گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1291 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل ئۈلۈشكۈن 11:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    يۇرتۇم سايرامنى ھەجەپ سېغىندىم ، قاچانمۇ بارغىلى نسىپ بۇلا !

  • يۈسۈپجان ئۈلۈشكۈن 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناھىيىمىزدە نىمانچە كۆپ يەر تەۋرەيدىغاندۇ ،مانا ھازىرمۇ يەر تەۋرىدى...

  • سادىر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

  • شاختۇرا 2013-1-23 11:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار  ؟ دوستۇڭلار شاختۇرادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  • نائىل 2013-1-20 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن  تېلىفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا  ئۇيغۇرچە باسقىلى بولمايدىكەن، تورداشلار توغرا چۈشىنىڭلار!

كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 4

شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئەڭ كۆپ جاي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

10

دوست

1033

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

يوقلىما
37
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 478
تۆھپە : 50
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-16

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 14:19:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار

  بۇ يىل سىنتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزغا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى 40 مىڭ 110 بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز ئاغرىقى 8600 ئىكەن، 5929ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇرتلاردا پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئاھالىسىنىڭ %80دىن كۆپى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەيدىزنىڭ يۇرت ھەم مىللەت پەرقى بويىچە تارقىلىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كىلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋېلىشقابولىدۇ. شۇنداقلا، تۆۋەندىكى سېلىشتۇرما مەلۇماتتىن قارىغاندىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، ئويلانماي تۇرالمايمىز. 0000000000000000000000000000000000.jpg


ئەيدىزنىڭ بۇنداق تارقىلىشىدا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە جەمىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى  نامايەن بولىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ شىنجاڭدا بىللە ياشاۋاتقان باشقا نوپۇسى كۆپرەك مىللەتلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىۋاتىدۇ.  
ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئادەملەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھۇشيارلىق ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلەك بولغاچقا، شۇنداقلا ئادەملەر مەلۇم مىللەت مەدەنىيەت-جەمىيەت ئاڭ-مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىدىغان ھەم ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت مىجەز-خارەكتېرى تامغىسى ۋە تەرەققىيات ساپاسى پەرقى بويىچە ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرۈشى كىلىپ چىققان دېمەي تۇرالمايمىز.
دېمىسىمۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىرىق ۋە كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى سىرتقى كۆرۈنۈش پەرقىدىن باشقا، ئىدىيە-قىممەت ئېڭى، ئەقىدە-ئېتىقادى، تىل-يېزىقى، مىللى مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتى، مىجەز-خارەكتېرى، ئەر-ئاياللىق تۇنۇشى ھەم نىكاھ قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى-چۈشەنچىسى، جاھاندارچىلىق ئۇسۇلى، بالىلارنى تەربىيىلەش ھەم مائارىپقا تۇتقان پۇزىتسىيەسى، ساغلاملىق ئېڭى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن بىر-بىرسىدىن پەرقلەنمەي قالمايدۇ. يەنى ئادەملەر مۇشۇنداق ئوخشىماسلىق بىلەن  مىللى خاسلىققا، مىللەت پەرقىگە ئىگە بولغان. مىللەت پەرىقلەنگەن يەردە ئادەملەرمۇ پەرىقلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇنداقلا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر، مىللەتلەر ھەم مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا، قاتناش، سودا-ئىقتىساد، سەنئەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تەسىرى-ئۆتۈشىشى  بۈگۈنكىدەك بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان زاماندا، ئۆز مەدەنىيەت-جەمىيەت مۇھىتىنى گۈللەندۈرۈشتە تەلىم-تەربىيە، تەشۋىقات، تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەرلىك كۈچ چىقىرىپ بولالمايۋاتقانلارنىڭ سەلبى مەسىلىلىرى كۆپۈيۈپ كىتىدۇ.  
ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئالاھىدە پەرىقلىق ھالەتتە زەھەر سېتىشى ھەم زەھەر چېكىپ يۈرۈشلىرى، كىچىك بالىلارنى ئالداپ-ئوغۇرلاپ ئىچكىرىگە ئاپىرىپ مەجبۇرى ئوغۇرلىققا سېلىپ كەسپى ئوغۇرلۇق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرى مىللەتداش ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاستىلەر بىلەن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ پاھىشەخانىلارغا سېتىۋېتىلىشى...
«يول تەغدىرنى بەلگىلەيدۇ» دەپ شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىدە ئېيتقاندەك، تەرەققىيات يولى-ئۇسۇلى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
«كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەن گەپ بار. شۇڭا كېسەل يۈز بەرگەندىن كىيىن دىئاگنۇز قۇيۇش كېرەك. رىتسىپ يېزىپ داۋاللاش ئۈچۈن ئويلىنىش، ئىزدىنىش كېرەك. باشلىق جاڭ چۈنشەننىڭ ئەھمىيەت بىرىشى بىلەن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ ئوغۇرلىققا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچ چىقىرىپ يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىشى، بالىلىرىنى تاپالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى ناھايىتى رازى قىلغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز.شۇڭا، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار توغرىسىدا ئويلانمىساق، ئىزدەنمىسەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇشۇرۇن ھالەتتە يۇقۇملىنىدۇ، يۇشۇرۇن ھالەتتە يۇقۇملانغان ئەيدىز يۇشۇرۇن ھالەتتە داۋاملىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالاپ ئېلىپ بارسا بولىدىغان جىنسىيەت ئەركىنلىكى قۇيۇۋېتىلگەن جەمىيەتتە، مەدەنىيەتتىكى نىكاھنىڭ كونتۇرۇللىقى ئاجىزلاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر نىكاھنىڭ ئالدى-كەينى، ئىچى-تېشىدا خالىغانچە جىنسى مۇناسىۋەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشتى. باشقىچە ئېيتقاندا بىر ئەر كۆپ ئايال بىلەن، بىر ئايال كۆپ ئەر بىلەن بىللە بولۇش نۇرماللىققا يۈزلەندى. جىنسى مۇناسىۋەت نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ نىسبەتەن كۆپ تارقىلىش يولىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەيدىز ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئورنىغا يۇشۇرۇنغان بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلۇشۇپ، دەرەخنىڭ شېخىدەك شاخلىشىپ يۇشۇرۇن ھالەتتە بازار تېپىشقا باشلىدى. شۇڭا، ساقايمايدىغان دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىز  بۇنداق بازار تاپسا، ئەل-يۇرتقا خەۋىپ ئېلىپ كەلمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
مەنبە:يارىپ تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رۇستەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-14 14:22  



ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم؟گۈزەل باي تورىدىكى ئەزىز تورداشلار..؟سالامەتمۇسىلەر؟

39

تېما

55

دوست

7801

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4302
تۆھپە : 97
توردا: 1480
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 23:31:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىپ كىتشى  جەمىيەت  ئۈچۈن بىر تەھدىت!
تىلۋىزۇرلادا، گېزىت-ژۇرناللاردا،ئېنترنېت تورىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇشۇنداق  تەشۋىق-تەربىيەلەر كىشلەرنىڭ كاللىسىداۋۇجۇدىمىزنى تۇيدۇرماي قاپلاپ كەتكەن ۋاباغا بولغان ھۇشيارلىقىنى ئويغۇتالىسا ئىدى......


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

11

تېما

10

دوست

1800

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 747
تۆھپە : 22
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 11:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىقەت قىلايلى.


67

تېما

24

دوست

4481

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1930
تۆھپە : 165
توردا: 219
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 17:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشى بولۇپمۇ مىللىتىمىزگە كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەۋپ بولۇپ قالدى، بۇنى پەقەت بىرنەچچە ئېغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى مەنىۋىي گادايلىق، ئىقتىزادىي جەھەتتىكى نامراتلىق، بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەپ ئويلايمەن، ئەڭ مۇھىمى ھازىرقى جەمىيەتكە قەدەم قويغان قىز-ئوغۇللىرىمىزغا ئاللاھ ئەقىل، ئىمان-ئېتىقاد ئاتا قىلىپ يامان يولدىن ياندۇرغاي


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

0

تېما

0

دوست

319

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  436
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 147
تۆھپە : 10
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 13:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساددا - نادانلىق بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-1-31 06:16 , Processed in 0.176882 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش