گۈلباھار ئاشىق ماڭا
(ناخشا تېكستلىرى)
ئەنۋەر مۇھەممەد ئەرتۇغ
چىن سۆيگۈڭدىن مەسىت بولاي
قايتقىنىمدا خوشلىشىپ،
ئېتىزلىقتىن ئاي بىلەن.
يول بويىدا ساقلاپسەن،
مېنى نىگار چاي بىلەن.
يۈرەكلىرىم شادلاندى،
ئىچتىم شەربەت چېيىڭنى.
پىيالەڭگە جەملەپسەن،
ماڭا سۆيگۈ-مېھرىڭنى.
تەشنالىقىم ئالجىتتى،
ماڭا تېزدىن جاۋاب بەر.
چىن سۆيگۈڭدىن مەست بولاي،
لەۋلىرىڭدىن شاراب بەر.
كۈلۈپ ياشا
سۈرت يېشىڭنى، بولما زىنھار دەرگۇمان،
كۈلۈپ ياشا، غەم پەنجىدىن بول ئازات.
ئەتراپ رەڭدار گۈلگە تولغان گۈلىستان،
كەل يېنىمغا، ماڭا چاپسان قول ئۇزات.
بەر قولۇڭنى، ئالغا قاراپ تەڭ قەدەم،
تاشلاپ دادىل بىرگە مەنزىل ئاشايلى.
ئەجرىمىزدىن يورغا يىللار بوينىغا،
چىن مۇھەببەت گۈلدەستىسى ئاسايلى.
قىل تەبەسسۇم، ۋاپادارلىق ئاپتىپى،
راسا سۆيگەن بەرگلەردىن كىيىپ تاج.
جۇلالانغاي پەسلىمىزنىڭ باھارى،
ھايات شۇنداق مىنۇتلارغا ئەڭ مۇھتاج.
نەقرات:
قىل تەبەسسۇم، غەم پەنجىدىن بول ئازات،
كەل دىلبىرىم، ماڭا تېزدىن قول ئۇزات.
گۈلباھار ئاشىق ماڭا
جۇت-ئاياز كەتكىن يىراققا،
گۈلباھار ئاشىق ماڭا.
مەڭگۈلۈك يارىم مېنىڭ ئۇ،
قىلمىغىن يار رەشك ماڭا.
سۆيىمەن گۈلنى، باھارنى،
سۆيگۈ چىن ۋاپا بىلەن.
زارىقىپ كۈتكەن ئۇنى مەن،
چۈنكى كۆپ جاپا بىلەن.
كەلسە ئۆز بەختىم قولۇمغا،
تەلمۈرۈپ تۇرما قاراپ.
نەۋباھار پەسلىدە شۇنداق،
بولىدۇ ھالىڭ خاراب.
گۈلچى يار
گۈلچى يارىم، گۈل يارىم،
گۈل پۇرايدۇ تىنىقىڭ.
جاراڭلار شوخ كۈي-ناخشاڭ،
كۈلكە ئوينار زىنىقىڭ.
كىرگىنىمدە شۇراڭدىن،
گۈلدە مېنى باغلىدىڭ.
سىغماس دىلغا شوخلىقىڭ،
يۈرىكىمنى داغلىدىڭ.
ئىشچانلىقىڭ مەڭدەتتى،
بېغىڭ گۈللەر كېنىمۇ؟
بىلەلمىدىم، ئېيىت يارىم،
گۈل پۇرايمۇ، سېنىمۇ؟ [ئاپتور: باي ناھىيە جىنيۈەن(ئالتۇن باغچە) ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق]
(مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» 2012- يىللىق 2-سانىدىن) |