گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1064 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 646|ئىنكاس: 18

مىنكاۋخەن ئۇيغۇرچە يازالماي ئىشتىن بوشتىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
39
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1249
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 416
تۆھپە : 70
توردا: 23
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-27
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 23:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىنكاۋخەن ئۇيغۇرچە يازالماي ئىشتىن بوشتىلدى
(ئەدەبىي ئوچېرىك)

توغرۇلبېك



2010-يىلى1-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىر مىنكاۋخەن(خەنزۇ زۇۋان ئۇيغۇر ياكى خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار) ئۇيغۇر يىگىتنى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى دەپ قاراپ مۇزاكىرە قىلىپ ئىشتىن بوشاتقان،ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئۇيغۇر سوت پۈتۈكچىسى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ دۆلەتلىك ئەدلىيەئىمتاھانىدىن ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون بۇيىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ مىنكاۋخەن ئۇيغۇر يىگىتتىن بىرسى كېلىپ ئىشقاچۈشۈپتۇ،بىر ھەپتىلىك ئىش ئورنى تەربىيلەشتىن كېيىن،ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمى(كادېرلار ئىشلىرى بۆلۈمى)بۇ يىگىتنى جىنايى ئىشلار كوللىگىيىسى ئۇيغۇر(قازاق،قىرغىز،ئۆزبېك،تاتار،تۈركمەن،ئەزەربەيجان تىلىدىكىلەرمۇ ئۇيغۇرچەياكى قازاق،قىرغىزچە) تىلىدا سوت ئېچىش بۆلۈمىگە پۈتۈكچىلىك خىزمىتىگە تەقسىم قىلىپتۇ،ئەتىسى ئۇيغۇر تىلىدا سوت ئېچىلىپ باش سوتچى بۇ يىگىتكە سوت ئەھۋالىنى قەغەزگە پۈتكىن دەپ بۇيرۇسا ،بۇ يىگىت بېشىنى چايقاپ ئۇيغۇرچە خەت يازالمايدىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،باش سوتچى ئۇنى قايتۇرۇۋېتىپ ۋاقتىنچە باشقا ئۇيغۇر پۈتۈكچىنى چاقىرىپ سوتنى ئېچىپ تۈگىتىپتۇ،سوت ئاياغلاشقاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇر باش سوتچى غەزەپ بىلەن كوللىگىيە باشلىقىغا كىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ،كوللىگىيە باشلىقى چىقىپ سىياسىي بۆلۈمدىن بىزگە نىمە دەپ بۇنداق ئۇيغۇرچە يازالمايدىغان ئادەمنى ئەكىلىپ بەردىڭلار؟بىز دىگەن ئۇيغۇر تىلىداسوت ئاچىدىغان تۇرساق،سوت خاتىرسى ئۇيغۇرچە پۈتۈلىدىغان تۇرسا،بىزگە ئۇيغۇرچەيازالايدىغان ئادەم كېرەك تۇرسا؟ دىسە،سىياسىي ئىشلار بۆلۈم باشلىقى چۆچۈپ كېتىپ نىمە؟ ،ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى يازالمامدىكەن؟بىز تېخى ئۇيغۇر ئالىمىز دەپ ئېلان بەرگەن ئورۇنغا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەلگەن(ئىمتىھاننى خەنزۇتىلى ياكى ئۇيغۇرتىلىدىن خالىغان بىرنى تاللاپ بەرسە بولىدۇ،خەنزۇچە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر-قازاق-قىرغىز-مۇڭغۇل قاتارلىق ئانا تىلى خەنزۇچە بولمىغانلارغا 10نومۇر،ئانا تىلى خەنزۇتىلى بولغان خۇيزۇ،مانجۇ قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرگە 5نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ،بۇ يىگىت خەنزۇچە يېزىقتا ئىمتىھانغا قاتنىشىپتىكەن) ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۆز تىل-يېزىقىنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمىز،ئەگەر ئۇ راستىنلا ئۇيغۇرچە سوت پۈتۈكچىلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا ،ئەمىسە سىلەر جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈم بۇ مەمۇرنىڭ ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى توغرىسىدا مەھكىمەپارتگورۇپپىسىغا بىر پارچە دوكلات يىزىڭلار دەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ دوكلات مەھكىمەپارتگۇرۇپپا يىغىنىدا ماقۇللىنىپ بۇ مەمۇر يىگىت مەركىزىي شەھەرنىڭ ھەيۋەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرلۇق خىزمەت ئورنىدىن بوشىتىلىپتۇ،يىغىن قارارى بۇ يىگىتكەئۇقتۇرۇلۇپ ئۆيىگە قايتىشىنى ئۇقتۇرۇپتۇ،شۇ كۈنىلا بۇ يىگىتنىڭ ئاتىسى مەھكىمىگەكېلىپ ئۇيغۇر كوللىگىيىگە كىلىپ مېنىڭ بالام ئىچكىرىدە ياخشى ئوقۇغان،پارتىيەئەزاسى،ئۇيغۇرچىنى بىر دەمدىلا ئۆگىنىۋالىدۇ،ھەر قايسىلىرى ئۇيغۇر بولغاندىكىن بىزگە ياردەم قىلىپ مەھكىمە شۇجىسى(خەنزۇ يولداش)،مەھكىمە باشلىقى(خەنزۇ يولداش)غابالامنى ياخشى ئوقۇغان،پارتىيە ئەزاسى، ئىشلەپ قالغان بولسىكەن دەپ دىيىشىپ بەرگەن بولسىلا دەپ يالۋۇرۇپتىكەن،ئۇيغۇر باش سوتچى بولمايدۇ،بىز سوتنى ئۇيغۇر تىلىدا ئاچىمىز ،بالىلىرى ئۇيغۇرچە خەت يازالمىسا ،خىزمىتى ئۇيغۇرچە پۈتۈكچىلىك تۇرسا،خىزمەتنى ئىشلىيەلمىسە قانداق قىلىمىز،بىزگە ئۇيغۇرچە يازالايدىغان ئۇيغۇر كېرەك دەپ كەسكىن رەت قىپتۇ.
بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان خەنزۇ تىل-يېزىقىغا ماھىر تولۇق كۇرۇس پۈتتۈرگەن مىنكاۋخەن ئۇيغۇرنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنى بىلمەسلىكنىڭ بىر دۆلەت مەمۇرىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنىڭ مۇھىم ھەم بىردىنبىر سەۋەبى بۇلۇپ قالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم بولغاچقا ،ئانا تىل –يېزىقىمىزغا بولغان ھۆرمەت تۈپەيلى بۇ يازمىنى تورغا مۇنبەرداشلارنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسىگە كىچىككىنە بولسىمۇ گۈلخان ياقار دىگەن ئۈمىددە يوللىدىم.

بۇ راست بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەرگۈچى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەلۇم بىرئۇيغۇر مەمۇرى.
2012-يىلى9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچىدە يېزىلدى.

دوناي يوللىدى



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1249
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 416
تۆھپە : 70
توردا: 23
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-27
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 23:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
بۇ ماقالىدا دىيىلگىنى راس بولسا قالتىس ئىش ئىكەن دەيمەن.ئىشتىن بوشىتىلغان مەمۇرنىڭ دادىسىغا مىڭ لەنەت.لېكىن بالىدا نىمە گۇنا..........

ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن يوللىدىم.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  422
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 656
تۆھپە : 24
توردا: 47
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 00:15:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ نىمندىگەن گەپ ئۈزنىڭ ئانا تىل يېزقنى بىلمگەنلك ئەڭ دۆت ئەخمەقنڭ ئشقۇ ئىست شۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانسغا
شۇڭا كونلارنڭ ماقال تەمسلى بىكارغا ئېيتلمغان ئانا تىلم-جان تىلم دەپ


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  73
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3450
تۆھپە : 161
توردا: 360
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-30
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 02:06:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي......ھازىر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى  بىلمەيدىغان مىنكاۋخەنلەر ساماندەك،ھازىرقى كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ‹كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلاپ›بالىلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ قوش تىل مائارىپى چىققاندىن بۇيان قوش تىللىق مەكتەپكە بەرسەك ھىچنىمىنى بىلمەيدىكەن ئۇنىڭدىن كۆرە.........دەپ كۆزىنى يۇمۇپلا خەنزۇچىغا بېرىدىغان بولدى،خەنزۇچىدا ئوقۇسىغۇ مەيلى ئىدى،ھېچ بولمىسا بىر تىلدا ئارتۇقچىلىقى بولاتتى،لىكىن خەنزۇچىدا ئوقۇغانلارنىڭ كۆپى ئانا تىلىنى بىلمەيلا قالماستىن تەبىئى ھالدا مىللى مەدەنىيىتىمىز ھەم ئۆرپ-ئادىتىمىزنىمۇ بىلمەي ئۆتۈپ كىتىدىكەن،بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار.


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1027
تۆھپە : 23
توردا: 56
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-20
ئاخىرقى: 2012-11-1
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 12:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ي نىمە دېسەك بولار ئەمدى؟!!!ئۇلارنى بەزىلەر 57-مىللەت دەپمۇ ئاتايدىكەن.


ھەرىكەت ئادەتنى بەلگىلەيدۇ،ئادەت خاراكتىرنى بەلگىلەيدۇ،

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3032
تۆھپە : 107
توردا: 197
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2012-10-30
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 16:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ » ،ئالدىمىزدا يەنە  نىمىلەرنى كۈرەرمىز ...


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  780
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 300
تۆھپە : 5
توردا: 62
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-15
ئاخىرقى: 2012-10-7
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 20:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق ھەسرەتلىك تىنىق ،بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ كېتىۋاتىدۇ ،ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى بىلمىگەن ئادەم ئۆزىنى تونۇمايدىغان ئادەم بىلەن باراۋەر ،كۆپ خىل تىلنى ئۆگەنسە بولىدۇ ئەمما ئەڭ ئاۋال ئۆزىنى تونۇشنى بىلىشى كېرەك!


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1274
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 231
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-13
ئاخىرقى: 2012-10-17
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 21:09:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسكەن ،بۇ ئوقۇتقۇچلىىق ھاياتىمدا بىر قانچە مىنكاۋخەن ئوقۇتقۇچلار بىلەن  بىللە ئىشلاپ تۇرمۇشتىكى ئاددى بولغان خەنزۇچە سۆزلۈكلەرنى ئۆز ئانا تىلدا ئىپادىلەپ بېرەلمگەن ،ھەتتا دەرسىخانىدا بەزى ئاتالغۇلارنى ئۆز ئانا تىلدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىپادىلەپ بېرەلمەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە دەرس ئاڭلىغلى كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈلكىسگە قالغان ئىشلارنى كۆرگەنمەن .


بارلىق تورداشلانىڭ ھەر بىر  كۈننىڭ خوش ...

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1703
تۆھپە : 156
توردا: 199
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-25
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 10:47:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ مېنىڭ ئېسىمگە بىر ئىش كەلدى. 1994-يىلى مەلۇم يېزىنىڭ مەلۇم باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا، مەكتەپ مۇدىرى يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن بىر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسىنى باھالاشقا ئورۇنلاشتۇردى،(بۇ ئوقۇتقۇچى ىەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىكەن). مەن قائىدە بويىچە ۋاقىت توشقاندا ئوقۇتقۇچىدىن بۇرۇن سىنىپقا كىرىپ ئارقىدا ئولتۇردۇم، ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ老师好  دەپ ئوقۇتقۇچىدىن ئەھۋال سورىدى، شۇ ۋاقىتتا ئھلدىنقى پارتىدا ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ كىرگىنىگە دىققەت قىلمىدىمۇ ئەيتاۋۋۇر ئورنىدىن تۇرماپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى جان ئاچچىقىدا«قوپۇرە قوڭۇڭنى، بەندىڭگە چاپلىشىپ قالدىمۇ؟» دەپ ۋارقىراپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوقۇتقۇچى كوتۈرە دېمەكچى ئىدى بەلكىم، لېكىن تىلنى قايىدا ئىپادىلەپ بېرەلمەي شۇنداق كۈلكىگە قالغان ئىدى.
دېمەكچىمەنكى: تىل ئۆگۈنۈش ھەرگىز خاتالىق ئەمەس، بالىنى قانداق تەربىيەلەش-ئاتا ئانىغا باغلىق، ئەتراپىمىزدا نى-نى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلار بار لېكىن ئۇلارنىڭ مەيلى يېزىقتا بولسۇن، مەيلى تىل بىلەن ئىپادىلەش جەھەتتە بولسۇن ئۇيغۇرچە ئوقۇغانلاردىن قېلىشقۇچىلىگى يوق. ئائىلە تەربىيەسىدىن ئايرىلىپ قالغان پەرزەنت مەيلى ئۇيغۇرچە ئوقۇسىمۇ يەنىلا شۇ« ئاتام ئېيتقان بايىقىدەك». تورداشلار توغرا دەپتۇ، بالىدا نېمە گۇناھ؟ ئەيىپلەشكە كەلسە يەنىلا شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىپلەش كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 10:48  



دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1276
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 328
تۆھپە : 4
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-13
ئاخىرقى: 2012-9-25
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 14:26:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋان يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 00:15
ھەي بۇ نىمندىگەن گەپ ئۈزنىڭ ئانا تىل يېزقنى بىلمگەنلك  ...


ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىمەن007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 14:30  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-11-2 14:49 , Processed in 0.283696 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش