گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1291 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل ئۈلۈشكۈن 11:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    يۇرتۇم سايرامنى ھەجەپ سېغىندىم ، قاچانمۇ بارغىلى نسىپ بۇلا !

  • يۈسۈپجان ئۈلۈشكۈن 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناھىيىمىزدە نىمانچە كۆپ يەر تەۋرەيدىغاندۇ ،مانا ھازىرمۇ يەر تەۋرىدى...

  • سادىر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

  • شاختۇرا 2013-1-23 11:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار  ؟ دوستۇڭلار شاختۇرادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  • نائىل 2013-1-20 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن  تېلىفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا  ئۇيغۇرچە باسقىلى بولمايدىكەن، تورداشلار توغرا چۈشىنىڭلار!

كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 2

رىمبو –مەڭگۈلۈك تېپىشماق(قەھرىمان روزى ئەرچىن )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

4

دوست

7308

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

يوقلىما
95
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4336
تۆھپە : 390
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 23:43:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىمبو – مەڭگۈلۈك تېپىشماق
قەھرىمان روزى ئەرچىن
فرانسىيە سىمۋولىزىم شېئىرىيىتىنىڭ ۋېرلىن،ماللارمى، رىمبودىن ئىبارەت بۇ 3 بايراقدارىنىڭ ئىچىدە رىمبو ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزگىچە رەڭدارلىقى، تەسىرچانلىقىنىڭ ئۇزاقلىقى، ھايات قىسمەتلىرىنىڭ ئاجايىباتلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە مەڭگۈ ساقلانماقتا، شۇنداقلا ئۆز ۋاقتىدا سىمۋولىزىم شېئىرىيىتىنىڭ تەسىرى ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى قاپلاپ، ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنيا شېئىرىيىنىڭ يېپيېڭى ھالەتتە مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ يېڭىلىنىش ھەرىكىتىنى قوزغاشتا ئاساسلىق كىشى يەنىلا رىمبو دېيىشكە بولىدۇ.ئۇنىڭ ۋەزىن، تۇراق بۇزۇپ تاشلانغان، رىئاللىقنى بىۋاستە تەسۋىرلەشتىن ۋاستىلىك تەسۋىرلەش ، سىمۋولىستىك ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلەش ،ئىچكى رېتىمنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ياراتقان شېئىرلىرى تا ھازىرغىچە ئۆز تەسىرىنى يوقاتماي كەلمەكتە. شائىر رىمبومۇ كىشىلەر تا ھازىرغىچە قىزىقىدىغان كىشى ئەلۋەتتە. بۇ بايراقدار شائىرنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالغاندا   بىر نەچچە قىزىق نۇقتا كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.
      تۇغما تالانت
ئارتۇر رىمبوArthur Rimbaud(1854-1891) فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سارۋېيىر شەھىرىدە تۇغۇلغان. پىيادە ئەسكەرلەر كاپىتانى بولغان دادىسى ئەسكەرلىك ھاياتىدا دائىم سىرتتا بولغاچقا ئائىلە ئىشلىرى ۋە رىمبونى تەربىيىلەش ئاپىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئاپىسى ئىنتايىن قاتتىق قول بولغاچقا رىمبونى ئىنتايىن قاتتىق باشقۇرۇپ،ئۇنىڭ ئۆگۈنىشىكە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇنى كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيىلىگەن، ئۇمۇ پەۋقۇلئاددە تالانتلىق بولۇپ، 10 يېشىدىلا فرانسۇزچە شېئىرلارنى يازالايدىغان ھالەتكە يەتكەن. ئۇنىڭ رەسمىي ئىجادىيىتى 15 يېشىدىن باشلانغان. ئۇنىڭ 15 يېشىدا لاتىن تىلىدا يازغان شېئىرى ئۇ ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى زىلزىلىگە سالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە شېئىرى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئوقۇشنى تاشلاپ سەپەرگە چىقىش
1870يىلى ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن، شېئىرىيەتتە تازا كامالەتكە يېتىۋاتقان رىمبو سارۋېيىر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىجتىمائىي پەن سىنىپىدىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ، شۇ يىلى يازدا باشلانغان پروسسىيە- فرانسىيە ئۇرىشىنىڭ فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ(2-ئىمپېرىيەنىڭ ) مەغلۇبىيىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۇلغا يارايدىغان بار- يوقى بىرنەچچە پارچە كىتاپىنى سېتىپ پويىز بېلىتى سېتىۋېلىپ،پارىژغا ماڭىدۇ، تولۇق بېلەت ئالمىغانلىقى ئۈچۈن پارىژغا بارغاندا پارىژ قاتناش بېكىتىدە تۇتۇپ قېلىنىپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىدە ئاران قۇتۇلۇپ يۇرتىغا كېلىۋالىدۇ. بىراق، قايتىپ كېلىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسى غالىپ كېلىپ،بىرەر گېزىتخانىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئويى بىلەن ،ئۇزاق يولنى پىيادە بېسىپ، بېلگىيىگە كېلىدۇ.بىراق، ئۇ يەردىنمۇ بۇرۇقتۇرما بولۇپ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.رىمبو بۇجەرياندا فرانسىيە زور ئىنقىلاۋىدىكى قوزغىلاڭچى ئاۋاملارنىڭ ئازاپ- ئوقۇبەتلىرىنى تەسۋىرلەپ ‹‹تۆمۈرچى››،‹‹ئالاقزادە بولغانلار››،‹‹تارتيوفقا جازا››،‹‹تاقىر تاغدىكى ئۇيقۇغا چومگەنلەر››قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى، ۋە ‹‹مېنىڭ سەرسانلىق- سەرگەردانلىقلىرىم››دېگەن   شېئىرنى يازىدۇ. كېيىن بۇ شېئىرلىرىنىڭ 22 پارچىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ مەزگىلدە يېزىلغان شېئىرلىرىمۇ ئاساسەن رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش بولۇپ، ھيوگۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
باش كۆتۈرمەي كىتاپ ئوقۇش ۋە ئىجادىيەتتە يۈكسىلىش
1871-يىلى،17 ياشقا كىرگەن رىمبو دەرسخانىدىكى دىمىقتىن بىزار بولۇپ، كۈنبويى مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا كىرىۋېلىپ، فرانسىيىلىك سوتسىيالىستلاردىن بابېف، سېن سىمون قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، 18- ئەسردىكى رومانلارنى،ۋە ئالتۇن تاۋلاشقا ئائىت كىتاپلارنى باش كۆتۈرمەي ئىخلاس بىلەن ئوقۇيدۇ. كىتاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رىمبو كۆمۈش قاپلىق سائىتىنى سېتىپ يول راسخوتى قىلىپ، پارىژغا بېرىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. رىمبو خۇددى سەرگەردانلاردەك ئاۋام پۇقرا ۋە خەلق مۇداپىئە قوشۇنلىرى ئارىسىدا 2 ھەپتە تۇرۇپ، پارىژ كوممۇناسى قوزغىلىڭىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن يەنە يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.ئۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئىدىيىسىدە قوزغىلاڭنى ھىمايە قىلىش تەرەپدارى ئىدى. ئۇ يۇرتىدا بىر پارچە ‹‹كوممۇنىستىك تەشكىلى لايىھە››تەييارلاپ چىقىدۇ. پارىژ كوممۇناسى قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ، ‹‹پارىژنىڭ شاراپخورلۇقى››،‹‹پارىژ جەڭ غەزىلى›› قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ‹‹كوممۇنا بوران چاپقۇنى پارىژغا ئەڭ ئالى شېئىرى تۈس بەردى››دەيدۇ ۋە ۋېرسال جاللاتلىرىغا، چېركاۋ ئەكسىيەتچىلىرىگە نەپرەت ياغدۇرىدۇ. ئۇ بۇ يىللىرى يەنە ئىجادىيەتتە كەسكىن بۇرۇلۇش ياسىدى. فرانسىيە تارىخىدىكى شېئىرىيەت ئەنئەنىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى يازغانلىرىنىمۇ ئىنكار قىلدى.ئۇ دوستىغا يازغان، كېيىنكى ۋاقتلاردا ‹‹ئەرۋاھداشنىڭ خېتى›› دەپ ئاتالغان بىر پارچە خېتىدە ‹‹مەن بىر يات ئادەم، شائىرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىرىنچى مەسىلە-ئۆز- ئۆزىنى تونۇش؛ ئۆز- ئۆزىنى تەلتۆكۈس تونۇشتىن ئىبارەت؛ ئۇ ئۆز روھىنى(ئەرۋاھىنى) تەكشۈرۈشى،كۈزىتىشى، ئۆگىنىشى،تەتقىق قىلىشى كېرەك، ھەر قايسى سېزىم ئەزالىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، چەكسىز ۋە ئەقلىي خۇلاسىلانغان قالايمىقانچىلىقلىرى ئارقىلىق ئەرۋاھداش بولالايدۇ››ئۇ بۇ سۆزىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ‹‹سوزۇق تاۋۇشلار››،‹‹مەست كېمە›› قاتارلىق داڭلىق شېئىرلىرىنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئىدىيە، يېڭى تۇيغۇ، يېڭىچە ئىپادىلەش سەنئىتىنى نامايەن قىلىپ، سىمۋولىزىم شېئىرىيىتىنىڭ ئۇل تېشىنى قويىدۇ.
ۋېرلىن بىلەن بولغان غەيرى مۇناسىۋىتى
رىمبو شېئىرىيەتتە تازا پىشىپ ۋايىغا يېتىش بىلەن بىللە تۇرمۇش ئۇسۇلىدا قاتتىق چۈشكۈنلىشىدۇ. 17 ياشلىق رىمبو ئىچى پۇشۇپ ۋە تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ، فرانسىيىنىڭ مەشھۇر شائىرى ۋېرلىنغا خەت يازىدۇ، ۋېرلىن ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، رىمبونى پارىژغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، رىمبو ‹‹مەس كېمە›› قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلىپ پارىژغا كېلىپ، ئۆزىدىن 10 ياش چوڭ ۋېرلىن بىلەن تونۇشۇپ دوست بولىدۇ، كەچكىچە شېئىر يېزىپ، شېئىېر ئوقۇشۇپ يۈرگەن بۇ ئىككى شائىرنىڭ مۇناسىۋىتى غەيرى يوسۇندا تەرەققى قىلىپ يېتىدۇ. پارىژ تۇرمۇشىدىن قاتتىق بۇرۇقتۇرما بولغان بۇ ئىككى سىمۋولىزىم شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن تولىمۇ سەت قىلىقنى قىلىپ، كېچە- كۈندۈز بىر ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ <<پومىداقلىشىدۇ>>. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بەكلا يېقىنلىشىپ كېتىپ، ۋېرلىن ئايالى بىلەن بارا- بارا يىراقلىشىشقا باشلايدۇ،بۇ ئەر- خوتۇنلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن رىمبو 1872 –يىلى يۇرتىغا قايتىپ، 4 ئاي تۇرۇپ كېلىدۇ. شۇندىن كېيىن بۇ ئىككى شائىرنىڭ مۇناسىۋىتى بىردەم سوۋۇپ، بىردەم قىزىپ، بىردەم بىر بىرىنى ئىزدىسە بىردەم بىربىرىنى تاشلىشىدۇ. 1873-يىلى رىمبو بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريوسسېلدا ۋېرلىن بىلەن ئايرىلىشنى ئېيتقاندا ۋېرلىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى خالىماي، رىمبوغا ئوق چىقىرىپ ئۇنىڭ قولىنى يارىلاندۇرىدۇ، بۇ ئىشنى رىمبو باشقىلارغا بىلىندۈرمىگەن بولسىمۇ، ساقچىلار بىلىپ قېلىپ، ۋېرلىننى قاماپ قويىدۇ، رىمبو ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ، چالا تاشلاپ قويغان‹‹دوزاختىكى بىر پەسىل›› ناملىق 9 بۆلەك، 20مىڭ خەتلىك چوڭ ھەجىملىك مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. ئۇنىڭ كېيىنكى يازغان شېئىرلىرىدىن پەقەت‹‹دوزاختىكى بىر پەسىل››نىلا ئۆزى بىرسىگە باستۇرغان ئىدى،لېكىن،باسما ھەققىنى تۆلىمىگەنلىكى سەۋەپلىك، تارقىتىلماي بېسىلىپ قالغان،تاكى 1901-يىلىغا كەلگەندە باشقىلار بايقاپ تارقىتىلغان، بۇ ۋاقتىدا شائىرنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىپ، ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىپ كەتكىلىمۇ 10 يىل بولۇپ قالغان ئىدى.باشقا شېئىرلىرى 1880نەچچىنچى يىللىرى باشقىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ، بىراق ، بۇ ۋاقىتتا رىمبو ئاللىقاچان ئافرىقىنىڭ قۇملۇقلىرىدا تەكشۈرۈشتە يۈرگەن بولغاچقا ، ئېلان قىلىنغان نۇسقىسىنى ئۆزى كۆرۈشكە نېسىپ بولمايدۇ.
3 يىللىق مەۋھۇم ھايات
رىمبونىڭ 1873-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 1875 يىلىنىڭ قىش پەسلىگىچە بولغان 3 يىللىق ھاياتى كىشىلەرگە سىر بولۇپ تۇرماقتا. بەزىلەر ‹‹7 خىل تىلنى ئىگىلىگەن بۇ تالانت ئىگىسى بۇ 3 يىل جەريانىدا يا ئۆيىدىن تالاغا چىقماي، يا ئەنگلىيە،گېرمانىيە، شىۋىتسارىيە، ئىتالىيەلەردە ئايلىنىپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن›› دېيىشكەن. ئۇنىڭ بۇجەرياندا پەقەت ‹‹ۋەھىينامە›› دېگەن بىر پارچىلا شېئىر يازغانلىقى مەلۇم.
ئەسكەرلىكتىن قېچىش، تەرجىمانلىق،قۇرۇلۇش نازارەتچىسى،قەھۋە سودىگىرى بولۇش، قورال ئەتكەس قىلىش
شېئىرىيەتتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزگەن، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ،كۆرمىگەننى كۆرۈپ، بارمىغان يەرلەرگە بېرىپ، خۇددى 50-60 يىل ياشىغاندەك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن رىمبو تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ،1876-يىلى5-ئايدا گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىگە 6 يىللىق توختام بىلەن ياللانما ئەسكەر بولىدۇ.شۇ يىلى 7- ئايدا ھىندونېزىيىنىڭ باتاۋىيە(ھازىرقى جاكارتا) شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئەسكەرلىكنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتىپ، 3 ھەپتىدىن كېيىنلا ئەسكەرلىكتىن قېچىپ كېتىپ، 1877-يىلى ھامبۇرۇگدىكى بىر سېرك ئۆمىكىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە سېرك ئۆمىكى بىلەن بىللە شىۋېتسىيە، دانىيىلەرگە بارىدۇ.1880-يىلى ئۇ سىپرۇسقا بېرىپ،شۇ ئارال ھاكىمىنىڭ ساراي قۇرۇلۇشىغا نازارەتچى بولىدۇ. كېيىن ئۇ بۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئەدەنگە بېرىپ، بىر تېرە- قەھۋە شېركىتىدە ئىشلەيدۇ. 1882-يىلىدىن1883-يىلىغىچە ئۇ شىركەتنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئافرىقىنىڭ ئادەم ئايىقى باسمىغان جايلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. كېيىن ئۇ جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىگە تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن بىر پارچە دوكلات يازىدۇ، بۇ دوكلات ئىلمىي جەمئىيەت تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلىدۇ.1887-يىلىدىن باشلاپ ئۇ قورال ئەتكەسچىكىلى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ بىر سودا كارۋىنىنى باشلاپ، ياۋروپادىن نەچچە مىڭ تال مىلتىق ئېلىپ كېلىپ، ھەبەشىستان ھۆكۈمرانلىرىغا سېتىپ بېرىدۇ، بىراق، تېگىشلىك ھەققىنى ئالالماي، ئىقتىسادى جەھەتتىن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ.
ئۆلۈم- مەڭگۈلۈك تېنچلىق
1891-يىلى ھەممە تەئەللۇقاتىدىن ئايرىلغان رىمبوغا تېخىمۇ چوڭ كېلىشمەسلىك كېلىپ، ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىغا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە چىقىپ قېلىپ، ئەھۋالى كۈندىن- كۈنگە يامانلىشىدۇ. ئۇ شۇ يىلى 5- ئايدا ئەھۋالى تولىمۇ خاراپ ھالدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مارسېلدا پۇتىنى كەستۈرىدۇ،بىراق، ئۇنىڭ پۇتى ساقايماي، كېسىلى كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلىشىپ، شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 10-كۈنى ئەمدىلا 37 ياشقا كىرگەن رىمبو مارسىلدا ۋاپات بولىدۇ.
بەزى ماتېرىياللارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، ئارىدىن 100يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ، 1990-يىللارغا كەلگەندە ياۋروپادا رىمبو قىزغىنلىقى قوزغۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ۋە يۇرتىدىكى بىر كۆل ئۇ تەسۋىرلەپ يازغان ‹‹مەست كېمە››دىكى تەۋەررۈك جايلاردىن بىرى سانىلىپ، ئۇنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ زىيارەت قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلانغان.
ئۇنىڭ بىزنى ئەڭ ئويلاندۇرىدىغان يېرى؛ ئۇ 15 يېشىدا قولىغا قەلەم ئېلىپ، پەقەت 6 يىللا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 21 يېشىدا ئىجادىيەتتىن چورتلا قول ئۈزگەن.بۇ بىزدىكى بەزىبىر بىر ئۆمۈر شېئىر يېزىپ، ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك بىر پارچە شېئىر ئىجاد قىلالمىسىمۇ يەنىلا شۇ تەمسىز شېئىرلارنى يېزىشتىن قول ئۈزەلمەيدىغان شائىرلىرىمىزغا روشەن سېلىشتۇرما بولسا كېرەك.
(تەييارلىغۇچى:قەھرىمان روزى ئەرچىن)

مەنبە: «كروران» ژۇرنىلى ۋە «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى

1

تېما

7

دوست

493

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 133
تۆھپە : 14
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 11:30:51 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adamning oginixiga rastinla  arzigudak ! arqin aka ajringizga rahmat jumu japa qekiwatisiz.

3

تېما

0

دوست

75

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1353
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 21
تۆھپە : 6
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 04:07:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 3 يىل ئىلگىرى مەرھۇم باتۇر روزى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان [مەسىت كېمە]ناملىق داستاننى ئوقۇغان ئىدىم.مەن رىمبودىن ئىبارەت بۇ گىگانىت شائىر بىلەن شۇ چاغدا ئۇچۇرۇراشقان ئىدىم.مۇمكىن بولسا ئاشۇ داستانىمۇ يولاپ قويغان بولساق- ھە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-1-31 06:15 , Processed in 0.153652 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش