گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 151|ئىنكاس: 2

پىنيىن ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم نوقتىلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
54
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  944
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 528
تۆھپە : 26
توردا: 32
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 01:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەنزو تىلى پىنيىن ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم نوقتىلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى
باي ناھيە سايرام بازارلىق بۇغان مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى: ئېلى تۇنياز



پىنيىن ئوقۇتۇشى خەنزوتىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسى، خەنزوئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ موھىم ھالقىسى.پىنيىننى توغرا ئۆگىنىش ياكى ئۆگىنەلمەسلىك شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خەنزوتىلى ئۆگىنىشىگە ۋە خەنزوتىلى ئارقىلىق ئالاقە ئېلىپ بېرىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭاخەنزوتىلى ئۆگىنىشىنىڭ ئاساسى بولغان باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى خەنزوتىلى ئوقۇتۇشىدا پىيىن ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش ۋە توغرا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئىنتايىن زۆرۈر.
  تۆۋەندە مەن خەنزوتىلى پىيىن ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار دۈچ كېلىدىغان قىيىن نوقتىلار،ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم نوقتىلار ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
1.        توغرا تەلەپپۇز قىلىش
بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار پىنيىن ئۆگىنىش جەريانىدا بىرقىسىم ھەرىپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدۇ،بۇلۇپمۇ يۈنمۇلاردىنeنى «ئې»،oنى «ئو»،erنى «ئېر»،enنى «ئېن»،engنى «ئېڭ»، شېڭمۇلاردىن zhنى «جى»،chنى «چى»، sh نى «شى»، rنى« رى»  دەپ يىنىك تەلەپپۇز قىلىپ،ئەسلى تەلەپپۇزىنى توغراتەلەپپۇز قىلالمايدىغان ئەھۋاللاركۆرۈلىدۇ.بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ،ئىرىنمەي ئۈلگە كۆرسىتىپ بىرىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئوپچە ۋە ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆپرەك مەشىقلەندۈرۈشى لازىم. پىيىن ئوقۇتۇشىتا ئىمكان بار ئۈنئالغۇ لىنتىسى ياكى vcD پىلاستىنكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش لازىم.
2.        توغرا يېزىش
بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار پىنيىن ئۆگىنىش جەريانىدا بىرقىسىم ھەرىپلەرنى توغرا يازالمايدۇ،بۇلۇپمۇتۆت سىزىق ئۈچ ئارلىققا ھەرىپلەرنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى توغرا تەڭشەپ يازالماي قالىدۇ،بۇنىڭ بىلەن يازغان ھەرىپلەر كۈرۈمسىز ياكى خاتا بۇلۇپ
قالىدۇ. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئوقۇتقۇچى دوسكىغاتۆت سىزىق ئۈچ ئارلىقنى سىزىپ، ھەرىپلەرنىڭ ھەرقايسى ئارلىققا نىسبەتلەشتۈرۈپ يېزىلىشىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ مەشىقلەندۈرۈپ، توغرائىگىلىتىش.بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىش رولى ياخشى جارىي قىلدۇرۇشى لازىم.

3.        قۇشۇپ ئوقۇش ۋە قۇشۇپ يېزىش
ئوقۇغۇچىلار پىنيىن بۇغۇملىرىنى ئوقۇش جەريانىدا توغرا قۇشۇپ ئوقۇشتا ئاسانلا خاتا ئوقۇپ قۇيىدۇ.   ۇلۇپمۇ ئۈچ قۇشۇلغان بۇغۇم    (三拼音节)نى قۇشۇپ ئوقۇشتا ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدۇ، مەسلەن: zhuanنى«جى ۋەن ياكى جى ۋۇئەن»دەپ،xuanنى« شى ۋەن ياكى شى ۋۈئەن»دەپ ،guangنى«گى ۋاڭ ياكى گى ۋۇئاڭ»دەپ،huaiنى«خى ۋەي ياكى خىۋۇئەي»دەپ ،qiongنى «چى يى ئوڭ ياكى چوڭ»دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
پىنيىن بۇغۇملىرىنى يېزىش جەريانىداشىڭمۇلار بىلەن يۈنمۇلارنىڭ قۇشۇپ يېزىلىش قائىدىسىگە دىققەت قىلماي، نامۇۋاپىق قۇشۇپ يېزىپ قۇيىدۇ. مەسلەن:jiao   نىzhiao  قىلىپ،zhao نىjao  قىلىپ،خاتا يېزىپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.بۇئەھۋاللارغا قارىتا ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ ، قۇشۇپ ئوقۇش ۋە قۇشۇپ يېزىش قائىدىسىنى ئەمەلىي ئۇقۇش-يېزىش مەشىقلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇپ، خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى لازىم.
4.        پەرىقلەندۈرۈش
ئوقۇغۇچىلار پىنيىن ئۆگىنىش جەريانىدا بىرقىسىم ھەرىپلەرنى ئاسانلا ئالماشتۇرۇپ قۇيىدۇ.مەسلەن:«b»بىلەن«d»، نى،«p»بىلەن«q» نى،«u»بىلەن«ü» نى ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قۇيىدىغان،«zh,ch,sh»لار بىلەن«j,q,x» لارنى ئالماشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىپ قۇيىدۇ.«ü»نىڭ« j,q,x »لاربىلەن قۇشۇلۇپ كەلگەندە،ئۈستىدىكى ئىككى چىكىتى چۈشۈپ قېلىپ، «u»غا ئوخشاپ قالسىمۇ،لېكىن تەلەپپۇز قىلغاندا يەنىلا «ü»دەپ تەلپپۇز قىلىندىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ.بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆز-ئارا ئوخشاپ كىتىدىغان ھەرىپلەرنى سېلىشتۇرۇپ،پەرقىنى كۆرسىتىپ ئوقۇتۇش بىلەن بىرگە،يېڭى بىلىمنى ئوقۇتۇش جەريانىدا كونا بىلىمنى كۆپرەك تەكرارلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
  قىسقىسى ،باشلانغۇچ مەكتەپ پىنيىن ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى كۆپرەك ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا توغرائوقۇش،توغرايېزىشنى پۇختا ئىگىلىتىشى، سېلىشتۇرۇپ ئوقۇتۇپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ،خاتالىقلاردىن ئونۈملۈك ساقلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى يېزىش ۋە تەلەپپۇز قىلىش مەشىقىگە كۆپرەك سېلىشى لازىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 01:01  



Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3442
تۆھپە : 266
توردا: 365
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-23
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 22:01:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
ناھيىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ،رەخمەت سىزگە ، ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.ھارمىغايسىز.


ئالىم بولماقتىن، ئادەم بولماق تەس

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1276
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 328
تۆھپە : 4
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-13
ئاخىرقى: 2012-9-25
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 22:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا بەكمۇ ياخشى بولغان ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ بولسىغۇ شۇنداق تەرتىپ بىلەن ئېلىپ ماڭسا ياخشى بولاتتى ئەمما نۇرغۇنلارنىڭ سەۋىيە بۇنىڭغا يەمەمدىكىن دەيمەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:15 , Processed in 0.121271 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش