- QQ
- 2656001092
- دوست
- 6
- 性别
- ئەر
- يازما
- 141
- UID
- 1150
- تېما
- 26
- تىزىملاتقان
- 2012-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21

- يوقلىما
- 74
|
تامنىڭ ئۇ تەرىپى
(شېئىرلار)
ئەنۋەر مۇھەممەد ئەرتۇغ
تاش ھەسەل
كىمدىن قاچۇرۇپ شىرنەڭنى
تاش بولىۋالدىڭ؟
چوقۇلار تېنىڭنى غۇر-غۇر شاماللار
ئوينۇتۇپ قوللىرىدا جۈپ بازغان.
يانۋارنىڭ بۇ ئاخىرقى كۈنى-
ئاقسىلغا تويۇنغان تېرىلەر تامان
يوپۇرلۇپ كەلمەكتە سانسىز ھەرىلەر
پالاكەت ئېيىقلار تاپىنى ئارا
قاتقان تىللىرىدا سېنى سۆيمەككە.
ئەينەكسەن
تاش بولغىنىم راست
تىلىم مۆرىمەس!
چىۋىنلەر بارمىدۇ نىجاسەت يىمەس؟
چاچقانلار قاچان كېپەكتىن خالى؟
ئېھتىمال
مەڭگۈلۈك تىلسىمدۇر سەندىكى تارىغ
شىرنىگە تولغان بۇ ئوتخور دۇنيا
ئۇنتۇلغان بىر شىرىن چۈشنىڭ داۋامى...
ياۋا مۆشۈك
ياۋا مۆشۈك،
ھەي ياۋا مۆشۈك!
كىملەرگە سىلاتتىڭسەن قاردەك تېنىڭنى؟
قارا شەھەرگە بارغىنىڭ راستمۇ
ئاشىق-مەشۇقلار كۈنى؟
مەن ئشەنگەنتىم سۆزسىز
سەرەڭگە قېپىنى يۇمۇلاق،
كۆمۈرنى ئاپئاق دېسەڭ،
مەن ئىشەنگەنتىم ساڭا
ئۆيدە ئولتۇرۇپ
سۈت ئىچىپ،گۆش يىسەڭ...
رەستىلەر قىزىل گۈلگە تولۇپتۇ سەھەر
بۈگۈن تۇتقۇنلار ئازات ئۆي تۈرمىسىدىن.
قاچانغىچە بىلمەي يۈرەتتىمكىنتاڭ؟
يانفۇنۇم قاقىلداپ بەرمىسە خەۋەر
ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم
يىگەنگە قەدەر...
قىززىق،
توشقان يىلىدا
توشقانغا ئايلىنىپ قالدىممەن قاچان؟
مۆشۈكتىم بەزگە سېزىكىم يامان!
مولۇنلار
مەن تۇغۇلسام بار ئىكەن.
ئويغانسام
ياستۇقۇم ئاستىدا
گۈل ئەمەس تىكەن!
كۆرۈپ ياتقىنىڭ ئۆزۈڭنىڭ چۈشى بولغىيدى ئىلاھىم!...
تامنىڭ ئۇ تەرىپى
تامدىن چىققان ئاۋاز،
تاغ سۈيىدەك شىرىلدار.
تامنىڭ قېتىدا چوقۇم،
ساھىپجامال بىر جىن بار.
تارتىنىمەن تامنىڭ ئالدىدا
تۇرۇشتىن يالىڭاچ.
كىم دەيدۇ،ھاك،توپا،لاي دەپ
تامنىڭ ئەمەس كۆزى كور،
قۇلىقى ياغاچ.
توي قىززىيدۇ تامنىڭ قېتىدا
چاراسلار ئوت يېنىپ،
سۇمبۇل چېچىدا!
چۈش كۆرىمەن چۈشلىرىمدە
تامنىڭ لېيى بوپ...
كېچىلىرى تەنھا قالساملا
يۇلتۇز سانىغاچ
تامنىڭ تۈۋىدە ياتىمەن.
تامنىڭ قوينى بىر بۆشۈك
مەن چوقۇم پاتىمەن.
بېسىۋالسا،بېسىۋالار تام،
يارسىز مىنۇت ياشاشقا
يوق مەندە چىدام!
سىلاپ باقىمەن،
قوپال ئالقىنىمدا،
تۈرتۈپ باقىمەن تامنىڭ تېنىنى،
ئەمما مەزمۇتتۇر ھۇلى.
قالسام شۇنداق يامان ئاتاققا.
كۈلۈپ كېتەرمۇ مەرھۇم بوۋام
تام تەشكەن ئوغرى!
تامنىڭ ئۇ تەرىپى
ئىشىكسىز،تۈڭلۈكسىز
يوپ-يورۇق
دۈپ-دۈگىلەك.
تامدىن تەنگە
تۇتاشقان بىر يول بار
ھېچكىم بىلمەيدۇ
مېنىڭدىن بۆلەك...
ئالتىنچى قەۋەت
كارىدور قاتتىق سىلكىنىدۇ
سىلايمەن يۈرىكىمنى.
بىتون تام،پەلەمپەي خۇددى ئاچ ئەرۋاھ
يوپۇرلۇپ كېلىپ
سۆيەر ساقاللىق مەڭزىمنى.
چۈشۈمەن كېپىش بىلەنلا...
ئالتىنچى قەۋەت
ئاتىقىڭ ياماندۇر-يامان!
كېچە ئەل ياتقۇدا
يېتىپ قاپتۇ يولۋىسى يوق تاغدا
ئۇدۇل قوشنام
ئابدۇراخمان.
يۆلەيمەن
قان چىققان بېشىنى.
ئابدۇراخمان بىلمەيتى ئات مىنىشنى،
ئەمما قولىدا ئاتنىڭ چۇلۋىرى.
ئابدۇراخمان بىلمەيتى شاراپ ئىچىشنى،
ئەمما يىقىتقان ئۇنى ئات ئەمەس
يىراقتىكى يارنىڭ خۇمىرى.
ئۈچ قەدەھ مەي
گارمون تىلىدەك ئۇزىراپ تۇرغان پەلەمپەي،
ئوقۇلارئابدۇراخماننىڭ تىلىدا
مۈشۈك كۆزلەردىن ئاقتۇرۇپ ياش
«قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم»...
ئالتىنچى قەۋەتتە
كۆڭۈللەر ئۆسەر
ئۆسەكلەر ئۆسمەس
قۇلاقلار تېنىچ،
قۇلۇپلانغان بارچە ئاسىيلىق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-10 16:36
|
|