گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 104|ئىنكاس: 3

ھېيتلىشش ۋە ياتلىشىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
68
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1110
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 648
تۆھپە : 12
توردا: 40
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-13
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 21:41:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېيتلىشش ۋە ياتلىشىش

ھېيت ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز . ئەجدادلىرمىز ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ ھېيتلىرمىزنى ئۇلۇغلاپ ، ئۆزلىرنىڭ خوشاللىقىغا جۆرقىلدۇرۇپ كەلدى ھەم بىزلەرگە يەتكۈزدى . لىكىن دەۋرىمىزگە كەلگەندە مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتپ كىلۋاتقان بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىز كىشلەر ئېڭىدا كۈندىن - كۈنگە سۇسلىشىپ بارماقتا . مۇخبىر يېقىندا بۇ ھەقتە زىيارەتتە بولدى .
- تاغا ياخشىمۇ سىز ؟ بۇيىلقى روزا ھېيتىڭلار قانداقراق ئۆتتى ؟
- ئادەتتىكىچە ئۆتتى ، تىلغا ئالغۇدەك ئالاھىدە ئىشلارمۇ يوق ، تىجارەت بىلەن شۇغىللىنىمىز ،ھېيت كۈنىمۇ تىجارەت قىلدۇق .
- يىلدا بىر كىلدىغان ھېيتىمىزدىمۇ ئارام ئالماي تىجارەت قىلدىڭلارمۇ ؟
- بۇنداق كۈنلەردە تىجارەت ناھايتى ياخشى بۇلىدۇ ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغىمىز كەلمىدى .
- ھەدە بۇيىلقى روزا ھېيتىڭلار خوشال ئۆتتىمۇ ؟
- نىمىسنى دەيسىز ئۇكام ، بۇ ھېيتتىنمۇ تويدى كىشى ، ھېيت كەلسىلا بىز ئاياللار جاپادا قالدىكەنمىز ، ئۆي تازلىمىساق بولمىغان ، كەلگەن - كەتكەنلەرگە تاماق ئەتمىسەك تۇرغان ، نەچچە كۈنلەپ قولىمىز سۇدىن چىقمىغان .... شۇڭا بۇ يىلىقى روزا ھېيتتا باشقىلارنىڭ ئۆيگە ھېيتلاپ بارمىدۇق ، بىز بارمىغاندىكىن باشقىلارمۇ كەلمىدى .
- يىلدا ئىككى قېتىم كىلدىغان بۇ ھېيتلارغىمۇ شۇنداق سەل قارامسىلەر ؟
- ئاۋارە بۇلۇپ كىتىدىكەنمىز ...
جامائەتكە تۇنۇشلۇق مەلۇم زىيالى زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى :
- ھازىر بۇلۋاتقان ھېيتلىرمىز ۋاقىت ، ئىقتىساد ئىسراپچىلىقىنىڭ ئۈستىگىلار قۇرۇلۇۋاتىدۇ . ھېيتلاردا ئەسلىدە يىتىم - يىسىرلارنى ، ئاغىرىق - سىلاق ھەم تۇرمۇشتا قىىينچىلىقى بارلارنىلا يوقلاش كىرەك ئىدى ، لىكىن ھازىر ئەھۋال ئەكسىچە بۇلۇۋاتىدۇ . ئۇرۇق - تۇققان ، ئەل - ئاغىنە ، تۇنۇش - بىلىشلەرنىڭ ئۆز - ئارا ھېيتلىشىنىڭ زۆرۈريىتى يوق .‹‹ ھېيت بولغاندىكىن ›› دەپ باشقىلارنى ئاۋارە قىلغۇم يوق ، شۇنداقلا باشقىلارنى كۈتىدىغانغا ۋاقتىممۇ يوق . ئۇرۇنسىز ئىسراپچىلىقلارغا قارشى تۇرماي بولمايدۇ .
مەلۇم شەھەر ئاھالىسى مۇنداق دىدى :
- باشقا مىللەتلەرگە قارايدىغان بولساق ، ئۇلار ھېيت - بايرامدا يىراق - يېقىن دىمەي ئۆز - ئارا پەتىلىشىپ ، پىكىرلىشىپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېيتلىششى ھەرگىزمۇ ۋاقىت ، ئىقتىساد ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەس ، بەلكى ئۆزمەدەنىيىتىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىق . ئەجدادلىرمىز ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرمىزنى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ھەم بىزلەرگىچە يەتكۈزدى . ئەجدادلىرمىزنىڭ بۇ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۆرپ - ئادەتلىرمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كىرەك .
شائىر مۇھەممەد رېيىم مۇخبىرنىڭ زىيارتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى :
- مىلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بولغان ھېيتلار مەنىۋيىتىمىزنى بىيتىشتا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . لىكىن بۈگۈنىكى كۈنگە كەلگەندە ، بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كىتىپ باردۇ . گەرچە ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ھازىرقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ ، ھېيتلىرمىز مولچىلىق ھەم قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلەتتى . ھېيت كىلىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى تەييارلىق باشلىناتتى ، چوڭ - كىچىك ھەممە بىر يەرگە يىغلىشىپ ، خوشال - خوراملىق ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزەتتى . ھازىر ھېيتلىرمىزنىڭ ئۆتكۈزلۈش شەكىللىرى زور دەرىجىدە ئاددىيىلىشىپ كەتتى . ئىلگىرى ھېيتلاردا ئۇرۇق - تۇغقانلار ، دوسىت - بۇرادەرلەر قوشنا - خۇلۇم  ھەم كەسىپداشلار ئۆز - ئارا ھېيتلىشاتتۇق ، تڭرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشى ، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىشىشى بۇلارغا سەۋەپ بۇلالايدۇ ، لىكىن بۇ ئاساسلىق سەۋەپ ئەمەس .



مەنبەسى :  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1340
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 189
تۆھپە : 4
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-2
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 14:42:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
ياخشى يېزىلغان تېمىكەن.
كىچىك ۋاقتىلىرىمىزدا ھېيىت-بايرام كۈنلىرى ھەممە  ئۇرۇق - تۇغقانلار چوڭ ئۆيگە جەم بوللاتتى،بىزلەرگە ھېيىتلىق بىرەتتى. بىز  تولىمۇ خوشال بۇلۇپ كېتەتتۇق.


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 17:09:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ھازىر ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر بىرىنىڭ ئۆيىنى ھېيىتلاشماس بولۇپ قالدى تېخى، بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزغا ئەگىشىپ مەھەللە ئاتلاپ ھېيىتلاشقان يادىمدا، لېكىن ھازىر بولسا.....


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 571
تۆھپە : 18
توردا: 39
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 10:49:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادەم پۇل تېپىشقا ئاتلىنىپ كەتكەن بولسا كىرەك،شۇڭا ھېيىت -بايراملىرىمىز  مۇڭسىراپ قالدى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:37 , Processed in 0.126914 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش