گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1292 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 0

چاغاتاي يېزىقىدىكى«تەزكىرەئىي رىشاد» (كەمتۈك پارچىلىرى) غا ئىزاھات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

4

دوست

7308

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

يوقلىما
95
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4336
تۆھپە : 390
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 23:29:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاغاتاي يېزىقىدىكى تارىخى يادىكارلىق «تەزكىرەئىي رىشاد» (كەمتۈك پارچىلىرى) غا ئىزاھات
نيۇ رۇچىن، نيۇ رۇجى
تەرجىمە قىلغۇچى:ئىمىن تاجى تۈرگۈن
قوشۇمچە «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەنىسى    ھەققىدە
تەرجىماندىن قىستۇرما : شىنجاڭدىكى يەر ناملىرى تەتقىقاتى ھازىر خېلى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى يەر ناملىرى كۆڭۈلدىكىدەك ۋە ئادەمنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە يورۇتۇلمىدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇ جەھەتتە يەنە ھەر خىل تىل-يېزىق ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئالدىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە مۈشكۈل ئىلمىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ھازىرغا قەدەر «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ھەر خىل كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ماقالىدە ئاپتورلارنىڭ چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان تارىخى يازمىلاردىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنى يېشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.
1. ئەسلەتمە
چاغاتاي يېزىقى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقى («دىۋان لۇغەتىت تۈرك» تىكى يېزىققا ئوخشاش) دىن تەرەققى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بىر خىل تاۋۇشلۇق يېزىق، ئۇنىڭدا جەمئىي 32 ھەرپ بار.
چاغاتاي يېزىقى 13-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋارەئۇننەھر قاتارلىق جايلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. كېيىن بۇ يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيگەن ھەمدە تاكى 19-ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن( ئاپتۇر بۇ يەردە خاتالاشقان، چۈنكى بۇ يېزىق 19-ئەسىر ئەمەس 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە ئىشلىتىلگەن- تەرجىماندىن ئىزاھات). بۇ تىلنى مۇشۇ جايدىكى يەرلىك خەلقتىن باشقا خېلى بۇرۇنلا موڭغۇل چۆللۈكى دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن (ئاپتۇر بۇ يەردە چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئىسلاملىشىپ ئۇيغۇرلار تەركىبىگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقان- تەرجىماندىن ئىزاھات) چاغاتاي ئەۋلادلىرىمۇ بۇ تىلنى ئىشلەتكەن. بۇ تىلنى چاغاتاي نامى بىلەن قوشۇپ ئېيتىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب- بۇ تىل قوللىنىلغان رايونلار چاغاتاي خانلىقىنىڭ زېمىن دائىرىسىدە بولغانلىقىدا. بۇ تىل ئىشلىتىلگەن رايونلارغا ئاساسەن كىشىلەر « چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتاشقان (يەنە بەزىلەر «تۈرك ئۇيغۇر تىلى»، «قەشقەر تىلى»، «كونا ئۆزبېك تىلى» ①دەپمۇ ئاتىغان). ئەمما بۇ تىلنىڭ ئاساسى ئۇيغۇر تىلىدۇر.                                                              
ھازىرغا قەدەر چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلار نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. ۋەكىللىك خارەكتېرلىكلىرىدىن «قىسسەسۇل ئەنبىيا»(ئەۋلىيالار ھەققىدە قىسسە)،«مۇھەببەتنامە»، «بەختنامە»،«خەمسە»،«بابۇرنامە»،«تارىخى رەشىدى»،«تۈرك شەجەرىسى (ئۇيغۇرچىغا ‹شەجەرەئى تۈرك› دەپ تەرجىمە قىلىنغان)»،«تارىخى ئەمىنىيە»، «زەپەرنامە» ۋە «تارىخى ھەمىدىيە» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئەمما چەتئەللەردە چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلارغا، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى تارىخقا ئائىت بولغان يازمىلار ئۈستىدىكى تەتقىقات ئانچە كۆپ ئەمەس. يىقىنقى يىللاردىن بىرى بۇ خىل ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئەمما تارىخى قىممىتى يۇقىرىلىرى يەنىلا يوق دىيەرلىك.                           
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، چاغاتاي يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ،جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىسى، تارىخى، مىللەتلىرى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتتىكى خاتىرىلەر بولۇپ، بۇلار خەنزۇ يېزىقى ۋە غەرب تارىخى ماتېرىياللىرىدا ئۇچرىمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يازمىلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار شەكسىزكى، تارىخ، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىق ۋە دىنشۇناسلىق پەن ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.   
چاغاتاي يېزىقىدىكى تارىخى ماتېرىيال «تەزكىرەئىي رىشاد » نىڭ ئاپتۇرى موللا مۇھەممەت تۆمۈرى بولۇپ، بۇ كىتاب ھىجرىيە 1234-يىلى(مىلادى 1818-يىلى) يېزىلغان. بىز ئۇنىڭ كەمتۈك پارچىلىرىدىن ئاپتۇر بۇ كىتابنى يېزىشتا مىرزا مۇھەممەت ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ② دىن پايدىلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز.بۇ كەمتۈك پارچىنىڭ 1- قۇرىدىكى «تارىخى رەشىدى» دىكى بايانلارغا ئاساسەن بۇ نوقتىنى ئىسپاتلايمىز. بۇ نۇسخىدا 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن كېتىك (ketek) شەھىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى شەھەر قۇرۇلۇشى ھەمدە «ئاقسۇ» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر تارىخى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ئېنىقكى بۇ ناھايىتى موھىم تارىخى ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە. بىلىشىمىزچە، بۇنى ھىچكىم تەتقىق قىلىپ باقماپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «ئاقسۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىلىم ساھەسىدە بۇ «ئاق سۇ» دەپ بىكىتىلىپ بولدى. بۇ ماتېرىيالنىڭ يېشىپ ئوقۇلۇشى بىزنى يەنە باشقا بىر خىل يېڭى كۆز-قاراش بىلەن تەمىن ئەتمەكتە.
«تەزكىرەئىي رىشاد » نىڭ شىنجاڭدا بىر نەچچە قول يازما نۇسخىسى بارلىقى ھەققىدە كۆز-قاراشلار بار. ئەمما ھازىرغىچە ھىچقايسىسى تېپىلمىدى. بىز ئاساسلانغان بۇ نۇسخا ئۇستاز، دوتسېنت تۇردى ئەخمەت تۈزگەن «چاغاتاي تىلى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1980-يىلى باستۇرغان) ناملىق قوللانما كىتابتىكى چاغاتايچە قوليازمىغا ئاساسەن تەقلىد قىلىنغان نۇسخىدۇر (123-121 بەتلەر)، ئەمما تېكىستتە تەرجىمە قىلىنمىغان. بىز بۇ كىتابتىكى قوليازما تەقلىدىغا ئاساسەن (ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا) ئىزاھات بىرىپ تەرجىمە قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا،بۇ يازما يادىكارلىقتا «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ مەنبەسى تۈرك تىلشۇناسلىق تارىخى نوقتىسىدىن چىقىپ دەلىللەنگەن. يېتەرسىز تەرەپلىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ كۆرسەتمە بىرىشىنى سورايمىز. (ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدىكى ئىزاھات قىسقارتىلدى-مۇھەررىردىن)
2. تېكىستى
(موللا مۇھەممەت تۆمۈر- ھىجرىيە 1234-يىلى ) «تارىخى رەشىدىي» نىڭ بايانىچە، ھىجرىيە 764-يىلى توشقان يىلى (مىلادى 1362-يىلى) ئەردى، شەھىرى كەتەكنى قۇم باستى. قۇم ھامان توختاماسىدىن ياغىپ تۇرار ئەردى. خالايىق كۆرەركىم كېتېك شەھىرى قۇم ئاستىدا قالىپدۇر. ئانداغكىم شەھەر سېپىلى ۋە ئىمارەتلەردىن ۋەخەلقىدىن ھېچ ئەسەر قالماپدۇر. قۇم ئافەتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان خەلايىقلار كۆچۈپ يۈرۈپ ھودۇدى ئايكۆل مەۋزەئىگە داخىل بولدى. ئول زەماندىن تاكى بۇ دەمغىچە ئول شەھەر ھىچ ئەبەد بولمادى. بەلكى كىيىكلەرگە ۋە تىۋلا ياۋا ھەيۋانلارگە مەقام بولدى. كېتېك شەھىرى قۇم ئاستىدا قالغاندىن كېيىن قۇم ئافەتىدىن ئامان قالغان خەلايىق كۆچۈپ يۈرۈپ ئاقسۇ ئايكۆلگە كەلدى. ئەل ئانمۇ گاھى قۇمنى بوران ئاچار، شەھەر سېپىلى، مەسجىت، مۇنار گۈمبەزلەرنىڭ ئۇچى پەيدا بولۇر ۋە بىسيار ئۆيلەرنى شامال ئاچار، ھەر كىم ئول ئۆيلەرگە كىرسە كۆرەركىم ئۆي ئەسبابى تەمان تۇرار. ئەدەملەرنىڭ ئۇستىخانلارى كۆرەيىپ ياتار. مۇنداق ۋاقىئەنى تولا كىشىلەر كۆرەر، ئەلقىسسە، شەھىرى كېتېك غايەت ئۇلۇغ، قەلئەسى بىناھايەت بەلەند ئەردى، مۇنچە ئېگىزلىكى بىرلە تەمام  قۇم ئاستىدا قالدى.
ئەردى غايەت رەبى شەھىرى كېتېك،
تۇرۇبان قەلئەسى فەلەكگە يېتىك.
شەھىرى كېتېكرىن كۆچكەن خالايىقلار ئايكۆل ۋە كۇساندە روزغار ئۆتكەزۇر ئەردى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىرلە ئەردەۋىلدە قۇرغاقچىلىق قەھەتلىك بالاسى يۈز بەردى. نان ھەسرەتىدە ئىش جانغا يېتتى.كۇسان خەلق توپلونۇپ ئاقسۇغا كېلىپ مۇداكى خەلقى بىلەن سۇ بۇغۇزىغا يەتتىلەر. كۆرەكىم دەريا سۈيى نەھايىتى تۆشۈپدۇر. شەھەر تەرەفىگە چىقارغان ئىھتىمالى يوق، ھەممە خالايىق تاش،تۇفراق جەم قىلىپ دەرياغا تاشلاشقا باشلادى. دەريا بۆلۈنۈپ ئەردەۋىل تەرەفىگە ئاقتى، ئىككى تاغنىڭ ئاراسى بۇرئاب بولدى. سيۇنىڭ مەۋجىدە بىر موللا بىلە بىر مەغۇل ئاقىپ كەتتى. خەلقنىڭ پىشىۋاسى خەلققە قاراپ : موللانى تۇتۇڭلار، مەغۇل ئاقسۇن دېدى» شۇنىڭدىن بۇيان ئول يۇرت «ئاقسۇن» دەپ ئاتالدى، كېيىن ئەخلەتى ئاممە بىرلە «ئاقسۇ» ئاتالىپ قالدى،ئەسلى بۇ شەھەرنى «ئەردەۋىل» دەر ئەردىلەر.
3.ئىزاھات
1. شەھىرى كېتېك(xähri ketek)- چاغاتاي تىلىدىكى بىرىكمە سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «كېتىك» شەھىرى شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. چاغاتاي تىلىنىڭ بۇ خىل قۇرۇلمىسى ئەرەب-پارس تەسىرىگە ئۇچراش ئارقىلىق شەكىللەنگەن.«كېتېك» شەھىرىنى بىز «解特克» دەپ ئالىمىز .
2. ئەدى(Edi)- ياردەمچى پېئىل. ئەسلى شەكلى ardi، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا idi دىيىلىدۇ، تۈرك تىل تارىخىدا تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى مەۋجۇد، مەسىلەن،" e " i a"ǎ بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە     ، "ekan"ikan,yana"yene ، arkan"erkan، ardi "erdi" edi" idi, دېگەندەك edi نىڭ شەكلى ئۇيغۇر تىل تارىخىنىڭ يىقىنقى ۋە ھازىرقى زامان باسقۇچىغا تەۋە.
3.helayik (خەلايىق) : ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ،خەق(hak) نىڭ كۆپلۈك شەكلى،
4. korarkim سۆز يىلتىزى بولۇپ، «kor» بىلەن ھالەت پېئىلى ar گە باغلىغۇچى kim نى قوشۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. جۈملىلەردە باغلىغۇچى بولۇپ رول ئوينايدۇ.
5. dahil bol : قاتنىشىش، كېلىش دېگەن مەنىدە. بۇ تېكىستتە «كەل» دېگەن مەنىدە كەلگەن.
6. tiwa سۆزى «تۆگە» مەنىسىدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «tōga» دېيىلىدۇ. W ۋە g تاۋۇشىنىڭ ئۆزگىرىشى قەدىمكى تىللاردىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر تىلى دېئالىكتلىرىدىمۇ مەۋجۇد، مەسىلەن: miwa_miga (مىۋە)، juwa_juga (جۇۋا) دېگەندەك.
7. aykol يەر نامى ھازىرقى ئايكۆل (阿依库勒)دەپ ئالدۇق.
8. كۇسان - يەر نامى، ھازىرقى كۇچا، قەدىمكى نامى كۈسەن، (龟兹)، يەنە 鸠兹 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نام يەنە «خەننامە»،«كېيىنكى خەننامە»، «جىننامە»، «ۋېينامە»، «لياڭنامە»، «جۇنامە»، «سۈينامە» ، « كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «سوڭنامە»، «مىڭ سۇلالىسى تارىخى»، «راھىبلار تەزكىرىسى»، «راھىبلار تەزكىرىسىنىڭ داۋامى»، «سوڭ راھىبنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىقلادىمۇ يۇقىرىقى شەكىلدە ئۇچرايدۇ. «دەريا-ئىقىنلار تەزكىرىسىگە ئىزاھات» دا 屈茨، «جۇسەنزاڭ خاتىرىسى توپلىمى» نىڭ 11-جىلدىدە 拘夷 شەكلىدە، «سانسىكرىتچە مۇرەككەپ ناملار» دا 归兹 شەكلىدە يەنە 俱支赏 شەكلىدە كۆرۈلىدۇ، «غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» دە 屈支 شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇشۇ يەردە تەسىس قىلىنغاچقا يەنە ئەنشى (安西) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «يۇەن سۇلالىسى تارىخى» دا 库先 ۋە يەنە 曲先، 库叉 شەكىللىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ.
9. birla - كەينى قوشۇلغۇچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى bilan سۆزىگە تەڭداش.
10. nahayat - رەۋىش، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا nahayiti (ناھايىتى) دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
11. baxladi ئىككىنجى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش a ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا I غا ئۆزگەرگەن. بۇنداق ئۆزگىرىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئىلىم ساھەسىدە كۆز قاراشلار بىردەك ئەمەس، بەزى ئالىملار ئۇنى ئۇرغۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان دېسە، يەنە بەزى ئالىملار بوغۇملارنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە رولىنىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ قارايدۇ.
12.akip - سۆز تومۇرى ak  سۆزىگە رەۋىشداش ip نى قوشۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ a بوغۇمى e غا ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىلىم ساھەسىدە ھەر خىل كۆزقاراشلار مەۋجۇت. بىر خىل قاراشتا بوغۇملارنىڭ ئاسمىلىياتسىيىسى نەتىجىدە شەكىللەنگەن دېسە، يەنە باشقا كۆزقاراشتىكىلەر ئەڭ دەسلەپكى يەرلىك مىللەت تىلىنىڭ تەسىرىدە (كۆپىنچە ئىران تىلى سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ نەتىجىسىدە) شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە،قەدىمدە بۇنداق ئۆزگىرىش بولماي، نېمە ئۈچۈن يىقىنقى زامانغا كەلگەندە بۇنداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟دېگەندىن ئىبارەت. باشقا تۈركىي تىللاردا بۇ ھادىسە مەۋجۇت بولماستىن نېمە ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىلا مەۋجۇت، بۇ خىل تەسىر موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى  موڭغۇل تىلىنىڭ تەسىرىدىنمۇ يا؟ دېگەندىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىلا، قايىل قىلارلىق نەتىجىلەرنى چىقارغىلى بولىدۇ.
13. maqul - موڭغۇللار، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ماڭغۇل (ئۆلچەملەشكەن شەكلى موڭغۇل، لېكىن چوڭلار يەنە ماڭغۇل دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ ـــ تەرجىماندىن ئىزاھات) mangqul دەپ يېزىلىدۇ.
14. (ئەردەۋىل)ardawil :  يەر نامى، بۇ يازما يادىكارلىقتا «ئاقسۇ» دېگەن يەر نامى ئەڭ دەسلەپ ardawil دېيىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ليۇ زىشاۋ « ئۇيغۇر تارىخى » ناملىق ئەسىرىدە 14-ئەسىردە بۇ رايونغا (ئاقسۇنى دېمەكچى-ئاپتۇردىن) ئەردەۋىل (阿尔德维尔) دېيىلەتتى دەپ يازغان(284-بەتتە). ئۇ موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن شۇنداق ئاتىغانلىقى ئىھتىمال.
5. «ئاقسۇ» نامى ھەققىدە
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، بۈگۈنكى ئاقسۇ خەن دەۋرىدە «姑墨»(قۇم) بەگلىكىنىڭ ئۆزى ئىدى.«شىمالى سۇلالىلەر تارىخى» دا 姑默 (يەنىلا قۇم دېگەن شەھەرنى ‹بەگلىكنى› كۆرسىتىدۇ) دەپ يېزىلغان. تاڭ دەۋرىدە姑墨洲 (قۇم ئايمىقى) دەپ ئاتالغان. سوڭجىننىڭ «يات ئەللەر خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە 拨换城 (بالۇكا)، 姑墨洲 (قۇم) دېيىلگەن، بۇ يەردىكى بارخان شەھىرى (拨换城) ئەرەب تىلىدىكى Barkhuan دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. بۇ سانسىكرىت تىلىدا Baluka (بالۇكا) دېيىلىدۇ. «غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» دە 拨禄迦(بالۇكا)  دېيىلگەن. « چوڭ ھەجىمدىكى نوملار توپلىمى» دا 婆楼迦(بالۇكا)  دېيىلگەن. بۈگۈنكى ئاقسۇدا كونا ۋە يېڭى ئاقسۇ دېگەن ئىككى شەھەر بار، قەدىمقى بەگلىك كونا شەھەردە ئىدى. بىز ئوقۇپ يەشكەن بۇ چاغاتايچە يازما يادىكارلىقتا دېيىلگەن 早先 دېگەن شەھەر ئەردەۋىل دېيىلگەن. بۇ نوقتىنى باشقا چاغاتاي يېزىقىدىكى تارىخى ماتېرىياللار ئارقىلىقمۇ تولۇق ئىسپاتلاپ چىققىلى بولىدۇ.
«ئاقسۇ» دېگەن نامنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەنىسى ھەققىدە ئىلىم ساھەسىدە ئاقسۇ (aksu) نى «ئاق سۇ » دېگەن مەنىدە دېيىشتىن باشقا پىكىر يوقتەك قىلىدۇ. مەسىلەن ، چىيەنلوڭنىڭ 28-يىلى (مىلادى 1763-يىلى) فىڭ لىي يازغان « غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى»③ (شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تىلى قىسىمىدا) (3-جىلد، 1-بەتتە)  : ئاقسۇ- ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بولۇپ، 阿克بولسا، «ئاق» دېگەن مەنىدە، بولسا « سۇ » دېگەن مەنىدە دەپ خاتىرىلەنگەن.
ليۇ يىتاڭنىڭ  «‹پادىشاھ بېكىتكەن غەربى يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى›  گە ئىزاھات » (شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى قىسىمىدا)ناملىق كىتابتا «ئاقسۇ» نى «ئاق سۇ» دەپ يېشىپ،بۇنىڭ ھەر قايسى كىتابلاردا بىردەك مۇشۇنداق دېيىلگەنلىكىنى ۋە تۈرك-ئۇيغۇر تىللىرىدىمۇ مۇشۇنداق مەنىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. يەنە بىر نوقتىدىن «ئاقسۇ» يەر نامى aksu دىن كەلگەن، مەنىسى «ئاق سۇ » دېيىش مۇقىملىشىپ كەتكەن.
ئەمما بىز كۆرگەن ماتېرىيالدىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، «ئاقسۇ» ھەرگىزمۇ «ئاق سۇ » دېگەن مەنىدە بولماستىن، «ئاقسۇن»، «ئېقىپ كەتسۇن» دېگەن مەنىدىكى سۆز ، بۇنىڭغا بىز تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىنمۇ ئىشەنچلىك پاكىتلارنى تاپالايمىز.
Ak سۆزى رەۋىشداش بولۇپ، مەنىسى «ئاق» ، ئەمما پېئىل بولۇپ كەلگەندە «ئاق(بۇيرۇق شەكلى» ، «ئېقىش» دېگەن مەنىدە، سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى su بىر خىل مورفىما ( سۆز ئاخىرىدىكى تاۋۇش ياكى ھەرپ) سۈپىتىدە 3-شەخس ئۈندەش جۈملە شەكلىدە كەلگەن. يەنە بەزىلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا 3-شەخس ئۈندەش جۈملىنىڭ ئاخىرىدا sun سۆزى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەمما su قوشۇلمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە قەدىمكى ۋە يىقىنقى يازما يادىكارلىقلاردا سۆز ئاخىرىدىكى sun ياكى su  ( بۇلاردىن باشقا يەنە ،su_su zun_zuدېگەندەك)3- شەخس ئۈندەش شەكلىدە بىللە قوشۇلۇپ كېلىۋىرىدۇ. پەقەت يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن sun شەكلىگە مۇقىملاشتى.
ئورخۇن ئابىدىلىرىدە كۆپىنچە zunzu شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، turk bodun yok, bolmazun tiyin، مەنىسى:  ئۇلار دېدىكى تۈرك خەلقىنى يوقاتماڭلار ( «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، شەرق تەرەپ 13-قۇر) ، tangri yarlekaza ، تەڭرىنىڭ ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلىمەك ( «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»، شەرق تەرەپ 23-قۇر)
بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلاردىمۇ كۆپىنچە sunsu شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، tamqa bizga bolzun buyan,kok beri bolsun qel uran («ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ 95-قۇرى)، مەنىسى : تەڭرى بىزگە بولسۇن بۇيان، كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران ( «ئوغۇزنامە» . 95-قۇر) ،. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرىدىمۇ
Kitab ate urdun kutadqu bilig
Kutadsu okeqleka tutsu akig
شەكلىدە كۆرۈلگەن. مەھمۇت قەشقەرىمۇ «دىۋان لوغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە sunsǚnsen ئۈچ خىل شەكلىدە كېلىدىغانلىقىنى خاتىرلىگەن . مەسىلەن، toqramsun ( 1-بۆلۈم)،( «توغرالمىسۇن» ياكى «توغرىما »بۇيرۇق شەكلى مەنىسىدە)، kalsǚn (2-توم) ، ( ئۇ كەلسۇن دېگەن مەنىدە)، tensen ( 2-توم)، ( ئۇ ئارام ئالسۇن دېگەن مەنىدە)
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى شىرباك «كونا ئۆزبېك تىلى گىرامماتىكىسى» (چاغاتاي تىلى – ئاپتۇردىن) ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمە قېسىمىدا susū شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، kalsū (ئۇ كەلسۇن مەنىسىدە) ، yetsu ( ئۇ يېتىپ بارسۇن دېگەن مەنىدە)، bolus (ئۇ بولسۇن) ،kalmasun ( ئۇ قالمىسۇن ) دېگەندەك. بىز ئوقۇپ يەشكەن بۇ چاغاتايچە ماتېرىيالدا دېيىلىشىچە، « شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەر‹ئاقسۇن› (aksun) دەپ ئاتالدى» دېيىلگەن. كېيىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن aksu غا ئايلىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتالىق بولماستىن پەقەت تاۋۇش ئۆزگىرىشى (n نىڭ چۈشۈپ قىلىشى) ياكى ئەينى ۋاقىتتىكى دىئالېكت پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىدىن ئىبارەت. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز «ئاقسۇ» دېگەن نامنى 15-ئەسىر ئەتراپىدا بارلىقا كەلگەن دەپ ئېيتالايمىز. 14-ئەسىردە بۇ يەر ئەردەۋىل دىيىلەتتى. «ئاقسۇ» (aksu) سۆزى «ئاق»( ak) بىلەن «سۇ» (su) نىڭ بىرىكىشىدىن ئەمەس ، بەلكى «ئاق» ( ,akئاق، ئېقىش مەنىسىدە) بىلەن «سۇ»( 3-شەخس ئۈندەش سۆز شەكلىدە) نىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللىنىپ «ئۇ ئاقسۇن ياكى ئېقىپ كەتسۇن» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى بىلدۈرگەن.
بۇ چاغاتايچە ھۆججەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىغا ئائىت بايانلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇنى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندىمۇ ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
زامانىمىز كىشىلىرى يەر ناملىرىنى تەتقىق قىلغاندا، ھەمىشە ھازىر يەر ناملىرىنى تاۋۇش ۋە خېتى ئارقىلىقلا يەر ناملىرىنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسىنى يېشىشكە ئادەتلىنىپ كېتىپ، باشقا ئامىللارنىڭ يەر ناملىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى نەزەرگە ئالمىغان. مەسىلەن، تاۋۇشلارنىڭ تارىخى ئۆزگىرىشى ۋە دىئالېكت پەرقىنىڭ يەر ناملىرىغا بولغان تەسىرىنى، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تارىختا كۆچۈش ۋە يۇغۇرۇلۇشىنىڭ يەر ناملىرىغا بولغان تەسىرىنى، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ يەر ناملىرىغا بولغان تەسىرى دېگەندەكلەرنى نەزەردە تۇتقاندا يەر ناملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتتا ئادەمنى قايىل قىلارلىق نەتىجىلەرنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ يەر ناملىرى تەتقىقاتىدا ( بولۇپمۇ تارىخى يەر ناملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتتا) دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار :
① چاغاتاي تىلى ھەددىدىن زىيادە بىر خىل نەپىس تىل بولغانلىقتىن، ئەرەب-پارس تىللىرىدىن كۆپلىگەن سۆزلۈكلەرنى قوبۇل قىلغان. ئېغىز تىلىدا كۆپلىگەن قەدىمقى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ساقلانغان. شۇڭا بىر قىسىم تۈركلوگلار « چاغاتاي تىلى بىر خىل سۈنئىي تىل »دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ( مەسىلەن، رادلوف دېگەندەك)، شىرباك بۇ كۆز-قاراشقا قوشۇلمىغان.
② بۇ كىتاب پارس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، 16-ئەسىردىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ھەققىدە بىرىنجى قول ماتېرىيال. بۇ كىتابنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى 1895-يىلى نەشىردىن چىققان. خەنزۇچە تەرجىمىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985، 1986-يىلى نەشىر قىلىنغان (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى مۇھەممەت تۇردى مىرزىئەخمەت ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوف ئاۋۋال «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق سانلىرىدىن تاكى 2006-يىللىق سانلىرىغا قەدەر ئۇلاپ تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. بۇلارغا ئاساسەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى  بۇنى ئىككى توم كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىپ تارقاتتى ـــــ تەرجىماندىن ئىزاھات)  
③ ليۇ يىتاڭ : « پادىشاھ بېكىتكەن غەربى يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسىگە ئىزاھات» ( شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى قىسىمى) ، 48-بەت، تەيۋەن سودا باسمىسى، 1984-يىلى.
( بۇ چاغاتايچە قوليازمىنى تەرجىمە قىلىشتا ئۇستازىمىز، دوتسېنت تۇردى ئەخمەتنىڭ ياردىمگە ئېرىشتۇق، بۇ يەردە ئۇنىڭغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز)
بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » نىڭ 1997-يىللىق 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئاپتۇرلار : نيۇ رۇچىن ۋە نيۇ رۇجى ئاكا-ئۇكا تەتقىقاتچىلاردۇر.
نيۇ رۇچىن (牛汝辰)(جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەتقىقاتچى)
نيۇ رۇجى(牛汝极) (بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فلولوگىيە ئىنىستىتوتى تىل فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىق ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ۋە مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە ئاسپىرانت ۋە دوكتۇر يېتەكچىسى)
(تەرجىمان  : ئىمىن تاجى تۈرگۈن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

«مۇزات دولقۇنلىرى» 2011-يىل 1-سانىدىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-1 07:19 , Processed in 0.145952 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش