گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى تونۇشۇپ قويىلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
15
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1368
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 128
تۆھپە : 25
توردا: 9
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-17
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 21:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باي مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەركەك - چىشى،  قېرى -ياش ، ئۇششاق چوڭ جامائەت بارلىقىڭلارغا پېقىر ئوتۇنچىدىن سالام . ھەممىڭلارنىڭ خىزمىتىگە مول نەتىجە تۇرمۇشاڭلارغا چەكسىز شاتلىق ،  ئائىلەڭلارغا بەركەت تىلەيمەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈزەل باي مۇنبېرى ئەھىلى ھەممىڭلار تېنىچ ئامان تۇرۇپ سىلەر .............................
خەيرىيەت ئەمدى ئۆزەمنىڭ گېپىنى قىلاي تۈنۈگۈن بىر تور دىشىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىغان ئىدىم قارىسام خېلى يامان ئەمەس ئىشلىنىپتۇ ئىشىنىمەكى بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ، قارىسام مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ كەپىياتى ۋە سەۋيەسىمۇ خېلى يۇقۇرىدەك تەسېر بەردى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولايدەپ قەدەم بېسىپ ساپتىمەن ئەييۇھانناس بۇمۇنبەرگە كىرمىكىم شۇەنزاڭنىڭ نوم ئالغىلى بارمىقىدىنمۇ مۇشكۈل ، دولەت چېەرىسىدىن چىقىشتىنمۇ قىيىن بولدى ، مېنىڭچە بۇ باسقۇچلارنى سەل قىسقارتساڭلار دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن .ھەممىدىن قىزىقارلىق ھەم قاملاشمىغان بىر ئىش مۇنبەرگە كىرىپ ھىچكىمنى تۇنۇماي تۇرۇپ دوس قوشسىڭىز ئىنكاس يازالايسىز دېگەن شەرت ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ . ئويلاپ بېقىڭ تۇنۇشماي تۇرۇپ دوس بولۇش مۇمكىنمۇ ، بەلكىم بۇ سېتىمىدىكى تېخنىكىلىك مەسىلە بولۇشى مۇمكىن ئىشىنىمەنكى بۇمۇ ئازكۈندە ياخشى بولۇپ كەتكۈسى ،
ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ھازىرچە مېنى شۇ ئوتۇنچى دېگەن ئىسىم بىلەن چاقىرىپ تۇرۇڭلار ، جىنسىم ئەر خۇدا بۇيرىسا بىر خوتۇننڭ ئېرى 4 بالىنىڭ ئاتىسى بولىمەن .كەسپىم جاھان كېزىپ ئوتۇن چىلىق قىلىمەن  ،
مەن بايدىگەن بۇ ئىسىمنى كۆپ ئاڭلىغان بەك كىچىكىمدىنلا بوۋامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايتتىم شۇچاغلاردا مۇزداۋاندىن ئېشىپ بايغا بارغىلى بولىدۇ دەپ ھىكايە قىلىدىغان بوۋام رەھمەتلىك . كىيىنچە ،مەنمۇ چوڭ بولدۇم كىتاپ ئوقۇغۇداك بولدۇم شۇنىڭ بىلەن تۇنجى رەت موللا مۇسا سايرامىنى كىتاپ يۈزىدىن تۇنۇدۇم مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن . ئۇنىڭدىن كىيىن نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىنى بىلدىم ، شۇتەرىقىدە كۆپ ماتىرياللاردىنبولۇپمۇ تارىخى كىتاپلاردىن ئوقۇپ بىلدىمكى باي جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن شىمالى شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ لا قالماي ئىستىراتىگىيىك ئوتنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئۆتەڭ ئىكەن ، ئۇزاق ئۆتمۈشنى ئەسلەپ باقساق ھەرقايسى خانلىقلار سۇلالىلەر ھاتتا بەگلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەڭلەردە ھەممىسى كېلىپ چۈشكۈن قىلىپ ئەسكەر ۋە ئاتللرىنى دەم ئالدۇرۇپ كۈچىنى تولۇقلار ماڭىدىغان ئۆتەڭ ئىكەن مەن ئويلايمەنكى شۇ زاملاردىن تارتىپ بۇزىمىن شۇندق باي باياشات بولغان بايدېگەن ئىسىم قويۇلغان بولسا كېرك . مۇنبەردە بىر تورداشنىڭ باي دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم بۇنىڭدا شەر ھىلەنگېنى مېنىڭچە چوقۇم باي دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دەلىل بولالمايدۇ دەپ قايارمەن بىراق بۇنى ئىنكارقىغۇدەك بىرەر ئىسپات خارەكتىرلىك ماتريال ئىزدەي دەپ ئىزدىنىپ باقتىم مەتبۇئات ۋە نەشرىياتلاردىمۇ شۇ ماقالىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېزىلغان بايانلار بار ئىكەن . بەلكىم كىيىنچە تۈركى تىللار دېۋانى ياكى موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى قاتارلىق تارىخى كىتاپلاردىن ئىزدىنىپ باقساق چوقۇم بۇنامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تېپىپ چىقالايمىز دەپ قارايمەن .
مەنكىچىكىمدە ئڭلىغان باينى بەك كۆرگۈم بار ئىدى كۆرۈشنىبەك ئارزۇ قىلاتتىم  دائىم دادام بىلەن مۇڭغۇلكۈرە يايلقلىرىغا چىقسام دادمدىن باي قاياقا توغرا كېلىدۇ ئاتلىك ئۆتكىلى بولامدۇ دەپ سورايتتىم بىراى دادام ئۆتكىلى بولىدۇ يول بەك خەتەرلىك سەن كىچىك دەپ يالغۇز تەۋەككۈل قىلىشىمغا يول قويمايتتى ، كىيىن چوڭ بولدۇم ئۆزەم ئات سېلىپ يۇلتۇز خېجىڭ ، قاراشەھەر تەرەپلەرگە كەلگەن بولساممۇ بىراق يەنىلا بايغا كېلەلمىگەن ئىدىم . ئاللاھ تىلىكىمگە يەتكۈزدىمۇ ياكى رىزقىم مۇشۇياقلاردا بولدىمۇ ھازىر بايغا يىقىنلا يەردە ماكان لىشىپ قالدىم مەن بۇيۇرتقا كېلىپ ئەتىسىلا بايغا بارىمەن بايغا بېرىپ تۇنجى بولۇپ موللا مۇسا سايرامى قەۋرېسىنى زىيارەت قىلىمە دېگەن ئىدىم شۇنىيىتىم بويىچە 2009 -يىلى كۈزدە  بايغا تۇنقى قەدىمىمنى باستىم ،بىراق شۇكۈنىلا ئىككى بايلىق بۇرادەر بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم ، مەن كۇچادىن  بايغا كىچىك ماشىنىدا ماڭغان ، ھەم شوپۇرغا ماشىنىغا چىقىپلا مېنى موللا مۇسا سايرامىقەۋرېسىگە ئاپىرىسىز دەپ سۆزلەشكەن شوپۇر كۈلۈپ تۇترۇپ شۇ قەۋرېنىڭ ئالدىدىن ئۆتىمىز دېدى مەن شۇنىڭ بىلەن ئەمسە كرا پۇلىنى ئارتۇق بەرسەمۇ مەيلى شۇ قەۋرە قىشىدا بىردەم توختاپ خەتماقۇرئان قىلىپ ئۆتكىچە ساقلاشنى ئېيتتسام شوپۇر بولىدۇ كىرا قوشۇپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ئۇ ئۇلۇغ زاتى مۇبارەكنى مەنمۇ ھۆرمەتلەيمەن دېدى كىيىن ماشىنىغا يەنە ئىككى خېرىدار چىقتى يولدا بار غۇچە شوپۇر بىلەن باينىڭ تەرەقىياتى ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى ئىقتىسادى ئئەھۋالى دېگەندەكلەر ئۇستىدە پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ئۇ ئىككى يولۇچىمۇ گېىمىزگە ئارلىشىپ ماڭدۇق ھەم شۇجەرياندا ئۇلارنى بايلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ بەك خوشال بولغان ئىدىم چۈنكى ئوقۇتقۇچى بولسا ئۇلاردى تېخخمۇ كۆپرەك نەرسە ئىگەنلەرمەن ئۈگۈنەرمەن دەپ ئويلاپتىكەن مەن . بىز شۇپاراڭلار بىلەن  سايرامغا  كەلدۇق ، بۇيەردە ماشىنىنى توىـىتىپ بىر نەچچە پارچە سۈرەت تارتتىم توقسۇنغا كەلگەندە شوپۇر ئۇستام توختاپ يولنىڭ قارشىسىنى كۆرسىتىپ ئەنە موللا مۇسا سايرامىنىڭ قەۋرېسى دەپ كۆرسەتتى قاراپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ئاققان ياشنى ئۆزەممۇ سەزمەي قاپتىمەن شۇنداق بىر ئۇلۇغ زاتنىڭ قەبرىسىنىڭ شۇنچە چولدەرەپ غېرىپ لىشىپ قالىدىغىنىنى ئويلاپ باق ماپ تىكەن مەن . مېنىڭ قانداقلا يۇرتقا بارسام كونا قەۋرە ، كونا ئوي مەسچىت ، دېھقانلارنىڭ ھويلا ئاراملىرىنى زىيارەت قىلىدىغان خۇيۇم بار چۈنكى 5 يۇلتۇزلۇق مېھمان ساراي ھەممە يەردە بار ، بۇقەۋرە مەن كۆرگەن باشقا قەۋرىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاددى ئىكەن قەۋرىنىڭ ئادىلىقى ھەرگېز ئۇئادەمنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ مەن خەتمە قۇرئان قىلىپ بولۇپ قەۋرىنى بىر دەم ئايلاندىم ھەم ئېسىمنى يىغىپ بۇقەۋرىنىڭ شۇنداق ياسالماي قېلىشىنىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس دەپ ئۆزەمگە تەسەللىبەردىم قەۋرە توغرىسىدا كۆپ توختالماي ، دېسەم گەپ جىق سۆزلىگەنچە گەپ ئاۋۇپ كېتىدۇ ........................................
شۇئەسنادا ھېلىقى ئىككى يولۇچى بەك ۋاقىراپ كەتتى ھەممىدىن ئاچىقىم كەل گېنى ئاتىلىرى ئەمەستۇ ئاتىلىرى بولسىمۇ قەۋرېسىدە يىللاپ ئولتۇرسىڭىز تېرىلمەيدۇ دېگىنى بولدى . مەن دېدىمكى بۇزات ئاتامدەك ھەتتا ئۇلۇغ بوۋامدەك ئۇلۇغ ، بۇزاتنىڭ ئەسىرى ئارقىلىق مەن ئەجدادىمنى تۇنۇغان ، بۇزاتنى مەن ئەمەس بىزدىن باشقا دىندىكى باشقا مىللەت باشقا دۆلەتتىكىلەر مۇقەدىرلەيدۇ ، ھەم بۇزاتنىڭ ئەسىرىنى ھازىر غۇچە ئەتىۋارلاپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ مەن بۇيۇرتقا تۇنجى كېلىشىم سىلەر ئۈچۈن ئېتىبارسىز نەرسە مەن ئۈچۈن ئەتىۋار دېدىم ئۇلار ماشىنىغا پۇل تۆلەپ چىقتۇق دەيدۇ مېنىڭمۇ ئاغزىم ئىتتى ھەرقايسىڭ بىر كىشلىكتىن كىرا بەرسەم مەن ئىككى ئادەمنىڭ كىراسىنى بېىپ چىقتىم . ئەسلىمەن ماشىشنى يالغۇز كىراقىلىپ ماڭماقچى ئىدىم ئۆزەڭلار بىزنىمۇ ئېلىۋېلىڭلار دەپ چىقتىڭلار . شوپۇر ئۇستاممۇ سىزگە كىرا ئېغىر توختاپ قالمىسۇن ئېلىۋالساق ئېلىۋالايلى دەپ سەنلەرنى سالغان ئالدېرايدىغا ئادەم شۇيەردە ئفيرى كىراقىلىپ چىقىشساڭ بولماسمىدى دەپ مەنمۇ قايندىن شوپۇر بالا ئۇلار بىلە بەكلە سوقۇشۇپ كەتتى، شۇيەردىلا سەنلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغىنىڭغا لەنەت دەپ بايغا بەك كۆڭۈلسىز كىرىپ كەلدىم .كەچلىكى شۇشوپۇر بالا تېلىاۇنقىلدى نەدېلىكىمنى سورىغان ئىدى باياسىز ئەكىلىپ قويغان مېھمان خانىدا دېدىم شۇچاغدا باي مېھمان خانىسى دەيتتىكەن 拜城宾馆  بىردەمدىلا مىھمان خانا ئالدىغا كېلىپ ئاكا سىزنى باينى ئايلاندۇراي دەپ كەلدىم بايىقى ئىتنىڭ باللىرى سىزنى رەنقىتىپ قويدى دەپ ھۆزۇرخاھلىق ئېيتقان ئىدى شۇنداق ىوش بولدۇم شوپۇر بىلەنئوقۇتقۇچىنىڭ پەرقى ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەخلاق بىلىم ، مەدەنىيەت ساپا ، ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق ئىدى ئۇستامنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىز باينى تولۇق بىر ئايلىنىپ چقتۇق ، كىيىن كەچ بازارنى پىيادە ئايلاندۇق ، ەك مەمنۇن بولدۇم ، شۇچاغدا بىلدىمكى باينىڭ ئادەملىرى ئاساسەن ئاق كۆڭۈل ، مىجەزى ئوچۇق ، خۇشىۇي ئادەملەر ئىكەن بىراق ھەدىدىن زىيادە ئىتا ئەتمەن ئىكەن (شۇچاغدا ماڭا بەرگەن تەسېرى شۇنداقبولغان ) شۇئىككى كۈنلۈك باي زىيارىتىمدە باينىڭ تەبىئى بايلىقى ۋەباشقا جەھەتكەردە ھەقىقەتەن بايلىقىنى بىراق پۇخرانىڭ ئۇنچە باي ئەسلىكىنى بىلدىم بايدا ئەمەلدار بەك چوڭچى ئىكەن پۇخرانى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدىكەن قانۇننى توغرا ئخقراقىلماي زورلۇق بىلەن ئخقراقىلىدىقكەن دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم يولدىكى بىرقىسىم چارلىغۇچى ساقچىلارنىڭ پۇخراغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراپ

مۇنبەرگە كىرىپلا بەك دەرت تۆكۈپ كەتتىم كەچۈر گەيسىلەر قالغان گەپنى كىيىچە مۇنبەر يۈزىدە دېيىشەرمىز ئاللھ قا ئامانەت


باش مەسئۇل

باشقۇرغۇچى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 3055
تۆھپە : 369
توردا: 1689
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 22:06:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
خەيرىيەت ئەمدى ئۆزەمنىڭ گېپىنى قىلاي تۈنۈگۈن بىر تور دىشىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىغان ئىدىم قارىسام خېلى يامان ئەمەس ئىشلىنىپتۇ ئىشىنىمەكى بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ، قارىسام مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ كەپىياتى ۋە سەۋيەسىمۇ خېلى يۇقۇرىدەك تەسېر بەردى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولايدەپ قەدەم بېسىپ ساپتىمەن ئەييۇھانناس بۇمۇنبەرگە كىرمىكىم شۇەنزاڭنىڭ نوم ئالغىلى بارمىقىدىنمۇ مۇشكۈل ، دولەت چېەرىسىدىن چىقىشتىنمۇ قىيىن بولدى ، مېنىڭچە بۇ باسقۇچلارنى سەل قىسقارتساڭلار دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن .ھەممىدىن قىزىقارلىق ھەم قاملاشمىغان بىر ئىش مۇنبەرگە كىرىپ ھىچكىمنى تۇنۇماي تۇرۇپ دوس قوشسىڭىز ئىنكاس يازالايسىز دېگەن شەرت ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ . ئويلاپ بېقىڭ تۇنۇشماي تۇرۇپ دوس بولۇش مۇمكىنمۇ ، بەلكىم بۇ سېتىمىدىكى تېخنىكىلىك مەسىلە بولۇشى مۇمكىن ئىشىنىمەنكى بۇمۇ ئازكۈندە ياخشى بولۇپ كەتكۈسى ،


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دوستۇم ئۇتۇنچى،گۈزەل باي مۇنبىرىگە كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
مۇنبەردىكى يېڭى ئەزالارغا قارتا بەرگەن تەكلىپىڭىزگە قارتا ئىككى ئېغىز چۈشەنچە بىرىپ ئۈتەي، ئەسلى يېڭى ئەزالار توربىكەتكە تىزىملىتىپ كىرىپلا تىما ئىنكاس يوللىسا،ھەممە مەشغۇلاتلارنى قىلسا بۇلىۋىرەتتى.
ئەمما يېقىندىن بىرى تور دۇنياسىدا توربىكەتلەرگە ئاپتۇماتىك ھالدا تىزىملىتىپ قالايمىقان ئېلان، قالايمىقان رەسىىملەرنى يوللاپ تور مۇھىتىنىڭ ساپلىقىغا ئېغىر تەھتىد ئېلىپ كەلگەچكە، مۇشۇنداق بىر قاتار يېڭى ئەزا،تىما-ئىنكاس قاتارلىقلارغا تەستىقلاش تۈزۈمنى يولغا قويغان ئىدۇق.

سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك دوست قۇشىسىز دىگەن تۈر چىقىرۋىتىلدى،تور مۇھىتىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشتا ھەممىمىزنىڭ مەجبۇريىتى بار ، شۇڭا كەڭ دوستلارنىڭ توغىرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

(يەنە توربىكەت توغىرسىدا چۈشىنەلمىگەن مەسلە، پىكىر- تەلەپلەر بولسا مۇشۇ مۇنبەردە ياكى 59496604 بۇ چچ غا خەت قالدۇرۇلسا بۇلىدۇ)


ھەمىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل باي تورى قۇرۇپ چىقايلى.

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1368
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 128
تۆھپە : 25
توردا: 9
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-17
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 22:14:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت كىينچە قىيىنچىلىقا ئۇچرىسام سىزنى ئىزدەيمەن


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  73
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3440
تۆھپە : 161
توردا: 360
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 01:55:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئوتۇنچى،مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
بايغا تۇنجى كىلىپلا ئازار يەپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم،بۇ ئىشتا شۇلارغا ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سورايمەن،ئاندا-ساندا شۇنداق تەتۈرلەر چىقىپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا سىز دىگەندەك باينىڭ ئادەملىرى ئاقكۆڭۈل،مىھماندوست،سەمىمىي،يەنە سىز ھېس قىلغاندەك بەك ئىتائەتچان يۇۋاش كېلىمىز،شۇڭلاشقىمۇ.........ھەي بولدىلا،ئىشقىلىپ  سىزنىڭ مۇشۇ دىيارىمىزغا كىلىشنى نىيەت قىلىپ ئاللاھنىڭ نىيىتىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرىشى بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپ خۇرسەن بولدۇم،ھەم سىزنىڭ ئالىمىمىزنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىڭىزدىن ئۇلۇغلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،مىللەتپەرۋەر،ۋاپا ۋە بىلىم ئەھلى ئىكەنلىكىڭىزنى تۇنۇپ يەتكەندەك بولدۇم،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ۋاقتىڭىز بولسا داۋاملىق كېلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قۇلىمىز كۆكسىمىزدە!


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1276
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 328
تۆھپە : 4
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-13
ئاخىرقى: 2012-9-25
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 19:05:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئوتۇنچى،مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئالدىڭىزغا ۋاختىدا سالامغا چىقالمىغىنىمدىن سەل خىجىل بولدۇم .چۈنكى ئوتۇنچى دىگەن تەخەللۇسنى ئاڭلاپ ئالمىزاردىكى ئوتۇنچى بىلەن قېتىقچى يادىمغا كەچتى .بەلكىم بەكمۇ يىقىن دوسلاردەك تۇيغۇ بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن شۇنداقتۇ . بۇندىن كيىن مۇنبەر ئۈچۈن ھەر قانداق تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىز بولسا بىرلىكتە ئورتاقلىشىپ تۇرايلى .ياخشى تېتىملىق تىما- ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ بۇ مۇنبەر دىمۇ دائىما ئۈزىلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن .


باھا سۆز

ئوتۇنچى  مەن شۇ قېتىقچىنىڭ دوستى ئوتۇنچى ئىدىم ئۇچاغدىكى ئىسمىم لاتنچە ئىدى  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:01:40

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 17:32:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋائالەيكۇم ئەسسالام ئوتۇنچى قېرىندىشىم، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، مۇنبەردىكى ھەممەيلەن سىزنى قارشى ئالىمىز، بايغا تۇنجى كېلىپلا  كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپسىز، بەش بارماق ئوخشاش بولمىغىنىدەك، ھەممە يەردە ئۇنداق ناكەسلەر ئۇچرايدۇ، لېكىن ياخشىلار يەنىلا كۆپ سانلىق،


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 571
تۆھپە : 18
توردا: 39
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 10:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەي كۇم ئەسالام   ھەمىمىز قارشى ئالىمىز،


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1276
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 328
تۆھپە : 4
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-13
ئاخىرقى: 2012-9-25
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 19:30:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا مۇنبەردىشىمنىڭ بۇ مۇنبەرگىمۇ قەدەم ئالغىنىدىن خۇرسەن بولدۇم .تىتىملىق تىما ئىنكاسلىرىڭىز بۇ مۇنبەرگىمۇ ئىز سالسۇن .يۇقاپ كەتمەي پات -پات كىرىپ تۇرۇڭ..........قېتىقچىمۇ كەينىڭىزدىن كىرىدۇ ھەقاچان .....ھى ھى ھى ھى .


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1363
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 41
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-14
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يېڭىدىن سىپىڭلارغا قۇشۇلدۇم . ئىلگىرى بۇمۇنبەرنى سىرىتتىنلا زىيارەت قىلاتتىم . كىيىن تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ، ئىتىپاقلىقى مىنى جەلىپ قىلىپ ، بۇ مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇشنى نىيەت قىلدىم كەڭ تورداشلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلمەن
ئىسمىم : مۇنبەرگە تىزىملاتقان ئىسمىم سەرسان روھ


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 569
تۆھپە : 42
توردا: 31
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-19
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 16:43:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ داشقال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نامىدىن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن بۇرادەر،ئىسمىڭىز بەك ئادەمگە ئىللىق تۇيۇلدىكەن بولسا نادېر ئەسەرلىرىڭىز بىلەن بىزنى تەمىن ئېتىپ تۇرغايسىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:23 , Processed in 0.198526 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش