گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1092 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 12

مۇنبەرگە ئوت قۇيىمەن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
99
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1676
تۆھپە : 405
توردا: 153
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-11-13
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 16:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى مەن سايرام ئوغلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !
ئۆزۇمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتسەم : ئۆزۈم بەك جىمغۇر بالا ، گاھىدا ئازراق كوتىلداپ سېلىشىمنى ھېساپقا ئالمىغانداا .
مەن سەل شوخراق بولغاچقا شۇڭا كىردىم . بۇندىن كىيىن مۇنبەرنى ئوڭتەي توڭتەي قىلىۋاتسام خاپا بولماڭلار جۇمۇ ! مەن بۇ مۇنبەرگە ئاپاق ئىنىم ئادىمىنىڭ ياردىمىدە ئەزا بولدۇم . شۇڭا مىنى بوزەك قىلساڭلار ئۇكامغا دەيمەن ! ئۇكامنىڭ ئاچىىقى 40 گەز كىلىدۇ . ھې ھې ھې ھې ھې مەنمۇ قېلىشمايمەن !
خوش نەخ گەپكە كەلسەك مۇنبەرگە قىزىق بۇلۇش ئۈچۈن ئازراق يۇمۇر ئېلىپ كەلدىم . قېنى كۈمەي جىم ئولتۇرۇپ ، بولمىسا يىغلاپ تۇرۇپ ئۇقۇڭلار ھە !!


ناخشا ئېيتقۇم كىلۋاتىدۇ


بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسى بەكلا تەلەپچان بۇلۇپ، ھەمىشە ئۇنى قائىدە يۇسۇنلۇق بۇلۇشقا ئۈندەيدىكەن. ئەمما بالا تېخى 3 ياشتا ئىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئائىلىدىكىلەر كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىپتۇ. بىر چاغدا ھېلىقى بالا«ئانا سىيگۈم كەپ كەتتى»دەپ ۋارقىراپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتنى تارتىپتۇ. ئانىسى بالىنىڭ بۇ قىلقىدىن بەكلا ئوڭايسىزلىنىپتۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ئانىسى بالىنىڭ ھەر قانداق چاغدا سىيگۈسى كەلسە «ناخشا ئېيتقۇم كىلۋاتىدۇ» دىيىش لازىملىقىنى تاپىلاپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، بالىنىڭ چوڭ دادىسى ئۇلارنى يوقلاپ كەپتۇ. بالا چوڭ دادسىغا بەك ئامراق ئىكەن. كەچتە بالا چوڭ دادسىدىن چۆچەك ئاڭلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن ئويغىنىپ:«بوۋا، ناخشا ئېيتقۇم كىلۋاتىدۇ»دەپتۇ. بوۋاي، بۇ كىچىدە باشقىلارنى ئويغىتۋەتمىسۇن دەپ نەۋرىسىگە:«ئوبدان بالام، ناخشا ئېيتقۇڭ كەلگەن بولسا مىنىڭ قۇلقىمغا ئېيتقىن»دەپ پىچىرلاپتۇ.



يۈزى قېلىن تىلەمچى



تىلەمچى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسىنى قېقىپتۇ، ئۆيدىن بىر موماي چىقشىغا سەدىقە سوراپتۇ:
-ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، يېنىمدا بىر تىيىن پۇلۇممۇ يوق، قورسىقىممۇ ئاچ، ماڭا ئازراق سەدىقە بەرگەن بولسىڭىز...؟موما، دەپتۇ تىلەمچى.
-ۋاي بىچارە، دەپتۇ موماي ، مەندە پۇلمۇ يوق، يەيدىغان نەرسىمۇ يوق. ناۋادا كىيىملىرىڭنى ياماتماقچى بولساڭ، بۇنىڭغا ياردەم قىلالايمەن دىسە،
تىلەمچى يانچۇقىدىن بىر دانە تۈگمىنى چىقىرىپ:
-ئۇنداق بولسا ناھايىتى ياخشى گەپ ئىكەن، ماڭا مۇشۇ تۈگمىنى قاداپ بىر چاپان تىكىپ بېرىڭ- دىگۈدەك..



ھەربىي مانىۋېر



بىر تۈركۈم يېڭى ئەسكەرلەرنى زەمبىرەك ئېتىش مەشىقى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ئېتىزغا ئاپىرىپتۇ. بىرىنچى ئەسكەر زەمبىرەكنى شۇنداق ياخشى دەل جايىغا ئېتىپتۇ. ئىككىنچى ئەسكەر بەكلا ھۇدۇقۇپ كىتىپتۇ-دە، نىشاننى توغىرلىمايلا ئېتۋېتىپتۇ. زەمبىرەك ئۇقى ئۇدۇل بېرىپلا، يېقىن جايدىكى قۇناقلىققا چۈشۈپ پارتىلاپتۇ. قاراپ تۇرسا قۇناقلىقتىن كىيىملىرى كۈيۈپ جۇل-جۇل بۇلۇپ كەتكەن بىرسى يۈگۈرۈپ چىقىپ:
-توۋا قىلدىم خۇدايىم، تۆت باش قۇناق ئوغىرلىغانغىمۇ زەمبىرەك ئاتامدۇ،-دىگۈدەك.


ئىشەكنىڭ گىپىنى قىلساڭلارچۇ


بىر نامرات ئەر-خۇتۇن بۇلۇپ، بۇلارنىڭ بالسىنىڭ يېشى چوڭىيىپ توي قىلدىغان ۋاقتى بۇلۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى كەچتە بۇ بالا كۆزىنى يۇمۇپ ياتسا بۇ ئەر-خۇتۇن بالسىنى ئۇخلاپ بولدى دەپ ئويلاپ، بالىمىز چوڭىيىپ قالدى ئۆيلەپ قويساق بۇلاتتى، ھازىر ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز تازا ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئېغىلدىكى ئېشەكنى سېتىپ پۇلىغا تۇيىنى قىلىپ بېرەيلىمىكىن دىيشىپتىكەن.
بۇ بالا خوشاللىقتا ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەر خۇتۇن بالسىنى خىجىل بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ
باشقا پاراڭلارنى قىلىپتىكەن. بۇ بالا دادا-ئاپا باشقا گەپنى قۇيۇپ بايىقى ئىشەكنىڭ گىپىنى قىلساڭلارچۇ،-دەپتۇ.

دوختۇر

بىر ئادەم ئۇقۇشماستىن بىر بۇتۇلكا بېنزىننى ئىچىپ ساپتۇ. ئۇ ناھايىتى جىددىيلىشىپ دوختۇرخانىغا بېرىپتۇ.
-دوختۇر، ھىچقىسى يوق، جىددىيلىشىپ كەتمەڭ، پەقەت بىر ھەپتىگىچە تاماكا چەكمىسىڭىزلا بۇلىدۇ، -دەپتۇ.

مەنبە: ئۇ يەردىن بۇ يەردىن ئاڭلىۋالغانلىرىم

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1213
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1188
تۆھپە : 12
توردا: 86
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2012-11-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 20:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
ھەقىقەتەن ياخشى يۇمۇرلار ئىكەن رەخمەت !!!!!

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3351
تۆھپە : 408
توردا: 137
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2012-11-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 20:47:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى يۇمۇرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، رەھمەت سىزگە...
بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1205
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 237
تۆھپە : 62
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-16
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 21:15:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستنلا كۇلكۇلۇك
بىر قەدەمىنى خاتا باسساڭ,بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلس

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1746
تۆھپە : 161
توردا: 203
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-11-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھ..... تازا بىر كۈلىۋالدىم دېسە، بولۇپمۇ ‹‹-توۋا قىلدىم خۇدايىم، تۆت باش قۇناق ئوغىرلىغانغىمۇ زەمبىرەك ئاتامدۇ،-دىگۈدەك.›› مۇشۇ يېرى بەكلا كۈلدىرىۋەتتى. رەھمەت سىزگە بىزگە كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ھە
دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1218
تۆھپە : 23
توردا: 94
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-11-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 00:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت قويىمەن دېسە 119نى باشلاپ كەلگىلى تاس-پاس قاپتىمەن،ئەسلىدە قىززىق يۇمۇرلاركەندە

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  76
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 2797
تۆھپە : 200
توردا: 165
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-11-12
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 09:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىمىغان قىزىق يۇمۇرلاركەن نەگە يۇقاپ كەتتىكىن دىسەك يۇمۇر تەرگىلى كىتىپتىكەنسىزمۇ دەيمەن
مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى،يۇمشاق كىرپىسى

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  249
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 784
تۆھپە : 24
توردا: 33
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 15:24:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇرنى پارچە يىغىپ توپ تارقىتامسىز نېمە؟

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1380
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 344
تۆھپە : 14
توردا: 13
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-22
ئاخىرقى: 2012-11-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 19:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇرلىرىڭىزنى ئوقېۋېتىپ كۈلۇپ كەتسەم خىزمەتداشلىرىم ھەيران قاپتۇ
مۇنبەر ئىچىلماي ھەجەپ ئىچىم سىقىلدى.......

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1323
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 380
تۆھپە : 27
توردا: 117
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2012-11-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 22:46:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 00:12
ئوت قويىمەن دېسە 119نى باشلاپ كەلگىلى تاس-پاس قاپتىمەن، ...

بۇ يۇمۇرلارنى ئوقۇپ كۈلۈپ بولالماي تۇرسام بۇ گەپنىڭ قىزىقلىقى مىنى تېخمۇ كۈلدۈرۋەتتى.
بۇ مۇنبەردە بىر بىردىن قىززىقچى دوسلار باركەنغۇ............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-11-15 05:19 , Processed in 0.669482 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش