گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى جۇۋازدا ياغ تارتىش ھۈنىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
18
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1234
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 136
تۆھپە : 8
توردا: 4
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 17:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇۋازچىلىق-پۈتۈنلەي ياغاچتىن پايدىلىنىپ ياسىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن،ئۆزگىچە مىللىي يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەۋەررۈك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بايلىقى.ئەنئەنىۋى ياغ تارتىش كەسپى .

توك يوق، سانائەت تەرەققىي قىلمىغان ۋاقىتلاردا ئەمگەكچان،ئەقىل پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىمىز سۇنىڭ قانۇنىيەتلىك ئېقىش ھەرىكەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ،سۇ تۈگمەننى ئايلاندۇرۇپ، بوغداي ،قۇناق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى تالقان قىلىپ،ئۇن تارتىپ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن بولسا ،ھايۋانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ،جۇۋازدىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ياغاچ قۇرۇلمىلىق،مېخانىكىلىق ئۈسكۈنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ،زىغىر،زاغۇن،زاراڭزا،ياڭاق قاتارلىق مايلىق زىرائەتلەردىن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياغ تارتىپ،ئىستېمال قىلىپلا قالماستىن بەلكى،چىراغ يورۇتۇش،كېسەل داۋالاشتا كەڭ ئىشلەتكەن.

بۈگۈنكى كۈندە بولسا :ئېلېكتر سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى،ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇن تارتىش تۈگمىنىدىن ئۇن زاۋۇتىغا،جۇۋازچىلىقتىن ياغ تارتىش زاۋۇتلىرىغا تەرەققىي قىلىپ،كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن ئىستېمالدىن چۈشۈپ قالدى.
ھازىر ئەنئەنىۋى جۇۋازچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار يوق دېيەرلىك،بولسىمۇ ساناقلىقلا. شۇنداقلا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

جۇۋازچىلىق ئادەتتە تۆۋەندىكى سايمانلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

ئادەتتىكى بىر ئېغىز ئۆي،(جۇۋاز قاتىدىغان كالا ئەركىن ھالەتتە ئايلانغۇدەك بولسا بولىدۇ ) گۇندا،باچكا،قايچا،ئوق،لەڭگەر. بوڭ،چۈلۈك،پوتلا،بويۇنتۇرۇق، ياغ قاپىقى( ياغ ئېلىش قاچىسى)،تېڭىق ئۈچۈن ئارقان،ياغاچ كۆتىكىگە ئېلىپ قويىدىغان تاش،تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان تېرە(تۇلۇم)،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.ئاساسى ماتېرىيالى بولسا ياغاچتىن ياسىلىدۇ.

جۇۋازنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى:

بىر مېتىر ئېگىز قۇچاق يەتمەيدىغان كۆتەك ئۆي ئوتتۇرىسىغا بېكىتىلىدۇ .كۆتەكنىڭ ئۈستى كەڭ،ئاستى تار قىلىنىپ،ئويۇق ئويۇلۇپ،ئاستىغا ئامۇت ياكى ئالما ياغىچىدىن ئاغزى كىچىك قورسىقى يوغان ئويۇلغان باچكا قويۇلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئاستىنقى بىر تەرىپى ئويۇلغا بولۇپ ،بۇ ماي قاپىقى (ماي قاچىسى) قويۇلىدىغان ئورۇن بولىدۇ .

مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان كۆتەك گۇندا دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاچا شەكىلدە ئۆسكەن قارىغاي ياغىچىدىن قايچا ياساپ گۇندىغا ئاچىنى تىرەپ قويىدۇ.ئاچىنىڭ كۆتىكى تەرىپىنى ياپىلاق قىلىپ،ئوتتۇرىسىغا بىر ئويۇق ئويۇپ،ئويۇققا قىلچاڭ دەپ ئاتايدىغان ياغاچنى تىك بېكىتىپ ،ئۇنىڭ ئۇچچىغا ئېچىلغان تۆشۈككە چۈلۈك ياغاچ ئويمىنى يىپ ئارقىلىق بىلەن تېڭىپ تۇرغۇزۇلىدۇ.ئاندىن ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچچىنى گۇندىدىكى باچكىغا،يۇقىرىقى ئۇچنى پوتلا ياغاچقا تېڭىپ قويۇلغان ياغاچ ئويما بۆلەك ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويۇلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قايچا(ئاچا)ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.گۇنىدىنى ئارغا ئېلىپ تۇرغان قايچا ئاچىسىنىڭ تاشقى تەرىپىگە بويۇنتۇرۇق بېكىتىلگەن بولۇپ ،بۇنىڭغا كالا قوشۇلىدۇ

جۇۋازنىڭ ئىشلەش،ماي چىقىرىش پرىنسىپى:

جۇۋازدا ياغ تارتىش مەشغۇلاتى قىلىشتىن بۇرۇن،جۇۋازغا قاتىدىغان كالىنىڭ كۆزىنى يۆگەپ،ئوراپ قويىدۇ.بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت،كالىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ۋە بېشى قېيىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.

ماي چىقىرىش ئۇسۇلى:

ماي چۈشۈدىغان باچكا ئىچىگە مايلىق دان چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،ھەيدەشتىن بۇرۇن قايچا ياغاچنىڭ كۆتەك تەرىپىگە تاش ئىلىپ قويىدۇ.تاش ئېغىرلىقى بىلەن تىك تۇرغان ئوق بەش گرادۇسلۇق يانتۇلۇق ھاسىل قىلىدۇ.كالا ھەيدەلگەندە جۇۋازچى چىگىنى ئوق ئاستىغا ئىتتىرىدۇ،ئاق تاشنىڭ ئېغىرلىقى بېسىم بىلەن چىگىتنى يانچىيدۇ.چىگىت كۈنجۈرىگە ئايلانغاندا مايلىق دان سېلىنىدۇ.جۇۋاز ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ.ئوق ئاستىدا دان يانجىلىنىدۇ.دان يانجىلىپ بۇلغاندا چىغ بېسىلىدۇ. چىغنىڭ يانجىلىش بېسىمى ئارقىلىق ياغ قاچىسىغا داندىن ماي تامىدۇ.

جۇۋازنىڭ رەسىمىي مەشغۇلات باشلانغاندا جۇۋاز ئوقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،جۇۋاز تارتقۇسى بېكىتىلگەن ئورۇنغا 200 كىلوگرام ئېغىرلىقتا قۇم تاغار ياكى تاش بېسىپ قويۇلىدۇ.

جۇۋاز ھەيدەلگەندە گۇندا قىسمىدىن باشقا بۆلەكلىرى ھەممىسى تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ .جۇۋازچى پاكىز ئادالىنىپ،ئىلمان سۇ بىلەن نەمدەلگەن ئاپتاپپەرەس،قىچا ،زاغۇن،زىغىر،كەندىر قاتارلىق مايلىق زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا باچكىغا تۆكۈپ،ئۇنى قولى بىلەن جۇۋاز ئوقىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىرىپ،ئايلىنىپ ماڭىدۇ.ياغلىق دانلار باچكا ئىچىگە ئېزىلىپ،ئاجرىلىپ چىققان ماي باچكىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى تۆشۈك ئارقىلىق گۇندىنىڭ قورساق قىسمىدىكى قاپقان ئىچىگە قويۇلغان ماي قاپىقى (ماي قاچىسى)غا توختىماي تېمىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ.

جۇۋازچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى:

جۇۋازچىلىق ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ ،شەكلى ئاددىي،ئۇنىڭدىن تارتىلغان ماي سۈپەتلىك ھەم قۇۋۋەتلىك ،تەننەرخى ئەرزان.



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 967
تۆھپە : 23
توردا: 55
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-20
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىز ھەقىقىەتەن پەخىرلەنگۈدەك ئەقىللىق كىشلەر ئىدى!


ھەرىكەت ئادەتنى بەلگىلەيدۇ،ئادەت خاراكتىرنى بەلگىلەيدۇ،

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 12:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا پەخىرلەنگۈدەك ئەنئەنىۋىي ئىجادىيەتلىرىمىز بولغان ئىدى، ئەپسۇس..... بۇلارنىڭ تەرەققىياتقا ئەگىشىپ بارا بارا ئىزى يوقالماقتا


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1384
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 52
تۆھپە : 5
توردا: 6
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مىزان ئەپەندى، سىزدىن بىر سوئال سورىسام بولامدۇ؟ مۇشۇنداق جۇۋاز ھازىر نەدە بار؟ ناھىيمىزدە بارمۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:06 , Processed in 0.126401 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش