گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 1

مىسرالاردا ھىجراننىڭ ئىزى (زۆھرەگۈل مەتنىياز)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

يوقلىما
79
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4058
تۆھپە : 300
توردا: 51
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 19:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىسرالاردا ھىجراننىڭ ئىزى

زۆھرەگۈل مەتنىياز

يوقالغان سۆيگۈ

تونۇشتۇق شۇ گۈزەل ئايدىڭ ئاخشامدا،
سىرداشتۇق، قول تۇتۇپ دىلدىن دوست بولدۇق.
چىن سۆيگۈ كۈيىنى ئېيتىشىپ بىرگە،
مۇڭداشتۇق، ئۆز-ئارا دەردلەر تۆكۈشتۇق.

قالمىدى دىللاردا زەررىچە تۈگۈن،
مۇھەببەت ئىشقىدا كۆيدى يۈرەكلەر.
قالدۇردۇق يوللاردا ساناقسىز ئىزلار،
بەختتىن يايرىدى تەشنا قەلبلەر.

تۇيۇقسىز كەلگەندە ئۆلۈم خەۋىرىڭ،
بولدىغۇ بۇ ئالەم ماڭا گۆرىستان.
ئايرىلىش ئازابى ئەزدى يۈرەكنى،
قاراڭغۇ بىلىندى بۇ گۈزەل جاھان.

چىدالماي ئايرىلىپ قېلىشقا سەندىن،
يىغىدىن قىزاردى نۇرلۇق كۆزلىرىم.
قىينالدى ئازابتا يۈرىكىم مېنىڭ،
تەقدىرگە تەن بەرمەي نېمە ئىلاجىم.

«سۆيىمەن بىر ئۆمۈر سېنى» دەر ئىدىڭ،
نە ئۈچۈن تەرك ئېتىپ كېتىسەن مېنى؟
ئېلىپ كەت قەلبىمنى؛ بىللە ئېلىپ كەت،
شۇ تاتلىق قەسەملەر- ۋەدىلەر  قېنى؟

سۆيگۈمنى مەن ساڭا مەڭگۈلۈك بەرگەچ،
قانداقمۇ ئۇنتۇيمەن كۆيگەن  نىگارىم.
مەڭگۈلۈك بىر جۈپ بوپ ئۆتەيلى بىز دەپ،
دىلىمدا سەنلا بار، ئەسلەيمەن جېنىم.

ھىجران

«خوش» دېدىم سەھەردە ئۇزىتىپ سېنى،
ياشلاندى جۈپ كۆزۈم قىيالماي ساڭا.
ۋىسالىڭ ئىشقىدا قىينالدى جېنىم،
كەتتىڭغۇ جانانىم تاشلاپ ھىجرانغا.

تەلمۈردۈم كەينىڭدىن، قايتىپ كېلەر دەپ،
ۋە لېكىن كەلمىدىڭ، كەتتىڭ يىراققا.
قولۇمنى ئۇزاتسام مېھىرلىك بېقىپ،
قانداقمۇ چىدارمەن ھىجران-پىراققا.

يۈرەكلەر ئېزىلدى شۇدەم ھىجراندا،
ئازابلار چىرمىدى نازۇك قەلبىمنى.
نە ئۈچۈن بۇ دەردلەر كېلىدۇ باشقا؟
خارلىدىڭ نىگارىم مېنىڭ سۆيگۈمنى.

ئاھ ئۇرۇپ ئىشقىڭدا چەكتىم كۆپ ھەسرەت،
چىدالماي ئايرىلىپ كېتىشكە سەندىن.
ياشلىرىم تۆكۈلدى يامغۇردەك گويا،
قاچانمۇ قۇتۇلار كىشى بۇ غەمدىن؟

كەتتىڭ سەن يىراققا، يوقالدى سايەڭ،
ۋە لېكىن ئۆچمىدى قەلبىمدە پىراق.
كۈتىمەن بىر ئۆمۈر سېنى نىگارىم،
گۇۋاھدۇر ئاي، يۇلتۇز، بۇ ئانا تۇپراق.

ئارىدىن ئۆتتى كۆپ يىل، ئاي، ۋە كۈنلەر،
كۆرۈشكە ئىنتىزار بولدۇم نىگارىم.
تىلغىدى قەلبىمنى ھىجران ئازابى،
قاچانمۇ يېنىمغا كېلەرسەن جېنىم.

بەخت

بەخت دەپ  تۇغۇلدۇم ئۇشبۇ ئالەمگە،
بەخت دەپ تونۇشتۇم سەن بىلەن جېنىم.
بەخت دەپ يۇمىمەن كۆزۈمنى ئاستا،
بەخت دەپ يايرىدى شادلىقتىن تېنىم.

بەخت دەپ ئۇرغۇيدۇ ھەر تامچە قېنىم،
بەخت دەپ يايرايدۇ كۈلكەڭدە تېنىم.
بەخت دەپ ئوقۇدۇم سۆيگۈ نەزمىسى،
بەخت دەپ سۆيىمەن لېۋىڭگە جېنىم.

بەخت دەپ ئېيتتۇق بىز سۆيگۈ ناخشىسى،
بەخت دەپ كۈيلىدۇق گۈزەل ھاياتنى.
بەخت دەپ ياڭرايدۇ ھەر كۈي-مۇزىكا،
بەخت دەپ كۈلدۈردۇق جىمى جاھاننى.

بەخت دەپ چېلىنار بىز ئۈچۈن چاۋاك،
بەخت دەپ ئېيتىلار بىز ئۈچۈن ناخشا.
بەخت دەپ چۈمۈلدۇق سۆيگۈ نۇرىغا،
بەخت دەپ قىلىنار بىز ئۈچۈن ناۋا.

بەخت دەپ ياشىدۇق ئۇزاقتىن-ئۇزاق،
بەخت دەپ مۇھەببەت كۈيى ياڭراتتۇق.
بەخت دەپ ئۆلسەكمۇ قالماس ئارمانلار،
بەخت دەپ شادلاندۇق، كۈلدۇق، يايرىدۇق.

بەخت دەپ كۈلىشەر سەبىي يۈرەكلەر،
بەخت دەپ جاراڭلار كۈلكە ساداسى.
بەخت دەپ ئويغىنار تەشنا قەلبلەر،
بەخت دەپ ياڭرايدۇ نەغمە-ناۋاسى.


بەخت دەپ ئېچىلدى ھەر بىر تال غۇنچە،
بەخت دەپ سۇنۇلدى ھەر دەستە گۈللەر.
بەخت دەپ مەڭگۈلۈك بولسۇن جۈپ گەۋدە،
بەخت دەپ شادلىقتا ئۆتسۇن بۇ كۈنلەر.
(ئاپتور: باي ناھىيە بۇلۇڭ يېزىلىق سۇ باشقۇرۇش پونكىتىدا)
(مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» 2012- يىللىق 2-سانىدىن)

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1213
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1016
تۆھپە : 12
توردا: 82
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 23:39:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
  ۋۇي دۇستۇم زۇھرەگۈل شېئر دىگەنى يىزىپ قۇيدكەنسىزغۇ ، مەن سىزنىڭ شېئر ڭىزنى مۇنبەردە كۈرۇپ ناھايتى خۇش بۇلدۇم .....................
تىما ئىگسگە كۆپ رەخمەت !!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 11:34 , Processed in 0.140759 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش