ئوقۇتقۇچى
ئوقۇتقۇچى-
«دىل يۈرۈتقۇچى شام چىراق»،
مەرىپەت ئوتىدا كۆيۈپ،
ئېرىپ تۈگىسىمۇ،
قاراڭغۇلۇققا باش ئەگمەيدىغان.
بىرئىستەك باردۇر ئۇنىڭدا:
(يۇرىسا بارچە دىل،
قالمىسا غاپىل،
يىتلسە شاگىرتىم
ۋەتەن-خەلققە يۈزكېلەلەيدىغان).
ئوقۇتقۇچى-
«ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى»،
ھەق-ناھەق،
ئاق-قارا،
بىزگە ئېنىق بىلدۈرگەن.
ئۆگىتەر ئىلىم-پەن ،
جاھان سىرىنى،
ئادەم بۇلۇشنىڭ ئېپى-يۇلىنى،
شۇڭا قايىل بۇپ،
ھەممە ئالقىش بىلدۈرگەن.
ئوقۇتقۇچى-
«ئەمگىكى ھەممىدىن قەدىرلىك »،
مىننەتسىز،
مېھنەتكەش،
ئولۇغ ئىنسان.
يوقتۇر ئۇنىڭ قىش-يازى
(تۆت پەسىل بىر تەڭ)،
ماڭار ھامان شۇ يولدا،
داغدام قەدەمدە،
سەبىيلەرگە قۇچىقى كەڭرى ئېچىلغان.
ئوقۇتقۇچى-
«ئون قەدەم نېرىدىن سالامغا لايىق»،
مىنى ھەم سىزنىمۇ،
بارچە ئادەمنى،
ئەنە شۇ مۇئەللىم قاناتلاندۇرغان.
يوقتۇر ئۇنىڭدا ئارتۇقچە تەما،
(نەپ ئالسام سەندىن دەيدىغان)،
تامچە تەر تەماسىز ئېقىپ،
بۇلۇر بىر دېڭىز،
ئىلىم تەشنالىرىنى قاندۇرىدىغان.
ئوقۇتقۇچى-
«قەلبىمدىكى نۇرلۇق قوياش»،
سېخى نۇرۇڭدا
جىسمىم ئىللىپ،
روھىم ئۇرغۇغان.
شۇڭا مەن ئىزباستىم ئالتۇن ئىزىدىن،
بۆيۈك مەقسەت،
ئولۇغ نېشان بىلەن،
ئىلىم سۈيەرگە بۇپ يۆلەك،
روھلارنى روھىڭدا سۇغۇردىغان.
مەنبە:قەلىمىم 2009-يىلى9-ئايدا يېزىلدى.
سۈيۈملۈك ئۇستازلار،ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-7 22:17