گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 120|ئىنكاس: 0

بالىلىرىڭىز يىتىم بولمىسۇن(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
6
تېما
16
قىزغىنلىق
150
تىللا
146
تۆھپە
42
توردا
41 سائەت

تىرىشچان ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 00:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                            بالىلىرىڭىز  يىتىم  بولمىسۇن  
ئەر-خوتۇننىڭ ئازارلىشىپ قىلىشى ئادەتتىكى ئىش ،ئەمما ئاجرىشىپ كىتىش ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس.چۈنكى ئۇ ھالال نەپىس-نەپەسلەرنى يەنە قايتىدىن ھارام قىلىشتۇر.ئاجرىشىش ئەر بىلەن ئايالنىڭ قەلبىگە ۋە كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشىغا  ئىنتايىن ئېغىر جاراھەت ھەمدە نىكاھتىن ئەندىشە قىلىش ،تۇرمۇشتىن رايى قايتىش ،ئۈمىدسىزلىكتەك ئېغىر   دەرد-ئەلەملەرنى پەيدا قىلغۇچى زىيانلىق ئىشتۇر : ئارىغا  زىددىيەت ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ،كىشىلەرنى ئۆچمەنلىك،غەزەپ، ئاداۋەتكە باشلىغۇچى نىزا ئۇرۇقىدۇر. ئەگەردە ئارىدا بالا بۇلۇپلا قالسا ،ئاشۇ بىغۇبار، سەبىي،يۇمران قەلىبلەرنى لەختە-لەختە قىلغۇچى زەھەرلىك خەنجەر ،مېھىر  ئېقىن-تاراملىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچى قورقۇنچلۇق ھاڭ-توسمىسىدۇر.بۇرادەر ،ئاجرىشىشتىن  بۇرۇن قاتتىق ئويلىنىڭ ،مەيلى نىزا-زىددىيەت قانچىلىك چوڭقۇر بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئالدىراقسانلىق قىلماڭ. ئۆزىڭىزنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بالىڭىزنى، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاڭ .توغرا، بىر-بىرىگە بولغان ئەقىدە ،ئىشەنچى سۇنغان ئىككى تەننىڭ بىر بالىنى دەپلا بىر ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس .‹‹بالا ئاتا-ئانىنى مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىنلا بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان زەنجىرگە ئايلىنىپ قالسا ،بۇنى بىر پاجىئە دېيىش كېرەك››(ئاپتورنىڭ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيتى››ژورنىلىنىڭ2005-يىللىق5-سانىدائېلان قىلىنغان‹‹ئەقىدە ئېھتىرامى››ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن) .
مەن ئەزەلدىنئىشەنچ ئاساسى بۇزۇلغان ،بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتىگە دەز كەتكەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر ئۆيدە بىر-بىرىگە رەقىبلەرچە ھومىيىشىپ ئولتۇرىشىنى قوللاپ كەلگەن ئەمەس.ئەمما،بالا ئالدىدا، ئاللا تائالانىڭ ئىنسانغا بەخش ئەتكەن بۇ بۈيۈك ئامانەت- سوۋغىسى  ۋە ئۇنىڭغا قۇشۇپ بەرگەن مەجبۇرىيىتى ئالدىدا مەن ئاجىزمەن،تىلىم-دىلىمنى يىغىشىغا مەجبۇرمەن ۋە ئەي ،ئەر-ئاياللار ،بالىلارنى ،ئائىلىنى دەپ بولسىمۇ ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەپ بېقىڭلار،دەيمەن.چۈنكى يىتىم بالىلارنىڭ قەلبىدىكى تولدۇرۇپ بولغۇسىز  ئاچلىق ۋەمېھىر تەشنالىقىنى باشقا ھىچقانداق نەرسە بىلەن تولدۇرۇپ-تويدۇرۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. @Owb?(6?  
14 يىشىمدا ئانامنىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى باشلانغان شۇخىل مېھىر ئاچارچىلىقى  مېنى يىتىملار ، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى بار تۇرۇپ يىتىم قالغان بىگۇناھ ،بەچارە بالىلارنىڭ غەمكىن تۇرقىغا قاراپ يىغلىتىدۇ . تۇغۇلۇش ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىى ۋە گۇناھى ئەمەس .ئەرلەر،ئاياللار، ئويۇن ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقىدا  قالغان ئەي ئىنسانلار،بارلىق ئويۇنلىرىڭلارنى ئەمدى بولسىمۇ يىغىشتۇرۇڭل.مەن بىر ساغلام ئەقلگە  ئىگە ئەر-ئايالنىڭ  تىرىشسىلا ئۆي تۇتالايدىغانلىقىغا ۋە ھەتتا ئىنتايىن بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرالايدىغانلىقىغا گەپ-سۆزسىز ئىشىنىدىغان بەندىمەن . بىر-بىرىڭلارغا ئىشەنچ ۋە ئەپۇ -رەھمەت نەزىرىڭلار بىلەن بېقىڭلار . نىكاھ ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بارلىق ھەۋەسلەرنى قايرىپ قويۇپ ، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى ئەمەلىي مەنىسىگە يۈزلىنىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارغا مېھىرلىك كۆزلىرىڭلار بىلەن بېقىڭلار . پۈتكۈل بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيىنىشىنى ئۈنىد قىلماقتا .پۈتكۈل بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن تۈپ مەنىدىكى مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلماقتا .پۈتكۈل بالىلارنىڭ قەلبى مېھىر ئاچارچىلىقىدا قاغجىراپ ياتماقتا... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   RUSTAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-19 00:29  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 00:36 , Processed in 0.093756 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش