گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 436|ئىنكاس: 6

قىزلار تەربىسىنى كۈچەيتەيلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
18
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1292
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 171
تۆھپە : 33
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-23
ئاخىرقى: 2012-9-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 15:57:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار تەربىيىسىنى كۈچەيتەيلى،مىللەت ئانىلىرى يېتىشسۇن!  

  

   


ئەگەر سەن بىر ئوغۇل بالىنى تەربىيىلىسەڭ، سېنىڭ تەربىيىلىگىنىڭ بىرلا ئادەم بولىدۇ. ئەگەر سەن بىر قىز بالىنى تەربىيىلىسەڭ سېنىڭ تەربىيىلىگىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولىدۇ.»                                                                     -روبي مانكان S|IDFDn  
     مائارىپتا باشلانغان ئىسلاھات بورىنىنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىمۇ ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدىغان تارىخي پۇرسەتكە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بىز تەتقىق قىلماقچى بولغان تېمىلارمۇ كۆپەيدى. بۇ بىزنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ ئەسىر ھالقىيدىغان ئىز-باسارلارنى كۆپلەپ يېتىشتۇرۇپ چىقىشىمىزدا زور ئەھمىيەتكە ئېگە. f-}_  
     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تەلىم-تەربىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇلى بولغان ئائىلە تەربىيىسىنى رۇياپقا چىقىرىش ھەققىدە كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەر ئىلىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۇشەنچىگە ئېگە قىلدى. بولۇپمۇ ساپا سېلىشتۇرمىسىدا مىللىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش، تەربىيىلەنگۈچىلەرنى يېڭى ئەسىرنىڭ كەسكىن سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىر نىيەتتە تىرىشىپ ھەمكارلىشىىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە بىزنى نەزىرىيىۋى ئاساسقا ئېگە قىلىدى. بۇ جەمئىيەت تەقەززا بولىۋاتقان، مائارىپ تارماقلىرى ئىزدىنىۋاتقان، مەكتەپلەر ئۈمىد قىلىۋاتقان مۇھىم بىر تېما بولۇپ، بۇ تېمىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى زور ئەھمىيەتكە ئېگە. *vzj (HGO  
     ھازىرقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ھالىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى بىنۇرمال قىلىقلىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا، ئىچىمىزدە ئۆكۈنمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق. نېمىلا دېمەيلى، كېلەچىكى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كۆپىنچە ھاللاردا ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى تەلىم-تەربىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇلىنى ئائىلە سالىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى ۋە خاراكتىر پىسخىكىسى ئائىلىدە شەكىللىندۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ پۇتكۈل ھاياتىغا ئاساس سالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، مەكتەپ تەربىيىسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى. H.2aoZ-w  
     ئۇنداق بولسا ئائىلە تەربىيىسىنى قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئالدىنقى شەرىت ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۇش، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر پەرزەنتنى مۇكەممەل ئادىمىيلىك سۈپەتكە ئېگە قىلىپ چىقالىشى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان ئۇلۇغ توھپىسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش بۇنچە ئوڭاي ئەمەس. چۇنكى پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، چوڭقۇر ۋە چەكسىز. بالىلارنى ئەقىللىق، ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش، ئەتراپلىق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان جىددىي ۋە ئالاھىدە مەسئۇليەتلىك خىزمەت. بۇ خىزمەت كۆپىنچە ھاللاردا ئانىنىڭ ئۇستىگە يۈكلەنگەن. <<ئەر كىشى تالانىڭ ئادىمى>> دېگەندەك، دادا كۆپىنچە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن سىرتتا يۈرىدۇ. بالىلىرى بىلەن ئارىلىشىدىغان ۋە تەربىيىلەيدىغان ۋاقتى ئانىنىڭكىدەك ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا بالىنى تەربىيىلەشتە ئانىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ساپاسى بەك مۇھىم. مىسىرلىق شائىر ھافىز ئىبراھىم (1871– 1932) بالا تەربىيىسىدىن ئاۋال ئايالنى ئەتراپلىق تەربىيىلەش ۋە ئانىلارنىڭ رولى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئانا بىر ئۇلۇغ مەكتەپ، ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن، يېتىلگەن ئانىنى بارلىققا كەلتۇرگىنىڭ، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر مىللەتنى بارلىققا كەلتۇرگىنىڭ». F;Ubdxwwl  
     ئۇنداقتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرىقى نوقتىلاردىن تونۇپ ئاڭقىرالايدىغان ئانىلار زادى قانچىلىك؟ ھازىرقى رىئال ئەھۋالدىن قارىغاندا جەمئيىتىمىزدە خېلى كۆپ قىسىم ئانىلار ئويغانغان بولىسىمۇ، لېكىن تۇغۇپ قويۇشنىلا بىلىپ، تەربىيىلەش بىلەن كارى بولمايدىغان، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن، ئىلىمي پەرزەنت تەربىيىلەش سەنئىتىدىن خەۋەرسىز، نادان ئانىلار يەنىلا كۆپ. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئۆزلىرىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسى بىلەن بەنت، يەنە بىر قىسىمى ساۋاتسىزلىق تۇپەيلى ياكى ساۋاتلىق بولسىمۇ كىتاپ ماتىرىيال كۆرمىگىنى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە بىرەر ياخشى چۆچەك ئېيتىپ بىرەلمەي، بالىلىرىنى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك مەنىۋى ئوزۇقتىن بەھرىمەن قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارغا بولغان تەربىيىنى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ كۈچەيتىش كېرەك. چۈنكى بۈگۈنكى قىزلار ئەتىكى ئانا. شۇنداقلا بىر مىللەتنى تۇغۇپ ئۆستۇرۇپ تەربىيىلەيدىغان ئانا. قىزلارنى تەربىيىلەش مۇنداقچە ئېيىتقاندا بىر ئەۋلادنى، بىر مىللەتنى تەربىيىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ. قىزلارنى تەربىيىلەش ئائىلە تەربىيىسىنى ھاياتى كۈچكە ئېگە قىلىشنىڭ خۇرۇچى. e= _7Q.cn  
     ئەمما بىزنىڭ مائارىپىمىز جۈملىدىن مەكتەپلىرىمىزدە ، قىزلار تەربىيىسىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىدى. مەكتەپلىرىمىزدە قىز-ئاياللار تەشكىلاتى خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرلۈپ ،ھەقىقى بىر ئىجتىمائىي كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۇلمىدى. ھەتتا بەزىلەر-ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قىزلار تەربىيىسىگە كۆپ كۈچەشنىڭ زۆرۇريىتى يوق، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قىزلار تەربيىسى ئانچىكى ئىش دەپ قاراپ، قىز-ئاياللار تەربىيسى خىزمىتىنى تاختىبىشىغا ئېلىپ قويغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مېنىڭچە مۇنداق قاراش تۇپتىن خاتا. ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان قىز-ئاياللارنىڭ نادانلىق ئاسارىتىدە قېلىشنىڭ سەۋەبىنىمۇ يوقسىز، نامراتلىق دېسەك، ئوقۇش ۋە تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى قىزلىرىمىزنىڭ مەنىۋى بوشلۇقىنى نېمە دەپ چۇشەندۈرىمىز؟ ئەسلىدە قىزلار تەربىيىسى بىزنىڭ تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىمىزنىڭ ئەمىلى مەزمۇنى قىلىنىشى، قىز-ئاياللار تەشكىلاتى قىزلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇنجى بولۇپ، ئۆز مىللى مەدەنىيتىنىڭ ئۇلۇغلىقى، گۈزەللىكى ۋەقۇدىرىتىدىن ئۇرۇق چېچىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس مەكتەپلىرىمىز ئۇلارغا كىتابى بىلىملەرنى، مۇتلەقلەشتۇرىۋىتىلگەن دەبدەبىلىك نەزىرىيىلەرنى زورۇقۇپ تېڭىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەردىى-يۇ، ئۇلارغا يېتەرلىك جاسارەت ئاتا قىلىدىغان، مەنىۋىي دۇنياسىنى ئويغۇتىدىغان زۆرۈر تەربىيىلەرنى بېرەلمىدى. يەنى ئۇلاردا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ، مۇناسىۋىتىنىڭ قۇدىرىتى ۋە ماھىيىتىنى تونىيالىغۇدەك ئاڭ شەكىللەندۇرەلمىدى. شۇنىڭ بىلە قىز-ئاياللار تەبىئىتى بارا-بارا قورغاقلىشىپ ئەخلاقى چېكىنىش، ئەخلاقى كىرزس كېلىپ چىقتى. قىز-ئاياللار تەبىئىتىنىڭ قۇرغاقلىشىشى بىر مىللەت روھىنىڭ قۇرغاقلىشىشى. قىزلار بىزنىڭ ئانىمىز. ئانا دېگەندە نۇرغۇن-نۇرغۇن مەنبە بار. قىزلار ئانا بولالايدىغانلىقى ئۈچۈن مۇقەددەس. ئۇندىن باشقا نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيشى، ھازىرقى دۇنيا دۈچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرى. ھەمدە 3-دۇنيا ئەللىرى ئالدىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچمۇ دەل قىز-ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۇش. (ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 94-يىلى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە تەربىيىلەنمىگەن ئاياللار %6. بالا تۇققان، تەربىيىلەنگەن ئاياللار %3.9 بالا تۇققان) شۇڭا قىزلار تەربىيىسىنى كۈچەيتىش پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىرى بىلەنمۇ، ئائىلىنىڭ ئىستىقبالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار تەربيىسىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ سىسىتېمىلىق يولغا قۇيۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى ئۆستۇرىشىمىز، ساپانى ئۆستۈرۈشتە ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تۈپ ئاساس، پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، ئىلمي سۇپەتكە، گۈزەل ئەخلاقى ساپاغا ئېگە بىر تۈركۈم قىزلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن: zLVk7u{e  
     1. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قىزلار تەربىيىسى خىزمىتى رەھبەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. y vKKE  
     2. چارە-ئۇسۇل مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا قىزلار تەربىيىسى پائالىيتىگە تەشكىللەپ، قىز-ئاياللار تەشكىلاتى خىزمىتى، مەكتەپ تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى قىلىشى كېرەك. l#%G~c8x  
     تۈزۈم شەكىللەندۇرۇش كېرەك. قىزلار تەربىيىسى مۇرەككەپ ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت. بۇ خىزمەتكە بىردەم قىزىق، بىردەم سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشقا بولمايدۇ. ئەكسىچە چوقۇم ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ تۈزۈم جەھەتتە كاپالەتكە ئېگە قىلىش ناھايىتى زۆرۈر. بولۇپمۇ، ئاياللار بىرلەشمىلىرى، پىلانلىق تۇغۇت، قىز-ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئالاقىدار فونكىتسيەلىك تارماقلار ۋە مەكتەپ مەسئۇلى قاتناشقان بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئايرىم تەربىيىلەپ يېتەكلەش خىزمىتىنى تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇشتەك خىزمەت مىخاينىزىمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. $8Y|& P  
sBm/9vu  
مەنبە: مەرىپەت تورى   * ئاتا-ئانىلار سەھنىسى، * پەرزەنت تەربىيىسى 9Kd:7@U  

   

  







Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 16:35:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەلەش پەقەتلا مائارىپنىڭ بۇرچى ئەمەس، ئەگەر يۇقاردا دىيىلگەن تەربىيە مەكتەپتىن باشلانسا بەكلا كېچىككەن بولىمىز، تەربىيەنى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىن باشلىساق بولىدۇ، ھاھزىر يەھۇيدىلار ھامىلە تەربىيەسىنى باشلاپ بولدى، بىزچۇ؟ ئائىلە تيەربىيەسىنىمۇ تۈزۈك باشلىيالمايۋاتساق؟


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
ئەزھەر520 + 20 + 20 + 20 قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 20  تىللا + 20  تۆھپە + 20   باھا خاتىرىسى

دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  867
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 361
تۆھپە : 9
توردا: 48
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2012-8-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 19:19:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ قىزىم بولمىسىمۇ ئوغلۇمنى چوقۇم ياراملىق قىلىپ تەربىيلەيمەن.    ئاللاھ خالىسا


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1161
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 538
تۆھپە : -6
توردا: 32
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:36:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر شۇنداق قىلالىساق ياخشى بۇللاتتى ، لىكىن  بىز  ئۇنداق قىلماقتا  يوق  ،  ئەكىسچە ئۇلارنى بىز  ئۈزىمىز بۇزۋاتمىز


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1150
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 818
تۆھپە : 61
توردا: 49
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 01:20:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشتە بىراز قاتتىق قول بولۇش كېرەك!


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3890
تۆھپە : 91
توردا: 1378
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 01:13:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت تەربىيسى بەك مۇھىم


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  315
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 287
تۆھپە : 10
توردا: 0
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-16
ئاخىرقى: 2012-10-6
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 15:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا ئاتا-ئانىلىق ۋە تەربىيىچىلىك ساپاسىنى ھازىرلاش. بۇ ئارقىلىق مەيلى ھامىلە تەربىيىسى بولسۇن، ۋە ياكى ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت تەربىيىسى بولسۇن كۆڭۈلدىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ.  پەرزەنت تەربىيەلەشتە شۇ پەرزەنتنىڭ ھامىسىلا ئەمەس بارلىق كىشىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

ئۆتەمدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى،
ھالۋا يېمە دېسە، يەپ تۇرۇپ ئۆزى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:58 , Processed in 0.153708 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش