يورۇق پەرۋازغا سىلكىندىم
قەھرىمان روزى ئەرچىن
جېنىم سىلكىندى ئەسلەرنىڭ كۆزى تۈندەك قاراسىدىن،
يۈرۈپ دەشتلەردە قەلبىڭگە سىڭىپ كىرمەك بالاسىدىن.
قاناتتىن قايرىلىپ قالسام سېنىڭ شەيدالىقىڭ رىغبەت،
يورۇق پەرۋازغا ئايلاندىم ۋىسال ئىشقى داۋاسىدىن.
خىياللار تەشۋىشى دەھشەت، مۇھەببەتتىن ئاگاھ بولسام،
پۈتۈمنى بۇزغىلى بولماس يورۇق پەرۋاز چالاسىدىن.
قاتار ئەسكەن شاماللاردىن يۈرەكىڭ تىۋىشى كەلسە،
خالاس بولسام قوقاسلانغان قارا ھىجران ياراسىدىن.
سىناپ كەلدىڭ ئايا دىلبەر ئىشىقنىڭ ئىمتىھانىدا،
سەپەردىن پايسىنارىم يوق، ۋە يا كەچمىش قازاسىدىن.
(مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» 2012- يىللىق 2-سانىدىن) |