ھەسەتخور دوستۇمغا
ئايشەمگۈل زارى
كۈلۈپ باقساڭ ماڭا ھەر كۈنى،
چىھرى ئىللىق قۇياش دەپتىمەن.
دەردكە داۋا، مۇڭۇمغا مۇڭداش،
قىيامەتلىك ئاداش دەپتىمەن.
دىل خانەمدە يىگانە مېمان،
بىلىپ تۆرگە باشلاپ ساپتىمەن.
چىن دوستلىرىم سۇنسا قۇلىنى،
سەن ئۈچۈنلا؟«يىرىك»بوپتىمەن.
لەۋلىرىڭدىن كۈلكە ياغدۇرساڭ،
ئاھ، پالتاڭنى كۆرمەي قاپتىمەن.
ئايرىيالماي دوست ھەم دۈشمەننى،
بىخود بولۇپ يۈرۈپ قاپتىمەن.
تىلىڭ بىلەن دىلىڭ ئەسلىدە،
بىر ئەمەسكەن، بىلمەي قاپتىمەن.
بۇ قىسمەتلەر ساۋاق مەن ئۈچۈن،
ياقا تۇتۇپ توۋا دەپتىمەن.
(ئاپتور: باي ناھىيە سايرام بازىرى قاراقاش كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى)
مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» 2011-يىل 4-سانىدىن |