| 
 ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت 
جەمىلە ئۆمەر 
بالىلىقتا سەبىي قەلبىمدە، 
يېلىنجايتتى بىر ئارزۇ قەۋەت. 
تەكرار-تەكرار دەيتتىم ئىچىمدە: 
«ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت». 
  
مۇئەللىمە بولۇپ ئارام كۈنلەردە، 
تىزار ئىدىم بالىلارنى رەت-رەت. 
چۈش كۆرەتتىم ئۇزۇن تۈنلەردە، 
ئوقۇتقۇچى بولۇپلا پەقەت. 
  
رېئاللىققا ئايلاندى تېلەك، 
تۇرمۇشۇمدا يېپيېڭى بىر بەت. 
تاللىماسمەن ئۇنىڭدىن بۆلەك، 
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت. 
  
ئۆتسىمۇ گەر ئارىدىن كۆپ يىل، 
پەرۋانىمەن كەسپىمگە ئەبەد. 
پىچىر-پىچىر شىۋىرلار بۇ تىل: 
«ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت» 
  
قايتسام ئەگەر ياشلىققا بىر رەت، 
ياكى كەلسە تاللاشقا پۇرسەت. 
ۋەدە بېرەي، قىلاي قايتا قەيت: 
«ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت» 
(ئاپتور: ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى باي تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى) 
مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» 2011-يىل 4-سانىدىن  |