كىتاب -خاسىيەتلىك ئەنگۈشتەر (شۇ ناملىق يۈرۈشلىك يازما)
ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى توغرىسىدا مۇلاھىزە (ئابلا يۈسۈپ)
كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى،ئىلمىي ئۇسۇلى توغرىسىدا ئويلىنىپ،بۇھەقتىكى نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى گېزىت،ژورنال،كىتابلاردىن قېدىرىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ ‹‹تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت››مەخسۇس بېتىگە تولۇق بېسىلغان ‹‹جوغلاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش››دېگەن ماقالە چاڭقىغان ئادەمگە ئۇسسۇزلۇق بەرگەندەك تەشنالىقىمنى قاندۇردى.بۇ ماقالە ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ مۇئاۋېن باش مۇھەررىرى،مەشھۇر يازغۇچى،‹‹ماتىماتىكا،فىزىكا،خېمىيە توغرىسىدا ئاممىباب قىسسە››دېگەن روماننىڭ مۇئەللىپى لياڭ خېڭنىڭ كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا ئېيتقانلىرى بولۇپ،‹‹نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيمىز››،‹‹كىتاب ئوقۇشنىڭ ئالتە قاتلىمى››،‹‹كىتاب ئوقۇشتىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل››،‹‹كىتاب ئوقۇش- ئىجادىيەت ئۈچۈن››دىگەن تۆت چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان .كىتاب ئوقۇۋاتقىلى يېرىم ئەسىر بولغان،يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 30يىلدىن ئاشقان بۇ مەشھۇر ئەدىب ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ‹‹ئەمەلىيىتىم-كىتاب ئوقۇپ، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىش يولۇمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى››دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. مەن بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ،ئۇيغۇر كىتابخانلارغا تۇنۇشتۇرغان تەرجىمانغا(گېزىتتە تەرجىماننىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلمىگەن)ۋە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››رېداكسىيەسىگە مىڭ مەرتىۋە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىپ،بۇ ئېسىل ئەسەرنى قەيتا-قايتا ئوقۇپ مۇتائىلە قىلىپ،كىتاب ئوقۇش خاتىرەمگە تولۇق دىگۈدەك كۆچۈرۈپ چىقتىمدە-دە،بىر كەم 30يىللىق ئوقۇرمەنلىك ھاياتىمدا كىتابنى ئۆزەمگە دوست تۇتۇپ ياشاپ،ھازىر كىتاب ئوقۇشنىڭ قايسى قاتلىمىغا چىققانلىقىمغا بىر دىئاگنۇز قويۇپ ،ئىپتىخارلىق ھېسلىرىغا چۆمۈلدۈم.تۆۋەندە مەن كىتاب ئاشىنالىرى،ئوقۇرمەن دوستلىرىم بىلەن مەشھۇر يازغۇچى لياڭ خېڭنىڭ ‹‹كىتاب ئوقۇشنىڭ ئالتە قاتلىمى››توغرىسىدىكى نەزەريىسى،بايانلىرىنى تەدبىقلىغان ئاساستا،ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى توغرىسىدىكى ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ پىكىرلەشىمەكچىمەن. ئەتراپىمىزدىكى رېئاللىقنى كۈزەتسەك،نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇپ، تەپەككۇرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشتەك مەنىۋىي ئىستىمالنى تەرك ئېتىپ،ماددىي ئىستىمالنىڭ ئەپسۇنلىرىدە سېھىرلىنىپ ،روھىيىتىنڭ ۋاكوئوم بوشلۇققا ئايلىنىپ، قاغجاراپ كەتكەنلىكىنى،قىممەت قاراشلىرىنىڭ پۈچەك،ھەتتا خاتا،خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ بەختسىزلىك ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى؛بەزىلەرنىڭ كۈندىلىك تاپقان كىرىمىنى ياشاشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ۋاستىسى بولغان يېمەكلىك ئۈچۈن سەرپ قىلىپ ،دۆلەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردىمىدە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى،كىتاب ئوقۇپ،مەنىۋىيىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئويلىغۇدەك ھەپسىلىسى يوق ھالدا، ماددىي ئىستىمالىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەلەكچىلىكىدە جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقاتقانلىقىنى؛يەنە بەزىلەر كىتابنى دوست تۇتۇپ،ئىلىم-ئىرپاننى ھاياتلىق ئەڭگۈشتىرى بىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،لېكىن‹‹بىلىش››تىن ‹‹قىلىش››قا ئۆتمىگەچكە،ھاياتلىق بۇرچىدا چولپان يۇلتۇزلارنىڭ چاقنىمىغانلىقىنى؛يەنە بەزىلەرنىڭ كىتابتىن بىلگەنلىرى دەۋر ئېقىمىنىڭ كەينىدىن قالغاچقا،‹‹كونىرىغان بىلىمدىنمۇ ئاپەتلىك نەرسە يوق››(ئابدۇقادىر جالالىددىن)لىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بىلىش ئۇلارغا نىسىپ بولمىغاچقا،ھاياتلىق يولىدا شاللىنىش قىسمىتىدىن قۇتۇلاماي،كىتابنىڭ مۇقەددەسلىكىگە شەك كەلتۈرۈپ،يىغقان كىتاپ-ماتېرياللىرىنى شاراباراچىلارغا ئەسكى قەغەز ئورنىدا سېتىۋېتىپ،‹‹كىتاب ئوقۇغانغا دات!››دەپ قولىنى جەينىكىگىچە يۇيىۋېتىپ،كىتاب ئوقۇغانلارنى مازاق قىلىدىغانلارنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە گۇپپاڭچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى؛يەنە بەزىلەرنىڭ ئوقۇرمەنلىكنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدا پىرقىراپ يۈرگەچكە كىتابتىن تۈزۈك نەپكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا كىتابقا يۈكسەك ئەقىدە باغلاپ، كىتاب ئوقۇشنى ھاياتنىڭ بىر تەركىۋى قىسىمىغا ئايلاندۇرۇپ ،كىتاب ئوقۇشنى ئېتىقات دەرىجىسىگە كۆتىرىپ، پاك،دۇرۇس ھالدا ئادىمىيلىكنىڭ مۇقەددەس مىزانلىرى بويىچە (گەرچە ئىنسانغا خاس بىلىش ۋە ئاجىزلىقلاردىن خالى بولالمىسىمۇ )ياشاپ ،ئۆزى ۋە ئۆزگىگە پايدىلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماقتا.پەقەت سەر خىل، ئاز ساندىكى يۇقىرى ساپالىق ئوقۇرمەنلەرلا،ماددىي مەئىشەت بىلەن روھى بايلىقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ،بىرىنى كۆككە كۆتىرىپ ،بىرىنى يەرگە ئۇرىدىغان بالىلارچە گۆدەكلىكتىن مۇستەسنا ھالدا،بەختنىڭ مۇقەددەس پىرامىدالىرىنى ناھايىتى مۇستەھكەم ھالدا قۇرۇپ چىقماقتا. خوش ، بەزىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇپ نەپكە ئېرىشەلمەسلىكى،بەزىلەرگە كىتابنىڭ مەنىۋىي قۇدرەت ۋە ئىجادچانلىق ئىقتىدارى ئاتا قىلىشتىكى سىر نەدە؟ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قاتلىمى مەسىلىسى بۇنىڭغا بىر قەدەر توغرا جاۋاپ بېرەلىشى مۇمكىن.مەشھۇر يازغۇچى لياڭ خېڭ كىتاب ئوقۇشنى ‹‹غېدىقلىنىش ئېھتىياجى قاتلىمى››،‹‹ئارام ئېلىش،كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى قاتلىمى››، ‹‹ئۇچۇر ئېھتىياجى قاتلىمى››،‹‹بىلىم ئېھتىياجى قاتلىمى››،‹‹ئىستېتىك ئېھتىياج قاتلىمى››،‹‹تەپەككۇر قاتلىمى›› قاتارلىق ئالتە قاتلامغا بۆلگەن بۇلۇپ،بۇ قاراشلارنى نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزغا تەدبىقلىساق،ئالدىنقى ئۈچ قاتلامدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب،گېزىت،ژورنال ئوقۇيدىغانلار ئىچىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگەلەيدىغانلىقىنى،تەپەككۇر قاتلىمىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى تەبئىي ھالدا ھېس قىلىمىز.‹‹غېدىقلىنىش ئېھتىياجى قاتلىمى››ئەڭ تۆۋەن باسقۇچتىكى ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى بۇلۇپ،‹‹بۇ ئەقلىي تەركىپ يېتەرلىك بولمىغان،پسېخىك،فىزىئولوگىيەلىك ئىنتىلىش ئاساس قىلىنغان... شەھۋانىيلىق،قاتىللىق ،زوراۋانلىق›› ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بۇ قاتلامغا مەنسۇپ.بۇ‹‹ بىر خىل ئىپتىدائىي ياۋايىلىق››.بۇلار بىر ئۆمۈر كىتاب ئوقۇسىمۇ بىلىم جوغلاش ،يېڭىلىق يارىتىش مەقسىدىگە يېتەلمەيدۇ،ئۇنداقلارنىڭ بۇنداق مەقسەت -مۇدداسىمۇ يوق.ئىبرەت ئالغىدەك ئاڭ-سەۋىيە،ئىبرەت ئېلىش خاھىشىمۇ يوق.‹‹ئارام ئېلىش،كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى قاتلىمى››دىكىلەر ۋاقىت ئۆتكۈزۈش،ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىشنى ئاساس قىلىپ كىتاب ئوقۇيدىغانلار بولۇپ،يۇمۇر،چاقچاق،لەتىپە،چۆچەك تۈرىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇيدىغانلارنى كۆرسۈتىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ قاتلامغا مەنسۇپ بۇلۇپ،‹‹مەملىكىتىمىزدە ئارام ئېلىش،كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئوقۇشلۇقلارنىڭ تارقىلىشى ئەڭ زور››.بۇ خىل قاتلامدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشى بىلىم جوغلاشنى مەقسەت قىلمىغاچقا،بۇ خىل ئەسەرلەرنى قانچە كۆپ ئوقۇغان بىلەن،ھېسسىي پىكىر قىلىش ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ،تەپەككۇرىدا سىلكىنىش بولمايدۇ. كۆپىنچىمىزدە كىرىزىس تۇيغۇسى،ئازاپ ئېڭى تېخى يېتىلمىگەن بولغاچقا ،بەڭ چەككەن ئادەمدەك خۇش كەيپ ،گاراڭ ھالدا كىملا ئۇچرىسا ھېجىيىپ،ھەممە ئىشقا بىپەرۋا ،ئامالسىزلارچە قاراپ ئادەتلىنىپ قالغاچقا،پسېخىكىمىز كۆڭۈلنى خوش قىلىدىغان ئەسەرلەرگە مايىل. بىر يالماپلا يۈتكىلى بولىدىغان،تەپەككۇر قىلمايلا ھەزىم قىلغىلى بولىدىغان يۇمۇرىستىك ئەسەرلەرگە ئىشتىھايىمىز ناھايىتى ياخشى.‹‹قۇتادغۇ بىلىك››كە ئوخشاش شاھانە ئەسەرلەرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا،باھاسى چۈشۈرۈلۈپ،يېرىم باھادا 5يۈەندىن سېتىلسىمۇ تۈزۈك خېرىدارىنىڭ بولماسلىقى بىزدە تېخى پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى ،مۇلاھىزە،مۇتائىلە قىلغانسېرى سىر-ھېكمەتلەرنى كۆز ئالدىمىزدا زاھىر قىلىدىغان ئەسەرلەرنى چۈشىنىش،قوبۇل قىلىش سەۋىيىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ دەلىلى.شۇڭا سورۇنلىرىمىز يۇمۇر بىلەن قىزىيدۇ،مۇھاكىمە،مۇنازىرىنى تەرك ئېتىمىز،بېشىمىز ئاغرىيدۇ،‹‹ئۇچۇر ئېھتىياجى قاتلىمى››دىكىلەر تۈرلىك يېڭى خەۋەرلەرگە قىزىقىدىغان ،گېزىت ئوقۇشقا ھېرىسمەن كىشىلەردۇر.بۈگۈنكى دەۋىردە ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.بۇ جاھاننى چۈشىنىپ ياشاشتىكى مۇھىم بىر تەرەپ.21-ئەسىر-بىلىم ئىگىلىكى،ئۇچۇر دەۋرى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بەزىدە دەل ۋاقتىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلار بايلىق يارىتالىشى مۇمكىن.لېكىن،شۇنى بىلىش كېرەككى،ئۇچۇرنىڭ ئۆزى بىلىم ئەمەس.بەزى ئۇچۇرلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ھامان قىممىتى نۆلگە چۈشىدۇ.‹‹بىلىم ئېھتىياجى قاتلىمى››:ھەممىمىزگە ئايانكى،‹‹بىلىم ئادەمنى ئەقىللىق،قابىلىيەتلىك قىلىدۇ.بىلىمسىز ئادەم يېرىم ئادەم ھېسابلىنىدۇ››بۈگۈنكى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش،ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان دەۋىردە،بىلىم - ياشاشنىڭ زۆرۈر قورالىغا ئايلانماقتا.كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئىگىلىگەندە،ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ،دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگىلى،ئىدىيىسى ھەرىكىتىدىن كېيىن قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.تۈرلۈك ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى،ساۋات خاراكتېرلىك بىلىم كىتابلىرىنى ئوقۇشقا ھېرىسمەن كىشىلەر بۇ قاتلامغا كىرىدۇ.لېكىن،ئۇلاردا تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا چىقىشقا ئىنتىلىش پسېخىكىسى شەكىللەنمىگەچكە،كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادچانلىق بۇ قاتلامغىمۇ نېسىپ بولمىغان. شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى،رېئاللىقتا كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ قاتلامدىن ھالقىمىقى بەسىي مۇشكۈل.چۈنكى، بىلىم چەكسىز،ئىنساننىڭ ئۆمرى ،ئىقتىسادى،شارائىتى چەكلىك.بىلىم ئىگىلەش يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك ناھايىتى مۈشكۈل ئىش.بۇ ھەر بىر كىشىدىن پولاتتەك چىڭ ئىرادە،چىدامچانلىق ۋە سەۋر-تاقەت،تىرىشچانلىق ،تۈرلۈك بەدەل ،قۇربان بىرىشلەرنى تەلەپ قىلىدۇ.تېز قىزىپ ،تېز سوۋۇيدىغان ،تەپەككۇرى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ،لېكىن پسېخىكىسى ناچار كىشىلەرنىڭ بۇ مۈشكۈل داۋاندىن ئۆتمىكى ناھايىتى تەس.شۇنداق،ئەتراپىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا كىتابنى كۆرسىلا ھۆ قىلغۇسى كېلىدىغان،ئەقەللىسى ئۆز كەسپىگە ئائىت ئەڭ يېڭى بىلىم كىتابلىرىنى ئەمەس ،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلىك كىتابلىرىنىمۇ ئىككىنچىلەپ قولىغا ئېلىپمۇ قويمايدىغان؛پىداگوگىكا،پسېخولوگىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتىۋالغاندىن كېيىنلا مائارىپچىلارنىڭ رىسالىسى بولغان بۇ كىتابلارنى قايتا كۆرمەيدىغان؛ئىمتىھاندىن ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىپلا كىتاب ئوقۇيدىغان؛مەلۇم بىر نەرسىنى بىلىۋالغاندىن كېيىنلا ئۇ كىتابنى پىرقىرىتىپ تاشلايدىغان،كىتابنى مەنپەتپەرەسلىك،شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانلار بەلكىم بۇ قاتلامغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن قاتلامغا مەنسۇپ بولسا كېرەك.ئۇلار بىلىم ئىگىلەشنىلا مەقسەت قىلىدۇ.بىلىمنى پىرىسلاشنى،ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈپ ھەزىم قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئىجادىي بىلىمى قىلىشنى ئويلىمايدۇ.ناھايىتى كۆپ كىتاب ئوقۇغان ،كىتاب ئوقۇغانسېرى ئىدىيىسىدە زىددىيەت -توقۇنۇشلار كۆپىيىپ ، كىتابتىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى بىلەن رېئاللىقنى سېلىشتۈرۈپ،گاراڭ بولۇپ قاينايدىغان، ھەممىدىن ئاغرىنىدىغان بۇلۇپ قالغانلار ، كىتابتىكى ئىدىيەلەرنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، كىتاب خالتىسىغا ئايلىنىپ قالغانلار، ياكى بىلىم دېڭىزىدىن ئۈزۈپ چىقالماي تۇنجۇقۇپ غەرق بولغانلار ،تەپەككۇرىنى چاقنىتالماي بىلىم ساراڭلىرىغا ئايلىنىپ قالغانلار،كىتاب ئوقۇپ ئىدىيەسى زەھەرلىنىپ خاتالاشقانلار،كىتاب ئوقۇپ ئەقلىي –ھۇشىنى يوقۇتۇپ ساراڭ بۇلۇپ قالغانلار،بىلىمى بار،لېكىن ئىقتىدارى يوقلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ قاتلامغا تەۋە ئوقۇرمەنلەردۇر . بۇ قاتلامغا يەتكەندە، كىتابتىكى بىلىم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ ئوقۇرمەننىڭ ئىدىيەسىدىكى جاھالىيەت بىلەن تىركىشىپ، ئاڭسىزلىقتىن ئاڭلىق ھالەتكە ئۆتۈش، قاراقورساقلىقتىن، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن توقۇنىشىدۇ. بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئىستېتىك قاتلام،تەپەككۇر قاتلىمىغا كۆتىرىلسە، ئۆزىدە ئىجادچانلىق يۇشۇرۇن ئىقتىدارى بولۇپ،بۇلار ئۆزئار سوقۇلۇپ چاقنىسا ئاندىن كىتابنىڭ خاسىيىتى،قۇدرىتى نامايەن بولىدۇ.مىڭ ئەپسۇس! كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ قىيىن ،جاپالىق داۋاندىن ھالقىپ ئۆتەلمەي ،كۆپ رىيازەتلەرنى چېكىپ توختاپ قالىمىز ،يا بەل قۇيۇۋېتىپ، كىتاب سەپىرىدىن كەينىمىزگە يېنىپ، ‹‹كىتاب ئوقۇش ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ››دېگەن قاراشقا تەسلىم بولىمىز. مانا بۇ پاجىئە ‹‹ئىستېتىك ئېھتىياج قاتلىمى››:بۇنداق كىتاب ئوقۇش قاتلىمىدىكىلەر تەپەككۇر گۈزەللىكى،بەدىئىي گۈزەللىكنى سۆيىدىغان،گۈزەللىكنى بايقاش سېزىمىگە ئىگە،بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغان،بەلگىلىك بىلىم سەۋىيە ۋە ئىستېتىك تەربىيىلىنىشكە ئىگە ئوقۇرمەنلەر بولۇپ،ئۆزى ئىجاد قىلمىسىمۇ ئاپتۇر بىلەن قەلبداشلىق ئورنىتالايدۇ.قولىغا قەلەم ئېلىپ يېزىش قولىدىن كەلمىسىمۇ يۈرىكىگە يازىدۇ.بۇ بىرقەدەر ساپالىق ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى .ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ بۇ قاتلامغا مەنسۇپ بولالمايدۇ.چۈنكى ،نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇرمەنلىرى ئارام ئېلىش،كۆڭۈلنى خوش قىلىپ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش قاتلىمىدىكى ئوقۇرمەنلەر بولۇپ ،ۋەقە قوغلىشىپ كىتاب ئوقۇيدۇ،ئىدىيە خەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىش خىيالىغىمۇ كەلمەيدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۈلدۈرگە ۋاستىسى دەپ چۈشىنىدۇ.ئەسەردىكى تىراگېدىك گۈزەللىكنى بايقاشقا ساپاسى يار بەرمەيدۇ.ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ‹‹قۇم باسقان شەھەر››رومانىنى ئوقۇپ،ئاران ‹‹مىڭبىر كېچە››چۆچەكلىرىنى ئوقۇغانچىلىك سېزىمگە ئىگە بولغان ئوقۇرمەنلەر،‹‹قارا قۇرساق سەركە››،‹‹ئوت كەتكەن دەريا››،‹‹ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر ››،‹‹قىرلىق ئىستاكان ››،‹‹بۇرۇت ماجراسى››ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ،قىزىق بىر لەتىپە ئاڭلىغانچىلىك ھۇزۇرلىنىپ،ھاماقەتلەرچە كۈلۈشنىلا بىلىپ، ئەسەرنىڭ مەنە قاتلاملىرىغا شۇڭغۇپ كىرىپ، ئازاپلىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمىغانلارمۇ بۇ قاتلامغا تەۋە ئوقۇرمەنلەر ئەمەس. دۇنياۋىي مەشھۇر يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف (1928-2008) نىڭ‹‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن››دېگەن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ رومانىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇ يەر- بۇيەرنى ۋاراقلاپ قۇيۇپ "قىزىق ئەمەسكەن" دەپ تاشلاپ قويغان ئوقۇرمەننى ھەرگىزمۇ ئىستېتىك ئېھتىياج قاتلىمىدىكى ئوقۇرمەن دېيەلمەيمىز.خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر ئەپەندىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئازاب، چۈشەنمىگەنلەر ئۈچۈن كۈلكە ئاتا قىلىپ،قوش ئۈنۈم ياراتقان ئاشۇ ھېكايىلىرىنىڭ ھەر بىرىسىدە يارىتىلغان ئىستېتىك گۈزەللىك ،ئىدىيە قاتلاملىرىنى ئاتالمىش بەزى رومانلىرىمىزدىن بېرەر زەررىچىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. مۇھەببەتنى جىنسىيەت دەپ چۈشىنىپ، مۇھەببەت، جىنسىيەت تەسۋىرلەنگەن رومانلارغا مەستانە بولغانلارمۇ بۇ قاتلامدىكى ئوقۇرمەن بولۇشقا ھەرگىز سالاھىيىتى توشمايدۇ.تالانتلىق شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ‹‹چۈمبەلدىكى كۆز ››،‹‹دېڭىزدىكى كوچا››،ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىنىڭ ‹‹كۆيگەن دېڭىز››،ئوسمانجان ساۋۇت ئەپەندىنىڭ ‹‹تۈن تىۋىشلىرى ››دىگەن شېئىرلار توپلىمىنى ،ئۇيغۇر چاغداش يېڭى شېئىرىيەت ۋەكىللىرىنىڭ تاللانغان شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن كوللېكتىپ توپلام-‹‹قەشقەردىكى يەر شارى››نى سېتىۋېلىپ ئوقۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن،شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇمايدىغان،ياكى ئوقۇسىمۇ قەلبى لەرزىگە كەلمەيدىغان،گۈزەل ھېس-سېزىملارغا چۆمۈلمەيدىغانلارنى، شېئىر ئۈچۈنلا ئاپىرىدە بولغان غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، "ھېچ نېمىنى چۈشەنمىدىم "دەپ قارايدىغان ئوقۇرمەنلەرنىمۇ «ئىستېتىك ئېھتىياج قاتلىمى»نىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، شېئىرىي تىل گۈزەللىكىنى ھېس قىلغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولالمىغان، شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئەسلا ئوقۇمەيدىغانلارمۇ «ئىستېتىك ئېھتىياج قاتلىمى»دىكى ئوقۇرمەن بولۇش ئىمتىيازىدىن مەھرۇم.ھەقىقىي ئۇلۇغ شېئىرلار چۈشەندۇرمەيدۇ،ئويغا سالىدۇ.ھەر قېتىم زىكرى قىلغاندا مۇقەددەس ۋەھىيلەرنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇ-سېزىمگە ،ئۆزگىچە تەم، سىرلىق مەنە قاتلاملىرىغا چۆمۈلىمىز .مانا بۇ شىئېرىي پىكىر،شىئېرىي تىلنىڭ بالاغىتى ۋە ئىستىتىك لەززىتى. شېئىرىي پىكىر قىپيالىڭاچ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان، شۇئارۋازلىق، قەسەم، ۋەدىنامە،ئىڭراش،نالە قىلىش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان،ساۋادى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى ئوقۇسىلا چۈشىنىدىغىنى شېئىر ئەمەس،بەلكى قاپىيە،سۆز ئويۇنىدۇر، ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا‹‹تىل ھۈنەرۋەنچىلىكى››دۇر خالاس، دېمەك،«ئىستېتىك ئېھتىياج قاتلىمى»دىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولىدۇ.كىتابتىن لەززەتلىنىشنى،تەمىنى تېتىشنى ،كىتابنى تاللاپ ئوقۇشنى، گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىشنى ئوبدان بىلىدۇ. يېڭى ئىدىيە،پىكىرلەرنىڭ مېغىزىنى، جەۋھىرىنى ئايرىۋېلىشقا ماھىر كېلىدۇ.بۇ خۇددى قۇرسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن كىشىلەرنىڭ تاماق يىيىشنى قۇرسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس، ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن يىيىشىگە،كىيىم-كېچەكنى سەنئەتلىك ،جەزىبىدارلىققا ئىگە قىلىپ كىيىشىگە ئوخشايدۇ ‹‹تەپەككۇر قاتلىمى›› دىكى ئوقۇرمەنلەر تەتقىقات ماقالىلىرىنى،ئىلمىي-نەزەريىۋىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھوزۇرلىنىشقا ھېرىسمەن ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى بولۇپ،بۇ ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش، كەسپتە مۇۋەپپەققىيەت قازىنىش،خاسلىققا ئىگە بولۇش،كىتابتىكى ئىدىيەلەرنىڭ كۇپىيەسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرىلىنىدۇ.بۇ باسقۇچقا يەتكەن ئوقۇرمەنلەردە بىلىم پىرىسلىنىدۇ.جەۋھەر بىلىملەر تەپەككۇرىنى چاقنىتىدۇ. ئىجادىيەت ئىلھامى فونتاندەك ئۇرغۇيدۇ.ئۆزلۈك، غورۇر، ئېتىقاد، ئىشەنچ، تەپەككۇر ھۆرلىكى، مەنىۋىي يۈكسەكلىك،ساغلام روھى ھالەت شەكىللىنىدۇ.مۇستەقىل ئىدىيەۋى قاراش،تۇيغۇنلۇق،سەزگۈرلۈك ئەنە شۇ باسقۇچتا مەيدانغا كېلىدۇ. روي بەرگەن ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى ناھايىتى تېزلا چۈشىنىدىغان،باشقىلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ،ھەتتا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى توغرا قىياس قىلالايدىغان ئاجايىپ چېچەنلىك،سەزگۈرلۈك روياپقا چىقىدۇ.ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە، ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىشتىن لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش باسقۇچىغا سەكرەپ،ئىلمىي دۇنيا قاراش،توغرا ۋە مۇستەھكەم قىممەت قارىشىغا ئىگە بولۇپ ،يىلىكىمىز توق،تەپەككۇرىمىز چاقماقتەك ئۆتكۈر ۋە ئىتتىك بولىدۇ.كىتاب ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىجادچانلىقنىڭ گۈلخانىنى ياقىدۇ.كىتاب ئوقۇشنىڭ بۇ باسقۇچىغا يەتكەن ئوقۇرمەنلەر تەپەككۇر ساھىبىلىرىغا ئايلىنىدۇ:كىتابنى چۈشىنىپ،ھەزىم قىلىپ،مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ،شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ،ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشىنى ساقلاپ قېلىپ ئوقۇيدۇ.لېكىن بۇ باسقۇچنىمۇ كىتاب ئوقۇشتىكى ئاخىرقى غەلىبە ۋە مۇۋەپپەققىيەت دەپ ئېيتالمايمىز.كىتابتىكى بىلىملەرنى تەپەككۇرنىڭ خام ئەشياسى قىلىپ،ئۆزلۈكسىز ھالدا يېڭى قان ،ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىپ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم،ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ياكى مەنىۋىي ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق ‹‹ئىستىماللا قىلىدىغان،ئىجاد قىلمايدىغان مەنىۋىي پالەچ››(ئابدۇقادىر جالالىددىن)لىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ،ئۆز-ئۆزىدىن،تەپەككۇر قاتلىمىدىن ھالقىپ يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.ئەنە شۇ باسقۇچتا كىتابىنىڭ غايەت زور قۇدرىتى،خاسىيىتى نامايەن بولۇپ، تەپەككۇر ھۆرلىكى،ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە تاكاممۇللاشقان ئىنسان ئاپېرىدە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرى ‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››ژۇرنىلىنىڭ1-،2-،3-سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان. ئاپتور:باي ناھىيە ياتۇر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى 2011-يىل 1-سانىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-12 23:36
|