ھەسرەت تامچىسى
زۆھرە نىياز
رومكامدا لىپمۇ-لىق ئازاب تامچىسى،
ئىچەيمۇ ۋە ياكى تۈكىۋېتەيمۇ؟
كېچىنىڭ كۆزىدە كۆيگەندە يۈرەك،
مەن كەبى پەرىشان غەمخانە بارمۇ؟!
ئەسلىرىم تىترەيتتى يوپۇرماق كەبى،
باھارنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرىدا.
مۇڭلىنىپ تۇراتتى تەنھا سېرىنگۈل،
بىز تۇرغان شۇ غېرىب ئىشىك ئالدىدا.
تېلېفوندىن كېلىدۇ ئازابلىق بىر ھىد،
ھىجرانلىق تۈنلەردىن بېرىپ بىشارەت.
بۇقۇلداپ يىغلىدىم بېرەلمەي بەرداش،
ئۆلۈمنىڭ باغرىنى باغاشلاپ بىر پەس.
يوق لېكىن يېنىمدا بىرگىنە سىرداش،
كېچىنىڭ باغرىغا يىقىلدىم يەنە.
كۆرمەيدۇ ھېچكىممۇ ئازابلىرىمنى،
سۇلماقتا ھاياتىم ئەجەب خۇپىيانە.
ئاتتىم مەن روھىمنى يىراق دېڭىزغا،
بۇژغۇنلاپ قاينىدى دېڭىز سۈيىمۇ.
نەقەدەر سۆيۈملۈك تەنھا ئاۋازىم،
بىلمىدىم بۇ قەدەر كىمنىڭ كۈيى بۇ؟
تىكىلدى كۆزلىرىم تىنىق ئاسمانغا،
ئۇچماقتا خۇشناۋا پەسىل قۇشلىرى.
ئوخشايسەن ئوغلۇمغا شۇ قەدەر سەبىي،
ئېلىپ كەت يىراققا ئارمانلىرىمنى.
(ئاپتور: باي ناھىيە ياقائېرىق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)
(مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» 2012- يىللىق 2-سانىدىن) |