گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1292 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 0

...«قوۋۇز» ھەققىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات (ئامانگۈل ياسىن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

4

دوست

7308

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

يوقلىما
95
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4336
تۆھپە : 390
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 23:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر چالغۇسى «قوۋۇز» ھەققىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات
             ئامانگۈل ياسىن
    ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمقى ئوچاقلىرىدىن بىرى بولغان  تارىم ئويمانلىقىدا، تەكلىماكان ئېتەكلىرىگە يۇلتۇزدەك تارالغان جەننەت كەبىي بوستانلىقلاردا، ئۆزگىچە مەۋجۇتلۇق ئەنئەنىسى بويىچە ياشاپ ، شانلىق مەدەنىيەت تارىخى ۋە پارلاق مۇزىكا ئەنئەنىسىنى ياراتتى. دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قىممەتلىك جاۋاھىراتلارنى قوشقان ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى، قەدىمدە ئوزىدىكى كۈچلۈك جەلبكارلىق بىلەن قوشنا ئەللەر مۇزىكا مەدەنىيىتىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، زاماننىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ تارىخىي سەلتەنەتنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە قايتىدىن جۇلالىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپلىگەن جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماقتا، ئېتىراپ قىلىنماقتا  ۋە  قوغدالماقتا. ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئەنە شۇ قىممەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى، ماددىي ئىجراچىسى ۋە مۇھىم تەركىبىي قىسىمىدۇر.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى تەتقىقاتى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى چۈشۈنۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا بېسىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك مۇھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ،ۋەن تۇڭشۇ قاتارلىق مۇزىكىشۇناسلار ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئومۇمىيۈزلۈك تۇنۇشتۇرۇلغان مەخسۇس سەرلەۋھىلىك ماقالە-ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ ۋە نەشىردىن چىقىرىپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان بولسا، يېقىنقى يىللار مابەينىدە، تۇرسۇنجان لېتىپقا ئوخشاش مېھنەتكەش ئۇستازلار مەزكۇر تېمىدا يەنىمۇ مۇكەممەل ئىزدىنىپ ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر چالغۇلىرى تەتقىقاتىنىڭ يارقىن نەمۇنىسىنى ياراتتى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقايسى چوڭ-كىچىك مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر چالغۇلىرىغا ئائىت كۆپلىگەن ماقالە-ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىپ،بۇ تېمىدىكى نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ بىرقەدەر گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتىن بولسا، 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ، دىيارىمىزدىكى چالغۇ تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھۈنەر-سەنئەت  تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كۆپلەپ ئىزدىنىشى ھەم تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، نۇرغۇن چالغۇ-ئەسۋابلار قايتا ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئويغۇر مىللىي ئوركېستىرىدا ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياقتۇرۇپ ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولدى.
ھالبۇكى، كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ناھايىتى يىراق تارىخىي دەۋرلەر ئىلگىرىلا ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق-چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن قەدىمقى ئەجدادلار تەرىپىدىن  ئىجاد قىلىنىپ، تارىخنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنلىرىدا خەلقنىڭ پىنھان يۈرەك سىرلىرى، مۇھەببەت- نەپرىتىنى ئاۋازلىق ئىپادىلەيدىغان بەدىئىي ۋاستىگە ئايلانغان، ئۇلارنىڭ ماددى ھەم روھى دۇنياسى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، رەھىمسىز تارىخنىڭ  تاللاش - شاللاشلىرى، زىيان-زەخمەتلىرىدىن غالىپ كېلىپ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بەزى چالغۇ-ئەسۋابلار، ھالا بۈگۈنكى كۈندە، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۇك زەرەتلەشلىرى ۋە دەۋر كىشىلىرىنىڭ بىپەرۋا مۇئامىلىسى سەۋەبلىك يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا. ئۇيغۇر چالغۇسى قوۋۇز ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.
    قوۋۇز ــ ئويغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى ئىچىدىكى تەن ئاۋازلىق[1] چالغۇلار ئائىلىسىگە تەۋە،   تۈزىلىشى ئاددى، ھەجمى كىچىك، ئەمما تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان قەدىمى چالغۇ . ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلاردىن باشقا، مەملىكەت ئىچى ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەردىمۇ  قوۋۇز  ۋە ياكى شۇنىڭغا ئىنتايىن  ئوخشىشىپ كېتىدىغان چالغۇلار مەۋجۇد بولۇپ، ھەر قايسى  مىللەت تىلدىكى  ئاتىلىشى ۋە چېلىش ئۇسۇلىدىكى قىسمەن پەرقلەرنى نەزەرگە ئالمىغاندا،ئۇنى « پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەڭ ئورتاق چالغۇ » دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
قوۋۇزغا بولغان چۈشەنچەمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قوۋۇز ھەققىدىكى تەكشۈرۈش، تەتقىقاتتا ئەمەلىي ۋە ھەقىقى پاكىتلارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە،مۇئەللىپ 2009- يىلى 10-ئاي  ۋە  2010- يىلى 3- ئايلاردا قوۋۇز چېلىش ئەنئەنىسى خېلىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان يۇرتلارنىڭ بىرى بولغان باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر  ۋە سايرام قاتارلىق يېزا-بازارلارغا  بېرىپ، ھازىر ساناقلىقلا قالغان بىر  قانچە  پېشقەدەم قوۋۇزچى ئاياللار ۋە قوۋۇز ياساش ئۇستىسىنى زىيارەت قىلدىم. تۆۋەندە  قوۋۇز ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن :
1. قوۋۇزنىڭ نامى، ياسىلىشى ۋە چېلنش ئۇسۇلى ھەققىدە
1)  نامى:
    چالغۇ-ئەسۋابلارنىڭ نامى ئۇستىدە ئىزدىنىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.چۈنكى، چالغۇنىڭ نامى بولغان شۇ مىللىي تىل، قەدىمى ۋە تۇراقلىق بولغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ  مەزمۇنى بەلكىم  شۇ چالغۇنى ئىشلەتكۈچى مىللەتنىڭ تارىختىكى ئۆزگىرىشى ۋە تىل تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قىسمەن بىشارەت بىرەلىشى، مۇزىكا مەدەنىيەت قاتلىمىدا ئەكس ئېتىدىغان  ئىتنو مەنبەلىك مۇناسىۋەتلەرنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئىزاھلىيالىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ قوۋۇزغا ئوخشاش  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن  مىللەتلەر تەڭ ئىشلىتىدىغان چالغۇنىڭ نام-ئاتالمىسى بۇ نوقتىنى شەرھىيلەشتە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. قوۋۇزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەردىكى ئاتىلىشى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېتنوگىيىلىكمۇناسىۋەتلەر ھەققىدە، مۇزىكا تەتقىقاتچىسى لو يىفېڭ ئەپەندى بىر قەدەر چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇ «جوڭگو مۇزىكىلوگىيىسى »  ژۇرنىلنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلغان « قوۋۇز سۆزىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھەققىدىكى تارىخى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا، «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 81 مىللەتتە بۇخىل چالغۇنىڭ بارلىقى، ئوخشاش تىل سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەردە ئاتىلىشىنىڭ مۇئەييەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، بەزىدە ئوخشىمىغان تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەردىمۇ قىسمەن ئوخشاش نامدا ئېيتىلىدىغانلىقى، ھەرقايسى تىلدا كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا‹ئېغىز›،‹چالغۇ›،‹تارا› دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى...» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك  مەلۇمات  ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. ۋاقىت ۋە مەزمۇن چەكلىمىسى تۈپەيلى مەزكۇر ماقالىدە بۇ ھەقتە قايتا توختالمايمىز.
تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغىنى ، ئويغۇرلاردا قوۋۇز ـــ «قوۋۇز» ۋەياكى « ئېغىز قوۋۇزى » دەپ ئاتىلىدۇ. (بەزى ماتېرىياللاردا «ئېغىز تار»،«چاڭ قوبۇز» دەپمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.) «قوۋۇز» دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر لوغەت مەنىسى  ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئىككى يان تەرىپى، يەنى ئىككى يان دىۋارىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ [2] ، بۇ نام مەزكۇر چالغۇنىڭ ئېغىز بوشلۇقى بىلەن زىچ ماسلىشىش ئارقىلىق سادا ھاسىل قىلىدىغان پىرىنسپىغا ماس ھالدا قويۇلغان بولىشى مۇمكىن. دېمەككى، ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلار، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ رېزونانىسلىق رولىنى بايقاپ چىقىپ ئادەم تېنى بىلەن مۇزىكا ئەسۋابىنىڭ يۈكسەك  دەرىجىدىكى ئورگانىك بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، تەبئەت مەۋجۇدىيەتلىرى بىلەن ئۆز جىسمىنى مۇستەھكەم بېرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز مەنىۋىيىتىنى ئاۋۇندۇرۇپ كەلگەن.
قوۋۇز ـــ خەنزۇچە ماتىرياللاردا «خۇاڭ» ( ــ تىل،پۇرژىنا دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە)، «ئېغىز تار»  口弦))، «ئېغىز ساز» 口琴)) دىگەندەك ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن. خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە Jewish harp” (مەنىسى:‹يەھۇدى ئارفاسى›) دىگەن ئورتاق نامدا ئاتىلىدۇ. [3]
2)  ياسىلىشى:
«ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى» ناملىق كىتابتا:«تارىختا قوۋۇزنىڭ تۆمۈر قوۋۇز، قومۇش قوۋۇز ۋە يىپ  قوۋۇزدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ياسىلىش شەكىلى بولغان» دەپ مەلۇمات بىرىلگەن. [4] «جۇڭخۇا چالغۇ-ئەسۋابلار تەزكىرىسى»، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر چالغۇ-ئەسۋابلىرى»،« جۇڭگو چوڭ ئىنسكلوپىدىيىسى- مۇزىكا-ئۇسسۇل جىلدى » قاتارلىق قامۇسلاردىمۇ قوۋۇزنىڭ ئاساسلىقى قومۇش ۋە مېتالدىن ئىبارەت ئىككى خىل ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ ياسىلىدىغانلىقى، يىزۇ، مياۋزۇ قاتارلىق بەزى مىللەتلەردە  پىل چىشى، سەدەپلەردىن ياسالغان قوۋۇزلارنىڭمۇ بارلىقى ئىزاھلانغان. باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىسى دۇگان كەنتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قوۋۇز ياساش ئۇستىسى ئىمىر ھەسەنىىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، قومۇش ئۆسمەيدىغان قۇرغاق رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، قوۋۇز ياساشنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېرىيالى سۈپىتىدە يەنە «شىلۋىر» دەپ ئاتىلىدىغان، تاغدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈكنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ غولى ماتېرىيال قىلىنىپ ياسالغان قوۋۇزنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن زىل ۋە يېقىملىق چىقىدىكەن. قۇۋۇزنى  يەنە «زىرىق» ناملىق بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ غولىدا ياساشقىمۇ بولىدىكەن.
قوۋۇزنىڭ ھەجىمى بىر قەدەر كىچىك. تۆمۈر قوۋۇزنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 8 سانتىمېتىردىن 10 سانتىمېتىرغىچە، كەڭلىكى 2.5 سانتېمىتىردىن 3 سانتېمىتىرغىچە بولىدۇ. شەكىلى بىر قارىماققا ئامبۇرغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، باش قىسىمى يۇمىلاق ، ئۇچىغا بارغانچە ئىنچكىرەپ بارىدۇ. ئىككى تۆمۈر ياپراقچىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا يەنە بىر ئىنچكە تۆمۈر ياپراقچە قىستۇرۇلغان ھالەتتە بولىدۇ.[5]ياغاچ قوۋۇز ( قۇمۇش، شىلۋىر،زىرىق قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ ياسالغان قوۋۇزلار) ياپىلاق ھالەتتە بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 8 سانتېمىتىردىن 15 سانتېمىتىرغىچە، كەڭلىكى 2 سانتېمىتىردىن 4 سانتېمىتىرغىچە بولىدۇ. شەكىلى تار ھەم ئۇزۇن تىك تۆتبۇلۇڭسىمان ھالەتتە، لېكىن، 3\2 قىسىمىدىن سەل ئاشقان بۆلەكتىن باشلاپ ئىككى تەرىپى ئىچىگە قاراپ ئويۇلۇپ،ئازراق قاپاق بوينىسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئوتتۇرىسى قىرىلىپ نېپىز ھالەتتىكى پۇرژۇنىلىق خاراەكتېرگە ئىگە ياپراقسىمان «تىل» چىقىرىلىدۇ. باش قىسىمىغا قىسقا يىپ (باغ)، ئاياق قىسىمىغا ئۇزۇن يىپ باغلىنىدۇ. پىچاق بىلەن قىرىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
تۆمۈر قوۋۇز ۋە ياغاچ قوۋۇزنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى يەرلىك تىل بويىچە :  قوۋۇز «بېشى»،«باغرى»،«قارلىغىچى»،«تىلى»، «ئۇزۇن باغ »،«كالتە باغ» دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ [6].
3)  قوۋۇز چېلىش ئۇسۇلى:
    قوۋۇزـــ ئېغىز بوشلۇقىنى تاۋۇش رېزونانىسى قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئاۋاز چىقىرىدىغان تەن ئاۋازلىق چالغۇ. قوۋۇزنى تۇتۇش ئۇسسۇلى مۇنداق :  قوۋۇزنىڭ باش قىسىمىدىكى كالتە باغ سول قولنىڭ چىمچىلاق بارمىقىغا چىڭ يۆگىلىدۇ، باش بارماق بىلەن بىگىز بارماق ئارقىلىق قۇۋۇزنىڭ باش قىسىمىدىكى 2 سانتېمىتىردىن 3 سانتېمىتىرغىچە بولغان ئارلىق قىسىپ تۇتىلىدۇ. قۇۋۇزنىڭ ئاياق قىسىمىدىكى ئۇزۇن باغ ئوڭ قولنىڭ بارماقلىرىغا چىڭ يۆگىلىدۇ. ئاندىن، قوۋۇزنىڭ قاپاق بوينىسىمان قىسىمى ئىككى لەۋنىڭ ئوتتۇرسىغا ئېلىنىپ، قوۋۇزنىڭ تىلى ئادەمنىڭ تىلى بىلەن ئۇدۇل كەلتۈرىلىدۇ.
   چالغاندا، ئوڭ قولنىڭ بارماقلىرىغا يۆگەلگەن ئۇزۇن باغنى تارتىش ئارقىلىق قوۋۇزنىڭ  تىلى تىتىرىتىلىدۇ، ھەم  شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئىچى- تېشىغا نەپەسلىنىش ئارقىلىق سادا ھاسىل قىلىنىدۇ. ھاسىل بولغان سادا  ئېغىز بوشلۇقىنى زېزونانىس قىلىش ئارقىلىق سىرتقا ياڭرايدۇ، ۋە ئۆزگىچە ھەم يېقىملىق ئاۋاز ھاسىل قىلىدۇ. قوۋۇزنىڭ ئاۋاز دائىرىسى نىسبەتەن تار بولۇپ، ئېغىز شەكىلىنى ئۆزگەرتىش، قول ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاۋاز دائىرسى تارراق بولغان مېلودىيىلەرنى ئورۇنداشقا بولىدۇ،  ئادەتتە ئاۋاز ئىگىزلىكىگە قارىغاندا رېتىم ئۈنىمى ناھايىتى كۈچلۈك، رېتىم ۋە ئاۋاز مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئىچى-تېشىغا ئېلىنغان نەپەس ئارقىلىق ھاسل قىلىنىدۇ،ۋە  كونترول قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا خىلمۇ-خىل رېتىملار مەلۇم ھىسسىياتقا،  ۋەياكى تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇئەييەن ئاۋازلار تەقلىد قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭىلاشقا قوۋۇزنى رېتىم چالغۇسى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ.
قوۋۇزنىڭ ئاۋاز تۈسى تولىمۇ ئۆزگىچە، ئاۋاز كۈچى تۆۋەن.  غوڭىلدىغان تاۋۇش چىقىرىش ئارقىلىق ئىنسان تۇيغۇسىدىكى نازۇك ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدۇ.
2. قۇۋۇزنىڭ تارىخى ھەققىدە
قوۋۇز ــــ ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىپتىدائىي چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ قەدىمىيلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم. « چالغۇ-ئەسۋابلار ئەڭ دەسلەپتە بىر ئەسۋاپ بىر ئاۋاز چىقىرىدىغان ئەڭ ئاددى شەكىلدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەسۋابلار ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن،ئىنسانلارنىڭ ئاۋاز تىزمىلىرىغا بولغان تۇيغۇسىنى تەربىيىلەپ چىققان. بىر قىسىم قەدىمىي چالغۇلار پۇرژۇنىلىق ۋە رېزونانىسلىق بۇيۇملارنى چىكىش،  پۈۋلەش ۋە ئۇرۇشتىن ئىبارەت ئاددى شەكىل ئارقىلىق روياپقا كەلگەن. » [7] قىياس قىلشقا بولىدۇكى، قوۋۇزنىڭ ئاۋاز چىقىرىش قائىدىسى شۇ خىل ئىپتىدائىي ئۇسسۇلدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، قەدىمقى ئىنسانلار ئەقىل-پاراسەت بىلەن بۇ خىل ئۇسۇلنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇزىكىلىق ئىپادىلەش ئېھتىياجى ۋە ئىستېتىكا ئۆلچىمىگە لايىقلاشتۇرغان ھالدا ھەقىقىي چالغۇ يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ روياپقا ئېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئاۋاز دائىرىسى ئىنتايىن تار،تۈزىلىشى تولىمۇ ئاددى،ئەمما كىشىگە ئۆزگىچە زوق بېغىشلىيالايدىغان بۇ كىچىككىنە چالغۇنى كۆرگىنىڭىزدە، ئىختىيارسىز ھالدا قەدىمقى ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ساددا تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە گۆدەك ئىستېتىك خاھىشلىرى ھەققىدە  خىلمۇ-خىل تەسەۋۋۇرلارغا چۆمۈلمەي قالمايسىز. موڭغۇللارنىڭ ئاتاقلىق كومپوزىتورى مورجىخۇ :« قوۋۇز ــ چالغۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى، بۇ چالغۇ بولمىغان بولسا ئىنسانلاردا ئاۋازنىڭ يوقىرى-تۆۋەنلىك ئۇقۇمى بولمايتتى. مۇنداقچە ئېتقاندا، قوۋۇز ۋەكىللىكىدىكى قەدىمقى چالغۇ-ئەسۋابلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تۆرەلمە ھالىتىنىڭ نامايەندىسى » دەپ قارىغان.[8] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن :«ناخشا-ئۇسسۇل ـــ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تۇنجى، رېتىملىق ئىپادىلەنگەن پوتىنسىئال ئاڭ پارتلىشى، ھىسسىيات ئارقىلىق ھىسسىياتقا تامغا بېسىشى بولۇپ، قەدىمقى زامانلاردىلا مەيدانغا كەلگەن، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئۇنىڭغا بېقىنغان ئىپتىدائىي چالغۇ قوراللىرى رېتىملىق ئېتنىك مەدەنىيەت سۈپىتىدە، يېڭى تاشقورال دەۋرىدە ئۆزىنىڭ ئېتنوگىيىلىك قېلىپىنى تۈزدى.» دەپ ئېيتقان.[9] چەتئەللەردىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرمۇ :« ئەڭ بۇرۇنقى قوۋۇز ئىنسانىيەت جەمىئىتىنىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن مەنبەلىنىدۇ» دەپ قارايدۇ.[10] زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان باشقا چالغۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قوۋۇز ئىپتىدائىي دەۋرنىڭ  ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە ئەڭ روشەن ساقلاپ قالغان بولغاچقا، مۇزىكاشۇناسلار  ئۇنى: « ئۇزاق قەدىمقى دەۋر مۇزىكا مەدەنىيىتى مورفولوگىيىسىدىكى ‹تاشقا ئايلانغان تىرىك جىسىم » دەپ تەرىپلەشكەن.[11] ئىنسانشۇناسلارمۇ مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، قوۋۇز ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەنبىئىي ۋە تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى ئىزاھلاشقا ئۇرۇنغان. بىراق، «بۇ تەتقىقاتلاردا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ۋە  ماكرو جەھەتتىن ئىزدىنىش ئاساسي سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ماھىيەتكە چۆكۈش يىتەرسىز بولغان. تېخىمۇ مۇھىمى ئىلگىرىكى تېخنىكىلق ۋاستىلەرنىڭ چەكلىمىلىكى، ۋە ھەرقايسى ئىلم ساھەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بېكىك ئايرىمچىلىق، تەتقىقاتچىلارنى  قوۋۇزنىڭ ئاجىز،ئەمما جەلبكار مېلودىيىسىنى ئىنچكە خاتىرىلەش، ۋە ئۇنىڭ ئاۋاز قانۇنىيىتىنى توغرا ئۆلچەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان. ».[12] شۇ ۋەجىدىن، پەقەت يەككە يۆنىلىشلىك مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقات ئۇسسۇلىدىن پايدىلىنىپ،قوۋۇز ئارقىلىق ئىنسانىيەت مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبىئىى ۋە تەرەققىيات پىرىنسىپلىرى ئۈستىدە يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش زور چەكلىمىلىككە  ئىگە بولۇپ كەلدى. گەرچە قوۋۇزنىڭ زادى قاچان، نېمە ۋەجىدىن، قايسى ئېتنىك قەۋم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ جاھانغا تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە ئىلىم ساھەسىدە تېخىچە بىرلىككە كەلگەن مۇكەممەل كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق قوۋۇزنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى مىڭلىغان ئەسىرلەر داۋامىدا  ئۈزۈلۈپ قالماي، بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى بۈگۈنىمىزدىكى بىر مۆجىزە دېمەي تۇرالمايمىز.ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇر قوۋۇزى ھەققىدە خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆپلىگەن مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكىسى ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان يازمىلاردۇر.[13].«خەننامە» دىمۇ « باتىسخان ئانا (ئوماي) نىڭ كېنىزىكى شۈفېيغا قوۋۇز چېلىشنى بۇيرىغانلىقى » ھەققىدىكى خاتىرىلەر بار. «مۇ تيەنزىنىڭ تەرجىمىھالى» دا«بورىياغا قوۋۇز تەڭكەش قىلىنغانلىق » توغرىسىدا خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. [14] ئۇنىڭدىن باشقا، چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا تۈزۈلگەن «بەش تىللىق لۇغەت» تە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ تىزىملىكى قاتارىدىمۇ قوۋۇزنىڭ نامى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىنغان.[15] يۇقارقىغا ئوخشاش كۆپلىگەن تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مۇزىكا تەتقىقاتچىسى جۇ جىڭباۋ  ئەپەندى « قوۋۇز  مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىرلەردىلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن كەشپ قىلىنىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان» دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدىكى مۇزىكا مەدەنىيىتى » ناملىق كىتابىدىكى « يىپەك يولى مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى ئۈچ خىل چالغۇ ھەققىدە مۇلاھىزە » ناملىق ماقالىسىدا :« مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە تۇخرىلار غەربكە كۆچۈش ئارقىلىق، قوۋۇزنى ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستانلارغا ئېلىپ بارغان. مىلادى 1- ئەسىردە ھونلار غەربكە كۆچۈپ، رىم ئىمپېرىيىسىگىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئىستىلا قىلغان بولۇپ، ھونلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى قوۋۇزنى ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىدۇ. مىلادى 7-،8-ئەسىرلەردىكى تۈركلەرنىڭ غەربكە كۆچۈشى، ۋە 13-ئەسىردىكى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربنى ئىستىلا قىلىشى قوۋۇزنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ كەڭ قوللىنىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. قىسقىسى، قوۋۇز جۇڭگونىڭ غەرىبىي-شىمالىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىجاد قىلغان چالغۇ- ئەسۋاب بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى ۋە ئۆزگۈرىشى، يىپەك يولىدىكى سودا ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە كەڭ  تارقالغان ۋە كەڭ قوللىنىلغان » دەيدىغان كۆز-قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.[16]
قوۋۇز ھەققىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى » دا تىلغا ئېلىنغان قىممەتلىك ئىزنالارمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلماي قالمايدۇ: « ‹ئول قوبۇز قوبزادى›،قىزلار قوبزاشتى›،‹ئول ئانى قوبزاتتى›»[17] يۇقارقى قىسقىغىنە تەسۋىرلەردىنمۇ ئەينى دەۋرلەردە قوۋۇزنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلغانلىقى، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىدەك مۇھىم تارىخىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.
قىسقىسى، قوۋۇز  ۋاستىلىك ھالدا  يىراق ئەجدادلارنڭ ئەقىل پاراسىتى، تەپەككۇرى، ئىستېتىكىلق تاللاش ئۆلچىمى ، مۇزىكىلق مورفولوگىيىسى  قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا، ئېتنومۇزىكىلوگىيىلىك تەتقىقات ئۇسسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ھەمدە كۆپ خىل پەنلەرنىڭ كېسىشمە نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئىپتىدائىي چالغۇ-قوۋۇز ۋە ئۇنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئونىۋىرېسال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تولىمۇ زۆرۈر بۇلۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ قىممىتنىى تېخىمۇ تولۇق نامايەن قىلغۇسى.
3. ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقى ۋە خەلىق تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنى ھەم رولى
قوۋۇزنىڭ ھەجمى كىچىك، ئاۋاز كۈچى ئاجىز، مېلودىيە دائىرىسى تار بولغانلىقتىن، ئۇيغۇر  مۇزىكىچىلىقىدا باشقا چالغۇلارغا ئوخشاش، خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى ۋە كىلاسسىك مۇقاملارنى ئورۇنداشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. بىراق قىسمەن ئەھۋاللاردا راۋاب، دۇتار ،تەمبۇر قاتارلىق سازلار بىلەن تەڭكەش قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
  قوۋۇزنىڭ  ئۇيغۇر سەنئىتىدە نامايەن بولۇپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ قىممىتى شۇكى، ئۇ تالاي ئەسىرلەر مابەينىدە، كىلاسسىك مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ماددى ۋاستىلىرىدىن بولغان ساتار، غىجەك، تەمبۇر...قاتارلىق چالغۇ-ئەسۋابلار بىلەن قېنىق پاسىل ئاجراتقان، ۋە روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان ھالدا تىپىك فولكلور شەكلىدە راۋاجلانغان، ئومۇمىي مىللىي ھاياتىمىزدا، خەلقنىڭ ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش قاتلاملىرىغا سىڭىپ ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلانغان. قوۋۇز تارىختىن بۇيان، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنىڭ  ئەڭ ياقتۇرۇپ چالىدىغان، ئەتىۋارلايدىغان ئەرمەك چالغۇسى سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تېنىمسىز چايقىلىپ تۇرىدىغان مەنىۋىي دۇنياسىدىكى ئىستېتىك خاھىشلىرىغا جۆر بولغانلىقى، خوشاللىق- خاپىلىقلىرىغا، دەرد-ھەسرەتلىرىگە ئورتاقلىشپ، نازۇك  ۋۇجۇدىنى مول مەنىۋىي ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش دوقاللىرىدا دۇچ كەلگەن دىلخەستىلىكلىرىدىن قۇتۇلىشىنىڭ ئەڭ مۇناسىپ دىلكەش ۋاستىسگە ئايلىنىدۇ.
يۇقارقى خۇلاسىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، مۇئەللىپنىڭ باي ناھىيەسى ياتۇر يېزا قازغان كەنتتىكى«ئاخىرىقى قوۋۇزچى» 70 ياشلىق رۇشىنىخان ئانا بىلەن بولغان سۆھبەتكە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:
مۇئەللىپ: ـــ رۇشىنىخان ئانا، سىلى قوۋۇز چېلىشنى قاچاندىن بۇيان، كىمدىن ئۆگەنگەن؟
روشىنىخان ئانا: ـــ ئاپام كۆپ تۇغۇپتىكەن، لېكىن بالىلىرى كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ، مەن ئېسىمنى بىلسەم ئاپام بالىلىرىنىڭ پىراقىدا بەك يىغلايدىكەندۇق، يىغلاپ ئولتۇرۇپ قوۋۇز چالىدىكەندۇق. شۇ 7،8  ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ ئاپامنىڭ كەينىگە كىرىپ قىزىقىپ يۈرۈپ ئۆگەندىم.
مۇئەللىپ: ـــ قوۋۇزنى قانداق ۋاقىتتا چالىلا؟
روشىنىخان ئانا: ـــ مەن ياخشى-ياماننى بىلىپ بولغۇچە ئاپام كېتىپ قالدى، كېيىن داداممۇ تۆگەپ كەتتى. يا بالام يوق ، شۇ يىتىمچىلىكتە ئولتۇرۇپ تېخىمۇ چالىدىغان بولدۇم. مۇشۇ ئەتىياز ۋاقىتلىرىدا كاككۇك كېلىدىكەن، قارلىغاچ كېلىدىكەن، شۇنداق چاغلادا ئۆلۈك-تىرىكلەر ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ «ۋاي كاككۇك كەپتۇ، ئاپام ھايات بولغان بولسىمۇ كېلەركەندۇق، دادام بولسىمۇ كېلەركەندۇق» دەپ ئولتۇرۇپ قوۋۇزنى ئالىمەن، ئېلىپ بىر ھازا چېلىپ، ئۆزەمچە يىغلاپ كېتىمەن،مۇشۇنداق قىلسام كۆڭلۈم بىر ئەمىن تېپىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىش خوش ياققاندەك بولىدۇ...
مۇئەللىپ: ـــ ئىلگىرى بۇ يۇرتتا قوۋۇز چالىدىغانلار كۆپمىتى؟
روشىنىخان ئانا: ـــ ۋاي كۆپ بولماي، مەن ئېسىمنى بىلسەم  بىر ئىشقا ئانچە-مۇنچە دىتى بار ئاياللارنىڭ ھەممىسى قوۋۇز چالالايدىكەندۇق. بىزنىڭ بۇ يۇرتتا داڭلىق قوۋۇزچىلاردىن گۈلسۈم پۇچۇق، نىيازخان مەرۇپ، ئانارخان جەتتاڭ، تۇدىخان تۇراپ، ئانىڭدىنكىن مېھمانخاچام، تىللاخاچام  دېگەندەك ئاياللار باتى، ھەممىسى كارامەت چالىتى قوۋۇز دېگەننى. ئىشقىلىپ 70 پىرسەنت ئاياللانىڭ ھەممىسى قوۋۇز چالىتى. كىم ياخشى چاسا شۇنىڭ ئاغزىغا قالاپ قالىتۇق، بەلەكچە ھۆرمەتلەيتۇق...
مۇئەللىپ: ـــ قانداق چاغدا چالاتتىڭلار؟
روشىنىخان ئانا: ـــ ئەتىياز ۋاقىتلىرى بولسا زېرىكىپ قالساق، دىخانچىلىقتىن بىكار بولساق، ئىشقىلىپ قولىمىز ئىشتىن بوشىغان چاغلاردا يا مەشرەپ ئوينايتۇق ياكى قوۋۇز چېلىشىپ ئوينايتتۇق. بىر نەچچە ئاياللار جەم بولۇشۇپ چالاتتۇق. بەزىدە بىرەسى كۆڭلى تاتقان ئاياللارنى ئويىگە قىچىرىپ تاماق قىلاتتى، ئاندىن مەخسۇس ئولتۇرۇپ «سىلى بىر چالسىلا،سىلى بىر چالاملا » دېيىشىپ قوۋۇز چېلىشاتتۇق، مۇڭدۇشۇپ كۆڭلىمىز  يايراپ كېتىتى.... چوڭلار شۇنداق چالىتى، ئاپامنىڭ ئاپىلىرىمۇ شۇنداق چالىدىكەندۇق. ئاپامنىڭ ئاپىسىدىن قالغان تەۋەرۈك قوۋۇزى ماڭا قالغان مانا.  ماۋۇ دۇگان كەنتىدە ئوغلەم ئوسمان دەپ بىر ئايال بار ئىدى،  شۇنداق قوۋۇز خۇمار.  ئۆزىنىڭ قوۋۇزى يۈتۈپ كېتىپتىكەن، ھەر قېتىم بارساملا «قوۋۇزىڭىزنى ئەكەسىڭىز بىر چېۋالسام » دەپ يالۋۇرۇپ كېتىتى. ئاپىرىپ ئۇ ئايال بىلەن چېلىشاتتۇق، 80 ياشقا كىرگەن، ئىككى يىل بولدى تۈگەپ كەتتى رەمەتلىك..»
   قوۋۇزچى ئاياللارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ياتۇر يېزىسى ۋە سايرام بازىرىدىكى تۇراخان ئايۇپ، مىنساخان راشىدىن، ئوغلەم ئىسمايىل، سايىمخان قاتارلىق باشقا ئاياللاردىنمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش بايانلارنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك  ياشقا چوڭىيىپ قالغانلىقىغا قارىماي، قوۋۇزنى قولىغا ئالسىلا زوق-شوق بىلەن چېلىپ كېتىشەتتى، كۆزلىرىدىن ياشلىقىدىكى جىلۋىدار ئۇچقۇنلار چاقنايتتى. بەزىلىرى قوۋۇز چېلىش ھەققىدە گەپ بولۇنغان ھامان ئۆزىنىڭ يالغۇز قالغاندا، زېرىككەندە، غېرىب بولغاندا قوۋۇز چالىدىغانلىقى، قوۋۇز چالسا دەردلىرىنىڭ يەڭگىللەپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئېغىر ئۇھسىناتتى، ھەتتا نەلەردىندۇر كەلگەن ئاچچىق ياشلىرىنى تۇتۇپ ئالالماي بۇغۇلۇپ-بۇغۇلۇپ يىغلىشاتتى.... بۇلارنى كۆرۈپ قوۋۇزنىڭ ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدا تۇتقان سەل قارىغۇسىز رولى ۋە ئۇلارنىڭ قوۋۇزغا باغلانغان ئۈزۈلمەس كۆڭۈل  رىشتىسىنى ھىس قىلغاندەك بۇلاتتىم....
قوۋۇز ھەققىدە ياتۇر يېزىسى 2- كەنتىدىكى قوۋۇز ياساش ئۇستىسى ئىمىر ھەسەن مۇنۇلارنى دەيدۇ :
مۇئەللىپ: ـــ ئىمىركا، سىلى قوۋۇز چېلىشنى كىمدىن ئۆگەنگەن؟
ئىمىر ھەسەن : ـــ مىنىڭ دادامنىڭ دادىسى ئوۋچىلىق قىلىدىغان ئادەمكەندۇق، ئۇ كىشى قوۋۇزنى ئوبدان ياسايدىكەندۇق. دادام ئۇنىڭدىن ئۆگۈنۈپتۇ. تاغدا مال بېقىپ يۈرۈپ خەقلەرگىمۇ ئۆگىتىپتىكەن. مەنمۇ ئۆزەم ياغاچچى بولغاندىكىن ،راۋاب، تەمبۇرلىنىمۇ ياسايتتىم، قوۋۇز ياساپ باقسام بۇمۇ قاملىشىپ قالدى .كېيىن شۇنداق قىلىپ ياسايدىغان بولدۇم.
مۇئەللىپ: ـــ قوۋۇز چېلىشنى سىلى بىلەملا؟
ئىمىر ھەسەن : ـــ ياق، مەن چالاممايمەن.
مۇئەللىپ: ـــ ياسىيالايدىغان تۇرۇپ، نىمشقا چېلىشنى بىلمەيلا؟
ئىمىر ھەسەن : ـــ بۇنى بۇرۇنتىن ئاياللار جىقراق چالىدۇ. ئەرلەر بۇنىڭ بىلەن جىق ئېيتىشمىغاندىكىن، ھەم ئۇ نەرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاياللار چالغاندەك ياندۇرغىلى بولمايدىكەن. بۇرۇنقىلارمۇ شۇنداق چاپتىكەن شۇ.  ئايالىمغىمۇ ئاپام ئۆگىتىپتىكەن. بۇرۇن ئىشتاچى كەنتىدە  تۇنىياز مۇسا دەپ بىر ئەدەم باركەندۇق، شۇ ئەدەم بەك ئۇستىتى . ئۇ چاغدا دېگەن قوۋۇز چالىدىغان ئاياللار بەك جىقتى. قاتار ئولتۇرىشىۋېلىپ  ئۆز-ئارا مۇسابىقىلىشىدىكەندۇق. مەشرەپ، ھېيت-ئايەم بولسا يىغىلىپ ئولتۇرۇپ بەك چالىدىكەندۇق.بۇرۇن چالىدىغانلار ياڭزا-ياڭزا، جاھاندا بار ھايۋاناتنىڭ ھەممىسىنى دوراپ قالتىس چالىتى، ھازىر چالىدىغانلار ئۇنداق چالالمايدىكەن. كامىنا ۋاقتى بوغاندىن كېيىن بۇ ئىشمۇ تۈگەشكە باشلىدى. ئاياللار ئىشتىن باش كۆتىرەلمىگەندىكىن ئەمدى شۇ.
مۇئەللىپ: ـــ ئەرلەرنىڭ كۆپ چالماسلىقىدا بىرەر ئالاھىدە سەۋەپ بارمۇ؟
ئىمىر ھەسەن : ـــ باشقا چوڭ سەۋەپ يوق، ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىللە راۋاب، داپ چېلىپ يۈرىدىغان ئادەت بولمىغاندىكىن، يېنىك دەپ مۇشۇنى چالىدىكەن شۇ. ئەرلەر «خوتۇن خەق چالىدىغان ساز بۇ» دەپ جىق چالمايدۇ.
     يۇقارقى بايانلار گەرچە قوۋۇزنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخى يېتەرلىك بولمىسىمۇ، بىراق «تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ» غىنىدەك، بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي توپنىڭ مەدەنىيەت ئېكىنزارلىقىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئىشتىراكچىلارىدىن بولغان مەلۇم بىر رايون خەلقىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش كارتىنىلىرى ۋە بېزەكسىزلا ئېيتقان ئاددى قەلب بايانلىرى، قوۋۇز ۋە قوۋۇز چېلىشنىڭ   ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئارىسىدا تېخى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتلاردىكى گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ ۋە بىزنى بۇ ھەقتە ئىلمى قىياسلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، قوۋۇز ـــ ئاياللارنىڭ پسېخىك ھالىتى ۋە روھى دۇنياسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقاندىن  باشقا،  يەنە قىز-يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغان سىموۋۇللۇق بۇيۇمىغا ئايلانغان. يەرلىك كىشلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى يىگىتلەر بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ئۇنىڭغا چىرايلىق قوۋۇز ياساپ بېرىدىغان ئادەت بولغان. « دادام  تاغدىن مال بېقىپ قايتىپ كەلسە ئاپامغا قوۋۇز ئېتىپ ئالغاچ چىقاتتى، ئاپام بۆلەكچە خوش بولۇپ چېلىپ كېتەتتى... » دىگەنگە  ئوخشاش گەپ-سۆزلەرنى ياتۇر يېزىسى ۋە سايرام بازىرىدىكى ياشقا چوڭ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ھەر زامان ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
قوۋۇزنىڭ ئاۋازىدىكى مۇڭنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش تولىمۇ قىيىن. چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر خىل نەپىسلىك بىلەن چوڭقۇر تۇيغۇنى بايان قىلىدۇ. ھەجمىنىڭ كىچىك، ئاۋاز كۈچىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئۇنىڭ مۇزىكىلىق ئىپادىلەش كۈچى مول. قوۋۇزدا قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى تەقلىد قىلىشقىمۇ بولىدۇ. يەنە كېلىپ، قوۋۇزنىڭ تاۋۇشى ئادەم ئىنتوناسىيىسىگە ئوخشىشىپ كەتكەن بولغاچقا، كىشىلەر «قوۋۇزنى گەپ قىلالايدۇ» دەپ تەربلىشىدۇ.  قوۋۇزچى ئاياللارمۇ قوۋۇز چالغاندا، قوۋۇزنىڭ نازوك تىللىرى ھەققىدە « كاككۇكنى دەۋاتىمەن»،«ئاھ، ئاپىمەي، ئاھ دادىمەي ..» دېدىم، « يىغلىغاندەك چالىدىغان ئاھاڭ ».... دىگەندەك ئىزاھاتلارنى بېرىشىدۇ.
قىسقىسى،  ئۇيغۇر سەنئىتىدە قوۋۇز باشقا چالغۇلارغا ئوخشاش كلاسسىك ۋە ئەلنەغمە ناخشا-مۇزىكىلارنى بىر پۈتۈن ئورۇنداشقا ئىشلىتىلىپ كېتىلمەيدىغانلىقىغا قارىماي، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئاددى  تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ۋە روھى دۇنياسىدا ئىنكار قىلغۇسىز مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.
4. قوۋۇزنىڭ جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەردە ئشلىتىلىشى
     مەزكۇر ماقالىنىڭ باش قىسىمىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، قوۋۇز ئۇ بىر دۇنياۋى  خارەكتېرلىك چالغۇ. دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرخىل جۇغراپىيىلىك ئامىل، گېن ئامىلى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەردە ئوخشىمىغان تۇرمۇش ئۇسسۇلىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. «بۇ خىل ئوخشىماسلىقنىڭ ئۆزىگە يارىشا قىممىتى، تارىخىي ئەندىزىسى بار بولۇپ ھەر قايسى مىللەتلەر جۇغراپىيىۋى ياشاش شارائىتى، ياشاش ئۇسسۇلى ۋە مەنتىقىسى، مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرى ، دىنىي ئېتىقادى جەھەتلەردىكى تۈپ پەرقى تۈپەيلى خىلمۇ-خىل مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى شەكىىللەندۈرگەن.»[18] شۇ سەۋەبتىن، «قوۋۇز» دىن ئىبارەت بۇ ئوخشاش بىر خىل چالغۇنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا مەدەنىيتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تۇتقان سۇبيىكتىپ ۋە ئوبىكتىپ رولىمۇ ئوخشاش ئەمەس.
لو يىفېڭ ئەپەندىنىڭ ستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 81 مىللەتتە قوۋۇز مەۋجۇت. [19] دۆلىتىمىزدە ئۇيغۇر، قىرغىز، قازاق، لىزۇ، لاخۇ، لىسۇ، ناشى، خانى، ۋازۇ، نۇزۇ، دۇلۇڭ، جىنو، مياۋزۇ، زاڭزۇ، لوبازۇ، خۇيزۇ، خەنزۇ، گاۋشەن، يۈگۇ(يۇغۇر)، تاتار، توۋا  قاتارلىق يىگرمە نەچچە مىللەتتە قوۋۇز بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يىزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى سەنئىتىدە قوۋۇز بىر قەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ قوۋۇز يىزۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق چالغۇسى ھىسابلىنىدۇ.[20]
   «يىزۇلارنىڭ چالغۇسى ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ خىلى ئەڭ قىممەتكە ئىگە، قوۋۇز بۇنىڭ بىرىنچىسى». [21] يىزۇلارنىڭ قوۋۇزى قوش ياپراقلىق ۋە كۆپ ياپراقلىق بولۇپ، بىر قانچە قوۋۇزنىڭ باش قىسىمىدىن يىپ ئۆتكۈزۈلۈپ بىر-بىرىگە چېتىلغان ھالەتتە بولىدۇ.[22]  مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتوتى مۇزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى زېڭ رېنشى: « قوۋۇز دۇنيا خارەكتېرلىك چالغۇ-ئەسۋاب. ھالبۇكى، يىزۇلارنىڭ قوۋۇزى ئۆز تەرەقىقىياتىنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىدىن ئۆتۈپ، بىر بالداق يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.» دەپ قارىغان[23].  قوۋۇز يەنە يىزۇ مىللىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى. قوۋۇز يىزۇ يىگىت-قىزلىرىنىڭ قىزغىن ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن. ئۇ مۇھەببەتنىڭ نىشانى  سۈپىتىدە يىزۇلارنىڭ سۆيگۈ مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان. قوۋۇزنى يېنىغا ئېسىۋېلىش مەلۇم مەنىدىن قىز-يىگىتلەرنىڭ ياشلىققا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى. يىزۇلاردا« قوۋۇز گەپ قىلالايدۇ» دەيدىغان تەمسىل بار. ياشلار قوۋۇز ئارقىلىق كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىدۇ، ئەڭ ياخشى سوۋغا سۈپىتىدە بىر-بىرىگە سوۋغات قىلىشىدۇ. قوۋۇزنى نەپىس قوۋۇز قېپىغا سېلىپ بوينىغا ئېسىۋېلىش ئەينى ۋاقىتتا مودىغا ئايلانغان. يىزۇلار قوۋۇزنىڭ قېپى ئۈستىگە چىرايلىق ئويمىلارنى ئويۇپ بىزەيدىغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-سەنئىتىدىكى كىشىنىڭ نەزىرىنى تارتىدىغان بىر تەرەپ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. [24] 1980-يىلى 10-ئايدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرىكىدە تۇنجى قېتىم قوۋۇزدا يىزۇ مىللىتىنىڭ «قىز كۆچۈرۈش ناخشىسى » ئورۇنلانغان بولۇپ، بۇ چالغۇنىڭ تۇنجى چوڭ تىپتىكى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىشى ئىدى.[25]
قوۋۇز موڭغۇللاردىمۇ بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار قوۋۇزنى يېنىدىن ئايرىماستىن، كۆڭۈل ئاچىدىغان ساز سۈپىتىدە ئارام ئالغاندا ۋە ئوۋ پائالىيىتىدىكى دەم ئېلىشلاردا دائىم چالىدۇ. موڭغۇللاردىمۇ « بىرەر يىگىت قايسى قىزغا قوۋۇز سوۋغا قىلسا، شۇ قىزغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغان ۋە ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلغان بۇلىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراش بار. موڭغۇللاردا قوۋۇز ئىلگىرى يەنە شامان باخشىلىرىنىڭ رەم سېلىشىدىكى قۇرالى بولغان. كېيىن بۇدا دىنىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن بۇ خىل رەمباللىقلارمۇ ئاستا-ئاستا غايىپ بولغان بولسىمۇ بىراق شۇ دەۋىرلەردىن قالغان ئاسارەتلەر پىشقەدەم ياشتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى قوۋۇزغا بولغان مۇقەددەسلىكىنى يوقاتمىغان بۇلۇپ، ئۇلار ھېلىمۇ « قوۋۇزنى كىملا چالسا بۇلىۋېرىدىغان چالغۇ ئەمەس دەپ قارايدۇ».[26]
   خۇيزۇلارمۇ قوۋۇزنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، نىڭشيانىڭ لىڭۋۇ شەھىرىدىكى «ما جەمەتى قوۋۇزى» تۆت ئەۋلادتىن بۇيان قوۋۇزچىلىقنى داۋام قىلىپ  كەلگەن، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن بولغانلىقتىن، 2007-يىلى 9-ئايدا  دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت  مىراسلىرىنى قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. قوۋۇز ماھىرى ما لەنخۇا ئانىنىڭ  دادىسى ما جىنگۈي كونا جەمىئەتتىكى ئېغىر كۈنلەردە قوۋۇز ياساپ ئائىلىسىنى قامدىغان بولۇپ ، ما لەنخۇا دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بىر ئۆمۈر قوۋۇز چېلىشنى تاشلىمىغان. 2007-يىلى ئۇ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى بولۇپ باھالانغان.[27] لىسۇ مىللىتىدىمۇ يىگىتلەر كىمنى ياخشى كۆرسە قوۋۇز تەقدىم قىلىدىغان، قىز ماقۇل كۆرسە قۇبۇل قىلىدىغان بولمىسا قايتۇرىۋېتىدىغان ئادەت بار. قوۋۇزنىڭ ئاۋازى تۆۋەن بولغان بىلەن، ئىپادىلەش كۈچى مول بولغاچقا، لىسۇ مىللىتىدە يەنە «قوۋۇز ئۇسسۇلى» بارلىققا كەلگەن.[28]
   قوۋۇز ھەققىدە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا خىلمۇ-خىل گۈزەل رىۋايەتلەر تارقالغان بولۇپ بۇنىڭ ئارىسىدا تىپىكرەكلىرىدىن مۇنۇلارنى مىسالغا كۆرسىتش مۇمكىن.
لاخۇ مىللىتىدە مۇنداق رىۋايەت تارقالغان:
قەدىمقى زاماندا ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىككى قوشنا ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ناۋۇ ئاتلىق بىر قىزى، يەنە بىرىنىڭ زادۇ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇلار كىچىكىدىنلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ، بىر-بىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. كېيىن بۇ ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقىپ، ئىككى ياشنىڭ كۆرۈشۈش- ئۇچرۇشىشىمۇ چەكلىنىپتۇ. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەي تولىمۇ ھەسرەت چېكىشىپتۇ. بىر كۈنى ناۋۇ قىز ئىنچكە بىر بامبۇك پارچىسىنى تاللاپ،  ئاغزىغا يېقىن ئەكىلىپ ئېيتماقچى بولغان سۆزلىرىنىڭ رېتىمى بويىچە قومۇشنى پۈۋلەشكە باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قومۇشتىن چىرايلىق ئاۋازلار ياڭراشقا باشلاپتۇ، يىگىتمۇ قىزنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىنى چۈشىنىپتۇ. گەرچە،  بۇ ئاشىق-مەشۇقلار ۋېسالىغا يېتەلمەستىن زەھەر ئىچىپ بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقان بولسىمۇ،  ئۇلار چالغان قوۋۇزنىڭ سېھىرلىك ئاۋازى ئەۋلادتىن-ئەۋلاتقا جاراڭلايدىغان بولۇپتۇ...[29]
  ناشى مىللىتىدە مۇنداق رىۋايەت تارقالغان:
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ناشى مىللىتىنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ جەۋرى- جاپاغا تولغان ئىكەن، بولۇپمۇ «ناشىمۇ خاندانلىقى» دەۋرىدە چىرىك خان-پادىشاھلارنىڭ زۇلۇمى سۆڭەكتىن ئۆتۈپتۇ. كىشىلەر بىر يەرگە كەلسىلا زالىملارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشىدىكەن. زالىملار خەلقنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىگە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، كىشىلەرنى ئوز ئارا پاراڭلىشىشتىن چەكلەپتۇ، ھەم گەپ قىلغانلارنىڭ  تىلىنى كېسپ جازالاپتۇ. بىراق ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەر قۇمۇشتا قوۋۇز ياساپ چىقىپ، شۇنى چېلىش ئارقىلىق بىر-بىرىگە مەقسىدىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپتۇ، كېيىن زالىم پادىشاھ ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىنمۇ كىشىلەر قوۋۇزنى ئەتىۋارلاپ چالىدىغان بوپتۇ.... [30]
ناشى مىللىتىنىڭ قوۋۇز ئاھاڭلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 72 خىلدىن ئاشىدۇ. يىزۇ ئوغۇل-قىزلىرى قوۋۇزنى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە بوينىغا ئېسىۋالىدۇ. ھەر يىلى بىر كېلىدىغان ئوت بايرىمى ئاخشىمى قوۋۇز چېلىپ تەنتەنە قىلىشىدۇ. بەيزۇلار قوۋۇزنى كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتىكى سوۋغات ۋە ئەسلەش بۇيۇمى قىلىدۇ. ھەر يىلى « مارت رەستىسى بايرىمى»دا قوۋۇز ناخشىسى ئېيتىشىدۇ. [31]
   قىسقىسى: قوۋۇز  ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەردىمۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە كەڭ ئىشلىتىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىدە ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي روللارنى ئويناپ كەلگەن.
5. قوۋۇزنىڭ ئويغۇر مۇزىكىچىلىقىدىكى ھازىرقى ئەھۋالى
قوۋۇز گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆز مەۋجۇدلىقى ۋە ئىزچىللىقىنى سۇس ساقلىغان ھالەتتە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا  ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دەۋرىمىزگە كەلگەندە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قوۋۇزنى كۆرۈش، چېلىش ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇر چالغۇلىرى قاتارىدا قوۋۇزدىن ئىبارەت بۇ چالغۇنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى؛ قوۋۇز ياساش- چېلىش ئەنئەنىسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر يۇرتتا ھازىر قوۋۇز چالالايدىغان كىشىلەر سانىنىڭ ئونغا يەتمەيدىغانلىقى قاتارلىق پاكىتلار بۇ نۇقتىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ ھال تەبئىي يۇسۇندا، بىزنى بۇ خىل يوقۇتىشنىڭ ماھىيىتىگە يوشۇرۇنغان ۋەج-سەۋەبلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئۈندەيدۇ. مېنىڭچە بۇ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن :
ئالدى بىلەن، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقلىرى مىسلىسىز بولدى.
ئۇندىن قالسا، 20- ئەسىردىكى پەن تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىلىم پەننىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور دەرىجىدە ئىچىكىرىلەپ كىرىشى، ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسسۇلى، قىممەت قارىشى، تەپەككۈرى ۋە ئىستېتىك زوقىدا غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەرنى ياسىدى. ئىنسانلار ھاياتىنىڭ كۆلەڭگۈسى ھېسابلىنىدىغان سەنئەتمۇ پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچلۈك دەرىجىدىكى غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىىسدا يېڭىچە شەكىللەر بىلەن بېيىدى . رادىيو، ئۈنئالغۇ، كىنو ئاپىراتى، تېلېۋىزور، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلىكترون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆپلەپ قوللىنىشى، كىشىلەرنى مەنىۋىي ئېھتىياجىنى ئېكران ئارقىلىق قاندۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈپ، مەشرەپ قاتارلىق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ بېرىشىغا سەۋەبكار بولغان بولسا، گىتار، پىئانىنو، ئىسكىروپكا، ئاكاردىيون، رويال قاتارلىق چەتئەل چالغۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىشى، ئويغۇر ئەنئەنىۋىي چالغۇلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلىشىگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ئېلىكترونلۇق رويال  قاتارلىق ئېلىكترون چالغۇلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك  مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىدە، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئاددىي تۇرمۇشى ۋە تۈرلۈك مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىشى بىلەن، قوۋۇزغا ئوخشاش بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي چالغۇلار بارغانسېرى ئىستىمالدىن قالدى ۋە ھەتتا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
                      خۇلاسە :
    كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بۇ ئاچچىق رىئاللىق بىزگە قوۋۇزدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي چالغۇنىڭ نەسلىنى چوقۇم ساقلاپ قېلىشتىن، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش- داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر تەخىرسىز زۆرۈرىيەتنى كۈچلۈك ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى، قوۋۇزچىلىق ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان ھاسىل بولغان رەڭدار ۋە مول مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ئىچىدىكى بىر قىممەتلىك بۆلىكى، ئەجدادلارنىڭ ئەسىرنى ئەسىرگە ئۇلاپ بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن ئەڭ بىباھا مەنىۋىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭغا ئوخشاش مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىز بىلەن قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىخ ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ھىساپلىنىدۇ.
قوۋۇزغا بولغان ۋارسلىقنى ھەقىقىي يۇسۇندا ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، مېنىڭچە، ئالدى بىلەن ئىز باسارلارنى تەربىيەلەش تولىمۇ مۇھىم. مۇئەللىپنىڭ باي ناھىيەسىنىڭ ئىككى يېزىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەمەلىيىتىمدىن قارىغاندا، ھازىر ئىككى يېزىدا قوۋۇز چالالايدىغان ئالتە ئايال ۋە قوۋۇز ياسىيالايدىغان بىردىن-بىر كىشىنىڭ ھەممىسى 60 ياشتىن ھالقىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇنىڭدىن پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئۇيغۇرلاردىكى نىسبەتنى قىياس قىلىش قىيىن ئەمەس. قوۋۇز چالالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى ھەم ياشقا چوڭىيىپ قالغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى، «ناۋادا بۇ خىل مەدەنىيەت مىراسىمىزىنىڭ سۇبيېكتى، ئىختىراچىلىرى، ئىجراچىلىرى، ئېلىپ  يۈرگۈچىلىرى، ئىزچىللاشتۇرغۇچىلىرى، ۋە ۋارىسلىرىدىن بولغان بۇ ‹مەدەنىيەت بەرپاچىلىرى› يوقىلىپ كېتىدىكەن، ئۇ ھالدا قوۋۇزدىن ئىبارەت بۇ خىل مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىن سۆز ئېچىش ناھايىتىمۇ  قىيىن.»[32]
   ئۇنىڭدىن باشقا، قوۋۇزچىلىققا ۋارىسلىق قىلىشتا يەنە قوۋۇزنى باشقا چالغۇلار بىلەن مۇۋاپىق تەڭكەش قىلىپ سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىش؛ قوۋۇزنىڭ ئۆزگىچە ئاۋاز تۈسىنى باشقا مىللىي چالغۇلار ۋە زامانىۋىي تېخنىكىلىق ئاۋاز ۋاستىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى ئۆزگىچىلىكنى نامايەن قىلىش بىلەن تەڭ، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ مۇزىكىنىڭ تەسىرچانلىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈش؛ رىقابەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش تۈسىنى ئالغان تۈرلۈك مۇسابىقە ۋە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق،كىشىلەرنىڭ قوۋۇزغا بولغان قىزىقىشى ۋە دېققەت-ئىتىبارىنى قوزغاش، قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
بۇيەردە سۆيۈنۈش ئىچىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2008 يىلى شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» ناملىق بىر يۈرۈش نۇر تەخسىنىڭ «توقسۇن مەرتەم مەشرىپى» قىسىمىدا ئىككى قىزنىڭ دۇتتار بىلەن قوۋۇزنى تەڭكەش قىلىپ مۇزىكا ئورۇندىغان كۆرۈنىشى بولۇپ، كۆرۈنۈشتىن ئايان بولۇپ تۇرۇپتىكى، بۇ نومۇر بۇ قېتىملىق مەشرەپكە تولىمۇ ئۆزگىچىلىك قوشقاندىن باشقا، تاماشىبىنلارنىڭ قوۋۇزغا بولغان كۈچلۈك ھەيرانىلىقى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىغان. بۇ قوۋۇزنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىدە قايتىدىن نامايەن بولۇشىغا نىسبەتەن تولىمۇ خەيرلىك بىر باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ.
قىسقىسى، قوۋۇزدىن ئىبارەت بۇ تەۋەرۈكنى قايتىدىن ئەتىۋارلاپ، ئۇيغۇر مۇزىكا ئوركىستېرىدا ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىش شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتىدە ئۇنى قايتىدىن جۇلالاندۇرۇش دەۋرىمىزدىكى ھەر-بىر ئۇيغۇر مۇزىكا خادىمى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋەزىپە ھەم تولىمۇ خاسىيەتلىك بىر ئىش بولۇپ قالغۇسى.
ـــــــــــــــــــــــــــــ
              ئىزاھاتلار:
1.  تەن ئاۋازلىق چالغۇ (体鸣乐器) __ چالغۇلارنى تۈرگە ئايرىغاندىكى بەش چوڭ تۈرنىڭ بىرى. بۇ تۈردىكى چالغۇرلاردا بەلگىلىك شەكىلدىكى ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىم ئاۋاز مەنبەسى قىلىنىدۇ. (ئۇيغورچە-خەنزۇچە سەنئەت لوغىتى، تاھىر ناسىر باش بولۇپ تۈزگەن، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى، 2008يىلى 10-ئاي. 720 -بەت.)
2.       «ئۇيغور تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى،1994-يىلى 9-ئاي 4-توم،298-بەت.
3.      مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى، 1994-يىللىق 4-سان، باۋ.دارخان.
4.      «ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى»، تۇرسۇنجان لېتىپ، شىنجاڭ ئونىۋېرستېتى نەشىرىياتى، 1997-يىل 5-ئاي، 57-بەت.
5.      «جۇڭخۇا چالغۇلىرى قامۇسى». مىللەتلەر نەشىرىياتى. 2002-يىلى9-ئاي 612-بەت.
6.       باي ناھىيەسى ياتۇر يېزا دۇگان كەنتىدىكى ئىمىر ھەسەننىڭ ئاغزاكى بايانلىرىغا ئاساسەن رەتلەندى.
7.       «مۇزىكىلوگىيە ھەققىدە ئومۇمىي بايان». ۋاڭ ياۋخۇا. ئالىي مائارىپ نەشىرىياتى 2005-يىلى 7-ئاي 446-بەت
8.       «قوۋۇز ھەققىدە ئونىۋېرىسال تەكشۈرۈش»، يىڭ يوۋچىن. جۇڭگو مۇزىكىلوگىيىسى،  88-يىللىق 2-سان،
9.      «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت». ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىل 1-ئاي، 83-بەت
10.  «قوۋۇزنىڭ  ئىلمى قىممىتى». سېڭ جۇجىن، «مۇزىكا تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1982-يىللىق 2-سان
11.   «مۇزىكا ئېنسىكلوپېدىيەسى ». مياۋ تيەنرۈي. خەلق مۇزىكا نەشىرىياتى. 1998.1 350-بەت
12.   «قوۋۇزنىڭ  ئىلمى قىممىتى». سېڭ جۇجىن، «مۇزىكا تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1982-يىللىق 2-سان
13.  «يىپەك يولىدىكى مۇزىكا مەدەنىيىتى،». جۇ جىڭباۋ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1994-يىل 1-ئاي 428-بەت.
14.   «ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى» تۇرسۇنجان لېتىپ،شىنجاڭ ئونىۋېرستېتى نەشىرىياتى، 1997-يىل 5-ئاي، 58-بەت
15.   «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى» ئا.مۇھەممەتئىمىن . شىنجاڭ ئونىۋېرستېتى نەشىرىياتى 1997-يىلى 4-ئاي 436-بەت
16.  «يىپەك يولىدىكى مۇزىكا مەدەنىيىتى». جۇ جىڭباۋ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1994-يىل 1-ئاي 428-بەت.
17.  «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى» ئا.مۇھەممەتئىمىن . شىنجاڭ ئونىۋېرستېتى نەشىرىياتى 1997-يىلى 4-ئاي 183-بەت.
18. «قەشقەرنىڭ غەيرى ماددى  مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلار ۋە پىرىنسىپلار». ئابدۇكېرىم راخمان،  قۇربان مۇھەممەتتۇردى نىزان . سەنئەت ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى،  2009 -يىل 12-ئاي 2-سان 25-بەت
19.  « قوۋۇز سۆزىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھەققىدىكى تارىخى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى» لو يىفېڭ «جوڭگو مۇزىكىلوگىيىسى » 97-يىللىق 1-سان
20.  «جۇڭخۇا چالغۇلىرى قامۇسى». مىللەتلەر نەشىرىياتى. 2002-يىلى9 -ئاي 612-بەت.
21.  «يىزۇ قوۋۇزى ». كې رو شياۋ فۇ. جىڭشەن كۈندىلىك گېزىتى 2008-يىلى 18- ئاپرىل.
22.  «جۇڭخۇا چالغۇلىرى قامۇسى». مىللەتلەر نەشىرىياتى. 2002-يىلى9 -ئاي 612-بەت
23.  «يىزۇ قوۋۇزى ». كې رو شياۋ فۇ. جىڭشەن كۈندىلىك گېزىتى 2008-يىلى 18- ئاپرىل
24.  «جىجۆئاشى ۋە ئۇنىڭ قوۋۇزى». زېڭ دوڭمېي. يۆشەن كۈندىلىك گېزىتى 2007-يىلى 17-ئىيۇن
25.   «جۇڭخۇا چالغۇلىرى قامۇسى». مىللەتلەر نەشىرىياتى. 2002-يىلى9 -ئاي 612-بەت
26.   «قوۋۇز ھەققىدە ئونۋىرىسال تەكشۈرۈش». يىڭ يوۋ چىن. جۇڭگو مۇزىكىلوگىيىسى 88-يىللىق 2-سان
27.  «ما جەمەتى قوۋۇزى كەلگۈسىنى كۈتىۋالماقتا».پېڭ جىيىەن دوڭ. جۇڭگو بىلىم ئىگىدارلىقى گېزىتى 2008-يىللىق 5-دىكابىر.
28.  « ئاجايىپ چالغۇنىڭ جىلۋىسى». ليۇ ياڭ ۋۇ. جۇڭگو مىللەتلەر گېزىتى 2004-يىلى 30-ئاپرىل.
29.  «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر چالغۇسى» . مىللەتلەر نەشىرىياتى. 1999-8-ئاي . 82-بەت
30.  يۇقارقى كىتاب 83-بەت
31.  «جوڭخۇا چالغۇلىرى قامۇسى». مىللەتلەر نەشىرىياتى. 2002-يىلى9 -ئاي  614-بەت.
32. «قەشقەرنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلار ۋە پىرىنسىپلا». ئابدۇكېرىم راخمان،  قۇربان مۇھەممەتتۇردى نىزان . سەنئەت ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى،  2009 -يىل 12-ئاي 2-سان  33-بەت.

(ئاپتۇر:   شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىرېسىتېتى مۇزىكا ئىنىستىتوتى 2008-يىللىق ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئېتنومۇزىكىلوگىيە يۆنىلىشى بويىچە ماگىسىتر ئاسپىرانت)

«مۇزات دولقۇنلىرى» 2011-يىل 1-سانىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 23:35  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-1 07:19 , Processed in 0.173494 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش