گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1292 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

كۆرۈش: 726|ئىنكاس: 3

داڭلىق مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدىشىرىت ۋاپات بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

67

تېما

24

دوست

4481

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
162
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1930
تۆھپە : 165
توردا: 219
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 18:39:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلىق  مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدىشىرىت ۋاپات بولد
20100719123200859_副本.jpg


W020080513508620741618.jpg


W020080116407920116063.jpg

شىنجاڭ بوكسچىلىقىدىكى بەرپاچى ئۇستاز، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تونۇلغان داڭلىق مەشقاۋۇل، خەلقىمىزنى 20 يىلدىن بۇيان تەكرار ھاياجانغا چۆمدۈرۈپ كەلگەن قەيسەر ئەزىمەت ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ يۈرىكى 10 – ئاينىڭ    23 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت   0 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە 54 يېشىدا سوقۇشتىن توختىدى. ئانا دىيارىمىزنىڭ مىسكىن ئاسمىنىدىكى بىر نۇرانە يۇلتۇز ساما بويلاپ ساقىدى، تەڭرىتاغنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىكى بىر قامەتلىك شەمشاد قاراسلاپ سۇندى،قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى بىر قىران بۈركۈتنىڭ قانىتى سۇنۇپ چوڭقۇر ھاڭغا غۇلاپ چۈشتى، تارىم بوستانلىقىدىكى بىر ھەيۋەتلىك توغراق گۈرىسلەپ ئۆرۈلدى، ئىلى تاغلىرىدىكى بىر باتۇر بۆرە مەڭگۈلۈك غايىپ بولدى،ئالتاي يايلاقلىرىدىكى چاپچىپ تۇرغان بىر ئارغىماق قاتتىق كىشنەپ يىقىلدى.ئېچىنىشلىق ماتەم خەۋىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى. قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان مۆتىۋەر بوۋاي دۇئاغا قول كۆتۈردى، خوتەن دىيارىدىكى سالاپەتلىك تىۋىپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى، غۇلجىلىق سازەندىنىڭ تەمبۇرىنىڭ تارى ئۈزۈلدى، ئۈرۈمچىدىكى بىر سەگەك زىيالى چوڭقۇر ئويغا غەرق بولدى. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى ئابدۈشۈكۈر مىجىت، ئابدۇراخمان ئابدۇرېشىت، نىجات ھۈسەن، ئەكرەم ئىسھاق،ئەكرەم بارات،ئەكبەر يۈسۈپ، مەمەتتۇرسۇن چوڭ، نەبى سەيدۇللا، زىبىبۇللا مەمەت، زەي يىخۇ، پەرھات ئابدۇكېرىم قاتارلىق 50 تەك قەيسەر ئوغلان يارىلانغان شىردەك ھۆركىرەپ نالە قىلدى. قازاقىستاندىكى قانات ئىسلام ئېسىنى يوقىتىپ قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدى. بۇ گويا «ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟! پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ؟! ۋاپاسىز دۇنيا قالدىمۇ؟! ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر!!!» دېگەندەك ئېچىنىشلىق ئىش بولدى. 
    ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئەپەندى بۇ يىل 9 – ئايدا بايقالغان ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى بېيجىڭدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولسىمۇ، كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچتا بايقالغاچقا، داۋالاش ئۈنۈملۈك بولماي، قايتىپ كېلىپ ئۆيىدە ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا كۈتۈنۈش خاراكتېرىدە داۋالانغان. نىجىس كېسەل بارغانسېرى ئەدەب ئاخىرى بۇ ئەزىمەتنى جېنىدىن جۇدا قىلدى. بۇ مۇسىبەت بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئۆلۈم خەۋىرى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايغۇغا سالىدىغان، يوقىتىش خاراكتېرلىك بىر ئېغىر مىللىي مۇسىبەتتۇر. چۈنكى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئەپەندى قەلبىمىزدىكى مىللىي قەھرىمەن ئىدى. بوكس ساھەسىدىكى مۆتىۋەر سەركەردە ئىدى. ئۇ كۆپنى كۆرگەن، چېنىققان، مول تەجرىبىگە ئىگە پاراسەتلىك سەركە سۈپىتىدە بوكس كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەرنى يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدە ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ – كىچىك بوكس مۇسابىقىلىرىدە سالاپەتلىك قىياپەتتە پەيدا بولۇپ، رەقىبلىرىنى ۋەھىمىدە قوياتتى. شاگىرتلىرىنى غەلىبە - ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۈرەتتى.  
     ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئەپەندى 1958 – يىلى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تۇغۇلغان، 1983 – يىلى شىئەن تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدا ئىشلىگەن. 1994 – يىلى شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان، ئۇ دۆلەتلىك ئالىي دەرىجىلىك مەشقاۋۇل ۋە دۆلەتلىك كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى، 1998 – يىلى دۆلەت كادىرلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سېپىدىكى ئىلغار شەخس» دەپ نام بەرگەن. 2000 – يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس بولغان. 2006 – يىلى جۇڭگو بوكس جەمئىيىتى ئۇنىڭغا ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى بەرگەن. 2008 – يىلى گوۋۇيۈەن «بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىدىكى مۇھىم تۆھپىكار مۇكاپاتى» نى بەرگەن. شۇ يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسى» شەرەپكە نائىل بولغان. 2009 – يىلى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار شەخس دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. 
خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى. يالقۇن روزى خەۋىرى


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

42

تېما

16

دوست

2460

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  903
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1221
تۆھپە : 107
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-25

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتە بولسۇن رەھمەتلىكنىڭ..


سالام دوسلا

39

تېما

55

دوست

7813

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4312
تۆھپە : 97
توردا: 1480
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 16:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
رەسىم يوللاش ئۇسۇلىڭىز توغرا بولماپتۇ


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

0

تېما

2

دوست

149

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1507
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-22

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 21:41:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان  جايى  جەنەتتە بوسۇن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-1 07:14 , Processed in 0.189178 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش