مەركەزدىكى رەھبىرى كادىرلار شىياڭگاڭدىكى كېمە سۇقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئۈلۈشكۈن شياڭگاڭ توك چىراغ چەكلىك شىركىتى ئىجارە ئالغان بىر كېمە شياڭگاڭ نەنيا ئارىلى روڭشۇ قولتۇقى ئەتراپىدا گاڭجيۇ پېيى كونترول قىلىنىدىغان چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر كىچىك كېمىسى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، كېمىنىڭ بىرسى چۆكۈپ كەتتى، نەتىجىدە 38 كىشى قازا قىلدى، 100 نەچچە كىشى يارىلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، شى جىنپىڭ قاتارلىق يولداشلار مەخسۇس تېلېفون بېرىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگەللىدى شۇنداقلا مۇھىم تەستىق سېلىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتكە يوقاپ كەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاباۋاتلىرىدىن ھال سوراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىپ، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە ئۇنىڭ دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزىي قاتارلىق تارماقلاردىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، زۆرۈر بولغان بارلىق ياردەملارنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جيابا، شى جىنپىڭ قاتارلىق يولداشلار يەنە ئالاقىدار تەرەپلەرنى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاباۋاتلىرى ۋە يارىدار بولغانلاردىن ھال سوراشقا تەكلىپ قىلدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندوڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياۋ خۇي قاتارلىقلارمۇ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئارقىلىق ئالاقىدار تەرەپلەردىن ھال سورىدى.