مۇنبەردىكلەرگە
رەخمەت سىزگە كۆپتىن كۆپ،
مۇنبەردىكى ئەي تاھىر. [جان]
مۇنبەرنىڭ ئشلىرغا،
ئىكەنسىز سىز بەك ماھىر.
سورىسام گەر مەن يەنە،
كىتەرسىزمۇ تىرىكىپ.
بىلمىگەننى سورايمەن،
قالماڭ ھەرگىز زىرىكىپ.
سۇيۇملۇك ھەم جاپاكەش ،
ئوقۇتقۇچۇم يادىمدا.
تۇرسۇن ئۇستازنى مۇنبەردە،
كۆردۈم ئەڭ ئالدىدا.
ئۇستازىم سىزگە مەڭگۈ،
تىلەيمەن ئامانلىق.
سىز بولغاچقا دۇنيادا ،
بۇلار ھەممە ياراملىق.
ئەلى ئسملىك بىر ئاكاش،
تۇرۇپتۇ كۆل بۇيىدا.
يىراقلارغا نەزەر سېپ،
نىمە باردۇر ئۇيۇدا
گۇللەر ئارا تاللىسام،
ئەتىرگۈلنى تاللايمەن،
سىز بىلەن ئەي ئەتىرگۈل،
دوس بۇلۇشنى خالايمەن.
مۇنبەردىكى ئەرتۇغجان،
ئىسمىڭىز بەكمۇ غەيرىكەن.
چۈشنەلمەي ئالىيەقىز،
ھازىرغىچە ھەيرانكەن
باركەن يەنە مۇنبەردە،
ئېسىل سۈپەت ئاتامان .
چاقچاقلىرى ئۆزگىچە،
ئىسمى ئاندىن قاملاشقان.
ئىسمىڭز بەكمۇ ياخشىكەن،
چوغدەك لاۋۇلداڭ چوغلان.
ئەل ۋەتەننىڭ ئالدىدا،
بۇلۇڭ ياراملىق ئوغلان.
چىمەنلەرگە ئامراقتىم،
مۇنبەردىمۇ بار ئىكەن.
غۇنچە بويلۇق چىمەن قىز،
بۇلۇڭ مەڭگۈ سىز تىمەن.
مۇنبەردىكى كاپىتان،
دېڭىزلاردا يۈرەمسىز
تۇتۋالسىڭىز بىرەر كىت
بىزگە ئالغاچ كېلەمسىز.
بىلىپ قالدۇق ئابدۇغېنى،
ئاچچىقىڭىز شۇنچە يامانمۇ؟
،كۆرۈنمەيسىزغۇ ئەجەپ ،
ئالتۇن بويڭىز ئامانمۇ؟
ئىسىم قۇيۇپسىز كۈيچى دەپ،
كۈي قېتىپمۇ قۇيامسىز.
كېلىپ قالدۇق مۇنبەرگە،
بىزنى قارشى ئالامسىز.
ئۈزۈم بايلىق بولغاچقا،
كىلىپ قالدىم مۇنبەرگە.
ئەزا بولسام ماڭا،
ئورۇن بارمۇ بۇ يەردە.
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولغان ئىدىم .تۇنجى قەدىممنى مۇشۇ قاملاشمىغان شېىئرچاق بىلەن باشلىدىم .بىر ىئككىڭلار بىلەن تۇنۇشقان بولساممۇ باشقىلىرىڭلارنى تېخى تۇنۇمايمان .شۇڭا مۇنبەردىكى ئسمىڭلارغا ئاساسەن بەزىلەرگە قوشاق تۇقۇپ قويدۇم.يەنە چاقچاقمۇ قىلىپ قويدۇم . كۆڭلۈڭلەرگە ئالماسسىلەر. بەلكىم ئملا خاتالىقى بۇلشى مۇمكىن .ھەممىڭلارنىڭ توغرا چۈشنىشنى ئۈمۇت قىلمەن.مۇنبەرنىڭ ئشلىرغا مەن تېخى چولتا، شۇڭا ھەممىڭلارنڭ ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلىشنى ئۈمۈت قىلمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاھىرجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 11:14