گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 6

خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى.(ئاياللار چۇقۇم كۈرۈڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
6
تېما
16
قىزغىنلىق
150
تىللا
146
تۆھپە
42
توردا
41 سائەت

تىرىشچان ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 20:37:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1. خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى. ئەتىسى، ئۇ خۇسۇسى رازۋىتچىك ئەترىتىگە كىلىپ ، ئىككى مىڭ سوم خەجلەپ، رازۋىتچىك ياللاپ ،تاپتىن چىققان ئىرىگە ئائىت ئىسپات ماتىرياللارنى توپلىدى. بىر ھەپتىدىن كىيىن ئېرى سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋالدى، خوتۇنى ئاجرىشىش توغرىلىق ئېرى ئۈستىدىن ئەرز قىلغانىدى، ئاخىرىدا ئېرى گۇناھكار ھىساپلىنىپ، ئۆي ، ئائىلە سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى خوتۇنىغا بۇيرۇپ بىرىلدى .
مانا بۇ بېيجىڭلىق خوتۇن
2 . خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ، ئۇ ساتراشخانىغا بېرىپ چىچىنى بۈدۈر قىلدۇردى ، چۈشتىن كىيىن ، ھۆسنىخانىغا بېرىپ يۈزىنى تازلىتىپ قايتقاچ، ماگازىندىن چىرايلىق ئىچ كىيىم سىتىۋالدى . كەچتە ئوبدان تاماق ئەتتى ، بۈگۈن جەمئى 400 سوم خەجلىدى . ئېرى كەچتە ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ، خوتۇنىنىڭ گۈزەل ،جەلىپكار ھالىتىنى كۆرۈپ ،ھەيران بولغىنىدىن ئاغزى ئىچىلىپلا قالدى .ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزىدىن گۇمان قىلدى ھەمدە بۇندىن كىيىن خوتۇنىدىن بىر ئۆمۈر ئايرىلمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى. بىر ھەپتىدىن كىيىن خوتۇنى << مەن ئالا كۆڭۈل ئېرىمنى قانداق قىلىپ ئۆزۈمگە قارىتالىدىم >> ناملىق بىر پارچە ماقالە يىزىپ چىقتى ، ماقالىسى ژورنالدا ئىلان قىلىنغاندىن سىرت، 500 يۈەن قەلەم ھەققى ئالدى.
مانا بۇ شاڭخەيلىك خوتۇن .
3 .  خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى. ئەتىسى، چىچىنى چىرايلىق ياسىتىپ ، تۇنجى سۆيگىنىگە تېلفۇن قىلدى: << ۋەي ، مىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟ ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى ، بۈگۈن كەچتە ۋاختىم بار...>> شۇنىڭ بىلەن ئېرى سىرىتتا پوخۇرلۇق قىلىپ يۈردى ، خوتۇنى ئۆيدە تۇنجى سۆيگىنى بىلەن بىرگە بولدى .
مانا بۇ گۇاڭدوڭلۇق خوتۈن .
4 . خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى. ئەتىسى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۆيلەرنى رەتلىك يىغىشتۇرۇپ ، ئېرىنىڭ كىيىملىرىنى قاتلاپ ، ئېرىگە دورىسىنى ۋاختىدا ئىچىشنى تاپىلاپ خەت قالدۇرۇپ قويۇپ ، ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى . كىيىن ئېرى ئۆيگە قايتىپ خوتۇنىنىڭ سەمىمىلىكىنى بايقاپ ، قىيناپىسىنىڭ  ئۆيىگە بىرىپ ، گۇناھىنى تىلەپ ، خوتۇنىنى قايتۇرۇپ كەلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن خوتۇنى بىلەن ئىناق ئۆتۈدىغانلىقى توغرىلىق قەسەم قىلدى.
مانا بۇ سىچۈەنلىك خوتۈن .
5 . خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى. ئەتىسى، ئۇ ئۆيدىكى پىچاقنى ئوبدان بىلەپ مەيدىسى ۋە دۈمبىسىگە بىردىن تىڭىپ ، ئېرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولدى . كۆڭلىدە : << خەپ ، يا سەن ئۆلىسەن ، يا مەن ئۆلىمەن >> دەپ قەسەم قىلدى . كىيىن ئېرى خوتۇنىغا ئەگىشىپ ياۋاشلىق بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدى .
مانا بۇ خۇنەنلىك خوتۇن .
6 . خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە يەڭلىرىنى تۈرۈپ ئاشخانىغا كىردى. ئادەتتە بىر ۋاخ تاماققا بىر چىنە سۈيۈق ئاش بىلەن بىر پوشكال يەيدىغان خوتۇنى ، بۈگۈن ئىككى چىنە سۈيۈق ئاش بىلەن ئون پوشكالنى يەۋىتىپ قورسىقىنى  سىلىغىنىچە كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ، ھۆڭرەپ يىغلىدى: بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلىمەن ؟.... ئېرى ئاشنا تۇتقانلىق سەۋەپلىك ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلمىدى . يىرىم يىلدىن كىيىن ئېرى خوتۇنىنىڭ چوشقىدەك سەمىرىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئاجرىشىش تەلىپى قويدى.....
مانا بۇ شەنشىلىك خوتۇن .
7 . خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى. ئەتىسى ، ئەتىسى ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يىغلاپ يىتىپ كەلدى ھەمدە ئىشنىڭ جەريانىنى ئىنىسىغا ئۆز ئەينى سۆزلەپ بەردى. ئىنىسى نەۋرە ئاكىسىنى باشلاپ ، ھەدىسىنىڭ ئىرىنى يولدا ساقلاپ تۇردى....كىيىن يۈز - كۆزى كۆكۈرۈپ ئىششىپ كەتكەن ئەر سوتقا ئەرز سۇنۇپ ئاجرىشىپ كىتىدىغانلىقىن ئىيىتتى. ئۇلارنى ياراشتۇرۇشنىڭ ئۈنىمى بولماي ، ئاخىرى ئاجراشماقچى بولدى، ئائىلە بىساتى ئىككى تەرەپكە تەڭ تەخسىم قىلىندى ھەمدە خوتۇنى ئېرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى كۆتۈرىدىغان بولدى .
مانا بۇ شەرقىي شىماللىق خوتۇن .
8 . خوتۇنى بىر كىچە ئۇخلىمىدى. ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئېرىنىڭ ئىدارىسىغا يىغلاپ بىرىپ ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ئاشۇ ياش ساھبجامال بىلەن بولغان ئىشلىرىنى ئىچىۋەتتى ، ئىدارىدىن ئەرگە جازا بەرمەكچى بولدى . كىيىن ئەر خوتۇنىغا ئاجرىشىدىغانلىقىن ئىيىتتى، ئاجرىشىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئېرى ھىكىقى چىرايلىق خىنىم بىلەن توي قىلدى .
مانا بۇ شەندوڭلۇق خوتۇن .
مەنبە؛ۋارىسلارمۇنبىرى


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
63
تىللا
100
تۆھپە
10
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 22:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتا كىرىپ قاپتىمەن ئاستا قاچاي


Rank: 1

تېما
4
قىزغىنلىق
53
تىللا
122
تۆھپە
18
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 15:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭلىق خوتۇننىڭ يوقمىكەن؟


Rank: 3Rank: 3

تېما
13
قىزغىنلىق
325
تىللا
1350
تۆھپە
185
توردا
106 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 10:30:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار كۈرۈنمەيدىيا ...؟


سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش

Rank: 3Rank: 3

تېما
42
قىزغىنلىق
450
تىللا
1365
تۆھپە
270
توردا
53 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 17:52:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېلىشتۇرما ناھايىتى ياخشى بۇلۇپتۇ،بۇ مۇنبەرگە قىزلار كىرمەمدۇ نىمە،بىرەرسىمۇ ئىنكاس يازمايدىغۇ ياكى ھازىرقى قىزلار ھەممىگە بىپەرۋا قارامدۇ؟
ئىتتىپاقلىق ھەممىدىن مۇھىم،ئائىلە ئىتتىپاقلىغى جەمىيەت ئىتتىپاقلىغىنىڭ ھۈجەيرىسى،گۇمانلىنىپ كۆڭۈلنى غەش قىلغاندىن ئىناق تۇرمۇش ئەۋزەلدۇر...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulpiqar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-13 17:53  



بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
42
تىللا
127
تۆھپە
10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 16:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بولسام ئەتىسىلا ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قوياتتىم.


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
42
تىللا
127
تۆھپە
10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 16:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بولغان بولسام ئۇيقۇمنى خاتىرجەم ئۇخلاپ،ئەتىسى ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قوياتتىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 00:48 , Processed in 0.109090 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش