گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1291 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل ئۈلۈشكۈن 11:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    يۇرتۇم سايرامنى ھەجەپ سېغىندىم ، قاچانمۇ بارغىلى نسىپ بۇلا !

  • يۈسۈپجان ئۈلۈشكۈن 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناھىيىمىزدە نىمانچە كۆپ يەر تەۋرەيدىغاندۇ ،مانا ھازىرمۇ يەر تەۋرىدى...

  • سادىر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

  • شاختۇرا 2013-1-23 11:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار  ؟ دوستۇڭلار شاختۇرادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  • نائىل 2013-1-20 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن  تېلىفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا  ئۇيغۇرچە باسقىلى بولمايدىكەن، تورداشلار توغرا چۈشىنىڭلار!

كۆرۈش: 274|ئىنكاس: 7

ئاق روماللىق پەرىشتە (ئاتامان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

19

دوست

2895

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
114
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1398
تۆھپە : 29
توردا: 103
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-26

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 22:05:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق روماللىق پەرىشتە  (ئاتامان)

‹‹ھېكايە››

1

ئۇ دەل دەرەخلەرنى ئارلاپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى.بۇ يەردىكى دەرەخلەر شۇنچە ئېگىز ئۆسكەن بولۇپ شاخلىرى ناھايتى قۇيۇق ئىدى.ئۇ تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرلىرىگە قاراپ ھەيرانلىقتا كېتىۋاتاتتى.بارغانسىرى دەرەخلەر قۇيۇقلىشىپ ئۇنىڭ مېڭىشىمۇ تەسكە توختىدى.لېكىن ئۇ توختىماي مېڭىۋەردى.
تۇيۇقسىز ئۇ گۈزەل بىر ئۇچۇقچىلىققا چىقىپ قالدى.بۇ يەردە كىچىك بىر كۆل بار ئىدى.كۆلنىڭ ئەتراپىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلغان بولۇپ،سۇ يۈزىنى ھەرخىل رەڭدىكى گۈل چېچەكلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىدى.بىر قارىسا سۇ يۈزى خۇددى خوتەننىڭ ئۇستا گىلەمچىلىرى توقۇغان نەپىس بىر گىلەمگە ئوخشايتى.
‹‹توۋا ! بۇ كۆل دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا قانداق پەيدا بولدى!›› ئۇ تېخىمۇ ھەيران قالدى.ئۇ مۇشۇ ماكاندا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ،بۇ ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە كۆلنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى.ئۇ ھەيران بولغان ھالدا ئەتراپقا قارىدى.كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىنى قۇيۇق ئورمانلار قاپلاپ تۇراتتى.
ئۇ كۆل بويىدىكى گۈللەرنىڭ دىلنى مەست قىلغۇچى خۇش پۇراقلىرىدىن كۆڭلى سۈيۈنۈپ كۆل بويىدا بىردەم ئارام ئېلۋېلىشنى ئويلاپ قالدى.ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ئېگىز ئۆسكەن بىر توپ قىزىل گۈلنىڭ يېنىغا كەلدى-دە،ئولتۇرۇپ قىزىل گۈلدىن بىرنى ئۆزۈپ قېنىپ-قېنىپ پۇرىدى.گۈلنى پۇرىغانسىرى گېلى قورغاقلىشىپ چاڭقىغاندەك بولدى،شۇڭا كۆلنىڭ سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ،ئۇسۇزلىقىنى قاندۇرماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى.
ئۇ كۆلگە قاراپلا كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى.كۆل قىرغىقىدا ئاپپاق كىيىم كەيگەن بىر قىز ئولتۇراتتى.قىز خۇددى چۆچەكلەردىكى پەرىزاتنى ئەسلىتەتتى.
‹‹تېخى بايىلا بۇ يەردە ئادەم يوق ئىدى،بۇ قىز نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى؟›› ئۇ تېخىمۇ ھەيران قالدى.‹‹ئۇ راستىنلا پەرىزاتمۇ يە!›› ،ئۇ تۇيۇقسىز شۇنداق تۇيغۇغا كېلىپ قالدى.ئۇ قىزنى ناھايتى گۈزەل بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدى.ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن قىزغا يېقىنلاشتى.قىزغا يېقىنلاشقانسىرى بەدىنىگە تىتىرەك ئولۇشۇپ،پىشانىسىدىن سوغوق تەر تامچىلاشقا باشلىدى.قىز بىلەن ئۇنىڭ ئارلىقىدا پەقەت ئىككى قەدەملا ئارلىق قالدى.ئۇ قەدىمنى توختۇتۇپ بارلىق جۈرئىتىنى يىغىپ قىزغا ئېغىز ئاچتى:
ـ سىز...-، ئۇ بىردىنلا دۇدۇقلاپ توختاپ قالدى.قىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىگە قارىدى.قىزنىڭ يۈزىنى ئاپپاق يىپەك رومال تۇسۇپ تۇراتتى.پەقەت ئۇنىڭ كۆزىلا ئۇچۇق ئىدى.قىزنىڭ كۆزلىرى شۇنچە يېقىملىق ۋە قارا ئىدى.قىزنىڭ بەدىنىمۇ شۇنچە ئەۋرىشىم ۋە زىلۋا ئىدى.
ئۇ قىزغا قارىغىنىچە ئورنىدا قېتىپ قالغان ئىدى.قىزمۇ ئۇنىڭغا شەھلا كۆزلىرىنى تىككىنىچە قاراپ تۇراتتى.ئۇ قىزغا گەپ قىلماقچى بولدىيۇ،لېكىن.ھەر قانچە قىلسىمۇ قىزغا ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
قىز ئۇنىڭغا قاراپ ئىللىققىنە بىرنى كۈلدى دە-ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ كۆل تەرەپكە ماڭدى.قىز يىنىك قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كۆلنىڭ قىرغىقىغا بارغاندا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدى.ئۇ تۇرغان جايىدا قاققان قۇزۇقتەكلا تۇراتتى.
قىز ئالدىغا قاراپ كۆلگە قەدەم ئالدى،قىز كۆل سۈيىنى ئاستا كېچىپ كۆلگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى.سۇ قىزنىڭ ئاپپاق كۆينەكلىرى ئىچىدىكى پۇتلىرىنى ئۆز قوينىغا ئالدى.بارا-بارا سۇ قىزنىڭ كۆكرەكلىرىگە چىقتى.ئۇ بولسا قىزغا قارىغىنىچە شۇ جايىدا تېخىچە تۇراتتى.قىزنىڭ يۈرەكنى مەست قىلغۇچى كۆزلىرىدىن ئۇ ئەقلىنى يوقاتقان ئىدى.ئاخىرى قىز سۇ يۈزىدە كۆرۈنمەي قالدى.
شۇ چاغدىلا ئۇ ئىسىگە كەلدى دە-يۈگۈرۈپ كۆلنىڭ قىرغىقىغا باردى.كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىك سۇ چەمبىرەكلىرى دولقۇنلاپ كۆل يۈزىدىكى گۈل چېچەكلىرىنى قىرغاقلارغا ئاستا-ئاستا ئىتتىرىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ چۆچۈپ كەتتى،بايا قىزنى نېمىشقا سۇدىن تارتىۋالمىدى،قىز ئۆلىۋالغانمىدۇ ياكى...؟ئۇ گاراڭ ھالەتتە كۆل قىرغىقىدا تۇرۇپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى:
-پـــــــــەرىزات،-ئۇ ۋارقىرغىنىچە ئويغۇنۇپ كەتتى.ئۇ چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ يېقىندىن بېرى مۇشۇ چۈشنى كۆرىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.ئۇ بۇنى چۈش ئەمەس بەلكى رىئاللىقتەك ھىس قىلاتتى،ئاق روماللىق قىزنى دائىم ئەسلەيتى،ھەر كۈنى مۇشۇ چۈشنى ئويلاپ ياتاتتى،كېچىسى يەنە مۇشۇ چۈشنى كۆرەتتى.
ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى بىر كۆرىۋېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.لېكىن،كۆرەلمەيتى.قىزنىڭ شۇ شەھلا كۆزلىرى،يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلىرى ۋە زىبا قامىتى كۆز ئالدىدىن بىردەممۇ نېرى كەتمەيتى.قىز بولسا ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرىنىلا ھەدىيە قىلاتتى.
‹‹قىزنىڭ چىرايىنى بىر كۆرىۋالغان بولسام ھە ! بەلكىم ئۇ ناھايتى چىرايلىقتۇ›› ئۇ دائىم مۇشۇنى خىيال قىلاتتى.
ئۇ بىر كۈنى ئورمانلىققا يەنە باردى،ئورمانلىق يەنىلا شۇ پېتى ئىدى.ئۇ دەرەخلەرنى ئارلاپ مېڭىۋەردى،ئۇ بۇ ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا راستىنلا كۆل بارلىقىغا ئىشىنەتتى.دەرۋەقە ئۇ بىر ئۇچۇقچىلىققا چىقىپ قالدى.بۇ يەردە راستىنلا بىر كۆل بار ئىدى.كۆلنىڭ ئەتىراپىنى رەڭگارەڭ گۈللەر قورىشاپ تۇراتتى.ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن چۈش كۆرگەنلىكىگە ئىشەنمەي قالدى.
ئۇ كۆل ئەتراپىنى بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن بىر تۈپ قىزىل گۈلنىڭ يېنىغا باردى،بۇ گۈل ئۇنىڭغا بەكمۇ تۇنۇش بىلىندى.ئۇ ئەجەپلىنىپ گۈلنىڭ تۇۋىگە قارىدى.يەردە ئۈزۈلگەن بىر تال قىزىل گۈل سۇلۇشۇپ ياتاتتى.‹‹بۇ مەن ئۈزگەن گۈل شۇغۇ!›› ئۇ ئىڭىشىپ گۈلنى قۇلىغا ئالدى،گۈلدىن ھېلىھەم ئادەمنى مەست قىلغۇچى خۇش پۇراقلار تارايتى.ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ راستىنلا رىئاللىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قالدى.
ئۇ گۈلنى تۇتقۇنىچە كۆلنىڭ قىرغىقىغا كەلدى،كۆلدىن ھېلىلا قىز چىقىپ قالىدىغاندەك قىز كىرىپ كەتكەن جايغا تەلمۈرۈپ قارىدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قىزنىڭ يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلىرى پەيدا بولاتتى...
ئەنە قىز سۇدىن ئاستا چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى دە-ئۇنىڭغا شەھلا كۆزلىرىنى تىكتى.قىزنىڭ كۆزلىرى شۇ قەدەر سېھىرلىك،شۇ قەدەر مىھىرلىك ئىدى.قىزنىڭ يۈزىنى ئاپپاق رومال تۇسۇپ تۇراتتى.ئۇ قىزنىڭ يۈزىنى كۆرۈش ئىستىكىدە ،ئىختىيارسىز قولىنى قىزنىڭ رومىلىغا ئۇزاتتى.قىزمۇ خۇددى ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بېشىنى ئېلىپ قاچمىدى.ئۇ قىزنىڭ رومىلىنى ئاستا كۆتەردى.
-ئاھ!،- ئۇ قىزنىڭ بۇنچە گۈزەللىكىگە ھەيران قالدى،قىز ئۇنىڭغا قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرىدى.قىزنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرى شۇنچىلىك مىھېرلىك ئىدى.
ئۇ قىزنىڭ چاچلىرىنى سىلىماق بولۇپ قۇلىنى ئۇزاتتى،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قۇلىنى ئىللىق شامال سۈيۈپ ئۆتتى،خۇددى قىز ئۇنىڭ قولىنى ئاستا ئىتتىرگەندەك بولۇپ ،قۇلىنى ئىتتىكلا تارتىۋالدى.ئۇ ئەتىراپقا قارىدى،لېكىن.قىز يوق ئىدى.ئۇ بۇلارنىڭ خىيالى ياكى رىئاللىق ئىكەنلىكىنى پەرىق ئېتەلمىدى،پەقەت قىزنىڭ گۈزەل رۇخسارى كۆز ئالدىدا قايتا-قايتا نامايەن بولاتتى.ئۇ كۆل سۈيىگە تىكىلگىنىچە قاراپ قالدى.قىز ھېلىلا كۆلدىن چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدىغاندەك،ئاق رومىلىنى قايرىپ ئۇنىڭغا تاتلىق كۈلۈمسىرەيدىغاندەك تۇيۇلاتتى،لېكىن.كەچكىچە كۆل بويىدا ئولتۇرغان بولسىمۇ قىز كۆلدىن چىقمىدى.ئۇ ئىلاجىسىز ئۆيىگە قايىتتى.

2

ئۇنىڭ دادىسى يېزا باشلىقى ئىدى.يېزا باشلىقىنىڭ بايلىقى كۆپ بۇلۇپ ناھيە شەھەرلەردىكى رەھبەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قۇيۇق ئىدى.ئۇلارنىڭ ئۆيى خۇددى شاھ قەسىرىدەك سەلتەنەتلىك ئىدى.
بۇلارنىڭ ئۆيى چوڭ بىر ئۆستەڭنىڭ يېنىدا بولۇپ،ئۆينىڭ بىر تەرىپىنى قۇيۇق ئورمانلىق قاپلاپ تۇراتتى.
دادىسى ئۇنىڭغا بىر ئارغىماق ئاتنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى.ئۇ زىرىككەن بەزى كۈنلىرى ئېتىنى مىنىپ مىلتىقىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقاتتى.ئۇ ئورمانلىقنى ئايلىنىپ قىرغاۋۇل،چىل،توشقان قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلايتى.ئۇ مۇشۇ چۈشنى كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندىن بېرى ئوۋغىمۇ چىقماس بولدى.ئۇ ئەتىگىنى ئويىدىن چىقىپ كۆل بويىغا بېرىپ كۆلگە قاراپ ئولتۇراتتى،خىيالىدا قىز بىلەن غايىبانە سۆزلىشەتتى.
ئۇنىڭ يېقىندىن بېرى چىرايى سارغىيىپ ئۇرۇقلاپ كەتتى ھەم ئارتۇق گەپمۇ قىلمايتى. دادىسى ئوغۇلىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئوغۇلىدىن ئەنسىرەپ قالدى.دادىسى بىر كۈنى ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدى.ئۇ مۇجىمەللا قىلىپ ‹‹ھىچنىمە بولمىدى›› دەپلا قويدى.ھەر كۈنى قىزنى ئەسلەيتى.
ئۇ تۇيۇقسىز ‹‹ئەگەر شۇ كۆل بويىدا بىر ئۆيۈم بولغان بولسا ،شۇ ئۆيدە تۇرۇپ قىزنىڭ چىقىشىنى كۈتسەم›› دەپ ئويلاپ قالدى.
ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى.قىزنىڭ پىراقى ئۇنى توختىماي قىينايتى.ئاخىرى بىر كۈنى دادىسىغا ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئېيتتى ۋە دادىسىنى شۇ كۆل بويىغا باشلاپ باردى.دادىسى كۆز ئالدىدىكى تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىسىگە قاراپ ناھايتى ھەيران قالدى.
-پاھ ! نېمانچە گۈزەل!،-دەۋەتتى دادىسى ئختىيارسىز ھالدا.
-دادا ماڭا مۇشۇ يەرگە بىر ئۆي سېلىپ بەرگەن بولسىڭىز،-دېدى ئۇ.
ـ بۇ يەرگە ئۆي سېلىپ نېمە قىلىسەن؟- دېدى دادىسى ئەجەبلىنىپ.
-بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەلكەن،مۇشۇ يەردە تۇرسام كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالامدىكىن دەيمەن،-دېدى ئۇ چاندۇرمايلا.
لېكىن دادىسى كۆل ئەتىراپىغا قارىغىنىچە چوڭقۇر خىيالغا كەتكەن ئىدى،ئۇنىڭ نېمە خىيال قىلۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى.ئۇلار كەچكىچە كۆل بويىنى ئايلاندى.
دادىسى ئۆيگە بارغاندىن كېيىن خۇددى ئوغۇلىغا ئوخشاشلا بۇ كۆل بۇيىنى ئىسىدىن چىقىرالمىدى.ئوغۇلى دېدىغۇ مۇشۇنداق گۈزەل جايغا بىر ئۆي سېلىۋالساق نېمە دېگەن ياخشى بۇلاتتى.يېزا باشلىقىنىڭ خىيالى شۇ كۆل بۇيىدىلا قالغان ئىدى.
يېزا باشلىقى يۇقرى-تۆۋەنلەرگە قاتىراپ يۈرۈپ ،شۇ ئورمانلىق ئىچىدىن ئۆي ئورنى ئالدى ۋە ئون نەچچە مەدىكار سېتىۋېلىپ،ئورمانلارنى كېسىپ كۆل بۇيىغا بارىدىغان يول ئاچتى.ئەمدى ئۇ ماشىنلاردا ئۆي سېلىشقا كېرەكلىك ماتىرياللارنى تۇشۇشقا باشلىدى.بىر ئاي جىددى ئىشلەش ئارقىلىق كۆل بۇيىدا چىرايلىق بىر نەچچە ئۆي قەد كۆتەردى.
ئۇ بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا دادىسىدىن سورىدى:
-دادا، مەن سىزگە ئۆي سېلىپ بېرىڭ دېسەم،كۆپ ئۆيلەرنى سالغۇزۋېتىپسىزغۇ؟
دادىسى بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:
-ئوغلۇم،مۇشۇنداق گۈزەل جايغا ساياھەت ئورنى قۇرۇساق ئۇزاق قالمايلا تېخىمۇ بېيىپ كېتىمىز،بۇ يەرگە بىر ساياھەت ئورنى قۇرايلىمىكىن دەيمەن.
دادىسنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى،كۆز ئالدىغا ئاق روماللىق قىز پەيدا بولدى.ئۇ بۇ يەرنى ئاق روماللىق قىز بىلەن ئۆزىگىلا مەنسۇپ جاي دەپ قارايتى.باشقىلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ،ئۆزلىرىنىڭ تىنىچ كۈنلىرىنى بۇزۇشىغا قارشى ئىدى.بۇنى دادىسىغا دەپلا ھەممە ئىش يوققا چىقتى،ئەمدى بۇ ئىشلارنى قانداق تۇسۇش كېرەك،ئۇ دادىسىغا بۇ يەرنى ساياھەت ئورنى قىلماسلىقنى،ئۆزىنىڭ بۇ يەردە بىر قىزنىڭ كۆلدىن چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى،بۇلارنى دادىسىغا دېسە ئۇنىڭ ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ رىئاللىق ئىكەنلىكىگە قەتتىي ئىشىنەتتى.
شۇنداق قىلىپ يېزا باشلىقى ئۆيىدىكىلەرنى بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كەلدى.ھەمدە تېلۋۇزۇردا بۇ كۆلنى تۇنۇشتۇرۇپ ئېلان چىقاردى.
باشتا كەلگەن ئادەملەر ئانچە كۆپ بولمىدى.بارا-بارا بۇ يەرنىڭ داڭقى يىراقلارغا تارقىلىشقا باشلىدى.بۇ كۆل بۇيىغا شەھەردىن كېلىدىغانلارمۇ كۆپۈيۈشكە باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي ئاۋات بىر ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى.
يېزا باشلىقىنىڭ كىرىمىمۇ كۈندىن –كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.ئۇ پۇلى كۆپەيگەنسىرى بۇ يەرنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ،چوڭ ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇرماقچى بولدى.يېزا باشلىقى كۆل ئەتراپىدىكى ئورمانلارنى يەنە كەستۈرۈپ،كۆل ئەتراپىنى كېڭەيتىپ  يېڭى ئۆيلەرنى سالدۇرۇشقا باشلىدى.بىر نەچچە ئايدىن كېيىن بۇ كۆل بويىدا يەنە تانسىخانا،ئاشخانا،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ھەم ھەر تۈرلۈك ماگىزىنلار پەيدا بولدى.ئەمدى بۇ يەر ئادەم مىغىلداپ تۇرىدىغان چوڭ بىر ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان ئىدى.
ئۇ ھەر كۈنى كۆل بويىدا كۆلگە قاراپ چەكسىز خىياللارغا چۆمۈپ ئولتۇراتتى.قىزنى كۈتەتتى،قىزنىڭ يەنە كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشىنى ئۈمۈد قىلاتتى،لېكىن قىزنى كۆرەلمەيتى.
بۇ كۆل بۇيى ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك گۈزەل تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.گۈللەرنى كىچىك بالىلار خالىغانچە ئۈزۈپ يۈرەتتى.ئوت چۆپلەر دەسسەپ چەيلەنگەن،كۆل ئەتىراپىدا قالايىمقان قەغەز پارچىلىرى،ھەر خىل ئەخلەتلەر چېچىلىپ ياتاتتى.كۆل سۈيىمۇ بۇرۇنقىدەك سۈزۈك ئەمەس ئىدى،كۆل سۈيىدە ئۇششاق قۇرۇتلار قىمىرلىشىپ يۈرىشەتتى.بۇ كۆل بۇيى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى گۈزەل مەنزىرىسىنى ئاستا-ئاستا يوقاتماقتا ئىدى.
بۈگۈن ئۇ يەنە قىزنى ئەسلەپ قالدى،قىزنىڭ شەھلا كۆزلىرى كۆز ئالدىغا كېلىشى بىلەن يۈرىكى قاتتىق سېلىپ كەتتى،ئۇ قىزنى ئويلاپ يېتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالدى.
ئۇ يەنە ماڭدى،ئۇنىڭغا بارىدىغان جايى ناھايتى ئېنىق ئىدى.ئۇ كۆل بۇيىغا كېلىپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى.كۆل ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان دەرەخلەر كېسىلگەن ،كۆل ئەتراپىدىكى گۈللەر دەسسەپ چەيلەنگەن ئىدى.كۆلنىڭ سۈيىمۇ ئىلگىركىدىن خېلىلا ئازلىغان بۇلۇپ،كۆلدە ئەخلەتلەر لەيلەپ تۇراتتى.
ئۇ كۆل قىرغىقىغا كېلىپ ئولتۇردى،قىزنىڭ كۆلدىن چىقىدىغانلىقىغا ئۇ شەكسىز ئىشىنەتتى.بىردىنلا كۆل سۈيى شىددەت بىلەن چايقىلىپ سۇ قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.ئۇ قىزنى سۇدىن چىقىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى،دەرۋەقە سۇ يۈزىدە قىزنىڭ بېشى كۆرۈندى،قىز ئىلگىركىدەكلا ئاپئاق رومال ئارتىۋالغان ئىدى،قىز سۇدىن چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىلگىركىدەك كۆلۈپ تۇرمايتى،كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنايتى.ئۇ قىزنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قورقۇپ كەتتى.
ئۇ قىزغا دۇدۇقلاپ شۇنى دېيەلىدى:
-مەن...مەن سىزنى كۈتكىلى نەۋاخ،-ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قىزدا ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىدى.ئارىنى ئۇزاق جىمجىتلىق قاپلىدى.بىردەمدىن كېيىن قىز ئېغىز ئاچتى:
مەن سىزنى بۇ كۆل بۇيىدا ئۇچراتقان كۈندىن كېيىن سىزگە ئاشىق بولغان ئىدىم،شۇندىن كېيىن سىزمۇ ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ تۇردىڭىز،مەنمۇ سىزنىڭ كەلگىنىڭىزدىن خوشال بولۇپ،ھەر قېتىم كەلگىنىڭىزدە سىزنىڭ ئالدىڭىزغا چىقاتتىم،ئەپسۇس .سىز بۇ يەرگە باشقا ئادەملەرنى باشلاپ كېلىپ،مېنىڭ بۇ سۇيۈملۈك ماكانىمنى ،گۈزەل چىمەنلەرنى نابۇت قىلۋەتتىڭىز،-قىزنىڭ ئاۋازى بارغانچە غەزەپلىك چىقىشقا باشلىدى،-ئەمدى مەن سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالدىم،سىزگىلا ئەمەس بارلىق ئىنسانلارغا ئىشەنمەس بولۇپ قالدىم،بۇ يەر ئىلگىرى شۇنچە گۈزەل ۋە ھاۋالىق جاي ئىدى،خۇددى مەن ئۈچۈن جەننەت ئىدى،مەن بۇ ماكاندا كۈندە سەيلە قىلاتتىم ،كۈنلىرىم ناھايتى بەختىيار ئىدى.سىلەر كەلگەندىن باشلاپ بۇ جاي ۋەيران بولدى،ھاۋاسى بۇلغاندى.مەن سىزنى بۇ جايغا باشلاپ كەلمىسەم بوپتىكەن،ئەڭ ياخشىسى مەن سىزگە كۆرۈنمىسەم بوپتىكەن.ئەمدى سىز مېنى ئىزدەپ كەلمەڭ،بارلىق ئادەملەر بۇ جايغا ئاياغ باسماڭلار!.قىز شۇلارنى دەپ بۇلۇپ سۆزدىن توختاپ قالدى.ئۇ قىزغا نېمىلەرنى دېيىشنى بىلمەيتى.تۇيۇقسىز شامال چىقىپ قىزنىڭ رومىلىنى ئۇچۇرۇپ يەرگە چۈشۈرۋەتتى.قىزنىڭ يۈزىنى ئەمدى ھىچنىمە تۇسۇپ تۇرمايتى.ئۇ قىزنىڭ شۇنچىلىك گۈزەللىكىگە قاراپ ھاڭ-تاڭ قالدى.
قىز ئىتتىك ئارقىسىغا بۇرۇلدى دە-تېز قەدەملەر بىلەن كۆل تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ئۇ قىزغا گەپ قىلماقچى بولدىيۇ نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.قىز ئاستا-ئاستا كۆلگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى.قىز سۇ يۈزىدە غايىپ بولدى.شۇندىلا ئۇ ئېسىگە كەلدى دە-قىزنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى،بىراق قىز ئالىقاچان سۇ ئاستىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ كۆل بۇيىدا نېمە قىلارنى بىلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.بىردىنلا قىزنىڭ رومىلى ئىسىگە كەلدى.رومال ئەخلەتلەرگە تولغان چىملىق ئۈستىدە يىگانە ياتاتتى.ئۇ رومالنى ئالماق بولۇپ رومال تەرەپكە قاراپ ماڭدى.تۇيۇقسىز باياقى شامال بارا-بارا كۈچىيىپ ئورمانلىق قورقۇنۇچلۇق ھۆركىرەشكە باشلىدى.كۆل ئەتىراپىدىكى ئەخلەتلەر ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە زەرىپ بىلەن ئۇرۇلاتتى.ئۇ بوراننىڭ تەسىرىدە كۆزىنىمۇ ئاچالماي قالدى،ئاچچىق ئاغىرىق سىزىمى ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىلغايتى.
بىردىنلا پۈتۈن ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتتى.ئۇ ھىچنىمىنى كۆرەلمىدى.
تۇيۇقسىز ئۇ بېشى ئۈستىدە ئاپپاق يۇرۇقلۇق پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئاسمانغا قارىدى.قىزنىڭ ئاق رومىلى سۈتتەك يۇرۇقلۇق چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ باش ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرەتتى.رومالدىن ئاجايىپ گۈزەل نۇرلار تارايتى.
رومال ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى بىردىنلا قورقۇنۇچ بېسىپ كەتتى.رومال ئۇنىڭغا بارغانچە قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلۇشقا باشلىدى.رومال بارغانچە يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.ئۇ قاچماقچى بولدى ،لېكىن.قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىدى،رومال ئۇنىڭ بوينىغا كېلىپ يۆگەلدى،رومال ئۇنىڭ گېلىنى قاتتىق بۇغۇشقا باشلىدى،ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ،كۆزلىرى چاچىراپ چىقىپ كېتىدىغاندەك پولتۇيۇپ چىقتى.ئۇ رومالنى بوينىدىن ئاجىرتىۋىتىشكە ئۇرۇناتتى،لېكىن.ھەرقانچە قىلسىمۇ ئاجىرتىۋېتەلمەيتى.
ئۇنىڭ كۆزلىرى غۇۋالىشىپ ،يەر-زېمىن شىددەت بىلەن پىرقىراۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى.ئۇ ئەلەملىك يۇلقۇناتتى،تىپچەكلەيتى.ئۇ رومالنى بوينىدىن ئېلىۋېتىشكە ئامالسىز ئىدى.ئۇنىڭ ئەلەملىك پەرىياتى پەقەت ئېغىزىدىلا قالدى.ئۇنىڭ ئاۋازى زۇلمەت قاراڭغۇلىقىغا سىڭىپ كەتتى.

تۈگىدى

مەنبە:ئاتامان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-12 01:08  

11

تېما

10

دوست

1800

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 747
تۆھپە : 22
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 15:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىېكايە ناھييىتى ياخىشى باشلىنىپ،  ئۇقۇر مەنلەر ئىدىيىسىگە ئستىتىك زوق بېغىشلاپ، ئادەم قەلبىنى ھايا جاندا ئۆتمۈشنى ئەسلەتكەن بولسا،ھېكايىنى ئاخىرلاشتۇرۇش  پەلسىدە  بۇ رومالنى ‹ئاپتۇر›‹ئۇنىڭ› گېلىنى بوغدۇرۇش ئارقىلىق نىمىنى ئوتۇرغا قويماقچى بولغاننى چۇشەنمىدىم،...............

67

تېما

24

دوست

4481

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1930
تۆھپە : 165
توردا: 219
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 21:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان ئەپەندى بار ئىكەنسىز ھە؟ ئۇزۇن بولۇپتۇ سالاملشمىغىلى. سالامەت تۇرغانسىز؟ ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىغا يەنە ئازراق كۈچ سەرپ قىلغان بولسىڭىز ياخشى چىقاتتىكەن ئەسلى. مۇنبدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن سالامەت بولغايسىز.
دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

31

تېما

8

دوست

2209

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1150
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1113
تۆھپە : 71
توردا: 74
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە توقۇشقا ئۇستا ئىكەنسىز، بۇ بىر قىسقا مۇھەببەت تىراگىدىيىسىكەن. ئەسەردە ئادەملەر بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەت يەنى ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ناھايىتى ياخشى يورۇتۇلۇپتۇ ئاچكۆزلۈك  ھامان بەخىتسىزلىككە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ مۇقەررەر جەريان. ئەپسۇس ئەسەردىكى مەنگە ناھايىتى ئۇۋال بوپتۇ.
بىلمىدىم، ھېكايىڭىزگە ئىككى ئىسىم قويۇشتىكى مۇددىئايىڭىز جەلىپكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟

تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازغايسىز.
يۈرەك يۈرەككە بولسا گەر يېقىن،ئوقچىغان قانلاردىن ئۆركەشلەر ئېقىن!

6

تېما

19

دوست

2895

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1398
تۆھپە : 29
توردا: 103
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-26

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 01:09:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2012-12-12 01:02
ھېكايە توقۇشقا ئۇستا ئىكەنسىز، بۇ بىر قىسقا مۇھەببەت ت ...

تەكلىپ-پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،مەن ماۋزۇسىنىڭ ئىككى خىل قۇيۇلۇپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن.

15

تېما

30

دوست

2016

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  391
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 771
تۆھپە : 40
توردا: 103
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-28

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 21:05:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازغايسىز ئاتامان ئەپەندىم{:soso_e112:}
ئۈزىڭىزدە بار نەرسىلەرنى قەدىرلەڭ.

8

تېما

12

دوست

618

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  647
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 290
تۆھپە : 16
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-19

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا ئەلچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 11:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راست ھىكايىمۇ ياكى خىيالى يېزىلغانمۇ ...؟ ئەمما ياخشى چىقىپتۇ
تەقدىر ئادەملەرنى ،ئادەملەر تەقدىرنى ئىزلەيدۇ ،ھايات ...

1

تېما

17

دوست

751

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1469
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 196
تۆھپە : 22
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-23

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 12:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكاينى ياخشى يېزپسز،كوپرەك ئەسەرلەرنى يېزشڭىزغا تىلەكداشمەن
ۋاي قاچان تەتىل بۇلۇپ يۇرتقا قايتارمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-1-31 09:11 , Processed in 0.170459 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش