گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 254|ئىنكاس: 6

‹كاپالەت پۇلى›› بىزنى تېلەمچىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىسۇن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
152
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  516
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1953
تۆھپە : 312
توردا: 117
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2012-9-24
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 01:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى›› بىزنى يېڭى دەۋىردىكى تېلەمچىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىسۇن!
(مۇزاتى)
       دۆلىتىمىزنىڭ كۈنىسىرى گۈللىنىشى ، ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكىسز يۇقۇرىلىشغا ئەگىشىپ، پارتىيىمىز خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ دائىرسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ،جۈملىدىن، بىر قىسىم تۇرمۇشتا قىينچىلىقى بار ئاممنىڭ قىيىنچلىقتىن ۋاقىتلىق ئۆتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان  تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ .بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيىمىز مەركەز مالىيەسىدىن پۇل چىقىم قىلىش ،يۇقىرى- تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە- ھۆكۈمەتلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش سىياسىتىنى  يولغا قويۇپ ،ھەقىقىي قيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرىكى 5 تە كاپالەتلىك ئائىلىلەرنى قۇتقۇزۇشتىن ، شەھەر -بازارلاردىكى شەھەر نوپۇستىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇشقا يەنە  تەدرىجىي  قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ شەھەر ، يېزا -بازارلاردىكى يېزا نوپۇستىكى قىينچىلىقى بار ئاممىنى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمان قىلىشقىچە كېڭەيتىپ ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسىنى  كۆپلىگەن ئاممنىڭ تۇرمۇش ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ،شۇنداقلا داۋالىنىش …قاتارلىق ئىشلىرىدىكى قىيىنچلىقىنى ھەل قىلشتىكى  مۇھىم ، كەم بولسا بولمايدىغان ‹‹ ئەڭگۈشتەر ››گە ئايلاندۇرۇپ ،پارتيە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىللىقلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا .
     ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسى بارلار مەيلى شوپۇرلۇق پىراۋا ئالسۇن ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇسۇن ، ئېغىر كېسەل بولۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالانسۇن ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇش جەھەتتە بولسۇن پايدىسىنى كۆرگەچكە  ، كۆپلىگەن ئامما ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسىنى  ئېلشقا ئىنىتىلىدىغان كەيپىيات ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنمەكتە ….
     بىلىشىمچە،  ئىلگىرى 5 تە كاپالەت ئائىلىسى دېگەن ئىسىمىدىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇراتتى ، كەنىتتىن تىزىملاش ئېلىپ بارسا ناھايىتى ئاز ساندىكى ھەقىقىي قىينچىلىقى بارلارلا تىزىملىتاتتى ،  ھەتتا بەزىلەر بۇ تىزىملىككە كىرىپ قېلىشنى ، 5 تەكاپالەت ئائىلىسى بولۇپ قېلىشىنى ھاقارەت ھېس قىلاتتى .خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قىش پەسىللىرىدە بىر قىسىم ئاشلىقى تۈگىگەن ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ قىشتىن  خاتىرجەم ئۆتۈۋېلىشغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇن- ياغ  ، كۆمۈر قاتارلىق ماددىي بويۇملارنى تارقاتسا خەلق ئىشلىرى ئىشخانىلىرنىڭ ئالدىغا ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بار  كىشلەرلا كېلەتتى ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسم كىشىلەر يەنىلا بىر خىل  خىجىللىق ھېس قىلشاتتى .لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلىدۇ . ئەمما ، پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقىتسادىي سالماقنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭدىن بەھرىمان بولىدىغان كىشلەرنىڭ سانىمۇ  يىلسىرى كۆپىيىپ بارماقتا . قارايدىغان بولساق قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتقان ۋاقىتلاردا خەلق ئىشلىرى ئىشخانىلىرىنىڭ ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانلىقى ،  يۇرتتا بىرمۇ قىينچىلىقى يوق ئادەم قالمىغاندەك ئاجايىپ تەسىراتقا كېلىپ قالىمىز .ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق شۇ ئادەملەر ئارىسىدا ياشلار، تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلار ، كادىرلارنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي تۇرالمايمىز .
     ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى مېنىڭچە ئەسلى تۇرمۇشتا ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بار، ئاساسەن  ئىقتسادىي كىرىم مەنبەسى يوق ، يىللىق كىشى بېشى كىرىمى شۇ ناھىيە ،جۈملىدىن شۇ يېزىنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىم تەقسىىماتىدىن خېلىلا تۆۋەن ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ، بىر قېتىم كىنىشكا ئالغانلار ئۆمۈرۋايەت شۇ كىنىشكىدىن پايدىلانمايدىغان ، ئىگى چاقىسىز ، تۇرمۇش قىينچىلىقى ئېغىر ، ياش جەھەتتە چوڭىيىپ بالا – چاقىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قارىماي  قويغان ۋەياكى ئائىلىسدە بىرەسى ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا بېرىلىدىغان كىنىشكا بولسىمۇ  يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە كۆپلىگەن  خېلى يۇقىرى كىرىم مەنبەسىگە ئىگە،  تۇرمۇشى ياخشى كىشلەرنىڭمۇ بۇ توپقا كىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بىر قىسىملىرنىڭ بۇ توپقا ئاللىبۇرۇن  كىرىپ‹‹ ئەڭگۈشتەر›››نى قولىغا ئېلىپ بولغانلىقىنى ، ئەتراپىدا  ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى  قىينچىلىقتا قالغانلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ  قىلچىمۇ تەپ تارتماي ياكى خىجىل بولماي   ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئىچىدە شۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ .قىزىق يېرى بەزى كىشىلەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىكى تېراكتور ، موتىسكىلىتلارنى سېتىۋېتىپ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپەلەت پۇلى ئېلىش ئۆلچىمىگە چۈشۈش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقى يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىن تۇرمۇشنى  شۇ كىنشكىگە باغلاپ ئۆزىنى تاشلىۋىتىپ ھورۇنلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىدەك ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدىغان رىئاللقنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرۋاتىمىز .
  دېمەك،  ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشىكىسى خېلى كۆپلىىگەن كىشىلىرىمىزنى ئىلگىرىلەشتىن ، ئالغا بېسىشتىن توختىتىپ ، مەڭگۈ ئاشۇنداق تايىنىۋېلىپ ياشاش ئىدىسىيگە ئىگە قىلىپ قويىدىغان پاسسىپ كەيپىيات خېلىلا ئومۇمىيلىشىپ قالدى.
    ھازىر بىرقىسىم يىزا ئاساسى قاتلام  كەنىت كادىرىلىرىنىڭ كادىرلىق قىلىش مۇددىئاسى  خىزمەت قولايلىقىدىن ،شۇنداقلا قىسمەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىنى ، ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ، يېقىنلىرىنى  ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش ئوبېيكتى قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتىكى ھەر خىل‹‹ كۆرۈنمەس ››يۇچۇقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ .
    بەزىلەر بۇ كىنىشكىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئىسىتلى دۇرۇس  بولمىغان  كادىرلار  بىلەن تىل بىركتۈرۈپ ،تەكشۈرگىلى كەلگەنلەرنى كونا ئۆيلەرگە باشلاپ كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرنى سادىر قىلۋاتقان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس .بىر  قانچە  كۈننىڭ  ئالدىدا  يىزىمىزنىڭ  مەلۇم كەنىتىدە 100مىڭ يۈەنلىك تۈگىمەن قۇرغان بىر  دىھقاننىڭ  پۈتۈن  ئائلىسى  بۇيۇنچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنشكىسى  ئالغانلىقنى  يەنە  بىر  بىر  دېھقاننىڭ  بىر قانچە پەرزەنىتنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ يىزا بازىرىدا  بىر  قانچە ئىغىز  ئجارە دۇككنى  تۇرۇپ    نوپۇسقا  ئەڭ  تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلىقنى  باشقىلاردىن ئۇقۇپ ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم .
      شۇنداق، ئالسا  ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى  ئالىدۇ . لېكىن ئىلشىقا  تىگىشىلىك  ئادەملەر  ئىلىشى كېرەك . قارايدىغان بولساق ئەتىراپىمىزدا ھىلىمۇ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى خىلىلا ئغىرلار بار  ،ئۇلار  ئقتىسادى جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان بولسىمۇ ھىچكىمگە  دادلىماي  تىرىشىپ -  تىرمىشىپ ئىشلەپ ، ئۆزى يىمەي ، ئۆزى كىيمەي  ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن   باللىرىنى ئۇقۇتۇش    يولىدا  تىنمىسىز جاپا چىكىۋاتدۇ ، خۇددى بۇ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كىلىدىغاندەك .
    قىسىقىسى، نۆۋەتتە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىلش كىنشكىسىگە ئىگە بولۇش جەمىيەتتە  بىر تۈرلۈك قىزق تېما بولماقتا .بۇ كىنشكىمۇ ھەققەتەن بىر‹‹ ئەڭگۈشتەر››گە  ئايلنىپ قالدى  . كنىشكىگە ئىگە بولغانلار كۆپ ئشلاردىن غەم قىلمايدىغان بولدى .لىكىن  ھەقىقى قىينچىلىقى تۇرۇپ بۇ‹‹ ئەڭگۈشتەر››گە ئىرىشەلمىگەنلەرچۇ ؟ ئۇلار قاچان پارتىيە ھۆكۈمەتىنىڭ بۇ ‹‹ئەڭگۈشەر››ىگە ئىرىشىدۇ .
      شۇڭا ، بۇ خىزمەتكە قارىتا يۇقۇرىدىن تۆۋەنىگىچە يەنىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، كەسىپى خادىملارغا بولغان  تەربىيلەش ،باشقۇرۇش ، ئەمىلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ،   ھەقىقى ئىشلەپ ، ئەمەليەتكە يۈزلنىپ ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ  ، ئىللىقىلىقىنى ھەقىقى    مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلسا ھەمدە بىر قىسملار تۇرمۇشى باياشات تۇرۇپ ،ھەقىقى قىينىچىلىقى بارلاردىن بۇ ‹‹ئەڭگۈشەر››نى سۆڭەك تالاشقان ئىتتەك تالىشىپ يۈرمىسەك .   
نامراتلىقنى تالاشمايلى، تىلىمەيلى، ئۇنى نومۇس دەپ بىلەيلى!
ھالال ئەجىر بىلەن ياشاشقا ، بېيىشقا ئىنتىلەيلى!
‹‹ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى›› بىزنى يېڭىى دەۋىردىكى  تېلەمچىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىسۇن!


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
كۆسەنى + 5 + 10 + 5
ئەتىرگۈل + 5 + 10 قوللايمەن!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10  تىللا + 20  تۆھپە + 5   باھا خاتىرىسى

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 967
تۆھپە : 23
توردا: 55
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-20
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:38:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،ماددىي نامىراتلىقتىن روھىي نامىراتلىق بەك يامان...


ھەرىكەت ئادەتنى بەلگىلەيدۇ،ئادەت خاراكتىرنى بەلگىلەيدۇ،

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 12:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ناھايىتى قايىدا ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ، دېمىسىمۇ ھەقىقەتەن قىينچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزماي بولمايدۇ، ئەمما ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، مۇشۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت كېنىشكىسى بارلارنىڭ زادى قانچىسى ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك ھەقىقەتەن تەس. بازى يەرلەردە تېخى ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بارلار بىرياققا قايرىلىپ قېلىپ، خېلى دۆلەتمەن ئائىلىلەر«نامرات» بولىۋالماقتا، خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرى بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالمامدىغاندۇ؟.....
ياردەم دېگەن دەل جايىدا بولغىنى ياخشى، بۇنداق نامراتنىڭ رىسقىغا چاڭگال سالىدىغان نومۇسسىز قىلمىشلار قاچانمۇ تۈگەر ھە؟


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  732
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1898
تۆھپە : 34
توردا: 108
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 18:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  ناھايتى ئويلانغېدەك تېما بۇلۇپتۇ ،دېمىسمۇ «نامراتلار»قايرىلىپ قېلىپ  كاپالەت دائىرسگە شەرتى توشمايدېغانلار  ناھاينى كۆپ،  بۇنۇڭغا  .........................؟


Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3010
تۆھپە : 107
توردا: 196
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 11:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈۋەن تۇرمۇش پۇلىسى بەزىلەرنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرسا يەنە بەزىلەرنى ھۇرۇنلۇق يۇلىغا سۆرەپ كىرمەكتە . مۇشۇنىڭغا قارتامۇ مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى بىكىتىش كېرەك .


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  714
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 507
تۆھپە : 4
توردا: 33
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-9-13
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 21:42:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر شۇجى ،كەنىت كادىر لار نىڭ  ئۇرۇق تۇققانلىرى  بار،توۋەن تۇرمۇشى  پۇلسدا.ھەققى نامرات    دىھققانلار بۇنىڭ سرتىدا


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  391
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 731
تۆھپە : 34
توردا: 71
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-26
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىم يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 21:42
ھازىر شۇجى ،كەنىت كادىر لار نىڭ  ئۇرۇق تۇققانلىرى  بار، ...

ھەقىقەتەن توغرا گەپ قىپسىز، دىمىسمۇ   ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بارلار بىرياققا قايرىلىپ قېلىۋاتمامدۇ.  


ئۈزىڭىزدە بار نەرسىلەرنى قەدىرلەڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 11:35 , Processed in 0.163572 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش