گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 236|ئىنكاس: 0

بىمارلار قەلبىدىكى پەرىشتە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
10
تېما
7
قىزغىنلىق
61
تىللا
124
تۆھپە
31
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 22:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىمارلار قەلبىدىكى پەرىشتە
بىمارلارنىڭ كىسىلىنى داۋالاپ ئاغرىقىغا شىپالىق بىرەلىسەم بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ شاتلىغىم  . مانا بۇ يىراق –يېقىنغا نامى تارالغان ، ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان ئېغىر بېسىق كەم سۆز بازارلىق خەلق قورۇلىتىيىنىڭ ۋەكىلى،خەنزۇ ياش دوختۇر لىيۇجاڭياڭنىڭ كىسەللەرگە  شىپالىق قۇلىنى سۇنۇپ تەسەللى بەرگەندە دەيدىغان ئاددىغىنە، ئەمما چوڭقۇر قېرىنداشلىق مىھىرى سىڭگەن  سۈزى.
  لىيۇجاڭياڭنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىنى دەل ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە شات خۇراملىق  بېغىشلىغان ھازىر قى سايرام بازىرىغا قاراشلىق ئۇچ مەھەللىسىدە ئوتتى. ھەمدە  باشلانغۇچ -ئوتتۇرا  مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىچكىردىكى بىر تىببى ئونۋېرسىتتا ئۆز خىراجىتى بىلەن دوختۇرلۇقنى ئۈگەنگەندى،ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن كوڭلىگە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ كىسىلىنى كۇرۇپ، ،ئۇلارغا مىھىر شەپقەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت يۇكسەك ئارزۇنى پۇككەن بۇ شىجائەتلىك ياش، قايتىپ كىلىپلا ئىشقا كىرىشىپ ،ئائىلىسىدە كىچىكرەك بولغان ئائىلە ئامبىلاتوريىسى ئېچىپ كىسەل داۋالاش بىلەن بولدى . بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن مەكتەپتىكى نەزىرىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق  ئۈگەنسە ،يەنە بىر تەرەپتىن ئەتىراپىدىكى نامراتلىق سەۋەبىدىن كىسەل چىرماپ، ساقىيالمايۋاتقان يۇرۇتداشلىرىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ كىسىلىنى كۈرۈپ ئۇلارغا تەسەللى بەردى.ئۇ قىسقىغىنا نەچچە يىل ئىچىدە بىمارلارغا بولغان سىلىق مۇئامىلىسى، دەل توغىرا دىئاگۇنۇز قۇيۇپ بىمارلارغا شىپالىق ئاتا قىلىشى ۋە دورا پۇلىنىڭ مۇۋاپىقلىغى  ناچار داۋالاش شارائىتىدىكى يۇقۇرى تېخىنىكىسى بىلەن ھەتتا باشقا  يېزا-ناھيىلەرگىمۇ نامى تارىلىپ ،ئەسلىدىكى كىچىككىنە ئامبۇلاتورىيىسىگە كىسەللەر سىغماي قالدىغان بولدى.
    ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا چوڭ بۇلۇپ ،ئانا تىلىدىن باشقا ئۇيغۇر تىلىمۇ تەڭ يىتىلگەن بۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتىمىز  ئۈزىنىڭ ئاجايىپ ئىقتىدارى ،خەلق جەلبىدىكى ئوبرازى، پارتىيە ھۈكۈمەتنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن دوختۇرلۇق كەسپىي كۈندىن كۈنگە يۇكسىلىپ،كەنىت ۋە بازارنى ئاساس قىلغان ئىككى ئورۇندا ئامبىلاتۇرىيە ۋە دورا دوكىنى تەسىس قىلىپ بۇ جايدا 5-8گىچە ياشنى ئىشقا قويدى. نامرات قىيىنچىلىغى ئېغىر ئائىللەرنىڭ ھالىغا يىتىپ 40مىڭ يۇئەندىن ئارتۇق  دورا پۇلىنى كەچۇرۇم قىلدى. زىمىستان سوغۇقتا ئوتۇن كۇمۇرى يوق ئائىللەرگە ئوتۇن- كۇمۇر ياردەم قىلدى.ئۇ ئۈزىنىڭ ئەنە شۇنداق سېخى مەرتلىگى، شىپالىق قۇلى بىلەن ئەجەل ھەلقۇمىدا ئىڭرىغان بىمارلارغا مىھىر شەپقەت يەتكۈزۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق كۇيىنى ياڭرىتىپ ،تىنىچ ئىتتىپاق سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى نەمۇنىچىگە ئايلىنىپ ،ناھىيە ۋە يېزا تەرپىدىن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىدىكى ئىلغار شەخىس››،‹‹مۇنەۋەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى›› دىگەن شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولدى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-14 23:17 , Processed in 0.091683 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش