گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1644 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    مېنى سېغىنغانلارنى مەنمۇ سېغىندىم .

  • admin 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى،خەۋەردار بۇلۇپ قالغايسىلە.

  • لالە1224 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزۇن بىر زامان بولۇپ كېتىپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى....

  • شاختۇرا 2013-6-26 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ھەر-بىر كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن ...

  • بۇرادەر 2013-6-24 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام مۇنەرداشلار. بۇرادەردىن سالام كەتتى.

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلىرىم

  • يەھيا618 2013-6-22 02:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام   ئەلەيكۇم    ياخشىمۇسىلەر .ئاڭلىسام   كايسى  كۈنى  بايدا  مولدۈر  يېغىپتىمىش    بۇ   راسما   ؟

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    گۈل ئۈچۈن تىكىنى بولغاچقا قالقان ، ۋىسال يۈرەكنى قىلىدۇ قان - قان .

  • شۇڭقار 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا ئەجەپ قىززىپ كېتۋاتدۇ يا؟

  • مۇختەرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ تىنجىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە ؛ دوستلار بىلەن   سۇغا چۈمۈلۈپ كەلگۈم بار .

  • مۇختەرجان 2013-6-26 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا نىمانداق بەك ئىسسىپ كەتتى ؟ ئەزىز دوستلارنىڭ ئەزىز تېنىگە ئىسسىق ئۈتۈپ قالمىسۇن ، دىققەت قىلىڭلار .

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سەلتەنەتلىك گۈزەل باي . دېسە دېمسە گۈزەل جاي  يۇرتۇمنىڭ نامى گۇيا. ئاسماندكى گۈزەل ئاي

  • يەھيا618 2013-6-23 22:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمانداق زېرىكشلىك   كۇنلەر  بۇ   .ئۆينى ھەجەپ  سېغىندىم ...ھۇھۇھۇھۇھۇھ

  • بۈركۈت 2013-6-21 19:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار!ئامانمۇ سىلەر؟

كۆرۈش: 914|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

29

دوست

5361

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا(Rank: 6Rank: 6)

يوقلىما
213
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 2445
تۆھپە : 175
توردا: 241
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-2

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 21:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىلمۇ-خىل ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ۋە رەڭدار تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە، تەبىئىي گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ياش-قۇرامى، چىراي شەكلى، بوي-تۇرقىغا قاراپ، باش-كۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈش ۋە گىرىم قىلىپ، رەڭگى-رۇخسارىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئادىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر.
جۈملىدىن، ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىز خىلى بۇرۇنلا جىگدە يىلىمى، ئوسما ۋە خېنە قاتارلىق تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى پەرىق ئېتىپ، ئۇنى خانىم-قىزلارنىڭ تەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرى ئورنىدا ئىشلىتىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چاچ، قاش-كىرپىكى ۋە تىرناقلىرىنى ئاسراشقا ئادەتلەنگەن.  
جىگدە يىلىمى - ئادەتتە تېنى چوڭراق بولغان جىگدە دەرىخىنىڭ غولىدىن چىقىدىغان بىر خىل يىلىم بولۇپ، ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ تەركىبىدە قەنت، تانىنىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇ چاچ يىلتىزىنى قۇۋەتلەپ قارايتىش، ئۆستۈرۈش ۋە ھەرخىل  كېسەللىكلەردىن ساقلاش رولى بار. شۇڭا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بۇرۇندىن تارتىپ جىگدە يىلىمىنى گىرىم بۇيۇمى ئورنىدا ئىشلىتىپ چاچلىرىنى تاراپ ئاسراشقا ئادەتلەنگەچكە، ئۇلارنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى قارا، قويۇق ۋە ئۇزۇن ئۆسەتتى.
ئوسما - بۇ بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇنى باغ ۋە ھويلا-ئاراملىرىدا ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇنىڭ يوپۇرمىقىدا سۇ تەركىبى بىر قەدەر كۆپرەك بولۇپ، ئۇنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ سىققاندا ئۇنىڭدىن كۆك رەڭلىك سۇ چىقىدۇ، ئۇنىڭ چاچ، قاش-كىرپىكلەرنى ئاسىراش ۋە قارايتىش رولى بولغاچقا، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇنى چاچ ۋە قاش كىرپىكلىرىگە سۈركىۋالىدىغان ئادەت بولۇپ، بۇ ئادەتتە، «ئوسما قويۇش» دەپ ئاتىلاتتى، شۇڭا ئۇلار ئۇنى چاچ، قاش-كىرپىكلىرىنى ئاسىراش ۋە گۈزەللىكنى ساقلاشتىكى مۇھىم بىر خىل گىرىم بۇيۇمى ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرى يېڭىدىن تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنىمۇ تۇغۇلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ چاچلىق، قاش-كىرپىكلىرى جايىدا، لاتاپەتلىك قىزلاردىن بولۇپ يېتىلشىنى ئارزۇ قىلىشىپ، ئۇنىڭ باشلىرىغا ئوسما سۈيىنى سىقىپ چاپىدىغان، قاش-كىرپىكلىرىگە سۈركەپ قويۇپ قويىدىغان ئادەت ھىلىھەم ساقلىنىپ كەلمەكتە.
خېنە - گۈل ئائىلىسىگە تەۋە بولغان يەنە بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ باغلاردا ياكى ھويلا-ئاراملاردا ئۆستۈرىلىدۇ. ئۇنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكى 60-180 سانتىمېتىر ئەتىراپىدا ئۆسىدۇ، غولىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ ھەم سۇلۇق، گۈلى خۇددى ئانارنىڭ چېچىكىگە ئوخشاش قىزىل رەڭدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئاساسلىقى ئۇنىڭ گۈلنى قولى بىلەن سىقىپ سۇيۇغلۇقىنى چىقىرىپ ئاندىن پۇت، قوللىرىنىڭ تىرناقلىرىغا سۈركەپ قىزارتىۋالاتتى، بۇ ئادەتتە «خېنە قويۇش» دەپ ئاتىلاتتى. بۇنداق قىلغاندا خېنىنىڭ زەھەر قايتۇرۇش، سۆڭەكنى ئۆستۈرۈش ۋە چىڭىتىش قاتارلىق دورىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بولغاچقا، تىرناقلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ، خانىم-قىزلارغا ئۆزگىچە ھۆسىن قوشقاندىن باشقا يەنە، ئۇ ھەرخىل كىسەللىكلەردىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرى تىرناقلىرىغا بۇ خىل خېنىنى قويۇشقا ئادەتلەنگەن.
ئەپسۇسكى، ھازىرقى زامان خېمىيەلىك گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى بىلەن، بۇ خىل ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ئاستا-ئاستا مودىدىن قېلىپ، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىپ، ئۇلاردا چاچ، قاش-كىرپىكلەر بالدۇر چۈشۈپ كېتىش، ياكى چاچلىرى بالدۇر ئاقىرىپ كېتىپ، رەڭگى-رۇخسارىدا بالدۇر قېرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە...

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى  


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

0

تېما

1

دوست

612

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1338
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 425
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 16:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.......................................


سالام دوسلار

6

تېما

4

دوست

672

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1442
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 286
تۆھپە : 14
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-3

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 16:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبئىي نەرسىلەر ھەمىشە سۈنئىي نەرسىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇرۇنقى ئەجدادلىرمىزنىڭ ئەنئەنىلىرى نىمدىگەن گۈزەل -ھە!


1

تېما

4

دوست

284

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1712
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 156
تۆھپە : 2
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 22:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇھرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 22:59  

خىمىيلىك تەركىبى بار بولغان قىممەت باھالىق سالامەتلىككە  زىيانلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كىلۋاتىمەن،تەبىئي نەرسىلىرىمىز زىيانسىز ۋە ئەرزان تۇرسا شۇنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنسەم بولغۇدەك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2013-7-4 17:51 , Processed in 0.175569 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش