خەلق تورى 29- نويابىر تېلگراممىسى . چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، مىسىر سوتى ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ ، قاھىرە جىنايى ئىشلار سوتى دەرقەمسىز ھۈكۈم چىقىرىش ئارقىلىق 6 نەپەر مىسىر كوپتىك خىرىستىيان دىنى مۇردى ۋە بىر نەپەر ئامېرىكىلىق باستېرTerry Jones قاتارلىق 7 ئادەمگە ئۈلۈم جازاسى ھۈكۈم قىلدى . ئۈلۈم جازاسى ھۈكۈم قىلىنغان بۇ 7 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھسالامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان " مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى " ناملىق كىنونى ئىشلىگەن .
ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن " مۇسۇلمانلار نادانلىقى " ناملىق بۇ كىنو ئىنتىرنىت تورىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن ، پۈتكۈل يەر شارىدىكى مۇسۇلمانلار بىردەك بۇ كىنوغا قارىتا نارازىلىق نامايىشى قىلدى . مىسىردىكى مىڭلىغان مۇسۇلمان ئامېرىكىنىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا كىلىپ تۆت كۈن نامايىش قىلىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى . بۇ جەرياندا بىر ئادەم قازا قىلىپ ، نۇرغۇن ئادەم يارلاندى .
قاھىرە جىنايى ئىشلار سوتى شۇڭا دەرقەمسىز ھۈكۈم قىلىش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە جىنايەت گۇماندارلىرى قاتناشمىغان ئەھۋالدا بۇ دىلوغا ھۈكۈم چىقاردى . سوت ھۈكۈمنى مىسىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشگە تاپشۇرۇپ بەردى .تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق بۇ دىلو 2013- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدۇ .
" مۇسۇلمانلار نادانلىقى " كىنوسىدىن پارچە