تىلىكىم
غالىپ مامۇت
ئۇيغۇر قىزلىرى
ئېسىمىزدىن چىقمىسۇن ئاتىلارنىڭ سۆزلىرى،
كۆمۈلمىسۇن ئەبەدكە ئەجدادلارنىڭ ئىزلىرى.
كەلگۈسىمىز پاكلىقتىن قوياش كەبى پارلىسۇن،
ئويغىنىڭلار ئۇيقۇدىن گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى.
ئۇيغۇر دېگەن ئۇيۇشقاق ئەلمىساقتىن نامى بار،
دەرس بېرەر ئەخلاقتىن، ئەلگە ئاڭا چامى بار.
خىجىل قىلار ئاينىمۇ ساغلام ئەقىل، رۇخسارى،
ئۇيغۇر قىزى ئۇياتچان، چىۋەر-چاققان پەمى بار.
ئۇيغۇر قىزى ئەزەلدىن يۈزى تۆۋەن-ئىپپەتلىك،
قىزلار ئۈچۈن ئىپپىتى ھاياتتىنمۇ قىممەتلىك.
ۋىجدان بىلەن ياشايلى، ئەۋلادلارغا يول ئېچىپ،
پاك سۆيگۈدىن ئائىلە بولسۇن ئىللىق، بەرىكەتلىك.
ئانامنى ئەسلەپ
ھېيت كېلىپ، ئۆزۈمچە كۆڭلۈم بۇزۇلدى،
كەلمەسكە كەتكەن شۇ ئانامنى ئەسلەپ.
غېرىبلىق يەتتىمۇ يىغلاپ تاشلىدىم،
گاھىدا ئۈن سېلىپ، گاھىدا پەسلەپ.
بىر ئۆمۈر «بالام» دەپ ئۆتكەن شۇ ئانام،
ئۇشتۇمتۇت كەتتىغۇ بەش يىل مۇقەددەم.
مىڭ ئەپسۇس! قەدرىگە يەتكەندە ئۇ يوق،
«ئاھ ئانا! ئىچىڭ» دەپ بەرسەممۇ زەمزەم،
مېھرىبان شۇ ئانام ھايات بولسىدى،
باش ئۇرۇپ يىقىلسام ئاياغلىرىغا.
ئاچچىقى چىقسىلا مەن ئاڭا رازى،
قول باغلاپ تۇراتتىم تاياقلىرىغا.
ھەر كۈنى، ھەر كېچە چۈشلىرىمدىمۇ،
يىغلايمەن مېھرىبان ئانامنى ئەسلەپ.
ئانامدىن ئايرىلىپ بوينۇم قىسىلدى،
يېتىملىك دەردىدە قالدىمغۇ سۆزلەپ. (ئاپتۇر: شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيولى كۇچا ناھىيە تۇزلۇق ئېقىن يول ھەققى ئېلىش پۇنكىتىدىن)
(مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» 2012- يىللىق 2-سانىدىن)
|