ئېشەك سۈتى( ھېكايە )
ئوسمانجان ھۈسەن
مەن بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ كېرەم « ئاخبارات »تىن ئاڭلىغان . كېرەم ئاخبارات دېگىنىم قانداقتۇر بىر ئاخبارات ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان كىشى ئەمەس ، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئوقۇتقۇچى . لېكىن ئۇنىڭ جاھاننىڭ نە – نەلىرىدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان ئۇزۇن قۇلىقى ئۇنىڭغا « ئاخبارات » نامىنى ئاتا قىلغان .
- ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ - دېدى ئۇ شۇ كۈنى .
- نېمىنى ؟
- ئىدارىدىكى مۇرادجاننى ئېلىشىپ قاپتۇ دەيدۇ .
- ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ - دېدىم مەن ئۇنىڭ تۈگمىنى تۆگە قىلىپ كۆرسىتىدىغان خۇيىنى بىلگەچكە .
- ماۋۇ بالىنىڭ جاھاندىن بىخەۋەر يۈرگىنىنى ، - دېدى ئۇ ئەزۋەيلەپ ،- مەن بۇ خەۋەرنى ئىدارىدىكى ئىشەنچلىك بىرسىدىن ئاڭلىدىم . ھېلىقى مۇرادجان راستىنلا ئايلىنىپ قاپتۇ . بىز ئالدىراپ نامىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەيمىنىدىغان تۇ جۈيجاڭنى « نەپسى بالا توڭگۇز » دەپتۇ . ئىدارىگە يېڭىلا يۆتكىلىپ كەلگەن ھېكىمجاننى « يۇندىخور » دەپتۇ . ئىشقىلىپ ئىدارىدىكى خېلى – خېلى كاتتىلارنى ئاشۇنداق بىزەپ سۆزلەر بىلەن تىللاپ يۈرەرمىش . مىش – مىش گەپلەرگە قارىغاندا بەزى ئادەملەر ئۇنىڭ كۆزىگە ھايۋان سىياقىدا كۆرۈنىدىكەن .
- ئۇنداق دېسە نېمە بوپتۇ ؟ راست دەپتىغۇ . ئۇ ھېكىم نايناقنى كىم بىلمەيدۇ ؟ كىچىككىنە ئەمەل – مەنسەپ دېسە ئانىسىنىمۇ سېتىشتىن يانمايدىغان نېمىغۇ ؟ - دېدىم مەن پەرۋاسىزلا . بۇ گەپنى دېدىم – يۇ ، بۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا دەپ سالغىنىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم .
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ئۇكا ، قازان بېشىغا يېقىنراق تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق . شۇڭا يۇقىرىدىكىلەرگە ئازراق ئېگىلىپ قويسا نېمە بوپتۇ ؟
- ئۇغۇ راست ، - دېدىم مەن مۇنۇ « ئاخبارات »نىڭ ئالدىدا ئارتۇق گەپ قىلىپ قويۇشتىن ئۆزۈمنى تارتىپ .
- شۇڭا دەيمەن ئەمدى ، ئاڭلىسام ئۇ بالا بىلەن يېقىن ئۆتىدىكەنسىز ، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشكەنسىلەر . ئۇنى ئىشتىن توختىتىپ قويۇپتۇ دەيدۇ . يېقىن ئۆتكەندىن كېيىن < ھالىڭ نېچۈك > دەيدىغان يولىڭىز بار . ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ دېگەنمۇ گەپمۇ ؟ ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ، ئۇ بالا قاراپ تۇرۇپ نابۇت بولۇپ كېتىدۇ .
- ئىش ئۇ دەرىجىگە بېرىپمۇ يەتمەس ، - دېدىم مەن سەل ئىككىلىنىپ .
- باياتىن بېرى نېمە دەۋاتىمەن سىزگە ؟ ئۇ يېقىنىڭىز ھازىرغۇ خىزمەتتىن توختىتىلىپتۇ ، يەنە شۇنداق كېتىۋەرسە ھەيدىلىشىمۇ مۈمكىن . سىز ئاغىنىسى بولغاندىكىن ، ئىش نەدىن نەگىچە ، سۈرۈشتۈرۈپ بىر چارىسىنى قىلمامسىز ، - دېدى ئۇ سەل كايىغاندەك قىلىپ .
ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرىدىن سەل گاڭگىراپ قالدىم ، شۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتكىنىگە قارىغاندا راستمۇ نېمە دەپ ئويلىدىم . مۇرادقا تېلېفۇن قىلىپ ئۇقۇشۇپ باقايمۇ يا ؟ ياق ! بۇ ئويۇمدىمۇ دەررۇ يالتايدىم . بىر ئادەمگە ئوچۇقتىن ئوچۇق < سېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ ، راستمۇ ؟ > دېگىلى بولسۇنمۇ ؟ شۇڭا، ھەپتە ئاخىرىدا ئۆزۈم بېرىپلا كۆرۈشۈپ كەلمەكچى بولدۇم .
※ ※ ※
ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرگىلى ئانچە – مۇنچە بىر نەرسە كۆتىرىۋالدىم . ھىلىغىچە ئۇنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ كاللىسى خېلى جايىدا يىگىت ئىدى . ئۇ مېنىڭ بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى ساۋاقدىشىم ، ياتاقدىشىم ، ئەڭ مۇھىمى يېقىن سىردىشىم ئىدى . ئۇ ئوقۇغاندىمۇ جايىدا ئوقۇدى ، ئوقۇش جەريانىدا سەككىز – ئون پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى ، بىرلا يېرى ، ئوقۇتقۇچىمىز بىلەن ئېقى كېلىشەلمەي ئاران – ئاران ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولدى . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى بولغاچقا ئىدارىگىلا ئىشقا چۈشتى . ئەمدى ئۇ تۇرۇپلا قانداقمۇ ساراڭ بولۇپ قالسۇن ؟ . . . لېكىن،ئادەم دېگەنگە بىر نېمە دەپ بولمايدۇ – دە . تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن بىر كېچىدىلا ئوڭ – تەتۈر سۆزلەپ قوپىدىغانلارمۇ چىقىدۇ ئەمەسمۇ ؟ شۇ خىياللار بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ كېلىپ قاپتىمەن .
- كەل ، كەل ، - دېدى ئۇ مېنى كۆرۈپ ، - ئۇزۇن بولدى ، قاراڭنى كۆرمىدىم . بۈگۈن قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سېنى ؟
- كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ ، سېنى يوقلاپ ئۆتەي دەپ كېلىشىم . قانداق ، تېنچلىقتۇ ؟
- ئوبدان بوپتۇ ، ئۆزۈڭ قانداقراق تۇرىۋاتىسەن ، ئۆيدىكىلەرچۇ ؟
- ياخشى ، ھەر راست ، پەرىدە كۆرۈنمەيدىغۇ ؟
- ئانىسىنىڭكىگە كەتتى . ئولتۇرىۋەر ، ئۆزۈممۇ بىر قوللۇق كۈتەلەيمەن سېنى ، بۈگۈن باشقا مۇھىم ئىشلىرىڭ يوقتۇ ؟
- ياق ، شۇ سېنى يوقلاپ كېلەي ، نېمە قىلىپ يۈرىسەن ، ھال – ئەھۋالىڭنى بىلەي دەپ كەلدىم .
- ئىشىڭ بولمىسا ياخشى گەپقۇ ، تازا زېرىكىپ تۇراتتىم ، ئوبدان كەپسەن . بىرەردىن قېقىشمىساق ، گېپىمىزمۇ قىزىمايدۇ ھەقىچان ، - دېدى ئۇ ئىشكاپنى ئاختۇرغاچ .
توۋا دەيمەن ، ئۇنىڭ گەپ – سۆزى جايىدىغۇ ، قارىغاندا « ئاخبارات » ئاشۇرىۋەتتىمۇ قانداق ؟
- ئەكەلگىنىڭ نېمە ئۇ ؟ قارىغاندا زاكۇسكىمىزمۇ تەيياركەنغۇ ، ئېسىڭدىمۇ، ئوقۇۋاتقاندا سوغۇق سۇ بىلەنمۇ ھەر شېشىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىرىمىز .
- ئېسىمدە بولماي ، - دېدىم مەنمۇ جانلىنىپ ، - قۇيە ئەمسە .
ئۇ – بۇ پاراڭلار بىلەن شېشىنى يېرىم قىلدۇق .
- يېقىندىن بۇيان ئەھۋالىڭ قانداق ؟ - دېدىم مەن ئالدىمدىكى رۇمكىنى كۆتىرىۋېتىپ .
- ياخشى . . . بىرەر گەپ – سۆز ئاڭلىمىغانسەن ؟ - دېدى ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن .
- سېنى شۇ . . .
- ھە ، ئېلىشىپ قاپتۇ دەمدۇ ؟ - دېدى ئۇ ئالدىدىكى چاينى بىر ئوتلىۋېتىپ .
- ھەئە ، تازا ئىشەنمەي تۇراتتىم ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن ، ساپ-ساقكەنسەنغۇ ؟
- ئەمدى شۇنداق گەپ چىقىدۇ دېگىنە ! توۋا دەيمەن ، ئۆزۈممۇ ھەيران، بەزىدە سەن – بىزدەك ئىككى پۇتلاپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەملەر كۆزۈمگە ئىت – ئېشەكتەك بىرنېمە بولۇپ كۆرۈنىدۇ .
< نېمە دەيدىغاندۇ ؟ -دېدىم مەن ئىچىمدە ، - شۇ تاپتا مەنمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە نېمە بولۇپ كۆرۈنۈۋاتقاندىمەن ؟ >
- ئۇنداقتا ، مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم راستكەندە ؟
- سەن نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭ ، ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم . ئىشقىلىپ ، ئۈستۈمدىن چىققان سۆز – چۆچەكلەر ئاز ئەمەس . . .
شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ ، بىر چاغ بولغاندا يېتىپ قېلىشتۇق .ئەتىسى ئۇنىڭ ئايالى بىلەن پاراڭلىشىپ باقماقچى بولۇپ ، خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم . . .
※ ※ ※
- سىزمۇ كۆرگەنسىز ؟ - دېدى ئايالى يىغلامسىراپ ، - قارىسا ساپساقلا تۇرغان . تۇرۇپلا ئاشۇنداق بۇلار – بولماس گەپ قىلىپ قويىدۇ ، شۇڭا بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالدۇق . ئۇ يەنە شۇنداق كېتىۋەرسە ، كېيىن نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمىز ؟ ئىككى ئىدۇق ، ئەمدى ئۈچ بولىمىز . بىر ئۆينى چۆرۈيدىغان ئادەمنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا ، مەن بىر جېنىمغا بۇ ئۆينىڭ ئېغىرىنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ كېتەلەيمەن ؟
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ، ئۇمۇ شۇنداقلا كېتىۋەرمەس ، بۇ ئىشنىڭمۇ ئامالى بولار . ئۆي دېگەندە بىر – بىرىمىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىشىپ ئۆتىدىغان گەپ . سىزمۇ سەل سەۋرچان بولۇڭ ، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ .
سالا – سۈلھى بىلەن مۇرادنى ئالدىمىزدىكى ماي بايرىمىدا شەھەردىكى چوڭراق بىرەر دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىشنى كېلىشىپ ، پەرىدەنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويدۇم .
※ ※ ※
شەھەر دېگەنمۇ غەۋغاسى تولا يەر دەڭلا ، مىڭ تەسلىكتە روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىنى تاپتۇق . نېرى – بېرى سۈرۈشتۈرۈشلەردىن كېيىن ، مۇشۇ دوختۇرخانىدىكى خېلى نامى بار بىر دوختۇرنى ئۇقۇشتۇق .
- كېلىڭلار ، - دېدى دوختۇر ، - بىمار قايسىڭلار ؟
- مانا بۇياق ، - دېدىم مەن مۇرادنى كۆرسىتىپ ، - لېكىن بەك ئېغىر دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ، مۇنداقلا كۆرسىتىپ كېلەيلىمىكىن دەپ كەلدۇق .
- ھە ، مۇنداق دەڭ ، ئاۋۋال تەكشۈرىمىز ، ئېغىر – يېنىكلىكىنى كېيىن بېكىتىمىز ، كېسەللىك ئىپادىسى قانداق ؟
- بۇ . . . – دېدىم سەل ئوڭايسىزلىنىپ . مۇرادنىڭ ئايالى ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
- قاراڭ دوختۇر ، بۇ ئاغىنەمنىڭ كۆزىگە سىلى – بىزدەك ساپساق ئادەملەر ھايۋان سىياقىدا كۆرۈنىدىكەن ، باشقا ئىشقۇ يوق .
- شۇنداقمۇ ؟ ئۇنى كىرگۈزىۋېتىڭ ، دىئاگنوز قويۇپ كۆرەي .
يېرم سائەتلەردىن كېيىن مۇراد يېنىپ چىقتى .
- سېنى چاقىرىۋاتىدۇ ، - دېدى ئۇ . < بۇ دوختۇرمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە ھېلىقىدەك ئىت – ئېشەك بولۇپ كۆرۈنۈپ ، تاقا – تۇقا سۆزلەپ قويمىغاندۇ ھە ؟ - دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ، - ئۇنداق بولسا ماۋۇ ئاق خالاتلىق ئەبلەخ مانا ئەمىسە دەپ ئەپلەشمىگەن دورىدىن بىرنى بېرىپلا بۇ ئاغىنىمىزنى نەق ساراڭنىڭ ئۆزىلا قىلىپ قويمىغىيدى > .
- سىزنى رەنجىتكۈدەك گەپ قىلىپ قويمىغاندۇ ؟ - دېدىم مەن خوشامەت تەلەپپۇزىدا .
- ياقەي ، ئۇنداق يېرى بولسىمۇ قېتىمىزغا كەلمەيدۇ . سىز بىلمەيسىز، بۇ يەردە كۈن – كۈنلەپ تامغا قاراپ ئولتۇرىدىغان ، زادى نېمە خىيال سۈرگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىچارىلەردىن تارتىپ ، ئادەمنى كۆرگەن ھامان يىرتقۇچلاردەك خىرىس قىلىپ ، قولىغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ سۈر – توقاي قىلىدىغان ياۋايى مىجەزلىكلەرگىچە ھەممىسى تېپىلىدۇ . كۆنۈپ كېتىمىز - دە .
-سىزنىڭچە ئۇنىڭ كېسىلى قانداقراق ، ئېغىر ئەمەستۇ ؟
-بەك ئېغىر دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.ئادەمنىڭ ئەسلى پسېخولوگىيىلىك تەبىئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇنىڭدا كېسەل يوق . ئەمما، ئادەم دېگەن جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى بولغاندىكىن،پسېخولوگىيىسىمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك . . .
دوختۇر يەنە نېمىلەرنى دېدى ، تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمىدىم، ئەمما كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقان قىياپەتتە پات – پات بېشىمنى لىڭشىتىپ تۇردۇم .
-ئۇنداقتا سىز دەۋاتقان ئاشۇ پسېخىكىسىنى تەڭشەيدىغان ئامال بولارمۇ ؟ - دېدىم مەن ئالدىراپ .
- بولىدۇ ، ئامالى بولىدۇ – دېدى دوختۇر سالماق قىلىپ ، - مەن رېتسىپ يېزىپ بېرەي ، شۇ بويىچە داۋالىساق ، پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىدۇ،-ئۇ ئېڭىشىۋېلىپ بىر نېمىلەرنى يازدى ۋە ماڭا سۇندى .
-نېمە ، ئېشەك سۈتى ؟ !
-ھەئە ، ئېشەك سۈتى،ھېلىقى قۇلىقى ئۇزۇن ، بوز تۇمشۇق مەخلۇقنىڭ سۈتى . كۆرۈپ باقمىغانما ؟
- ئاران تۇرغان ئادەمنى راستلا ساراڭ قىلاي دەمسىز ، ئېشەك سۈتىدە كېسەل داۋالىغان نەدە بار ؟ - دېدىم مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي .
- نېمە دېدىڭىز ؟ ئادەمنى ساراڭ قىلىدۇ دېمەي ، بۆشۈكتىكى بالىڭىزغا قانداقتۇر بىرنېمىلەرنى تولۇقلايمىز دەپ، ئېشەك سۈتىدىن ياسالغان بىر نېمىلەرنى بېرىپ چوڭ قىلىسىز. ئەمدى ئادەمنى ساراڭ قىلىدۇ دەيسىزغۇ ؟ بوپتۇ، بىمار مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە، كېيىن ئىت، چوشقا سۈتى بىلەنمۇ قۇتۇلدۇرالماي قالىسىز ، - دەپ قايناپ كەتتى دوختۇر .
< راست ، دوختۇرنىڭ دېگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسى باردۇ ، - دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ، - نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ شۇ كەسپنىڭ ئەھلى – دە > .
-بوپتۇ ، ئاغىنەم ساقىيىدىغانلا بولسا ، ئىچكۈزسەكمۇ ئىچكۈزەيلى . لېكىن قانداق ئېشەكنىڭ سۈتىنى،قايسى ۋاقىتتا ، قانداق ئۇسۇلدا ئىچكۈزىمىز ؟
- تەخىيى بار ، ئېشەك ئاتىقى بارلىكى ئېشەكنىڭ سۈتى بولسا بولىۋېرىدۇ . ئامال بار سۈت يېڭى بولسۇن ، - دېدى دوختۇر دانىمۇ – دانە قىلىپ .
- قانچىلىك ۋاقىت ئىچكۈزسەك بولىدۇ ؟
- سۈت ساپ ، يېڭى بولسا بىر ھەپتە ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن بىر قېتىملا ئىچسە بولىدۇ،ئەگەر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا سۈتنى ئۆزىمىز تەمىنلەيمىز .
-بولدىلا دوختۇر ، سەھرا يېرى دېگەندە ئېشەك سۈتى تېپىلىپمۇ قالار، ئۇنى ئېلىپ كېتەيلىمىكىن .
-بولىدۇ ، سۇسلۇق قىلىپ بىمارنى تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتكە قويماڭلار – ھە .
نېرى – بېرى گەپ – سۆزلەر بىلەن مۇرادنى ئېشەك سۈتى بىلەن داۋالىماقچى بولۇپ قايتىپ كەلدۇق .
※ ※ ※
تەلىيىمىزگە خوشنىمىزنىڭ ئېشىكى تەخەيلىگىلى ئۇزۇن بولماپتىكەن.«جىددىي كېسەل دەيسىز، ساقايمىغان ئۆپكە كېسىلىمۇ يا ؟ ئېشەك سۈتى شۇنداقراق بىر كېسەلگە داۋامىش دەپ ئاڭلىغان » دېدى خوشناممۇ . شۇنداق قىلىپ ئاغىنەمنىڭ بىر ھەپتىلىك « دورا »سى خوشنامدىن پۈتتى . ئۇنى مۇرادنىڭ ئايالىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردۇم، ئايالىدىن ئاڭلىسام راستلا ئۈنۈمى كۆرىلىۋېتىپتۇدەك .
خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ مۇراد بىلەن كۆرۈشەلمىدىم . ئەمما، كېرەم « ئاخبارات »تەكلەردىن ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم .
- ئىدارىمىزدىكى ھىلىقى مۇرادجان دېگەن بالا ئىدارىدىكىلەرگە چوڭ چاي بېرىپتۇدەك ، چايدا بىرقانچەيلەندىن ئەپۇ سوراپتۇ .
- ھىلىقى ئاينىپ قالغان بالا ئىدارە باشلىقى بىلەن ئىچكىرىگە ساياھەتكە كېتىپتۇدەك .
- مۇرادجان بۆلۈم باشلىقى بوپتۇ . . .
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى پالانى < جاڭ > بولۇپتۇدەك ، پۇستانى < جاڭ > بولۇپتۇدەك دېگەندەك خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم . ئارىلىقتا بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكىلى بېرىپ ، تېخى يېقىندىلا ئاڭلىۋالغان بىرنېمە < جاڭ > دېگەندەك ئاتىقى بىلەن چاقىرىپ قويۇپ ، بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك قورساق كۆپۈكى تارتىۋالدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ تازا سەت ئالىيىشلىرىنى ئويلىسام ھىلىمۇ تېنىم شۈركىنىدۇ . كېيىن ئۇنى ئىزلىمەيلا قويدۇم . ئەمما باشقىلاردىن ئۇ ھەققىدىكى مىش – مىش گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن .
بىر ۋاقىتتا كىمدۇر بىرى ئۇنى قايسىدۇر بىر شەھەرگە باشلىق بولۇپتۇ دېدى ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدىم . . .
ھىلىلا مۇراد تېلېفۇن قىپتۇ « نېمە قىلىسەن پايدىسى يوق ئوقۇتقۇچىلىقنى ، بىزنىڭ شەھەرگە كەل ، شەھەر ئەتراپىدا بىر ئېشەك فېرمىسى قۇرغىلىۋاتىمىز ، بۇنىڭغا سېنى مەسئۇل قىلايمىكىن » دەيدۇ . ئۇنىڭ دېيىشىچە شەھەردە ساراڭلار كۆپىيىپ قاپتۇدەك .
(ئاپتور:باي ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
«مۇزات دولقۇنلىرى» 2011-يىل 1-سانىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-12 23:40
|