ئىككى شېئىر
ئەنۋەر مۇھەممەد ئەرتۇغ
يېقىنلاشقۇم كېلەر، تۇيمىساڭ...
يېقىنلاشقۇم كېلەر، تۇيمىساڭ...
بۇلۇتلىرىڭ سۈرۈلگەن سىياق.
يۈتسە يامغۇر بولۇپ ياشلىرىڭ،
شادلىقىمغا بۇلانساڭ ئوماق.
يېقىنلاشقۇم كېلەر، تۇيمىساڭ...
يېلى قانداق ۋېلىسپىتىڭنىڭ؟
«ئويۇن» ئويناپ خالتا كۆچاڭدا،
«شاپائەتچىڭ» ئاتالسام سېنىڭ.
يېقىنلاشقۇم كېلەر، تۇيمىساڭ...
ئىگىلىسەم ئۆچىرەتلىرىڭنى.
يىرتىق بېلەت، خىلۋەت ئورۇندۇق،
ئۇتسا كۆرەڭ يۈرەكلىرىڭنى.
يېقىنلاشقۇم كېلەر، تۇيمىساڭ...
تۇرسا دەم-دەم توكلار ئۈزۈلۇپ.
ئۆلۈش قوزغاپ ئۆتسە تۈنلىرىڭ،
مۇھاببەتلىك كۈلسە كۈنلىرىڭ،
ئاتسا تاڭلار شۇنداق سۈزۈلۈپ!...
«قورققاق» بولسام چۈشۈڭدە سېنىڭ
«قورققاق» بولسام چۈشۈڭدە سېنىڭ،
قورۇنىشىڭ يوقالسا تۈگەل.
باتۇرلىقىڭ تۇتۇپ قولۇمدىن،
يېتىلىۋالساڭ، بولسام ساڭا ئەل.
«قورققاق» بولسام چۈشۈڭدە سېنىڭ،
چېقىنلارغا كۆزۈم ياشلىسام.
يۈرىكىمگە بەرسەڭ تەسەللى،
قۇچۇقىڭغا ئۆزۈم تاشلىسام.
«قورققاق» بولسام چۈشۈڭدە سېنىڭ،
سەن تەرگىلى چىققاندا يالپۇز.
يار بېشىدا تۇرسام تىتىرەپ،
تاش كۆتۈرسەڭ ئىتلارغا يالغۇز.
«قورققاق» بولسام چۈشۈڭدە سېنىڭ،
سەن ئۇيقۇغا كەتكەندە جىمجىت.
چىقسا سويلاپ قىنىدىن يىلان،
شەمشىرىمنى سۇغۇرۇپ شۇئان،
ياۋ قەستىنى ئەيلىسەم بىتچىت!...
مەنبە: قەلىمىم |