ  بۇلۇپ ئانىسىنىڭ تاپلىغىنى بۇيىچە ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ پەردە، تام-تۇرۇسلارغا تارتىلغان زەدىۋال، نەچچە كۈندىن بېرى يىغىلىپ قالغان كىر-قاتلارنى پاك-پاكىز يۇيۇپ بۇلۇپ،  چاي ئىچكەش تېلۋۇزۇر كۆرۈۋاتاتتى، بىر چاغدا قانۇن-ۋە پۇقرا پىروگىراممىسىدا بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ،ئەيدىز كېسىىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، مەكتەپتىكى  ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى،ساۋاقداشلىرنىڭ  بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەي ئاخىرى ياتاق بىناسىىنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۈلىۋالغانلىغى  سۆزلىنۋاتاتتى.
ئايقىز تېلۋۇزۇرنى ئۆچۈرۈپ ياستۇققا بېشىنى قۇيۇپ خىيال قىلىشقا باشلىدى.ناۋادا ئالىي مەكتەپكە بېرىپ قالسام مەنمۇ شۇ قىزغا ئوخشاش بۇلۇپ قالارمەنمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۈرۈمچىگە ئۆمرۈمدە بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىغان تۇرسام ،ئاڭلىسام ئۈرۈمچىنى بەك چوڭ شەھەر دەيدۇ،.......ئوھوش، نىملەرنى خىيال قىلىپ كەتتىم مەن،ئۆلۈشكە رازىمەنكى ھەرگىز ئۇ قىزغا ئوخشاش يامان-تۇيۇق يولغا ماڭمايمەن!خۇدا ساقلىسۇن ...
ئايقىز ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى،بۇ ۋاقىتتا چۈش پىشىن بۇلۇپ  قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتىدە يەر جاھان ناھايىتتى قىزىپ كەتكەن ئىدى.
ئايقىز  چۈشلۈك تاماق ئېتىش ئۈچۈن لەغمەنگە خېمىر يۇغۇرۇپ   بۇلۇپ،سەي ئالغىلى باغقا چىقتى، ئۇ غىڭىشىپ ناخشا ئېيىتقاچ تەرخەمەك ئۈزۋاتاتتى،تۇيۇقسىز « ۋايجان!!! »دەپ  ۋارقىرۋەتتى ،بارماق چوڭلىقىدىكى بىر تال يۆگىمەچ قۇرۇت ئۇنىڭ پاچىقىغا چىقىۋالغانىدى .ئۇنىڭغىچە ئايقىزنىڭ يىغلامسىراپ توختىماستىن سەكراۋاتقانلىغىنى كۆرگەن تام قوشنىسى پازىل چىتلاقتىن ئاتلاپ ئۆتكنىچەئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ،-دە:
-نىمە بولدى قىزىم ؟-دەپ سورىدى.
-پازىل دادا، قۇ... قۇرۇت،- دېدى ئۇ پاچىقىنى كۆرسىتىپ. پازىل يوغان قولى بىلەن قۇرۇتنىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇپ ئېلىۋەتتى ،قاراڭ بۇنچە قورقۇپ كەتكەنلىگىڭىزنى  چىرايىڭىز ساغىرىپ كېتىپتۇ ،نىساخچام بارمۇ ئۆيدە؟
-يوق، ئاكامنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ئىدى ،-دېدى ئايقىز تىتىرەپ تۇرۇپ.
- ھە ئۇنداق بولسا يۈرۈڭ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىڭ، ئايگۈل ھەدىڭىز مەيدىڭىزگە سوغوق سۇ پۈركۈپ قويسۇن،بەك قورقۇپ كېتىپسىز ،رەھمەت پازىل دادا ،ئۇ قولىدىكى سەي-كۆكتاتلارنى پىشايۋانغا ئەكىرىپ پازىلنىڭ ئۆيىگە چىقتى.
ئۇنىڭغىچە پازىلمۇ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى.
-ھوي خۇتۇن بۇياققا چىقىڭلا؟
-ھە مانا پازىلاخۇن،ئۇنىڭغىچە پازىلنىڭ ئايالى ئايگۈل چىقىپ:ۋۇي قىزىم نىمانچە ساغىرىپ كەتتىڭىز ؟-دەپ سورىدى.
-بايا سەيلىكتە سەي ئۈزۋاتسام يوغان بىر تال يۆگىمەچ قۇرۇت پاچىقىمغا چىقۋاپتۇ،پازىل دادام بولمىغان بولسا قانداق قىلاتتىمكىن تاڭ، ئەجەپ قورقۇپ كەتتىم .
-ھە مۇنداق دەڭ،- دېدى ئايگۈلمۇ ئۇنىڭ يەنە توختىماستىن تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،-ئايقىز بەك قورقۇپ كېتىپتۇ،مەيدىسىگە مۇزدەك سۇ پۈركۈپ قۇيساقلا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ ، قىزىم قېنى ئۆيگە كىرىڭ نىمە بولدىكىن دەپ مەنمۇ ھەيران قاپتىمەن ...
بىردەمدىن كېيىن ئايقىز قوشنىسى بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتىپ چىقىپ تاماق ئېتىشكە كىرىشتى،ئۇ سەي-كۆكتاتلارنى يۇيۋاتقاچ سائىتىگە قارىدى، ئاپام ئەجەپ كەلمەيدىغۇ ؟ ئۇ ئۆزىگە غودۇڭشۇپ قويدى. بىردەمدىن كېيىن  نىساخان ئانىمۇ ئوغلى سەمەت بىلەن كىرىپ كەلدى، ئايقىز يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاكىسىدىن ئەھۋال سورىدى.
-خۇداغا شۈكرى سىڭلىم، ھەممىسى تىشلىق ،سەنمۇ ياخشى تۇردۇڭمۇ ؟
-ياخشى ئاكا!
-ھە،ئاڭلىسام ساڭا ئۈرۈمچىدىن چاقىرىق كەپتۇ، مۇبارەك بولسۇن سىڭلىم ،قانداق، باردىغان بولدۇڭمۇ؟
-مېنىڭغۇ بارغۇم  بار ئاكا، بىراق ئاپام بارمايسىز دەيدۇ ،ئاكا سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئاپامنى بىر ماقۇل كەلتۈرگىنە؟-ئايقىز ئاكىسغا يالۋۇردى.
-ئەمسە مۇنداق قىلايلى،سەن ئالدى بىلەن تاماقنى تەييار قىل ئاندىن سۆزلىشەيلى.
-ماقۇل ئاكا ،ئايقىز بىردەمدىلا تاماقنى تەييار قىلىپ داستىخانغا ئەكەلدى.
-پاھ! سىڭلىم، قۇلۇڭغا دەرت بەرمىسۇن، نىمانچە ئوخشاتتىڭ بۇ ئاشنى ؟ئالىي مەكتەپكە بارمىغىن ساڭا چوڭ قىلىپ ئاشخانىدىن بىرنى ئېچىپ بېرەيلى ،قانداق دېدىم ئاپا ؟-دېدى سەمەت ئاپىسىغا قاراپ.
-دېمىسمۇ سىڭلىڭ تۆشەككە خېلى پىشتى بالام،بىر نەچچە كۈن بولدى،كۈندە  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسام دەپ يۈرگىلى بۇ ،شۇڭا بۈگۈن سىڭلىڭنىڭ ئىشى توغۇرلۇق مەسلىھەت قىلايلى دەپ سېنى چاقىرغىلى بارغان ئىدىم بالام،-دېدى نىساخان ئانا چاي ئىچكەچ سەمەتكە قاراپ.
-سىڭلىم،ئالىي مەكتەپكە بارساڭ ياخشى ئوقۇيالامسەن؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچى دېگەن يىراق شەھەر ئاپام ئۆزى يالغۇز قالارمۇ ؟مەنغۇ ئىككى ئۈچ كۈندە بىرەر قېتىم كېلىپ ئاپامنى يوقلاپ تۇرارمەن،بىراق كۈندە كېلىپ بولالمايمەن ،يەنە كېلىپ مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق تۇرمۇشۇم بار ،مەنمۇ ساڭائىقتىسات جەھەتتىن كۆپ ياردەم قىلپ بولالمايمەن...
-ئاكا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم،تۇنجى يىلى سەل قىينىلىپ قېلشىمىز مۇمكىن، لېكىن تەتىل مەزگىلدىن پايدىلىنىپ ئاز-تۇلا ئىشلەپ
پۇل تېپىپ ئۆزۈمنىڭ غېمىنى ئۆزۈم قىلمەن، سىلەرگە ئاۋارچىلىق سالمايمەن ئاكا!مەن چوقۇم سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى ئاقلايمەن .
ئالىي مەكتەپكە بارايچۇ ئاكا؟-دېدى ئۇ  كۆز ياشلىرىنى سۈرۈتكىنىچە.
-ئاپا ،قانداق قىلىمىز؟ئۆزۈڭ بىر نەرسە دېگىنە؟
-ئوقۇسائوقۇسۇن،داداڭ رەھمەتلىكنىڭمۇ روھى قورۇلۇپ قالمىسۇن،-دېدى نىساخان ئانا كۆزىگە ياش ئېلىپ،-ئەمسە تىرشىپ ياخشى ئوقۇڭ قىزىم ،ئوقۇش پۇلىنىڭ غېمىنى بىر ئامال قىلارمىز،لېكىن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم سىز مېنىڭ تىكەندەك يالغۇز بىرلا قىزىم ،ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن قالايمىقان ئەسكى-تۈسكى بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قالماڭ،سىزمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭىزباشقا گەپلەرنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ سىز ئوبدان بىلسىز ،‹‹قىز››بالا دېگەن ئۆزىگە پىششىق بۇلشى كېرەك،نەسىھەتىمنى قۇلاقتا چىڭ تۇتۇڭ.
- ماقۇل ئاپا خاتىرجەم بۇلۇڭ،مەن چۇقۇم ئۈمۈدىڭلارنى ئاقلايمەن!!!
ئۇنىڭغىچە ئاكىسى سەمەت:
-سىڭلىم ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىڭ ، مېنىڭمۇ دەيدىغىنىم شۇ ،دادام بولسا تۈگەپ كېتىپ بىزمۇ يېتىم قالدۇق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئاپاممۇ ياشىنىپ قالدى،ئاپامدىن كېيىن قالساڭلا  دادامنىڭ ئورنىدا بېشىڭنى سىلايدىغان ئادەم مەن،  شۇڭا سەن چوقۇم تىرشىپ ياخشى ئوقۇغىن، -دەپ بىر تالاي نەسىھەتلەرنى قىلىغاندىن كېيىن ، ئايقىزغا 500 يۈەن پۇلنى  تۇتقۇزۇپ،- بۇنى ئال،كۆپ بىرەلمەيمەن.ھەراسىت قاچان ماڭىسەن ؟
-ئەتە ماڭىمەن ئاكا.
-ھە ئۇنداق بولسا بوپتۇ ،ئامال بار ئۇزتۇپ قويغىلى كېلىمەن،ناۋادا كېلەلمەي قالسام خۇداغا ئامانەت! سەپىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن،دەپ پىشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قۇيۇپ خوشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى.
نىساخان ئانىمۇ قىزىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بېرىپ ،ئۆز قولى بىلەن ئارزۇلۇق قىزىنىڭ چېچىنى يۇيۇپ تاراپ يىلىم چېپىپ قۇيدى.ئايقىز خۇددى يىراق يەرگە كەلمەسكە كېتىدىغاندەك ئاپىسنى قۇچاقلىغىنىچە تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى.                                                                     
ئەتىسى ئەتىگەندە نىساخان ئانا نامىزىدىن يېنىپ مال چارۋىلارنى بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن
كېيىن،ئايقىز بىلەن  ئېشەك ھارۋىسىغا يۈك تاقلارنى  بېسىپ  يۈرۈپ كەتتى.ئۇلار بىر ئىككى سائەت يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرغا يېتىپ كەلدى.                                       
ئۇلارماشىنا بېكىتىگە كىرشىگە بىر توپ ئوقۇغۇچىلار چامدان سومكىلىرنى سۆرۈشۈپ كىرىپ كەلدى،ئايقىز نەرسە-كېرەكلىرنى ماشىنىغا جايلاشتۇرۇپ بۇلۇپ شوپۇرنىڭ كېلىشنى كۈتۈپ تۇراتتى.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شوپۇرمۇ نەدىندۇر پەيدا بولدى .
نىساخان ئانا ئايقىزنى باغرىغا بېسىپ،ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي كۆز يېشى قىلغىنچە قىزىغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ يولغا سالدى ،ئاپتۇبوس گۈركىرگىنىچە بېكەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.
‹‹4››
مانا ئايقىزنىڭمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ باشلانغانلىقىغا توپتوغرا بىريىل بولدى.ئۇ  بۇ قېتىم يازلىق تەتىل مەزگىلدە  ئۆيىگە تېلفۇن قىلپ ،ئۆزىنىڭ يۇرتدىشى ماھىرە بىلەن بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا  ئىشلەيدىغانلىغىنى ئاپىسغا ئېيتىپ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالدى.
بىر كۈنى ئايقىز  دۇكاندا مال سېتۋاتاتتى،دۇكانغا كېلىشكەن 25ياشلار چاممىسدىكى بىر يىگىت كىرىپ كەلدى.
-ياخشىمۇسىز؟مەن ئەرەنچە كاستوم-بورولكا سېتۋالماقچى ئىدىم؟
-ھە،قېنى كۆرۈڭ،- دېدى ئايقىز ، يىگىت دۇكاننىڭ ئىچىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن
جازىىغا ئېسىلغان كۆمۈش رەڭلىك كاستۇمنى كۆرسۈتۈپ:
- ئاۋۇنى ئالاي قاپقا قاچىلاپ بېرىڭ؟
-ھە بۇلىدۇ ،
-باھاسى قانچە؟-دەپ سورىدى يىگىت ئۇنىڭدىن .
- 1200يۈەن.
-مەڭ،- دېدى يىگىت پۇل قاپچۇقىدىن بىر باغلام پۇلنى ئېلىپ. ئايقىز پۇلنى ساناپ بولغاندىن كېيىن :
-ئاكا سىز كادىرما ؟-دەپ سورىدى يىگىتتىن.
-قانداق دەيسىز؟
-شۇنچە قىممەت كىيىمنى باھاسىنى تالاشمايلا ئالدىڭىز شۇڭا دەيمىنا!
-ياق مەن بىر ئوقۇتقۇچى،- دېدى ئۇ يىگىت ئايقىزغا قاراپ،-كېرەك يوق كىيىم كېيگەندىكىن ياخشىسنى كېيەي دەپ شۇڭا سېتۋالدىم.
-ھە مۇنداق دەڭ،مەن تېخى سىزنى  چوڭ خوجايىنمىكىن دەپتىمەن.
يىگىت  چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئايقىز:«توۋا ئەجەپ پۇلدار ئادەم ئىكەن بۇ،مېنىڭمۇ شۇنداق پۇلۇم بولغان بولسا »دېگىەنلەرنى ئويلاپ  يەردىكى قەغەز سۇلياۋ پارچىلىرنى تېرىۋاتاتتى ئۇنىڭغىچە خوجايىنى كېلىپ:
-ئايقىز،بەك چارچاپ كەتتىڭىز، بۈگۈن دۇكاننى مۇشۇ يەرگىچە ئاچايلى،
ئايقىز خوجايىنىغا دۇكاننىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرنى تاقىشىپ بېرىپ ياتىقىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگەن ھېلقى يىگىت يەنە دۇكانغا كېلىپ ئايقىز بىلەن تۇنۇشۋېلىشنى باھانە قىلىپ بىر قۇر ئىچ كىيىم سېتۋالغاچ ئۇنىڭدىن:
-سىڭلىم سىز نەدىن بۇلسىز ؟-دەپ سورىدى .
-تۇرپاندىن ،-قىسقىغىنە جاۋاب بەردى ئايقىز.
-ھە مۇنداق دەڭ،ئىسمىم ئالىم،سىز بۇ شەھەرگە مۇساپىر ئىكەنسىز ،مەنمۇ شۇ،يۇرتۇم ئاقسۇ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تەقسىماتى بۇيىچە مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن. ،خالىسىڭىز مەن سىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلاي ،مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشايدىغان بىر سىڭلىم بار ئىدى  بۇلتۇر  قاتناش ۋەقەسىدە ئۈلۈپ كەتتى.
،كۆزۈمگە شۇنداق  ئىللىق كۆرۈندىڭىز ،بۇمېنىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇم كەچتە
ئىشتىن چۈشۈپلا ماڭا تېلفۇن قىلىڭ سىزنى ئالغىلى كېلىمەن،-دېدى يىگىت تېلفۇن نۇمۇرى يېزىلغان بىر پارچە قەغەزنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
كەچتە ئايقىز ئىشتىن چۈشۈپلا«تېلفۇن قىلايمۇ قىلمايمۇ ؟ئۇ يىگىت  قارىغاندا ئەسكى ئادەملەردەك قىلمايدۇ،بىر قىلىپ باقايچۇ »دەپ ئۇدۇل تېلفون بوتكىسنىڭ ئالدىغا كېلىپ يىگتكە تېلفۇن قىلدى.
ھايال ئۆتمەيلا  بىر قارا رەڭ ‹‹سانتانا››ماركىلىق پىكاپ كېلىپ ھېلقى يىگىت چۈشۈپ كەلدىدە ئايقىز بىلەن سالاملىشىپ يۈرۈپ كەتتى. ماشىنا شەھەر ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن بىر ئېگىز بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
-كەلدۇق،- دېدى يىگىت ماشىندىن چۈشۋېتىپ،-يۈرۈڭ!
ئۇلار رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسغا كىرىپ  بىر نەچچە خىل قورۇمىلارنى بۇيرۇتتى ، ئۇئىككىسى تاماق يېگەچ پاراڭلىشىپ،خېلىلا چىقىشىپ قالدى.  ئايقىز ئالىمغا  ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىگىنى ،ھەپتە ئارلىغىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى،تەتىل مەزگىللىرى دۇكان سودا-ساراي،تاللا بازارلىردا ئىشلەپ ئاز-تۇلا ئۆزىنىڭ  غېمىنى قىلپ كەلگەنلىگىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.ئۇلار تاماقنى يېيشىپ بۇلۇپ  رېستۇراندىن چىقىپ ،ئالىم ئايقىزنى ياتىقىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قۇيۇپ  خوشلىشىپ  ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
‹‹5››
مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئايقىزنىڭ مۇھەببەتلىك ھاياتى  باشلاندى.ئالىممۇ پات-پات ئايقىز بىلەن ئۇچۇرشىدىغان،كۈندە بىر نەچچە قېتىم يوقلايدىغان ،بىر گە بازار ئايلىندىغان بولدى. ھەتتا بىر نەچچە قۇر كېيىم-كېچەكمۇ ئېلىپ بەردى .ئايقىزمۇ ئالىمنى ياقتۇرۇپ قالدى،پات-پات تېلفۇن قىلىپ تۇردى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن  ئالىم ئايقىزنىڭ قېشىغا يەنە كەلدى،-دە:ئايقىز بۈگۈن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىگىمىزنىڭ بەش يىللىقنى تەبرىكلەش ساۋاغداشلار يىغلىشى بار ئىدى،شۇڭا مەن بىلەن بىرگە بېرىشىپ بېرەمسىز؟-دەپ سورىدى.
-مەن يا ئۇ ساۋاغداشلىرىڭىزنى تۇنۇمىسام، قانداق بۇلا؟ئەڭ ياخشىسى مەن بارماي،ئۆزىڭىز بېرىپ كېلىڭ،-دېدى ئايقىز يەرگە قاراپ.
-تۇنىمىسىڭىز مەن تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىمەن،ئۇلارنىڭ ھەممىسى  دېگۈدەك خىزمەتچى،ھەممىسنىڭ قىز دوسىتلىرى بار،ئۇلار جۈپ-جۈپ بىلەن ئولتۇرسا مەن قاراپ ئولتۇرامدىم؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىز دوستۇمنى باشلاپ بارمەن دەپ قويغان ئىدىم ،بىكا ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالغانچى بۇلۇپ قالماي،  شۇڭا ئاتايەن ئالدىڭىزغا كېلشىم مۇشۇ بىر قېتىم بولسىمۇ مېنىڭ يۈزۈمنى قىلمامسىز؟-دېدى ئالىممۇ گېپىدە چىڭ تۇرۇپ.
-ئەجەپ خىجىل قىلدىڭىز ئادەمنى،بوپتۇ بارسام باراي لېكىن بالدۇرراق  قايتىپ كەتمىسەم  بولمايدۇ،كەچتە ئازراق ئىشىم بار ئىدى.
-ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ،ۋاقتىدا ئەكەپ قۇيىمەن، ئەمسە شۇنداق بولسۇن ،ئىشتىن چۈشۈپلا ماڭا تېلفۇن قىلىڭ ئالغىلى كېلىمەن...
كەچلىكى ئايقىز ئىشتىن چۈشۈپلا ياتىقىغا كېلىپ گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن  ئالىمغا تېلفۇن قىلدى.بىر ھازادىن كېيىن ئالىممۇ يىتىپ كەلدى،ئۇ ئايقىزنى كۆرۈپ:
-پاھ ئەجەپ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىپسىزغۇ؟خۇددى پەرىشتىگە ئوخشاش،تۇنۇمىغىلى تاسلا قاپتىمەن.
-ۋىيەي،مازاق قىلماڭە ئادەمنى،ئازراق گىرىم قىلپ قويدۇم شۇ،-دېدى ئايقىز چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
-چاقچاق قىلىپ قويدۇم،خاپا بولماڭە!
-ماشىنىڭىز قېنى؟پىيادە كەپسىزغۇ؟
-ھە،ماشىنام بۇزلۇپ قېلىپ رېمنۇتخانىدا قالدى،شۇڭا كوچا ئاپتۇبوسىغا ئولتۇرۇپ كېچىكىپراق كىلشىم.
-ھەمۇنداق دەڭ،-دېدى ئايقىز ،يۈرۈڭ ئەمسە ماڭايلى،دوسلۇرۇم ساقلاپ قالمىسۇن.ئالىم بىلەن ئايقىز بىر تاكسىنى توسۇپ يۈرۈپ كەتتى.ئۇلار رېستۇرانغا  كىرگەندە ئالىمنىڭ ساۋاغداشلىرى ئاساسەن كېلىپ بولغان ئىدى. ئۇلار تىنىچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ،بويى ئېگىز كەلگەن  غالىپ ئىسىملىك بىرسى ئالىمغا چاقچاق قىلدى:
-ھە،ئالىم،يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟ ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسدەك؟
ئۇنىڭغىچە ئالىممۇ بوش كەلمەي:
-نەچچەئايلاردىن بېرى قىشلىق ئۇيقۇدا ئىدىم،تېخى يېقىندىلا ئۆچەكتىن چىقىشىم.
ۋەيت...سورۇندا ئەبجەش كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭغىچە قوررۇمىلار كەلتۈرلۈپ ئولتۇرۇش باشلىنىپ ئىچىملىكلەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى،ئالىم ھاراقنى قولىغا ئېلىپ-ئايقىزنى ساۋاغداشلىرغا بىر-بىرلەپ تۇنۇشتۇردى،نۆۋەت ئايقىزغا كەلگەندە:«بۇياق مېنىڭ قىز دوستۇم ئىسمى ئايقىز»دەپ تۇنۇشتۇردى ئالىم ،ئۇنىڭغىچە گۈلنۇر ئىسىملىك ساۋاغدىشى ئالىمغا:
-ئۆزىمۇ ئايدەك چىرايلىق قىزكەن،سىلەرگە كۆز تەگمىسۇن،- دېدى.رومكىلار سۇقۇشتۇرۇلدى، كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى باشقىچە خوشال ئىدى.
مۇزىكا باشلىنىپ ھەممەيلەن سەھنىگە چىقىپ ئويناشقا باشلىدى،ئالىممۇ ئايقىزنىڭ ئىنىچكە يۇمران بەللىرنى تۇتۇپ پىرقىرغىنچە تانسا ئويناۋاتاتتى،مۇزىكا تۈگەپ ئۇلار ئورنىغا قايتىپ كېلىپ  يەنە ئىچىشتى.
ھايىت-ھۇيىت دېگۈچە بىر نەچچە بوتولكىنى قۇرۇغداپ،ئالىم خېلىلا تەڭشىلىپ قالغان ئىدى.
ئۇلار بىر-بىرى بىلەن خوشلىشىپ ئۆز يوللىرىغا كېتىشتى.ئايقىز ئالىمنىڭ بېلىكىگە ئېسىلىپ يۆلەپ دېگۈدەك كېتۋاتاتتى، ئايقىز:
-قاراڭە بەك كۆپ ئىچۋالىدىڭىز  ئەمدى ياتىقىڭىزغا قانداق قايتىسىز؟-دېدى ئالىمنىڭ مەس ھالىتىگە قاراپ.
-كې...كېرەك يوق، سىز يېنىمدا تۇرسىڭىز  نې....نېمىدىن ئەنسىرەيمەن.ھۆ........ئالىم ياندۇرۇشقا باشلىدى.
ئۇلار تاكسىغا چىقىپ بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-ئالىم،مەن قايتاي بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى .
-سىز...سىز مېنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ نە..نەگە كېتسىز مېنى ياتاققا ئەكىرىپ قۇيۇڭ جېنىم  دېدى ئۇ دەلدەڭشىپ ،ئايقىز ئالىمنى يۆلەپ ياتاققا كرىپ كەتتى .ئاقكۆڭۈل ساددا قىز  ئالىمنىڭ     يامان نىيتىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى.
ئالىم ئىشىكتىن كىرىپلا كارىۋاتقائۆزىنى تاشلىدى،ئايقىز ئۇنىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇپ،ئۈستىگە يوتقان يېپىپ قۇيۇپ:
-ئالىم ياخشى ئارام ئېلىڭ،مەن كەتتىم دىيشىگىلا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ:
-راستلا كېتەمسىز؟ مەن سىزنى يا..ياخشى كۆرىمەن ،مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ھۈ..ھۈ...ھۈ...- ئالىم يىغلىغىلى تۇردى،ئايقىز نىممۇ دېيەلىسۇن ،تاشلاپ كېتەي دېسە نىملا دېمگەن بىلەن ئالىم يۈرۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى،ئۇنىڭ تۇزىنى يېدى ئەمەسمۇ؟كەتمەي دېسە تېخى ئايقىزنىڭ بېشى قاتتى،ئاخىرى ئۇ كەتمەس قارارىغا كېلىپ ئالىمغا:
-ئەمسە كەتمەي، لېكىن مېنى بوزەك قىلمايسىز جۇمۇ؟
-خاتىرجەم بۇلۇڭ، بوزەك قىلمايمەن ،-دېدى ئالىممۇ ،ئايقىز چاپىننى سېلىپ ئاسقۇغا ئېسىپ قويغاندىن كېيىن :
–سىز ئۇخلىغاچ تۇرۇڭ مەن تازلىق قىلۋالاي،- دەپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
ئالىم بىر ئاز يېتۋالغاندىن كېيىن كاللىسغا ئاللىقانداق خىياللار كەلدى،ئۇ ئاستا پەم بىلەن تازلىق ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن مارىدى، ئايقىز كىيىملىرنى پۈتۈنلەي سېلۋېتىپ ھەدەپ يۇيۇنۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئاپئاق بەدەنلىرى،تولغان پاقالچاقلىرى،چوقچۇيۇپ تۇرغان ئالمىدەك بىر جۈپ كۆكسى ئالىمنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرنى قوزغاپ بىر خىل شېرىن لەززەت قاينىمىغا سۆرەيتى.ئالىم كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالدى.ئۇ مەسىتلىكىدىن يېشىلگەن بۇلۇپ كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.بايامقى كۆرۈنۈشلەر ئالىمنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالدى.ئۇنىڭ پۈتۈن ئوي خىيالى ئايقىزدا ئىدى.
ئۇنىڭغىچە ئايقىز يۇيۇنۇپ بۇلۇپ بېشىغا لۆڭگىنى يۆگەپ تازلىق ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى.
ئالىم ئۇخلىغان بۇلۇپ يېتىۋالدى،ئايقىز چېچىنى قۇرتۇپ چىراقنى ئۆچۈرۈپ،  يەنە بىر كارۋاتقا چىقىنپ يېتىپ قالدى.ئارىدىن بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن  ئالىم چىراقنى يېقىپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى،بۇ ۋاقىتتا ئايقىز ھېچنىمىدىن بىخەۋەر ھالدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.ئالىم تازلىق ئۆيىدىن چىقىپ ئايقىزغا قاراپ لەۋلىرنى يالاپ قويدى،پاھ!دېدى ئالىم ئىچىدە،ئايقىزنىڭ ئويماقتەك لەۋلىرى،ھەر بىر تىنغاندا كۆكسى بىر خىل رېتىمدا  گاھ كۆتۈرلۈپ،گاھ پەسلەيتى.
ئالىم كۆڭلىدە پۇرسەتنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىگىنى پەملىدى،-دە،ئاستاغىنە ئايقىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى سۆيگىلى تەمشىلۋېدى ،ئويلىمىغان يەردىن ئايقىز چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى،-دە:
-بايا ماڭا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىزغۇ؟مەن سىزنى ھازىرغىچە ھۆرمەتلەپ كەلگەن ئىدىم،بۇ قىلغىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ئەگەر يەنە شۇنداق قىلسىڭىز مەن بۇ يەردىن چىقىپ كېتىمەن ،-دېدى ئايقىز  ئالىمغا چەكچىيىپ ،ئايقىزنىڭ چوڭقۇر ۋەزىنلىك سۆزلىرى ئالىمنى ئامالسىز قالدۇرغان ئىدى.
ئۇ ئاستاغىنە ئورنىغا بېرىپ ياتتى.ئەمما خېلى بىر ۋاقلارغىچە زادىلا ئۇخلىيالمىدى.ئۇنىڭ ئۇخلىيالماسلىغىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ كاللىسغا كىرۋالغان چىگىش خىياللار ئىدى.ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى خىل يول بۇلۇپ،بىرى ئۆزىنىڭ باياتتىنياڭقى قوزغالغان شەھۋانى ھېسلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ تېنىش ئۇيقۇغا كېتىش،يەنە بىرى ئايقىزنىڭ قارىشلىقىغا قارىماي ئۆزىنىڭ ھايۋانى نەپسى ئۈچۈن كۈرەش قىلش ئىدى.ئۇ ئاخىرى بولالماي ئايقىزنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى،-دە، خۇددى سار چۈجىنى قاماللىغاندەك ،ئايقىزنى ئاستىغا بېسۋىلىپ ، يىلنىپ يالۋۇرۇشلىرغا قارىماي تەلۋىلەرچە ئۇيەر-بۇ يەرلىرگە سۆيۈپ كىيىملىرنى تارىتقۇشلاشقا باشلىدى.بىچارە قىز خېلى بىر ۋاقتلارغىچە  تىپىرلاپ قارىشلىق كۆرسەتتى.ئۇنىڭ بۇ قارىشلىقى ئالىمنىڭ قاۋۇل بوي-بەستى ئالدىدا ھېچنېمىگە دال بولالمايتتى.ئالىمنىڭ قولىدىن قارىشلىق قىلىش ئارقىلىق قېچىپ قۇتلۇشقا كۆزى يەتمىگەن ئايقىز  بار كۈچى بىلەن ئاۋازىنى قۇيۋېتىپ  ۋارقىرماقچى بولۋېدى ،ئالىم بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ  ئاغزىنى تۇتۋالدى. قىز بالا دېگەن ھامان ئاجىز دە،شۇ دەقىقىدە چىدىغۇسىز  بىر ئاغرىق ئۇنىڭ مېڭىسىگە چىقتى ،دە-ئاپا! دەپ قاتتىق چىرقىرغىنىچە ھوشىدىن كەتتى..
6
ئەتىسى ئايقىز ئويغۇنۇپ  پۇت-قوللىرنىڭ قاتتىق ئاغىرۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئورنىدىن تۇرماقچى بۇلۇپ ئۈستىدىكى يوتقاننى قايرىغىنىچە  ھاڭ-تاڭ قالدى.ئاپئاق كىرلىكنىڭ ئۈستىدە ئالقانچىلىك چوڭلۇقتا قىپقىزىل قان تۇراتتى.
ئاھ خۇدا ! بۇ نېمە قىسمەت ئۇ ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلاپ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى. ئالىم قىلغۇلۇقنى قىلىپ بۇلۇپ ئاللىقاچان قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ ياتاقتىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئايقىز تازلىق ئۆيىگە كىرىپ پۇخادىن چىققىچە يۇينىۋالغاندىن كېيىن  كيىملىرنى كىيىپ ئېغىرلاشقان قەدەملىرنى سۆرىگىنىچە  مېھمانخانىدىن ئايرىلدى.
شۇ ئىشتىن كېيىن ئايقىز قاتتىق خۇرسىنىپ ئىشلىەۋاتقان يېرىگە كېلىپ ئىش ھەققىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.ئۇ مەكتىپىگە كېلىپ  يىغلاپ دېگۈدەك بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدى.مانا تەتىلمۇ تۇشۇپ دەرىسلەر باشلىنىپ كەتتى.
بىر كۈنى ئايقىزنىڭ تەنتەربىيە دەرسىدە قۇرسىقى ئاغرىپ ھۆ بۇلۇپ يىقىلپ قالدى .ساۋاغداشلىرى ئۇنى يۆلەپ ياتاققا ئەكىرىپ،دورا يېگۈزۈپ،قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ باققان بولسىمۇ ھېچ ئۈنۈمى بولمايۋاتاتتى...ئۇنىڭ چىرايى بارغانچەسارغىيىپ بىر تىرە بىر ئۇستۇخان بۇلۇپ قالغان ئىدى.سىنىپ مەسئۇلى بۇنى كۆرۈپ ئائىلىسىگە قايتىپ داۋالىنىپ كېلىشىگە بىر ھەپتە رۇخسەت بەردى.
لېكىن ئايقىز  ئۆيىگە قانداقمۇ بارالىسۇن؟ ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى دوختۇرخانىغا  بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى قارار قىلپ كيىملىرنى ئالماشتۇرۇپ ياتاق بىناسىدىن چىقتىدە ئۇدۇل دوختۇرخانىغا قاراپ  يۈرۈپ كەتتى.ئۇ دەككە-دۈككە ئىچىدە  ئاياللار بۆلىمىگە كىرىپ ئۆزىنى تەكشۈرتتى.كۆزىگە ئەينەك تاقىۋالغان،تۇرقۇدىن ئىللىقلىقى چىقىپ تۇردىغان 50ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئايال دوختۇر ئۇنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇلايىملىق بىلەن:
-قىزىم بۇيىڭىزدا بار ئىكەن،مۇبارەك بولسۇن!-دېدى.
-نېمە؟ئايقىزنىڭ بېشىغا بىر چېلەك سۇ قويغاندەك ئەندىكىپ كەتتى،كۆزىدىن تارام-تارام ياشلار قۇيۇلدى،دوختۇر يەنە سورىدى:
- قىزىم نېمىگە يىغلايسىز ؟
-مەن ...مەن ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن.......دېدى ئايقىز .
-نېمە!ئوقۇغۇچى؟دوختۇر ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالدى.
ئايقىز ئۇ دوختۇرغا بېشىدىن ئۆتكەنلىرنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ بەردى .ئۇنىڭغىچە گىرىمنى بۇلشىغا قىلغان،چېچى ساپسېرىق يەنە بىر دوختۇر ئايال چالۋاقاپلا كەتتى:
-ھازىرقى بەزى قىزلارغا نېمە بولدىكىن تاڭ؟ئوغۇللار  بىرەر تەخسە داپەنجى ،بىرەر قازان خوگوياكى قىممەت باھالىق بىرەر قۇر كېيىم-كېچەك  ئېلىپ بەرسە  ئۆزىنى ئاتىدىغانلا بولدى، دېسكوخانا،تانسىخانىلارغا كىرسە نۇمۇس قىلماي ئوغۇللاربىلەن رومكا سۇقۇشتۇرۇپ ئىچىپ كېتىشلىرى، ئوغۇللارنىڭ قۇچىقىغا چىقۋېلىپ  ئەركىلەپ بوينىلىرغا گىرە سېلىپ ئىرماش-چىرماش بۇلۇپ كېتىشلىرچۇ تېخى؟ ئادەمنىڭ قوۋرۇغىسىنى ئېگىپ. ئوغۇللار دېگەن لاتا قاس-قاسلارمۇ بىچارە  قىزلارنى نابۇت قىلپ ئاقىۋېتىگە ئىگە بولماي ،ئىككى –ئۈچ تەڭگە پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ  قۇدۇققا چۈشكەن پاقىدەك جىممىدە يوقاپ كېتىشىلىرى.شۇ ئارىدا ھېلقى دوختۇر گەپنى بۆلۈپ:
-قىزىم،سىز ئەڭ ياخشىسى بالىڭىزنىڭ دادىسنى تېپىپ ھامىلىنى ئالغۇزۋېتىڭ ،بولمىسا ئەتە-ئۆگۈن چوڭۇيۇپ كەتسە تەسكە توختايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئوقۇغۇچى ئىكەنسىز ئۆزىڭىزگە تەسىرى ياخشى بولمايدۇ،-دېدى.
ئايقىز دوختۇرخانىدىن ناھايتى چۈشكۈن ھالەتتە چىقىپ  دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە  ئالمنى   ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇ كېتۋاتقاچ ئويلىناتتى .ھېلقى ۋات-ۋات دوختۇرنىڭ دېگەن گەپ-سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى.
مانا ئايقىز ئالىمنى توپتوغرا ئۈچ كۈن ئىزدىدى. قايسى مەكتەپكە بارسا  ئېرىشكەن جاۋابى:  ‹‹كەچۈرسىز،بۇ مەكتەپتە قارا سانتانا ماركىلىق ماشىنىسى بار ئالىم ئىسىمىلىك ئوقۇتقۇچى يوق»دېگەن سۆز بولدى ،ئالىمغا تېلفۇن قىلۋېدى قارشى تەرەپتىن يەنە ‹‹كەچۈرۈڭ، سىز چاقىرغان بۇ نۇمۇر ئىشلىتىلمىگەن»دېدى.ئايقىز تېلفۇنىنى يەرگە كۈچەپ ئاتتىدە پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.
ئەتىسى قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق  ئۆمرىدە ئاتا-ئانىسغا يالغان ئېيتىپ باقمىغان ئايقىز ئۆيىگە تېلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقا بىر ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا  پىراكتىكا قىلۋاتقانلىغىنى ،بۇ جەرياندا تۇرمۇشتىن قىينىلۋاتقانلىغىنى ئاپىسغا ئېيتىپ 1000يۈەن پۇل سېلىپ بېرىشقا كۆندۈردى.
ئانا نېمدېگەن ياخشى، نېمدېگەن كۆيۈمچان ئۇلۇغ زات ھە!!!ھەر قانداق ئانا پەرزەنتى ئۈچۈن ھېلغۇ پۇل ئىكەن، يۈرەك باغرىنى سۇغۇرۇپ بېرىشتىنمۇ يانمايدۇ
ئايقىز ئاپىسى سېلىپ بەرگەن پۇلنى كارتىدىن ئېلىپ دوختۇرخانىغا كېلىپ قورسىقىدىكى بالىنى ئالغۇزدى. تېخى جان كىرمىگەن بوۋاق ئەخلەت چېلىكىگە تاشلېۋېتىلدى.ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە بەكمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ھېچكىم بىلەن ئارلاشمايتتى،ياتاقداشلىرى بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ ئانچە-مۇنچە بىرگە تاماققا چىقىپ ،بازار ئايلىنىپ قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئوخشاش ئىدى.
ئۇ بەزىدە ساۋاغداشلىرغا:«ماڭا بۇنچە كۆيۈنۈپ نېمە قىلسىلەر؟ مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەلىدىم؟مېنى بۇنداق ئارىغا ئېلىپ كەتكۈدەك مەن كىمتىم؟»دېمەكچىمۇ بۇلاتتىيۇ يەنىلا  دېمەكچى بولغان گەپلىرنى ئىچىىگە يۈتىۋىتەتتى.بەزىدە يالغۇز  تەنھەركەت مەيدانىنى ئايلانغاچ ئۆزىنى ئەيىپلەپ:«مەن بىر ئىپپىتىدىن ئايرىلغان بۇزۇق قىز، تار كوچىلاردىكى كىچىك توخۇ كاتىكىدەك ئۆيگە كىرۋېلىپ،  سىرىتتىن كېتۋاتقانلارنى چاقىرىپ تۆت تەڭگە پۇلغا  ئۆزىنىڭ تېنىنى تېگىشۋاتقان‹جالاپ›تىن پەرقىممۇ يوق، ئەمدى مەن تۈگەشتىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم قانداق بۇلۇپ كېتەر؟رەھمەتلىك دادامنىڭ،مېھىربان ئانامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن ،خەپ ئالىم،سەن مېنىڭ ھاياتىمنى نابۇت قىلدىڭ ، خۇدايىم جاجاڭنى بېرەر ھۇ ھايۋان»دەپ تىللايىتتى.ھەتتا بىر نەچچە قېتىم  ئۆلىۋېلىشنىمۇ ئويلىغان بۇلۇپ بىراق ئاشۇ مېھرىبان، كۆيۈمچان ئاپىسى ئېسىگە كېلىپ بۇ  نىيتىدىن ياناتتى.
كۈنلەر خۇددى ئېقىن سۇدەك تېز ئۆتمەكتە ئىدى.توققۇز خۇتۇننىڭ تولغىقى تەڭ تۇتقاندەك مۇشۇ كۈنلەردەئۇ  ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى.چۈنكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈدىغان يىل بولغاچقا،بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىنتاھانىغا تەييارلىق قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن،ساۋاغداشلار خاتىرسى  ،دېكراتسىيە يېزىش قاتارلىق ئىشلار ئۇنى ئالدىغا سېلۋالغان ئىدى.
مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئايقىزمۇ ئوقۇشنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتىش ئالدىدا  تۇراتتى .
بۈگۈن شەنبە ئۇ  چۈشتىن بۇرۇن جەنۇبىي شەھەر ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىگە كېلىپ، ئالدى بىلەن يۇرتىغا قاتنايدىغان ماشىنىنىڭ بېلىتىنى سېتۋالدى.ئاندىن كېيىن  بازار ئايلىنىپ ئۇششاق –چۈششەك  نەرسە سېتۋالغاچ ،ئەينى چاغدىكى ئالىم بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ،خىزمەت ئورنى، رېستۇران،مېھمانخانا،دوختۇرخانا قاتارلىق يەرلەرگە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قاباھەتلىك كۈنلىرنى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ چىقتى.چۈشتىن كېيىن مەكتىپىگە كېلىپ نەرسە كېرەكلىرنى يۇغۇشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى ساۋاغداشلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كۆزى قىيمىغان ھالدا چىقىپ ئۇدۇل بېكەتكە كەلدى.بۇ ۋاقىتتا ئاپتۇبۇس ئاساسەن تۇشۇپ بولغان بۇلۇپ يولۇچىلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى.ئايقىز  ئورنىغا جايلىشىپ بولۇپ ئون مىنۇتلاردىن كېيىن ماشىنا ئاستا قوزغالدى، كۆككە تاقاشقان ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنا-ئىمارەتلەر ،قەدىردان ئانا مەكتەپ ...شېرىن چۈشتەك بارا-بارا ئارقىدا قالدى .ئۇئۆز-ئۆزىگە خەيىر-خوش مېنىڭ ياشلىق ھاياتىم خازان بولغان ‹‹گۈزەل››ئۈرۈمچى دەپ ئۈنسىز پىچىرلاپ قويدى.。.....
(7)
ئىخلاسمەن  ئوقۇرمەنلەر ، ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئادەمنىڭ ياشلىق ھاياتىدىكى تۇنجى مۇھەببەت ئۇنتۇلمىغاندەك ئايقىزنىڭمۇ مەسۇم  قەلبىگە چۈشكەن بۇ ھەسرەتلىك داغ  تېخى ئۇنتۇلمىغان ئىدى.ئەمدى ئۇنى يۇرتىدا قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋالاركىن،قېنى قاراپ باقايلى!
ئايقىز يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.كۈنلەر-كۈنلەرنى قوغلۇشۇپ،ئايلار-ئايلارنى قوغۇلۇشۇپ ئۆتمەكتە ئىدى.ئۇنى بىر تەرەپتىن خىزمەت تېپىش بېسىمى قىينىسا يەنەبىر تەرەپتىن كەلگۈسى تۇرمۇش قۇرۇش جەھەتتىكى ئەندىشىسى ئۇنى قىينايتتى.دېمىسمۇ ئۇ كېينچە تۇرمۇشلۇق بولماي قانداقمۇ يۈرەلىسۇن؟
ۋاقىت مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئالتۇن كۈز پەسلى بىلەن خوشلۇشۇپ زىمىستان قىشمۇ يېتىپ كەلدى .ئۇ ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆز ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ۋاقىتلىق دۇرىگەر بۇلۇپ ئىشقا چۈشتى.
ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن خىزمەت بېسىمى،يەنە بىر تەرەپتىن دوختۇرخانا بىلەن ئۆينىڭ  ئارلىقى يىراق بۇلۇش سەۋەبىدىن، ۋېلسىپىت بىلەن ھەر كۈنى يەتتە-سەككىز كىلومېتىر يولنى بېسىپ بېرىپ-كېلىش جەريانىدا  خېلى جۈدەپ قالغان ئىدى.
ئۇ تۇنجى قېتىم 650يۈەن ئىش ھەققىنى قۇلىغا ئېلىپ ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى .ۋە ئۆز-ئۆزىگە ھەممىسى مۇشۇ پۇلنىڭ كاساپىتى ئەمەسمۇ؟ئەگەر مېنىڭ ئائىلەممۇ باي-باياشاد بولغان بولسا،مەن مۇشۇ قىسمەتلەرگە دۇچار بولماس بولغۇيتۇم دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.
ئۇ يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن بولغاچقا دوختۇرخانىدىكى ھەممە ئىشلار ئۇنىڭغا يېڭىچە بىلىنەتتى.ئايقىز بوش ۋاقىت تاپسىا دوختۇرخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭمۇ سېلىشىپ قۇياتتى.ئۇ گەرچە ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ،ئائىلىسىنىڭ بەزى بىر ئۇششاق-چۈششەك چىقىملىرنى ئۈستىگە ئالمىسا بولمايتتى،لېكىن ئۇنىڭ ئازغىنە ئىش ھەققى ئائىلىسىنىڭ چىقىملىرى ۋە ئۆزىنىڭ چىقىملىرغا قانداقمۇ يەتسۇن؟ئەمىليەتتە ئۇ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۈستىگە ئالمىسا بولمايدۇ،دە دېمىسمۇ ئاشۇ كۆيۈمچان ئاپىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك جاپالارنى تارتمىدى ھە!
بۈگۈنمۇ ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۆز ئىشى بىلەن مەشخۇل بۇلۋاتاتتى،تۇيۇقسىز  دورىخانا باشلىقى ئاسىيە كىرىپ:
-ئايقىز، سىزنى ھامۇت يۈەنجاڭ ئىشخانامغا كىرسۇن دەيدۇ ،-دېگىنىچە چىقىپ كەتتى.
ئۇ قىلۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ قۇيۇپ يۈەنجاڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى .ئۇ ئىشخانىغا ماڭغاچ ،يۈەنجاڭ مېنى نېمىگە چاقىرغاندۇ؟ئەمدى بۇ ئىشتىنمۇ ئايرىلىپ قالىمەنمۇ نېمە؟دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
ئۇ ئاستاغىنە ئشىكنى چەكتى،ئىشىخانا ئىچىدىن دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ناھايتتى
ئاندا-ساندا كۆرۈلىدىغان بىر خىل يېقىملىق تەلەپپۇزدا ئېيتىلغان«كىرىڭ» دېگەن سۆزى ئاڭلاندى.ئايقىزئىشخانىغاكىردى ۋە تارتىنىپراق دوختۇرخانا باشلىقىغا:«مېنى چارقىرتىپتىكەنلا »دېدى.ۋە بايام ئىشخانىغا كىرگىچە ئويلىغان يۈەنجاڭ مېنى ئىشتىن بوشتىۋېتەرمۇ دېگەن ئويىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى ھېس قىلغاندەك بولدى.
-شۇنداق سىڭلىم،- دېدى يۈنجاڭ كۈلۈمسىرەپ،-قېنى ئولتۇرۇڭ .
ئايقىز ئەدەپ بىلەن ئۇرۇندۇققا  كېلىپ ئولتۇردى.
-سىزنى چاقىرىتشىمدىكى سەۋەپ،مەن دورىخانا باشلىقىدىن سىزنىڭ ئائىلە قىيىنچىلقىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدىم.سىز دوختۇرخانىغا كەلگەندىن بۇيان تىرشىپ ئىشلەۋاتسىز.دوختۇرخانا رەھبەرلىرى  مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق سىزنىڭ بۇ  قىيىنچىلقىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ،بۇئايدىن باشلاپ ئىش ھەققىڭىزگە يەنە200يۈەن قۇشۇپ بېرىشنى قارار قىلدۇق.
بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىيىنچىلغىڭىز بولسا تارتىنماي ماڭا ئېيتىڭ،ھەم  تېخىمۇ  تىرىشىپ ياخشى ئىشلەڭ،- دېدى.
-بۇلىدۇ يۈنجاڭ رەھمەت سېلىگە ،ئەمسە مەن چىقاي ،خوش، دېگىنىچە خوشال ھالدا ئىشخانىدىن چقىپ كەتتى.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن  ئىش ھەققى تارقىتىلىپ،دوختۇرخانا باشلىقى دېگەندەك  ئايقىزنىڭ ئىش ھەققىگە  راستىنلا پۇل قۇشۇلغان ئىدى.
بىركۈنى ئىشتىن چۈشىدىغانغا يېقىن  دوختۇرخانىغا دورا كەلگەن بۇلۇپ ئايقىز بىلەن خىزمەتدېشى دىلبەر  يەشىكتىن  دورىلارنى چىقىرىپ پوكەيگە تېزۋاتاتتى.
شۇ ئارىدا دىلبەر  چاي ئىچكەچ سائىتىگە  قاراپ ئايقىزغا:
-سىڭلىم دورىمۇ ئاز قالدى،كەچتە قاتار چېيىم بار ئىدى، شۇ ڭا خاپا بولماي قالغان دورىلارنى سىز تىزىۋەتكەن بولسىڭىز،مەن ئۆيگە بېرىپ تەييارلىق قىلۋالغان بولسام،-دېدى.
-ماقۇل دىلبەر ئاچا، سىز خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭ .
-سىزگە كۆپ رەھمەت،ئەمسە مەن ماڭدىم،خوش!
دىلبەر ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ خوشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا باشقا خىزمەتچىلەر ئاللىقاچان ئىشتىن چۈشۈپ بولغان بۇلۇپ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى،ئايقىز ئەستايىدىللىق بىلەن سائىتىگە قاراپمۇ قويماي ئىشلەۋاتاتتى.
بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭغا  ھاردۇق يەتتى بولغاي،ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇھ دەپ قۇيۇپ سائىتىگە قارىدى.سائەت ئالاھەزەل 7 دىن ئاشقان بۇلۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى.ئۇ ئۆيىگە ئالدىرغىنىچە  خالاتلىرنى سېلىپ ئاسقۇغا ئېسىپ قويغاندىن كېيىن دورىخانا ئىشىكنى ئېتىپ تۇرۋېدى،سىرىتتن دوختۇرخانا باشلىغى كىرىپ كەلدى.
-چارچىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى دوختۇرخانا باشلىقى.
-ياقەي ئانچە ئەمەس،- دېدى ئايقىزمۇ كۈلۈمسىرگىنىچە دوختۇرخانا باشلىقىغا قاراپ.
-ھە شۇنداقمۇ؟مەن ئىشخانامدا ئەتىكى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتىريالىمنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن،شۇنى ئالغىلى كەلگەن ئىدىم ،سىزئۆيىڭىزگە قايىتمىدىڭىزمۇ؟
-ئەمدى ماڭدىم،- دېدى ئايقىز.
-ھە شۇنداقمۇ؟ بۇ كەچتە ئۆيگە قايىتتىم دەپ ئادەمنى ئەنسىرەتمەي بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئايالىم بىلەن غىزالىنىپ ھال-مۇڭ بولغاچ  قۇنۇپ قېلىڭ .يەنە ئەتە ئەتىگەن ئىشقا كېلدىغان گەپ ئەمەسمۇ؟
ئايقىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ۋە دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان غەمخورلىقى خىيالىدىن يالىت-يۇلىت قىلىپ كېچىپ ئۆتتى.ئەمما ئۇ ئۆز تۇيغۇسىدا يەنىلا ئۆيىگە قايىتمىسا بولمايدىغاندەك كۆڭلىدە بىر خىل شۇملۇقنى سەزگەندەك قىلاتتى.شۇ ئەسنادا ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېتەي دېسە ، بىر تەرەپتىن دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ  رەنجىپ قېلشىدىن ئەنسىرسە،يەنە بىر تەرەپتىن ، ئالدىنقى قېتىم ئۆيىگە قايتاشىدا يول بويىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ ئۇستامنىڭ توڭگۇزدەك يوغان بىر ئىتى ئۆزىنى چىشلىۋالغىلى تاس قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالاتتى.
-ئايقىز؟نېمىنى خىيال قىلۋاتسىز؟بولدى ئىككىلەنمەڭ، بىزمۇ ئۆز ئادەم بۇلۇپ قالدۇق ئەمەسمۇ؟شۇنچە تۈزۈت قىلش كېتەمدۇ؟بولدى مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ئىشخانامغا چىقىپ ماتىريالىمنى ئېلىپ چۈشەي.
دوختۇرخانا باشلىقى ئېغىر قەدەملىرنى سۆرىگىنىچە قولىدا بىر سومكىنى كۆتۈرگەن پېتى ،قېنى يۈرۈڭ ماڭايلى !
ئايقىز نائىلاج ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماشىنىغا چىقتى.
ماشىنا ئىچىنى بىر خىل مەسىتخۇش ئەتتىرنىڭ ھىدى قاپلىغان بۇلۇپ،   ماشىنا سىلىققىنە قوزغىلشى  بىلەن تەڭلا ئۈنئالغۇدىن  يېقىملىق ناخشا ياڭراشقا باشلىدى.
ماشىنا مەلۇم ۋاقىت ماڭغاندىن كېيىن چوڭ كوچا دوقمۇشىدىن سولغا قايرىلىپلا بىر ئائىلىلىكلەر  ئولتۇراق رايۇنى ئىچىدىكى بىر بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
كەلدۇق.دېدى دوختۇرخانا باشلىقى .
ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ بىنا نىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مۇشۇ ئۆي شۇ  قېنى كىرىڭ .
ئايقىز تارتىنغان ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى .تارتىنماي ئازادە ئولتۇرۇڭ،ئايالىمنىڭ كېلدىغان ۋاقتى بولدى،ئۇ كەلگىچە چاي ئىچكەچ ئولتۇرايلى ،قېنى مېۋە-چىۋىلەردىن ئالغاچ ئولتۇرۇڭ،مەن چاي دەملەپ چىقاي.
ئايقىز كىرىسلودا ئولتۇرۇپ ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرغىچە تەپسىلىي سەپسېلىپ چىقتى،ۋە كۆڭلىدە پاھ!نېمىدىگەن ئېسىل بېزەلگەن ئۆي ھە!كەلگۈسىدە مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۆيۈم بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە دېگەنلەرنى ئويلىدى.ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،ئادەتتە كىشىگە سىر بەرمەيدىغان كىشلەرگە كۈلكىسىنى ئانچە كۆرسۈتۈپ كەتمەيدىغان بۇ دوختۇرخانا باشلىقى چىشلىرنى ھىڭگايىتقىنىچە ،ئىككى پىيالە چاي ۋەبىر  تال چەينەك قۇيۇلغان پەتنۇسنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ،ۋە ئايقىزغاقاراپ :
-بۇ ئالدىنقى يىلى ئىچكىرى ئۆلكىگە ئېكىسكۇرسىيەگە بارغاندا ئېلىپ كەلگەن ئالاھىدە چاي ئىدى،قېنى تېتىپ بېقىڭ،دېدى.
ئۇلار چاي ئىچكەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى،شۇ ئارىدا ئايقىز :
-يۈنجاڭ ئاياللىرى كەلمەيدىغۇ ؟دەپ سوراپ قالدى.توساتتىن سورالغان بۇ سۇئالدىن ئۇ بىر ئاز ھودۇققان بۇلۇپ،دۇدۇقلىغان ھالدا:
ئە...ئەسلىدە ئايالىمنىڭ كېلدىغان ۋاقتى بۇلۇپ قالغان ئىدى،بەلكىم ئىدارىسىدە ئىشى چىقىپ قالغان بولسا كېرەك,
،ھېلىغىچە كېلىپ قالار ئاندىن ئىككىڭلار قولموقول تاماق ئەتمەمسىلەر ؟دېدى يۈنجاڭ ئايقىزنىڭ پىيالىسىگە لىقلاپ چاي قۇيغاچ،قېنى تارتىنماي ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدەك ئولتۇرۇڭ،مۇنۇ مىۋىلەرگە ئېغىز تېگىڭ، ھەراسىت  بايا ئاشخانانىغا كىرىپ چاي قايناتقاچ قاراپ باقسام سەي- كۆكتاتلارمۇ تۈگەپ قاپتۇ
،شەھەر دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدىكەن ،كۈندىلىك سەي-كۆكتاتلارنى
كۈندە سېتۋېلىپ يەيمىز،سىز تېلۋۇزۇر كۆرگەچ ئولتۇرۇڭ،مەن چىقىپ سەي ئەكىرەي ھېلى ھەدىڭىز   كېلىپ بولغىچە پەستىكى كۆكتات دۇكىننى  تاقاپ بولمىسۇن يەنە ،كەچۈرۈڭ سىزنى يالغۇز قۇيدىغان بولدۇم.
ھېچقىسى يوق سىلەرنىمۇ بەك ئاۋارە قىلۋەتتىم،دېدى ئايقىز يۈزلىرى قىزارغان ھالدا،دوختۇرخانا باشلىقى ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.
ئايقىز  بايا تارتىنىپ قالغان بولسا كېرەك ،ئىستاكاندىكى چاينى گۈپۈلدەپ ئىچىۋەتتى.
ئۇ بۇ ئۆيگە ئۆزىنىڭ  مەقسەتلىك باشلاپ كېلىنگەنلىگىنى ،دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن ئايالىنىڭ ئاللىقاچان ئاجىرشىپ كەتكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى.
ئايقىز بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن قۇلقىغا نە تېلۋۇزۇرنىڭ ئاۋازى كىرمەيتتى. ھە دېسىلا   ئەسنەك تۇتۇپ، كۆزلىرنى ئۇۋلاپ كىرىسلوغا يۆلەنگىنىچە شىرىن ئۇيقۇغا كەتتى.
ئەتىسى ئۇ كۆزىنى ئاچقىنىدا دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن ئانىدىن تۇغما ھالەتتە بىر يوتقاندا ياتقانلىغىنى بىلىپ ھۇ ھايۋان دېگىنىچە دوختۇرخانا
باشلىقنىڭ يۈزىگە بىر كاچات سېلىپ يىغلىغان پېتى كىيملىرنى كىيىپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.
‹‹‹‹ ئۇ ئۆيىگە كېلىپ ئانىسنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرغا ياردەملىشۋاتقىنغىمۇ مانا ئىككى ئايدىن
ئاشتى،ئۇ بۇ جەريانىدا ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرمايتتى.ئانىسى پات-پاتلا ئۇنىڭدىن :-
قىزىم سى‍زگە نىمە بولدى؟يا ئىچىڭىزدىكىنى ئېيىتمايسىز؟كۈندە مۇشۇنداق يىغلاپلا ئۆتەمسىز ؟دەپ سورايتتى. بۇ ۋاقىتتا ئانىنىڭ بۇ سۇئالى ھەمىشە جاۋاپسىز قالاتتى.
كۈنلەر مۇشۇ  تەرىقىدە ئۆتىۋەردى.
ئۇ يەنە ئالتۇن كۈز پەسلىنى كۈتىۋالدى.بۇ ۋاقىتلار كۈزلۈك يىغىمنىڭ  تازائالدىراش پەيتى بۇلۇپ، بىر كۈنى ئايقىز ئاپىسى بىلەن ئۆيدە تاماق يەۋەتاتتى،تۇيۇقسىز ئشىكتىن يۇقارقى كەنىتنىڭ سېكىرتارى قاۋۇل شۇجى بىر نەچچە ئەر ئاياللارنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى.ئۇلارغا داستىخان سېلىنىپ تاماققا داخىل بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز مەقسىتىنى ئېيتىشتى.
ئەسلىدە ئۇلار قاۋۇل شۇجىنىڭ ئىنىسى، ھەسەن تېرىنىڭ ئوغلى :رۇستەمگە ئايقىزنى سوراپ كەلگەن ئىدى.
ئۇلار گەپ ئارلىقىدا  مۇھەممەت ئاكىمۇ تۈگەپ كەتكىلى بىر نەچچە يىللار بولدى،ئايقىزمۇ بۇيىغا يېتىپ چوپ-چوڭلا بۇلۇپ قاپتۇ،بىز نىڭ رۇستەممۇ تىجارەتكە خېلى پىشىپ قالدى،شۇڭا بۇلارنىڭ بېشىنى قۇشۇپ قويساق دېگەن ئۈمۈتتە ئالدىلىرغا كېلۋېدۇق نىساخان ئاچا.دەپ قىستۇرۇپ قويدى ،  قاۋۇل شۇجى
تۇيۇقسىز دېيىلگەن بۇ گەپتىن نىساخان ئانا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن،ئەس-ھۇشىنى يىغىپ:
كەلگىنىڭلارغۇ ياخشى بوپتۇ، كونىلارنىڭ قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە دەيدىغان بىر ئېغىز گېپى بار،قىزىمىزنى يىراق يەرگە ياتلىق قىلساقمۇ قىلىمىز،سىلەرنىڭ مەھەللە بىلەن بۇ مەھەللىنىڭ ئارلىقىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس،بالىلار كۆرۈشۈپ بىر-بىرىنى مۇۋاپپىق كۆرسە،مېنىڭمۇ ئارتۇقچە پىكىرىم يوق،ئەمما ھازىر كۈزلۈك يىغىم ۋاقتى بولغاچقا ھەممە ئۆيدە ئالدىرىشچىلىق بۇلۇپ كېتىدىغان گەپكەن،شۇڭا بىزمۇ يىغىم ئاخىرلاشقىچە مەنمۇ قىزىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋابىنى بەرسەم،دېدى نىساخان ئانا.
شۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئەلچىلەرمۇ  تاغدىن-باغدىن بىر ھازا پاراڭلاشقاندىن كېيىن،ئەلياتقۇ ۋاقتى بىلەن ئۆيلىرگە قايتىشتى .
ئايقىزمۇ چىنە-قاچىلارنى يىغىشتۇرۇغاندىن كېيىن ھۇجۇرسىغا كىرىپ ،ئاخىرنى چىقىرىپ بولمايدىغان خىياللارغا پاتقىنىچە ئۇخلاپ قالدى.
ئايقىز قىزىنى يىتلىۋالغان ،يولدىشى ئوغلىنى كۆتۈرۋالغان بۇلۇپ كۆرۈنۈشتىنلا ئۇلارنىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك ئىكەنلىگى ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.ھەممە ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراشماقتا ،ئۇلار دۇكان-سارايلارنى ئايلانغاندىن كېيىن،بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ كۆرىكى بولغان ياپ-يېشىللىققا پۈركەنگە، ھەر يەر-ھەريەرلەردىن ساياھەتچىلەر نىڭ ئايىغى ئۈزلمەيدىغان ،سېھىرلىك باغچىغا كەلدى.
ئۇلارنڭ ئۇيۇن تاماشىسى،كۈلكىسى،جاھاننى زىل-زىلگە سالاتتى،ئۇلار كاتىرلارغا چىقىپ،باغچا كۆلىدە ماتۇرۇسلاردەك،ئايلىنىپ ئوينىماقتا ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئوماق باللىرى باغچا يوللىردا قىن-قىنىغا پاتماي يۈگۈرشەتىتى،ئاخىرى ئۇلارغا ھاردۇق يەتتى بولغاي باغچىنىڭ ئەڭ مەنزىرلىڭ يېرىگە بېرىپ،چىمىلىق ئۈستىدە  بىر بىرگە تويماي قارىشىپ ئولتۇرماقتا.بالىلارنىڭ كۈلكىسى ،ئايقىزغا بىر ئائىلىنىڭكى ئىناقلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى.
ئۇلار بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن باغچا دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
بالىلار شۇنداق ئەركىن ،خۇددى كىيىكتەك سەكىرشىپ بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ،مېڭىشقان،ئۇلار ئىككىسى بولسا بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشى توغىرسىدا قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن ئىدى.
قى-قى-قىق،تاڭ خورىزنىڭ چىللىشى بىلەن تەڭ ئايقىز ئۆز ئادىتى بۇيىچە ئويغىنىپ كەتتى.
توۋا!نېمە چۈشلەرنى كۆرۈپ كەتتىم مەن،خۇدايىم كۆرسەتكەن چۈشىڭىز رېئاللىققا ئايلانسۇن.
ھەي ؟!شۇنداق بەخىت ماڭىمۇ نېسىپ بۇلارمۇ؟.......
نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم مەن،بولدى ئورنۇمدىن تۇراي،ئاپام نامزىنى ئوقۇپ بولغۇچە ناشتىلىق تەييارلاي.  ئۇلار ناشتىدىن كېيىن ئېتىزلىققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئەزەلدىن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرنى قىلپ كۆنمىگەن ئايقىزغا قوناق ئورۇش خېلىلا ئېغىر كەلگەن
ئىدى.نەچچە كۈندىن بۇيان ئورغاق تۇتىۋىرىپ ئۇنىڭ قوللىرى قاداق بۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ كۈنمۇ چۈش بولدى،-يۈرۈڭ قىزىم قورساقنى ئەستەلىۋىلىپ ئاندىن ئورايلى،سىز قىرنىڭ ئۈستىدىكى  نان-چايلارنى ئېلىپ كېلىڭ قىزىم،دېدى نىساخان ئانا ،ئۇلار ئېرىق بۇيىدىكى  دەرەخنىڭ سايىسىگە كېلىپ ئولتۇرۇشتى.غىزا ئۈستىدە نىساخان ئانا:
-قىزىم ئاخشام قاۋۇل شۇجى رۇستەمگە سىزنى سوراپ كەپتۇ؟ئۇلارمۇ خېلى ئەل-جامائەتنىڭ ئاغزىدا بار ئىززەت-ئابرويلۇق كىشلەر،سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا قارىمايلا جاۋاپ بېرىۋىتەي دېسەم كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،شۇڭا سىز  بۇ تويغا قانداق قارايسىزكىن بىلمىدىم،مانا ھازىر سىزگە مەسلىھەت قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.قىز بالىنىڭ يېشى بەك چوڭ بۇلۇپ كەتسىمۇ كىشلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قالدىغان گەپكەن،ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز  ئۇلارغا تېزراق جاۋابىنى بېرىۋىتەيلى،مانا مېنىڭمۇ يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى،ئاتىڭىز رەھمەتلىك بولغان بولسىدى،مەنمۇ سىزدىن بۇنچە ئەنسىرەپ كەتمىگەن بۇلاتتىم،كونىلاردا يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس،دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس، دەيدىغان گەپ بار ،ئەگر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزنى يالغۇز تاشلاپ دادىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىپ قالسام كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ،
قىزىم...................
ئانىسنىڭ بۇ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلىغان ئايقىز نىمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.ياق دەي دېسە،ئاپىسنىڭ يۇقارقى سۆزلىرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ بۇ تويغا قارىشلىق قىلشىغا يولى قالمىغان ئىدى.
ماقۇل دەي دېسە يۈرىگىدە باشقىلارغا ئېيتىپ تۈگۈتۈپ بولالمايدىغان ۋە باشقىلارغا ئېيتىش ئارقىلىق داۋالاپ بولالمايدىغان يۈرەك يارىسى ئۇنى قىينايتتى.
‹‹توي›› دېگەن بۇ بىر ئېغىز سۆزنى ھەر قېتىم ئېسىگە ئالغىنىدا قاتتىق ئازاپلىناتتى.
ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ھەقىقەتەن توي قىلمايمۇ بولمايدۇ؟،توي قىلسام كېيىنكى تۇرمۇشۇم قانداق بۇلۇپ كېتەر ؟يا توي قىلماي مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر قېرى قىز بۇلۇپ ئۆتۈپ كېتەيمۇ؟ياق-ياق،قېنى بېشىمغا كەلگەننى كۆرمەمدىم، دەپ پىچىرايتتى.
ئانا-بالا ئىككەيلەن بىر ھازا  ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن ،ئايقىز ئانىسىغا:ئاپا دېگەن گەپلىرڭىزمۇ ئۇرۇنسىز ئەمەس،سىز ھېلىمۇ مېنى دەپ ئاز جاپالارنى تارىتمىدىڭىز،سىزنىڭ باققان ئەجىرڭىزگە يارىشا  مەن سىزگە ھېچقانداق جاۋاپ قايتۇرالمىدىم.
ئەمدى توي ئىشىغا كەلسەك مېنڭغۇ ئەسلى ھازىرچە توي قىلغىم يوق ئىدى،چۈنكى مەن توي قىلىپ كەتسەم ،سىزنى يالغۇز قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەنمەن.دېدى ئۇ ئۆز ئەندىشىسىنى يۇشۇرۇپ،نىساخان ئانا ئايقىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭىز قىزىم؟
سىز توي قىلغانغا مەن يالغۇز قالامدىم؟يا سىلەر مېنى تاشلىۋىتەمدىڭلار ؟ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ قىزىم،سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدىمۇ مەن تۆت يىل يالغۇز ياشاپ كەلدىمغۇ؟سىلەر مېنى تاشلىۋەتمەي يوقلاپ تۇرساڭلار مەن سىلەردىن مىڭ مەرتىۋە رازى .
ئاپىسنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئايقىزمۇ بۇ تويغا ئامالسىز ھالدا ماقۇل بولدى.
ئۇلار بالدۇرلا قوناقنى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن ،ئورغاقلىرنى كۆتۈرۈشكىنىچەئۆيىگە قاراپ مېڭىشتى.
مانا بۈگۈن كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئاخىرقى كۈنى،ئۇلار قۇناقلارنى ئۆيىگە ئەكىرۋاتسىلا بۇ ئالدىراشچىلىقتىنمۇ قۇتۇلاتتى.
ئايقىز،ئاپىسى ئېچىپ تۇرغان خالتىغا گۈرجەك بىلەن قۇناقلارنى كۈرەپ-كۈرەپ قاچىلايتتى
ئۇنىڭ ماڭلىيدىن تەر تامچىلىرى توختىماي سىرغىيتتى.
شۇ ئارىدا ئايقىز ئانىسىغا:
-ئاپا قۇناقلارنى قاچىلاشنىغۇ قاچلىدۇق،ئۆيگە قانداقمۇ ئەكىرەرمىز؟ئاكامنىڭ بالىسى بالنىسىتتا يېتىپ قالمىغان بولسا كېلىپ بىزگە ياردەم قىلاتتى ھە؟
خاتىرجەم بۇلۇڭ قىزىم بۇنىڭمۇ ئامالى بولىدۇ،ئاۋال قوناقنى قاچىلاپ تۈگۈتەيلى، يا بولمىسا پازىلاخۇننى ياردەمگە چاقىرارمىز.دەپ قويدى ئېغىر ئۇھ تارتىپ. دەل شۇ پەيىتتە گۈر قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ خاماندا كۆمۈش رەڭلىك بىر ماشىنا توختاپ، قاۋۇل شۇجى بىلەن  كېلىشكەن بىر يىگىت  چۈشۈپ كەلدى .
ئۇلار سالام سائەت قىلىشقاندىن كېيىن:
-سىلەرنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ بىزنىڭ بۇ باتۇر يىگىتنى سىلەرگە ياردەم بېرىشكە ئېلىپ كەلدىم.دېدى قاۋۇل شۇجى ،ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلىشىپ بولغىچىلا ئايقىز  ئۇ يىگىتنىڭ رۇستەم يەنى ئۆزىنىڭ بولغۇسى ئىرى ئىكەنلىگىنى پەملەپ بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئايقىز بىلەن رۇستەم بىر-بىرىگە پات-پاتلا قارىشىپ قوياتتى.
ئۇلار قولمۇ-قول قۇناقلارنى قاچىلاپ خېلى بالدۇرلا ئۆيگە ئەكىرۋېلىشتى.رۇستەممۇ ئايقىزغا شۇنداق ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى.
ئۇھ!دېدى نىساخان ئانا،مېھمانلارغا چاي قۇيۋېتىپ. سىلەر كەلمىگەن بولساڭلار بىز قانداقمۇ
قىلاتتۇقكىن تاڭ؟ ھېلىمۇ بىزنىڭ رۇستەمقارى جاپا تارتىپ قالدى، رەھمەت سىلەرگە.
-ھە راسىت  بىزنىڭمۇ مەسلىھەتىمىز  پىشىپ قالغان ئىدى، پەقەت بۇ ئىككىسى ئۆزلىرى كۆرۈشۈپ باقسۇن دەپ ئويلىغان ئىدىم،بۈگۈن تەغدىر ئورۇنلاشتۇرغان ئوخشايدۇ، بايا قۇناقلارنى ئەكىرىش جەريانىدا، بىر ئوبدان پاراڭدىشىپ ،چىقىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ،ئايقىزمۇ بۇ تويغا ماقۇللۇق بىلدۈردى.
ھە شۇنداقمۇ؟ئۇنداق بولسا بۇ ئىشقا سەل بالدۇرراق تۇتۇش قىلايلى،كۈز ئايلىرنىڭ مولچىلىق پەيتىدە قىلۋەتمىسەك،ئەتە-ئۆگۈن سوغۇق چۈشكەندە قىينىلىپ قالىمىز.دېدى قاۋۇل شۇجىمۇ بېشىنى لىڭىشتىپ . بىزمۇ قايتايلى نىساخان ئاچا. ئۆيگە بېرىپ ئالدى بىلەن  توينىڭ ئالدىدىكى قائىدىلەر- نى قىلۋاتايلى،مەن ئىنىلىرىمغا خەۋەر بېرىۋىتەي ، ئۇلار شۇ گەپلەرنى قىلىشقاندىن كېيىن ئۆيلىرگە قايتىپ قېلىشتى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي توي كۈنىمۇ بېكىتىلدى.بۇ كۈنلەردە ئايقىز كىشلەر بىلەن كەمدىن-كەم كۆرۈشىدىغان،كىشلەردىن ئۆزىنى قاچۇردىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.
ئۇ ئايرىم ۋاقىتلاردا ئۆسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى،ۋە ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغانلىغىدىن پۇشايمانمۇ قىلاتتى.
ئەتە ئايقىزنىڭ تويى،توينىڭ تەييارلىقىمۇ پۈتۈپ قالغان بۇلۇپ ئايقىز ئىنتايىن پەرىشان كۆرۈنەتتى.
نىساخان ئانا ئايقىزنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ :
قىزىم ئەتە سىزنىڭ تويىڭىز نېمىگە تۇتۇلۇپ قالدىڭىز ،بۇنداق خوشاللىق كۈنلەردە  قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ يۈرسىڭىز كىشلەر نېمە دەيدۇ؟ئايقىز بىر ئېغىزمۇ ئۈندىمىدى،پەقەت ئۇنىڭ كۆزىدىن تارام-
تارام ياشلار سىرغىيتتى.ئايقىزنىڭ كۆز ياشلىرنى كۆرگەن ئانا ،ئۇنى ئىللىق باغرىغا ئېلىپ ئۇنى قۇچاقلايتتى.ئايقىز كۆز ياشلىرنى توختىتىشقا ئامالسىز ئىدى.
توي ئىشلىرنى قىلىشىپ بەرگىلى كىرگەن قۇلۇم-قوشنىلار ،كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرگە ھەيران بۇلۇپ قارىشاتتى.
توساتتىن ئايقىز ئوقتەك ئېتىلىپ دەرۋازا سىرتىغا قاراپ يۈگۈردى.قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن
نىساخان ئانا:-
قىزىم ،ئايقىز نەگە ماڭدىڭىز ؟توختاڭ دېگىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى.
ئايقىز ئانىسنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئېسەدەپ يىغلايىتتى.ئۇ بىر ھازا يىغلىۋەتكەندىن كېيىن:                                                                                                                       
-ئاپا،مەندىن خاتىرجەم بۇلۇڭ ،ماڭا ھېچ ئىش بولغىنى يوق،مەن ھازىر پەقەت دادامنىڭ مېنىڭ تويۇمغا قاتنىشالمايۋاتقالىغى ئۈچۈنلا يىغلاۋاتىمەن
،دادامنى بەك سېغىندىم ئاپا ،مېنى ماڭغىلى قۇيۇڭ مەن دادامنىڭ قەبرە بېشىغا بېرىپ كېلەي،دېدى.

قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان نىساخان ئانىمۇ بىر ئاز كۆز يېشى قىلغاندىن كېيىن،قىزىنىڭ رايىغا باقتى.
ئايقىز تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلاتتى،داىسىدىن يېنىش-يېنىشلاپ كەچۈرۈم سورايتتى.
ھەي، مەن نېمە قىلىپ قويدۇم،مۇشۇنداق ياشىغىچە ئۆلۈپ كەتسەم بولمامدۇ،دەپ ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلىسە يەنە بىر تەرەپتىن يەنە ئەلچىلەر كەلگەن
  ئاخشىمى كۆرگەن چۈشىنى ئېسىگە ئېلىپ،ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي تاپاتتى.
ئۇ پىشىن مەزگىلى بىلەن دادىسنىڭ تۇپراق بېشىدىن ئايرىلىپ قايتىپ كەلدى.
بۇ ۋاقىتتا خوشنا-خۇلۇملار  ئۇنىڭ توي تەيييارلىقىنى پۈتتۈرشۈپ،تاماققا داخىل بۇلۇپ ئولتۇراتتى.
ئۇ ئۈن-تىنسىز ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى.
قىزنىڭ سۇلغۇن قىياپىتىنى كۆرگەن نىساخان ئانا ھور چىقىپ تۇرغان بىر چىنە ئاشنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.
-قىزىم،ئىسسىقىدا تاماق يەۋېلىڭ،
ئىشتىھايىم يوق ئاپا،سىلەر يەۋېرىڭلار،ئانا يەنە گەپ باشلىدى.
-قىزىم زادى سىزگە نېمە بولدى؟يا بۇ تويغا رازىلىقىڭىز يوقمىدى؟
ياق ئۇنداق ئەمەس ئاپا.مېنڭ پەقەت سىزدىن ئايرىلغۇم يوق،ئايرىلىشقا قىيالمايۋاتىمەن.
مېنى مۇشۇ ياشقىچە بېقىپ،ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجىرڭىزگە رازى بۇلۇڭ.
نېمە دەيدىغانسىز ئاپئاق قىزىم ،ئانىمۇ ئۆز باللىرغا قىلغان ئەجىرگە مىننەت قىلامدۇ؟
مەن سىزدىن ئۇدۇنيا-بۇ دۇنيا رازى قىزىم.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار تۈن يېرىمغىچە مۇڭدىشىپ چىقتى.ئايقىزنىڭ كۆڭلىمۇ خېلى تەسەللىي تېپىپ قالغان ئىدى. ......
8
مانا  ناغىر-سۇنايلار چېلىنىپ تويمۇ باشلاندى.ئايقىز ئاپئاق توي كۆينىگى ئىچىدە خۇددى قار
مەلىكىدەك سورۇننىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇراتتى.
تويچىلار كېلىپ توينى كۆچۈرۈپ ،قىزنى ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا تۇراتتى.
بۇ تويدىن ئانا رازى،خۇدا رازى ئىدى.
مانا ئايقىز بىر قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ،يەنە بىر قاباھەتلىك چۈشنى كۆرۈش ئالدىدا تۇراتتى.كەچ توي تارقاپ يىگىت-قىز ھۇجرىغا كىردى،ئايقىز
ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن ئەنسىرەيتتى.ئەمدى بولغاندا ئەنسىرسىمۇ نېمە ئامال؟
ئۇ بېشىغا كەلگەننى كۆرمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى.ئۇ ئەنسىرگەن پاجىھە ئاخىرى يۈز بەردى.
تۇيۇقسىز قاس-قۇس تەگكەن بىر شاپلاق ئۇنىڭ سۆڭەك-سۆڭەكلىردىن ئۆتۈپ كەتتى.
ھۇ پاسكىنا! ئىپپىتىڭ كىم تەرپىدىن بۇلغانغان؟!.
باشقىلار تەرپىدىن بۇلغانغان مەينەت تېنىڭنى كۆتۈرۈپ بۇسۇغامدىن كىرگىچە،شۇ بۇزۇقچىلقىڭنى قىلىپ كوچىلاردا يۈرىۋەرسەڭ بولمامدۇ؟ ئايقىز يىغلايتتى.ئۇنىڭ بۇ يىغلاشلىرغا رۇستەم پەرۋا قىلدىغاندەك ئەمەس،تىل-ئاھانەت،خۇددى كۈز يامغۇردەك تۆكۈلەتتى.ئايقىزنىڭ قۇلىقىغا بۇ يامان تىل-ئاھانەتلەر كىردىغاندەك ئەمەس،ئايقىز يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايتتى.
رۇستەم ئۇنىڭ چېچىدىن قاماللاپ تۇتۋالغىنىچە :
-ھە،سەن قىلدىغاننى قىلىپ بۇلۇپ،مېنىڭدىن كەچۈرۈم سوراۋاتامسەن،پاسكىنا!سېسىق ئاغزىڭنى يۇم.زۇۋانىڭنى ئۆچۈرۈپ بۇ ئۆيدىن دەرھال يوقال،ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما؟
يوقال!
ئايقىز ئورنىدىن تۇردىدە كىيملىرنى كىيىپ سىرىتقا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ بۇ كېچىدە نەگىمۇ بارسۇن؟
دەسلەپ تەگكەن شاپلاق ئۇنى چۈشىدىن ئويغاتقان بولسا،كېيىن قىلىنغان ئاھانەت ئۇنى يۈرىگىگە تېگىپ، ئۇنى بۇ دۇنيادىن ۋىدالىشىشقا مەجبۇر قىلاتتى.
ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچەئاخىرى دادىسنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتكەن ئاق ئۆستەڭ بۇيىغا يېتىپ كەلدى.
دادا-ئاپا مەندەك ئازغان،ئەقىلسىز قىزىڭلارنى كەچۈرۈڭلار!
مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭلارغا رازى بۇلۇڭلار....
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆستەڭگە  ئۆزىنى تاشلىدى.
شىددەت بىلەن ئېقۋاتقان ئۆستەڭ سۈيى ئۇنى يىراق-يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى....

2012-يىل 14—فېۋرال باي
باي ناھىيە تىيەنچىن كۆمۈرچىلىك گوروھى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىدىن: ئەركىن قېيۇم (يالچىن)


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
ئەتىرگۈل + 20 + 20 + 10 جاپا چەكتىڭىز

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 20  تىللا + 20  تۆھپە + 10   باھا خاتىرىسى

39

تېما

55

دوست

7801

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4302
تۆھپە : 97
توردا: 1480
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 01:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇسىدىن قارىسام تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئەسەردەك قىلىدۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ....
ئەتە تەپسىلى بىر كۆرەي


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

67

تېما

24

دوست

4481

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1930
تۆھپە : 165
توردا: 219
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 14:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش سۈرىتىڭىزدىن كۆرۈپلا تونۇغان ئىدىم، بەزى ۋەقەلىكنى بەكلا قىسقارتىۋېتىپسىز، مۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزدە مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ، تىلى ياخشى چىقىپتۇ، مۇندىن كېيىنكى ئىقادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

8

تېما

18

دوست

1425

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1323
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 456
تۆھپە : 65
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-27

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 18:56:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىمنى ئۇقۇپلا قىزقىپ قېلىپ ھەممىنى ئۇقۇپ چقىتىم.ئۇقۇپ بۇلۇپ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى.ئۆز تەغدىرنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇشغا ئۇ قىز ئۆزى سەۋەپچىمىكىن دەپ قارايمەن.چۈنكى.....
ھەي....


39

تېما

55

دوست

7801

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4302
تۆھپە : 97
توردا: 1480
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 18:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئىچىم ئاچچىق بولدى، بۇ قىز ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك ساددا، ئاقكۆڭۈل چاغلاپ قاپتۇ-دە. رەزىللىك ۋە ئىپلاسلىق قاپلاپ كەتكەن بۇ جاھاندا ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولمىسا مۇشۇنداق ئاسانلا قارا نىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرايدىغان گەپ!
  بىچارە كۆيۈمچان ئانىسى نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ!  
ئۇ قىزنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام ئۇنداق ئاسانلا ئۆلىۋالمايتىم، ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرگەن ئالىم بىلەن قارا نىيەت دوختۇرخانا  باشلىقىدىن باشقىلارغا ئىبىرەت بولغۇدەك قىساس  ئېلىپ،ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادىنى خەلقى-ئالەمگە ئاڭلىتىپ، ھاياتقا، مۇھەببەتكە،مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا،باشقىلارنىڭ ئىزەت-ئابرويى بىلەن ئويناشسا، باشقىلارغا  زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئۆزى خالاپ قول تارتمىسا ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بۇلىدىغىننى بىلدۈرۈپ ئاندىن ئۆلسەممۇ كىچىكمەيتىم. جەمىيەت ئۈچۈن ئاپەت خاراكتىرلىك بولغان  بۇنداق مۇناپىقلار ئۆز قلمىشىنىڭ جازاسىنى تاتمىسا جەمىيەتتە بۇنداقلا ئازلىمايدۇ

ئەجەپ غەزىپىم كەلدى، خۇددى خەقنىڭ قىزىدا ئانا-مانىسىنىڭ ھەققى باردەك.....


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

8

تېما

3

دوست

1081

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  427
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 563
تۆھپە : 81
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 17:24:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتۇق يار بولسۇن .


ئۆلۈكلەر ئۆلسە ئىدى ، دۇنيا تىرىكلەرگە قالاتتى . . .

http://www.qarasu.com/bbs/  قاراسۇ مۇنبىرى

7

تېما

2

دوست

1652

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  422
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 656
تۆھپە : 24
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 20:34:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەتە قايتدىن بىر ئۇقۇي ۋاقىت چىقىرىپ


0

تېما

1

دوست

35

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1545
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 5
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-17

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 20:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا ھىكايدىكى ‹ئالىم › دەك       《 نوچى يىگىتلەر   》 بىر كۈرۇپ قويسا بۇلاكەندۇق بۇنى،بىر قىزنىڭ پۇتۇن ھاياتىنى تۇگەشتۇرۇپ ، قاملاشمىغان     رئېال تۇرمۇشمىزدا بۇنداق《 ئالىم 》يوق دەپ كىم ئيتالايدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟......


تەغدىردىن كەلگەندە مەندە نە چارە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-1-31 05:59 , Processed in 0.228260 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش