گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 2

رۇبائىي ۋە پارچىلار (مۇزاتى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
152
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  516
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1953
تۆھپە : 312
توردا: 117
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2012-9-24
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 10:15:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىي ۋە پارچىلار


مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)


ھەقنى-ھەق دىيىشكە ئىرادەم پەۋەس،
ساقتىغا خوشۇم يوق، قىلمايمەن ھەۋەس؛
كۆز بوياپ ياشاشنى خالىماس كۆڭلۈم،
ئۈندىمە مېنى سەن، بولدى قىلغىن-بەس!

ھاياتلىق يولۇڭدا مۈشكۈللەر تولا،
شەيتاننىڭ دامىغا بولما مۇپتىلا؛
چاغلىماي كىرسەڭ گەر كۆڭۈل كەينىگە،
قالىسەن پىنھانە، يالغۇز چۆلدىلا.

ئالدامچى ئۇستىدۇر يالغان توقۇشقا،
ماھىردۇر كۆز بوياپ چوتنى سوقۇشقا؛
ئازغىنا دەسمىينى قىلىپ ئۇ يەمچۈك،
ئۈلگۈرەر ناداننى ئالداپ-ئۇتۇشقا.

ھالالنىڭ مېھنىتى-جاپاسى باردۇر،
ھارامنىڭ لەززىتى-تاماسى باردۇر؛
مېھنەتسىز راھەتنى قوغلاشساڭ ئەگەر،
تېگىشلىك بەدىلى-جازاسى باردۇر.

ھالاللاپ ياشىساڭ ئۆتۈسەن غەمسىز،
بىل ئەمما بولمىغىن ئەقىلسىز-پەمسىز؛
ئەجىرنىڭ مېۋىسى شۇنچىدۇر شىرىن،
ئۆتمۈسۇن كۈنلىرىڭ مىشچان بوپ تەمسىز.

بىراۋنىڭ كۆڭلىگە بەرمىگىن ئازار،
بىر ئېغىز يامان سۆز قىلار ئەلنى زار؛
گەپ-سۆزدە سىپايە،ئىلمىي بولمىساڭ،
<<توڭ>>لىقىڭ يارىماس،ئەل سەندىن تازار.

ئاتاڭنى ھۆرمەتلە -ئۇنىڭ ئوغلىسەن،
ئاناڭنى قەدىرلە-ئۇنىڭ باغرىسەن؛
قاخشىتىپ ئۇلارنى،قارغىشىن ئارتساڭ،
پۇشايمان ئىلكىدە ياقاڭ يىرتىسەن.

ھاياسىز ياشاش ئۇ ھايۋاننىڭ ئىشى،
ھاياسىزغا ياغىسۇ ئەلنىڭ قارغىسى؛
بولغاچ ئۇ شەيتانغا ھەمراھ،قول-چوماق،
ئەخلاقۇ-ئىمانسىز كېتىدۇ بېشى.

ئۆتمىسۇن كۈنلىرىڭ غەپلەتتە ھەرگىز،
ئىلىمۇ-ئىرپاندىن قالدۇرغىن بىر ئىز؛
يەپ-ئىچىپ ئۇخلاش ئۇ ھايۋانغا خاستۇر،
كەتمېگىن دۇنيادىن نامۇ-نىشانسىز.

ئۆم-ئىناق ئائىلە گوياكى جەننەت،
تاپىدۇ ھاياتمۇ چىن مەنا-قىممەت؛
ئەر-ئايال،پەرزەنتلەر ئۆتسە گەر ئىجىل،
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تاپىدۇ نۇسرەت.

ئاقىلغا بىرلا سۆز بولۇر كۇپايە،
نادانغا تاياق ھەق، سۆز بولۇر زايە؛
ناداننى ئاقىلغا ئۆزگەرتمەك قىيىن،
بولمىغاچ ئۇنۈڭدا ئىنتىلىش-غايە.


مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم.
يېزىلغان ۋاقى: 2012-يىل 13-سېنتەبىر



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1150
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 818
تۆھپە : 61
توردا: 49
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 17:32:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ قويغۇلۇق.

كۆپ ئوقۇش،كۆپ مەشىق قىلىش، كۆپلەپ يېزىش...توختاپ قالماسلىق كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-15 17:37  



Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1218
تۆھپە : 23
توردا: 94
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 00:29:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولغاي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:18 , Processed in 0.177344 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش