مال سېتۋېلىش تاكتىكىسى ( ئۈگىنىۋېلىڭ)
2012-5-31 21:59:54 چىقىرىشچۈشۈرۈش (3.77 KB)
باھا دىگەننى مۇنداق تالىشىمىز ، ئۈگىنىۋېلىڭ، كىيىن لازىمى بۇلۇپ قالار.
( «ئا» خېرىدارنى ، « ب» مال ساتقۇچىنى بىلدۈردۇ.)
.ئا : خۇجايىن، بۇ ئىشتان قانچە پۇل؟
ب : 180 كوي، گۇاڭجۇنىڭ ھەقىقىي مەھسۇلاتى، ئالامسىز؟
ئا : مەن ئاۋۋال كۈرۈپ باقاي.
ب: ياخشى مال بۇ ، ئىتبار قىلىپ سىزگە 170 كويغا بىرەي.
ئا : ئاشۇ ئىتبار قىلىشما؟
ب : ھا...ھا... ، بوپتىلا، سىزگە 140 كويغا بىرەي.
ئا : كۈلگۈم كىلىۋاتىدۇ.
ب : نىمىشقا كۈلگڭىز كىلىدۇ؟ قىممەت كۈرۈپما؟
ئا : ياق قىممەت ئەمەس، بۇ خۇددى پومپا بىلەن قېنىمنى تارتقاندەك ئىش بولدى-دە.
ب : ئۇنداق دەپ كەتمەڭ. بوپتىلا ، بۇ يەرلىك ئىكەنلىكىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ 120 كويغا بىرەي.
ئا : ..........
ب : يەنە قىممەت كۈرۈۋاتامسىز؟ مەن پەقەت ئازلا پايدا ئالالايمەن.
ئا : ياق ، مەن قىممەت دىمىدىم، بۇ ئىشتان راستىنلا بۇ پۇلغا يارايدۇ.
ب : خېلى مال تۇنۇيدىكەنسىز . ئۇنداق سېتىۋېلىڭە.
ئا : مالغۇ ياخشىكەن ، لىكىن يانچۇقۇمدا پۇل جىق ئەمەستە.
ب : ئۇنداقتا يانچۇقىڭىزدا نەچچە پۇل بار؟
ئا : 90 كوي.
ب : ۋاي توۋا، مەن زىيان تارتىمەن، يەنە 10 كوي قۇشۇڭە.
ئا : قۇشالمايمەن، مىنىڭغۇ سىزگە 120 كوي بەرگۈم بارئىدى.
ب : بوپتۇ، دوسىت بوپ قالايلى، 90 كويغا بىرەي.
ئا : مەن بۇنىڭ ھەممىنى بەرمەيمەن. 10 كويغا كىرا قىلىپ ئۆيگە كەتمىسەم بولمايدۇ
ب : كىرا ؟ بۇنىڭ ئىشتان بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى؟
ئا : مەن ناھايتى يىراق يەردىن كەلدىم، قايتىشىمغا 10 كوي كىتىدۇ.
ب : ئادەم ئالدىماڭ!
ئا : كىم سىزنى ئالداپتۇ؟ مەن 18 ياشقا توشقاندىن بېرى بىرسىنى ئالداپ باقمىغان.يۈزۈمگە قاراپ بېقىڭە، نىمدىگەن سەبىي!
ب : بوپتۇ بوپتۇ، 80 كويغا بىرەي.
ئا : توختاپ تۇرۇڭ. مەن تېخى ئەتىگەنلىك تاماقنى يىمىگەن، قۇرسىقىم ئاچتى.
ب : سىز !! بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭىز! مىنى كولدۇرلىتىۋاتىسىز.
ئا : ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر مەن يەنە تاماق يىمىسەم، ھازىرلا ئالدىڭىزدا ئايلىنىپ كىتىمەن.
ب : ھەجەپ نەس باستى مىنى . بىردەم كىرا قىلىمەن دەيسىز ،بىردەم تاماق يىمىگەن دەيسىز . سىز ئەمدى ئۇسسۇدۇم دىمەيدىغانسىز؟
ئا : مەن ئۇنداقلاردىن ئەمەس. مىنىڭ بۇنداق تەلىپىم يوق. ماڭا ئىشىنىڭ!
ب : ئىشىنىڭ ؟ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم؟؟
ئا : شۇنداق.
ب : ماقۇل. ئۇنداقتا 70 كوي بىرىڭە بولدى.
ئا : مانا ھازىر .
ب : تىزراق بۇلۇڭ!
ئا : توختاپ تۇرۇڭ. ئىشتاننىڭ ماۋۇ يىرىنىڭ رەڭگى ھەجەپ بىر قىسما تۇرىدۇ.
ب : تۇشۇش جەريانىدا سۈركىلىپ كەتكەن يىرى بەلكىم.
ئا : شۇنداقمۇ ؟ قارىسام كونا ئىشتاندەك قىلىدۇ،
ب : مىنى ھاقارەتلىسىڭز مەيلى، لىكىن ئىشتاننى بۇنداق ھاقارەتلىمەڭ!!
ئا : ...........
ب : ماقۇل ، مەن سىزگە مال كىرگۈزۈش تالۇننى كۆرسىتىپ قۇياي..... قاراڭ، ئۆتكەن ھەپتە كىرگۈزگەن، گۇاڭجۇ پالانى زاۋۇت . كونىمىكەن؟
ئا : خاپا بولماڭ، مەن خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن.... ئاللا، بۇ ئىشتاننىڭ ھەر بىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈش باھاسى 20 كويكەنغۇ!
ب : ياق ياق، ئۇنداق ئەمەس . بۇ دىگەن باج تاپشۇرماستىن بۇرۇنقى باھاسى. باجنى ھېساپلىغاندا دەسمىيى 40 كوي بۇلىدۇ .
ئا : يالغانچى! مىنى بىر نىمىنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭما ؟ بۇ دىگەنچۇ باجتىن كىيىن كىسىلگەن تالۇن! ئاران 20 كويلۇق بىرنىمنى ، سىز....
ب : ھا..ھا..ھا، تىجارەت ئەمەسمۇ ئەمدى. مىنىڭمۇ چىقىمىم كۆپ، قىممەترەك ساتمىسام مەن نىمە يەيمەن؟
ئا : كۈپكۈندۈزدە مۇشۇنداقمۇ يالغانچىلىق قىلغان بارمۇ؟ كۆڭلىڭىز بەك قارىكەن!
ب : 30 كويغا بۇلامدۇ؟ مەن ئازراق پايدا ئالاي.
ئا : پۇل مەسلە ئەمەس، لىكىن سىز مەندەك بىر خېرىدارنى ئالدىدىڭىز! ماڭا بەك زەربە بولدى.
-ب : شۇنچىلىك ئېغىرمۇ ؟
ئا : ئالداپ تۇرۇپ يەنە ئېغىرمۇ دەپ سوراۋاتامسىز؟ ئەگەر مۇشۇنداق بۇلۇۋەرسە، بۇ دىگەن جىنايەت!
ب : خاپا بولماڭ. مەن سىزگە 25 كويغا بىرەي. ماڭىمۇ ئازراق ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
ئا : 25 ؟؟؟
ب : يىگىرمە تۆت كويچۇ ؟
ئا : « تۆت، نان يىمىگەن دۆت» دەپتىكەن، مەن مۇشۇ تۆت دىگەن سانغا بەك ئۆچ! ;
ب : 23 كويچۇ ؟ مەندەك بىر بىچارىگىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
ئا : كىلىشتۇق!!!
ئاخىردا ، دۇكان خۇجايىنى 180 كويلۇق ئىشتاننى 23 كويغا بەردى . تېخى دۇكان خۇجايىنى يىغلاپ كەتتى جۇما!!
يامانمىكەن؟؟
مەنبە: يارغول مۇنبىرى