گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1292 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 2

قاتناش چىرىغى ۋە گېزىت ساتقۇچى بالا (داستان)بېلىقىز مۇھەممەد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

4

دوست

7308

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

يوقلىما
95
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4336
تۆھپە : 390
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 23:38:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتناش چىرىغى ۋە گېزىت ساتقۇچى بالا
              (داستان(
بېلىقىز مۇھەممەد

(1)
كۆيگەن يۈرەك
ئايلانغاندا ۋۇجۇدۇمنىڭ تېڭىغا
پەرۋاز قىلدىم
ھېكمەتلەر ئارا.
توزغاق كەبى توزار خىيالىم
خېرىدارنى چىللاپ ھەر زامان
گېزىت ساتسا سەرگەردان بالا....
بىراق ئۇ
تۇتىيادەك شۇنچە قەدىردان-
ئانىسى ئۈچۈنلا ئەمەس سەرگەردان
رېئاللىققا غالىب ئارسلان...
(2)
ئالتۇن كۈزدە
ياپراقلار كۈلەر
ئايلانسىمۇ خازانغا،
چۈنكى قارلار
يالقۇن بولۇپ گۈرۈلدەپ
قۇچاقلايدۇ جىسمىنى
ئارمانلار
تىپىرلايدۇ،چىللايدۇ
قويۇپ بىرىپ
شۇنچە ياڭراق ئۈنىنى..
ۋاقىت
تەلۋىلەرچە يۈگۈرەر
ئادەملەر كېلىپ كېتەر بۇ ئۇزۇن يولدا
سائەت ئىسترېلكىسى ئەمەس ھەم جىمجىت
لېكىن
يەر شارىدا مۇنداق ئورتاقلىق
قىزىل
يېشىل
سېرىق قاتناش چىرىقى
دائىم ئۆچۈپ- يانار
كۆكتە ئىسىقلىق...
ئەمما
گېزىت ساتقۇچى بالا
دوقمۇشلارغا دائىملىق نوپۇس...
(3)
رىۋايەتلەر –مەۋھۇم ھەقىقەت
ئائىلىنى ئۇنتار جۇۋانلار
دېڭىزدىكى پەرىزات قىزدەك
يالىڭاچلىنار
ئۈنى ئۆچكەن
كۈيى كۆچكەن
ئىزگۈ ناخشىلار
ھەم
يالىڭاچلىنار
قۇرۇغان ياشلار...
سەرسان ياش تامچىسى
گويا
خاتا ئۇرۇلغان بىليارت تېشىدەك
دومىلىسا نۇمۇسچان يۈزدە
غال-غال تىترەر ئەركەك پالۋانلار...
گېزىت ساتقۇچى بالا ۋە لېكىن
توساتتىن ئايلىنىپ
باھادىر شاھقا
شۇ مېھرىبان ئانا باغرىدا
قىلار جەۋلانلار
گېزىت ساتقۇچى بالا
سانسىزلىغان ئارمانلار ئارا
گېزىت يۈزىدە يارىتار
كىچىككىنە جىسمىنى شۇ دەم...
(4)
ئۆمۈچۈك
چۈمۈلە
رەڭدار كېپىنەك
قۇرىغاچ ئېقىن
تارايغاچ بوستانلار
ساقلاش ئۈچۈن زېمىن گۈزەللىكىنى
كۆتۈرەر غەۋغا
قەلبى يارا يەرشارى ئانا
ئۇزاق-ئۇزاق چۆكەر خىيالغا
بىراق
ئۈمىد نۇرىغا تولغان قارچۇقلار
توقماق بولار
خۇددى ئۇر توقماق
ئۆزى ئۈچۈن
ئەڭ ئاخىرقى كاتتا ئەپسانە
يېشىل چىراغ يېقىلغان مەھەل
بالا قايتار
ئاندىن ئۆزىگە...
ئورۇق پۇتلار چاپار ھەر تەرەپ
كۈلۈمسىرەپ ئۈمىد ئىچىدە
ماشىنا كۆزنىكىنى چېكەر بىرمۇ-بىر
ئايرىماستىن شاھ ۋە پۇقرانى
-گېزىت!
-گېزىت!
-يېڭى گېزىت!
-يېڭى خەۋەرلەر!
-ئاجايىپ خەۋەرلەر!
-ئاكا گېزىت ئالامسىز؟
-ھەدە گېزىت ئالامسىز؟
-تاغا...
گېزىت ساتقۇچى بالا
چاقىرار يەنە ئاللىكىملەرنى
پەرۋايى پەلەك
باشقىلار
ئويلار نېمىلەرنى؟...
گۆدەك ئاۋازى سېلىپ زىلزىلىگە
ئەتراپىنى
ھەتتا ئالەمنى
ئوت ياقماق بولۇپ قاراڭغۇ دىلغا
چېكىپ ئۆتتى ھەر بىر ئىنساننى...
(5)
بىر-بىرىگە ئوخشىماس چىراي
خۇددى گېزىت بېتىدەك
ئاق ۋە قارا
يەنە بار سېرىق
بەكمۇ رەڭگارەڭ
ئېچىلار ئىستەك                          
بالا ياراتقان ھەسەن-ھۈسەندەك.
ھەر خىل تېما
ھەر خىل ئىپادە
جىلۋە قىلار ھەر تۈرلۈك چىراي
بالا گېزىت قولىدا
ھۆكۈم سۈرەر شاھتەك خىرامان
قاناتلىنىپ گۈزەل بىر ئارمان
ئۇنتۇلدۇردى ھەممە چۈشلەرنى
ھەتتا بايا سۈرگەن خىيالنى  
گويا مىليونېر بولۇپ كەتكەندەك  
ئانا ئاڭا قۇچاق ئاچقاندەك
رېئاللىق بىر چۈپ قانات بەرگەندەك
پەقەتلا بىر پارچە...
بىر پارچە گېزىت ساتقاندا بالا
ساھزادىگە ئايلاندى شۇئان
قۇم دانچىسى گويا ئاق ئوردا
دانىشمەنلەر قەلەم ئوينىتار
زەپەر قۇچۇپ كېلەر بەختلەر
ئاقباش ئانا قولىدا بۆشۈك
ئەللەيلىتىپ، ئۇنى ئۇخلىتار...

قىزىل چىراغ ئويغاتتى ئۇنى
تەن بىلەن روھ بارىدۇ قايان؟
چالا ئۇيقىدا قالغان تۇيغۇلار
تىپچەكلىدى ئەسەبى بىر ھال
ئەپسۇس...
قارا كۆزلەر رەت قىلىپ ئۇنى
شادلىق بىلەن سۆيۈشتى ئۆزھال...
توۋلايدۇ بالا
سان-ساناقسىز ماشىنا
قىرى-ياش ئادەملەر ئارا
-گېزىت!
-گېزىت!
-گېزىت ئالامسىز؟
(6)
گۆكىرەيدۇ نەدە بورانلار
لەيلەر قايسى كۆلدە نىلۇپەر
ئۈمىدلەرنىڭ كۆزىدە قۇدرەت
مۇھەببەتتىن تۇغۇلسا نەپرەت
ئىشەنچ يۈرەر نەدە تەمتىرەپ؟...
ئۈمىدسىز بىر كەچكى شىۋىرغان
تېپىش ئۈچۈن ياپيېشىل ئاسمان
بالا بىلەن ئوخشاش خىيالچان
خان كۆرپىسى شېرىن چۈش كەبى
قۇچاقلىسا سەيياھ ۋۇجۇدنى
گادايلىقتىن تا شاھلىققىچە
تۆكۈپ بىرەر ئايغا سىرىنى...
يېشىل چىراغ
قىزىل چىراغ
ساناپ باقار بالا گېزىتنى
ۋە چاقماق تېزلىكىدە
ئەسكە ئالار
تاپقان تەرگەنلىرىنى
ئەسكە ئالار
دەردمەن ئانىنى
ئانىسىنى يوقاتقان بالا
يامىيالماي يىرتىق قەلبىنى
بارماقلىرىنى تۈگۈپلا يۈرەر
تۈگۈپ قويغاندەك ئارزۇلىرىنى...
يېشىل چىراغ
قىزىل چىراغ
ئانىسىنىڭ يېشىل كۆينىكى
بار ئىدى ھەم قىزىل كۆينىگى
ياش ھەم چىرايلىق ئانا
ئۇنىڭ ھەر چاغ بولغان يۆلىكى
ئۇ تەم-تەم ماڭغان ئاشۇ يىللىرى
ئېسىلغاندا شۇ كۆينەكلەرگە
ئانا باغرى ئايلىناتتى
قىزىل گۈللۈك يېشىل يايلاققا...
(7)
يېشىل چىراغ يېقىلدى شۇدەم
ماشىنىلار تىزىلدى رەت-رەت
گويا جەڭگە تەييار ئەسكەردەك
گويا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغاندەك
ئارىسىدا پەيدا بولۇپ بىر تال كېپىنەك
گويا گۈلدىن-گۈلگە قونغاندەك
ئىشقا چۈشتى ئىشچان ھەرىدەك...
-گېزىت!...
-گېزىت!...
-گېزىت ئالامسىز؟
«ئاكا»، «ئاچا»، «ئەپەندىم»، «خانىم»
تىلى شۇنچە تاتلىق ۋە راۋان
خىلۋەتتىكى دانىش كاھىندەك
جاھان ئارا يىتۈك مەدداھتەك...
بالا توختىماستىن چاپار ھەر تەرەپ
بىرسى لىڭشىتار ئاڭا بېشىنى
بىرسى ئىشارە قىلار قولىنى
ۋە لېكىن بەزىلەر تۇرار بىپەرۋا
ئەمما
گېزىت ساتقۇچى بالا
ئۆز كەسپى ئۈچۈن بولۇپ ئاۋارە
كۈلۈمسىرەر ھەر خىل چىرايغا
(8)
ئۈمىد دەرياسى ئۆركەشلەر ئۈنسىز
مەكتىپىگە ماڭغان بالىلار
قاراپ سالسا ناۋادا ئاڭا
بىر دەقىقە تۇرار جىلمىيىپ
خرۇستالغا ئايلانغان كۆز ياش
ئېرىيدۇ سۇ بولۇپ زېمىن، تاغۇ-تاش...

ۋاقىت قارىمايدۇ ئارقىغا
يىللارنى ئۇلاپ ئەسىرگە
گېزىت ساتقۇچى بالىمۇ بىر كۈن
ئايلانغۇسى كونا تارىخقا
لېكىن
مۆجىزىگە ۋاقىت شەرت ئەمەس
دەقىقىمۇ يارىتار نۇسىرەت
گېزىت ئايلىنىپ ئۇچار گىلەمگە
چىقتى بالا ئۇزاق تەلمۈرگەن
ئاسماندىكى  يۇلتۇزغا ئايغا...
شۇ ئەسنادا ئېسىگە كەلدى بالىنىڭ
بىرىنچى سىنىپتا ئوقوغان «ئېلىپبە» كىتابى
ئۇنىڭدىن ئوقوغان مۇنداق قۇرلارنى:
»ئورغاق ئايدا ئولتۇردۇم
ئاي بولدى كىچىك كېمەم
كۆردۈم سانسىز يۇلتۇزنى
كۆك ئارا كېزىپ ھەردەم«①

رىۋايەتلەر يالغان ئەمەس
بولۇپمۇ مومىسى سۆزلىگەن رىۋايەت...

ئورغاق ئايدا ئولتۇردى بالا
گېزىتلەرنى تامام قۇچاقلاپ
سانسىز چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار
سېتىۋالدى بەس-بەستە گېزىت
مىليونېرغا ئايلاندى بالا
(9)
ئانىسىنى سېغىنغان بالا
قاراپ قالار كۆككە- يۇلتۇزغا
ئاي- يۇلتۇزمۇ غەمناك-بىچارە
شېرىن چۈشكە بەنت بولغان بالا
خىيالىدا ئۇچار ساماغا
قىزىل، يېشىل قاتناش چىرىغى
توختىماستىن كۆز قىسار كىمگە؟
گويا، ئادەمسىز قۇرۇق شەھەردەك
غېرىبسىنار  قەدىناس دوقمۇش
گويا، بالىسىدىن جۇدا بولغان
غېرىب ئانىدەك...
تونۇش ئۈنلەرگە كۆنۈك ماشىنا
قۇماندانسىز قالغان ئەسكەردەك
مېڭىپ يۈرەر ئالدى-كەينىگە
(10)
سىقىلغان خىياللار ياتار
قاناتسىز سۇنۇق
كەپتەر ئۈنلەر ئادەمسىز چۆلدە
ئادەملەردىن بىزار بولغاندەك
كۆك تامان ئارزۇلار قىلىدۇ جەۋلان
ئۆچۈپ يانغان قاتناش چىرىغىدەك

گېزىت ساتقۇچى بالا
ئايلاندى ساماۋى شاھقا
گېزىتلەر،ئانا ۋە قۇتلۇق كۈن-ئايەم
قەلبىدە كۈلمەكتە يوپيۇرۇق ئالەم
ئاق كېچە يوقلايدۇ ئۇنى ئاق قارلار
ئانىنىڭ لېچىكىنى ئەسلىتەر قارلار

بۇ دۇنيا
رەڭلەر دۇنياسى
قىزىل، يېشىل، ئاق...
بالىنىڭ قەلبىدىكى رەڭلەردەك
قىسمەتلەرمۇ خىلمۇ-خىل رەڭدە
بىراق
بۇلار ئەمەس رىۋايەت

ئورغاق ئايدا ئولتۇرار بالا
ئۇنىڭ ئەتراپى
قىزىل، يېشىل رەڭلەرگە تولغان كەڭ دالا

گېزىت ساتقۇچى بالا
ئايلانغاندا يەرشارى ئايغا
ئوت يېقىش ئۈچۈن نادان دىللارغا
قايتىپ كېلەر
گېزىت ساتقان كونا دوقمۇشقا
ۋە ئوقۇتار مەرىپەت بىلەن
گېزىت ساتقۇچى تالاي بالىنى...
ـــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھات:بىرىنجى يىللىقلار ئۈچۈن ئۆتۈلىدىغان ئىلگىرىكى «ئىلىپبە» كىتابىدىن ئىلىندى.
2010-يىلى دېكابىر،ئۈرۈمچى
(ئاپتور: شىنجاڭ رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا)
«مۇزات دولقۇنلىرى» 2011-يىل 1-سانىدىن

14

تېما

20

دوست

830

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  205
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 12
تۆھپە : 123
توردا: 105
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 23:44:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ، قەھرىمان ئاكا بەك ئىسىل يېزىپسىز .ئىسىلنىڭ ئەسلىمۇ-ۋەسلىمۇ ئىسىل!!!
توردىكى بارلىق دوسلار ياخشمۇ سىلەر؟

86

تېما

4

دوست

7308

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4336
تۆھپە : 390
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 00:55:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي مەردانجان ئۇكام!  بۇ داستاننى شائىرە بېلىقىز مۇھەممەت ياغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-1 07:19 , Processed in 0.151861 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش