گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1292 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

كۆرۈش: 567|ئىنكاس: 2

تەننەرقى خېرويىن سودىسىدىن ئېشىپ كەتكەن يۈرەككە تېرەك سېلىش ئوپىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

2

دوست

384

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

يوقلىما
28
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1234
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 240
تۆھپە : 16
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-23

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 23:55:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەننەرقى خېرويىن سودىسىدىن ئېشىپ كەتكەن يۈرەككە تېرەك سېلىش ئوپىراتسىيەسى.

يۈرۈككە تېرەك قۇيۇش،كۆۋرۈك سېلىش دىگەن ئاتالغۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تىببى تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىسى بۇلۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر بىمارلىرى ئارىسىدىمۇ بۇخىل ئوپىراتسىيەنى قۇبۇل قىلغانلار ياكى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر يىلدىن - يىلغا كۆپۈيۋاتىدۇ.
لىكىن نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا يۈرەككە تېرەك سېلىش ئوپىراتسىيە تەننەرقىنىڭ خىرويىن سودىسىدىن ئېشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك.ئەمەلىيەتتە يۈرەككە تېرەك سېلىش(كۆۋرۈك)سېلىشنىڭ ئۆزى خۇددى دورىنى قىممەت سېتىش  بىلەن ئوخشاشلا «دورىغا تايىنىپ دوختۇرخانىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ»يامان ئاقىۋىتى.
ئىلىمىزنىڭ داڭلىق يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىگى مۇتىخەسسى خۇ دا يى13ـ ئككتەبىر چاقىرىلغان23ـ نۆۋەتلىك خەلىئارا يۈرەك كېسەللىگى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇشۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشلەر يۈرەككە تېرەك قۇيۇش،كۆۋرۈك سېلىش دىگەنلەرگە قارغۇلارچە ئىشىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى.
دەرۋەقە جىددى خارەكتىرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆرۈلگەندە،تېرەك(كۆۋرۈك)سېلىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى،لىكىن نۆۋەتتىكى ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا%5تېرەك ئىشەنچىلىك ئەمەسكەن،شۇڭامەن بىر يۈرەك كېسەللىگى دوختۇرى بۇلۇش سۈپۈتۈم بىلەن شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى،كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولغان شارائىتتا كىشلەر تېرەك،كۆۋرۈك سالدۇرماسلىقى كېرەك.
%5تېرەك ئىشەنچىلىك ئەمەسكەن دىگەن بۇ سۆز مەيلى داۋالاش ئەسۋاپلىرىنىڭ سۈپىتىنى كۆرسەتسۇن ياكى ئوپىراتسىيەنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى كۆرسەتسۇن،ئومومەن بۇسۆزنىڭ بىرمۇتىخەسسىسنىڭ ئاغىزىدىن چىقىشىنىڭ ئۆزىلا ئەھۋالنىڭ ناھايىتى يامان ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بولسايۈرەككە تېرەك سېلىش ئوپىراتسىيەسى جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئاخپارات تارماقلىرى پاش قىلىپ تەنقىت بېرىۋاتقىلى بىر نەچچە يىل بولسىمۇ،لىكىنئاڭلىغۇچىللىرىمىزتەرىپىدىن ئوڭايلا ئەستىن چىقىرۋېتىشى مۇمكىن.
مۇنۇ سان سىاىرلارغا قاراپ باقايلى:مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگن بىر تال تېرەكنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىلىش باھاسى3000يۈەن،دوختۇرخانىلارغا سېتىپ بېرىلىشى27مىڭ يۈەن،ئېمپورت قىلىنغان بىر تال تېرەكنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىلىش باھاسى6000يۈەن،دوختۇرخانىلارغا سېتىپ بېرىلىشى38مىڭ يۈەن.
مانا بۇ2011ـ يىلى3ـ ئايدا چىقىرىلغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانسانلىق مەلۇماتلار،بۇنىڭدىن ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز ئەلۋەتتە.
ھازىر رىقابەتنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ،تېرەك(كۆۋرۈك) نىڭ باھاسىدا تۆۋەنلەش ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ،لىكىن يەنىلا بىر تېلى يەنىلا 10مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كىتىدۇ.
بۇباھاياۋرۇپا ۋە ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭكىدىن ئۈستۈن بۇلۇپلا قالماستىن يەنە تېخى تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەر ئارىسىدىمۇ بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.
سىز مەملىكىتىمىزدە بىر قېتىم يۈرەككە تېرەك سېلىش ئوپىراتسىيەسىگە خەجلىگەن پۇلغا،ھىندىستاندا بولدا بىر ئوپىراتسىيەنى قىلىپ بۇلۇپ پۈتۈن ھىندىستاننى بىر ئايلىنىپ ساياھەت قىلالايدىكەنسىز.
كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدىغىنى شۇكى يۈرەككە تېرەك سېلىش ئوپىراتسىيەسىدىن قىلىنىدىغان كىرىمنىڭ خىرويىن سودىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىگىدە،بىمارلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ناھەق پۇلنى خەجلىشىدە،دوختۇرخانىلارنىڭ كۆپ پايدا قوغلىشىشى بىلەن تىببىي ئەخلاقىنىڭ كەمچىللىگى تۈپەيلىدىن ئارتۇقچە داۋالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان،مانا بۇ بىمارلارنىڭ كۆڭلىنى زېدە قىلماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.
ماتىرياللاردىن قارىغاندا،چەتئەللەردە3تالدىن ئارتۇق تېرەك سالدۇرغان بىمارلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىكەن،لىكىن مەملىكىتىمىزدە بولسا5-10تال تېرەك سالدۇرغانلارنىڭ خېلى كۆپ سانىنى ئىگەللەيدىكەن.
چىڭدۇ شەھىرىدىكى بىرمىمارغا17تال تېرەك سېلىنىغان بۇلۇپ،بۇ تارىخى رىكوت ياراتقانمىش.
سىز ھەربىر قېتىم بىر تال تېرەك سالدۇرغىنىڭزدا ئەزرايلنىڭ ئىشىگىگە بىر قېتىم بېرىپ يانىسىز ھەمدە ئۆمۈر بويى دورا يىيىشدەك تۈگۈمەس خەتەرلىك ۋە ئاۋارىچىلىقنى قۇبۇل قىلىسىز.
بىراق سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز كۈچلۈك مەنپەئەت ئالدىدا ھىچ گەپ ئەمەس ئىدى،چۈنكى چوڭ پايدىنى دەپ،دوختۇرخانىلار ئارا بەس - بەستە بۇخىل ئوپىراتسىيەنى قانات يايدۇراتتى،ھەتتا مۇناسىۋەتلىك بۈلۈملەرگە يۈرەككە تېرەك(كۆۋرۈك)سېلىش كۆرسەتكۈچلىرىنى چۈشۈرەتتى،چوڭ پايدىنى دەپ دوختۇرلار ھارماي - تالماي تېرەك(كۆۋرۈك) سالاتتى.
بەزى دوختۇرلار يىلىغا يانچۇققا كىرىدىغان نەچچە يۈز مىڭ كىرىمنى دەپ «تېرەك،كۆۋرۈك»سېلىش ئىشچىللىرىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا يەنە بەزى بىمارلار ئۇزۇن مۇددەت دورا ئىچىش،ئۇكۇل سالدۇرۇشنى ئاۋارچىلىق ئىش دەپ قاراپ،خۇددى كېسەلنى ئۈزۈل كېسىل ساقايتىۋېتىدىغاندەك تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇردىن يۈرەككە تېرەك(كۆۋرۈك)سېلىپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن،مەيلى قايسى سەۋەپتىن بولسۇن بىر خىل ماتىريالنى ياكى ئوپىراتسىيەنى پىرىنسىپسىز ھالدا چىكىدىن ئاشۇرۇپ ئىشىلتىشنىڭ ئۆزىلا نورمالسىز ئەھۋال ھەم بەك خەتەرلىك.
چوڭ پايدىنى كۆزلەپ يۈرەككە تېرەك(كۆۋرۈك) سېلىش ئوپىراتسىيەسى قىلىش ۋە چوڭ پايدىنى دەپ ئارتۇقچە داۋالاشتەك ھادىسىلەرنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋېتىشتى،ئۇنى كۆرمەسلىككە سېلىۋېلىش نەتىجىسىدە جەمىيىتىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر قانچە يىلغا قالماي يۈرەككە تېرەك(كۆۋرۈك) سېلىنغان كىشلەرگە ئايلىنپ قالغۇسى.
بۇيەردىكى مەسىلە شۇكى،دوختۇرخانىلاردىكى ئارتۇقچە داۋالاشتەك ھادىسلەرنى يۈرەككە تېرەك(كۆۋرۈك) سېلىش ئارقىلىق ئىرىشىدىغان چوڭ پايدا كەلتۈرۈپ چىققان ئىكەن،ئۇنداقتا بۇخىل نەپسانىيەتچىلىكنى جەزمەن ئۆزگەرتمەي بولمايدۇئەلۋەتتە، يۈرەككە تېرەك(كۆۋرۈك) سېلىش ئارقىلىق نەو يىيىش،خۇددى دورىدىن كۆپ پايدا ئالغانغا ئوخشاشلا دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاشتىكى ئالاھىدە كەشپىياتى بۇلۇپ قالدى خالاس.
ئۇنى ئىشلەپ چىقارغۇچى،ۋاكالىتەن ساتقۇچى،ئاندىن دوختۇرخانا،تىببىي خادىمدىن ئىبارەت بۇخىل ئۇزۇنغا سوزۇلغان زەنجىرسىمان مەنپەتداشلار تورى بىمارلارنىڭ ئىلىگىنى شوراپ،غايەت زور مەنپەئەتكە ئىرىشمەكتە.
ئىگەللەشلەردىن قارىغاندا،بۇخىل ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشتە، ھۆكۈمەتنىڭ باھانى چەكلەش بۇيرىقىغىلا تايانماستىن،بەلكى ئۇنى تىببىي ئىسلاھات مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ،بىرتەرەپ قىلىش،شۇنداقلا يەنە دوختۇرخانىدىن ئايرىم بولغان بىرخىل نازارەت ئاپراتى ۋە نازارەت تورى بەرپا قىلىپ،دوختۇرخانىلارنىڭ ئوپىراتسىيە قىلىش ئەھۋالى ۋە دوختۇرلارنىڭ يازغان رىتسىپىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش كېرەك ئىكەن،شۇنداق قىلغاندىلا داۋالاشنى پايدا ئېلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىشتەك يامان خاھىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى،بىمارلارنىڭ ھوقوق - مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى،تىببىي - داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
بايىنغولىن رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسسىدىن
پەرھات قاسىم.


39

تېما

55

دوست

7813

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4312
تۆھپە : 97
توردا: 1480
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 16:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كىم بولسا بۇنداق ئېغىر كىسەلدىن خۇدا ساقلىسۇن، كىسەلنىڭ ئېتىنى ئاڭلىسام تىنىم شۈركىنىدۇ مىنىڭ،   دوختۇرنىڭ سايمانلىرىنى كۆرسەممۇ قورقۇنچ باسىدۇ....{:soso_e117:}


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

6

تېما

0

دوست

1001

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  495
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 665
تۆھپە : 22
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-5

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 13:27:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي      زادى مۇشۇ تىببى داۋالاش ساھەسىنى  زادى ئوڭشاپ بولالمىدى. بۇ ئىش بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بېشىدىنمۇ ئۆتكەن . مۇشۇ ئوپىراتسىيىنىڭ ئالدى كەينى بۇلۇپ 200000يۈئەندىنئارتۇق داۋالىنىش چىقىمى كەتتى.ھەم كۈندە يەنە دورا يەپ يۈرۈش كىرەك ئىكەن .ئادەم ساقايسىلىغۇ پۇل دىگەن مەيلى . لىكىن  يۇقاردا دىيىلگەندەك 3000 يۈئەنلىك تىرەك(كۆۋرۈك)نى 27000 يۈئەنگە سېتىش ئەلۋەتتە دوختۇرخانا ياكى دورا باشقۇرۇش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش تارماقىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدە.  كىسەل باي كەمبەغەلنىڭ دەپ ئايرىلمايدۇ. بەلكىم بۇنداق كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. كىسەل ئازابى ۋە ئىقتىساد قىيىنچىلىقى تەرىپىدىن قىينىلىۋاتقان كىشلەر ئەتراپىمىزدا ئاز ئەمەس.            اللە تىنىمىزنى سالامەت، ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن.


بەزى ئادەملەر بۇ ھاياتنىڭ مەنىسىنى قاچان چۈشىنەر،قاچا ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-1 07:18 , Processed in 0.147854 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش