گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 275 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 4

تىرىشچان يۈرەك ،ئۇلۇغۋار ئارزۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
26
تېما
38
قىزغىنلىق
548
تىللا
1085
تۆھپە
280
توردا
45 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 12:03:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان يۈرەك ،ئۇلۇغۋار ئارزۇ
(زىيارەت خاتىرسى)
قۇربان سايىم، قۇربان مولنىياز  
بىز بۇ يىل ئىيۇن ئېينىڭ 1-ھەپتىسىدىكى ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، بىر قانچە دوستلىرىمىز بىلەن باي ناھىيىسىنىڭ سايرام بازىرى لاپا كەنتىگە بېرىپ، قاتار كەتكەن ئۈژمىلىكتە ئۈژمە  يىگەچ تەبىئەتنىڭ بۇ سېخى ھىممىتىدىن بەھىرلەندۇق. بىز ئۈژمە يىگەچ بۇ ئۈژمىلىكتىن200 مېتىر يىراقلىقتا 14-15 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىزنىڭ بىردەم خەنزۇچە تېكىست يادىلىسا، يەنە بىردەم پارتىيە تارىخىغا ئائىت سۇئال-جاۋاپلارنى يادىلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بىردىنلا  دىقىتىمىز بۇ قىزغا مەركەزلەشتى.
بىز بۇ قىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئۇقۇغاچ، بۇ قىزنى چاقىرىپ ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، بۇ قىزنىڭ مۇشۇ مەھەللىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى ئىكەنلىگىنى بىلدۇق. مۇشۇ دەقىقىدە بۇ قىزنىڭ دادىسى كېلىپ، بىزنى ئۆيىگە باشلاپ بىردەم ئارام ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى. بىز سالام-سائەتتىن كېيىن، بۇ قىزنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. ئۆينىڭ جەنۇپ تەرەپتىكى تامغا ئېسىپ قويۇلغان ‹‹باي ناھىيىلىك17-نۆۋەتلىك ئىتتىپاق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى قىزغىن قارشى ئالايلى››دىگەن خەت يېزىلغان سومكا كۆزگە چېلىقاتتى. بىز قىزغىن ھىسيات بىلەن سومكىنى ئېلىپ، سومكا ئىچى شەرەپ گۇۋانامىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق، ھەم بۇ شەرەپ گۇۋانامىلىرىنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىقتۇق. بۇ گۇۋانامىلەر 1998 -يىلى9 -ئايدىن باشلاپ، 2011-يىلى3-ئايغىچە ئېرىشكەن شەرەپلەر ئىكەن. بۇ قىز مەكتەپ تەرىپىدىن ‹‹مۇناۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››، ‹‹ئىجىتمائىي پائالىيەتتە ياخشى ئۇقۇغۇچى››، ‹‹ئەخلاق نەمۇنىچىسى››دېگەن شەرەپلەرگە مۇياسسسەر بولغاندىن باشقا ، 2011-يىلى3-ئايدا باي ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومتىتى تەرىپىدىن‹‹مۇناۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى››دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ئىكەن . بۇ قىزنىڭ ئىسمى بۈخەلچەم ئوسمان بولۇپ، باي ناھىيىلىك3-ئوتتۇرا مەكتەپ تەجىربە 9-يىللىىق 7- سىنىپىدا ئوقۇيدىكەن. بىز بۈۋخەلچەمدىن :قانداق كۈچ ۋە قايسى ئارزۇ سىزنى بۇ خىل ئۆگۈنىشكە جەلىپ قىلىۋالدى-دەپ سورىغىنىمىزدا‹‹مەنمۇ ئاچامغا ئوخشاش ئىچكىرىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىپ، مەكتىپىمگە، ئوقۇتقۇچىمغا، ئاتا-ئانامغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىدە ۋەتىنىمنى، يۇرتۇمنى پەن-تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن گۈللەندۈرۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشسام دەپ ئويلايمەن››دىدى بۇ قىز كۈلۈپ تۇرۇپ.



Rank: 3Rank: 3

تېما
56
قىزغىنلىق
763
تىللا
1502
تۆھپە
105
توردا
138 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 15:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا تەشەككۇر !مەزكۇر تىمىڭىز مەكتەپ يېشىدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا شۇنداقلا بەزى ئاتا-ئانىلارغا زور مەدەت ھەم ئىلھام بەرگۈسى ....


Rank: 3Rank: 3

تېما
38
قىزغىنلىق
548
تىللا
1085
تۆھپە
280
توردا
45 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-7 09:57:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىمنى كۈرۈپ ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت.بۇ ئەسەردىكى ئاساسى پېرسۇناژ-بۈخەلچەم ،لاپا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئوسمان مۇئەللىمنىڭ قىزى بۇلۇدۇ،بىز بۇ ئەسەرنى ئوسمان مۇئەللىمنى زىيارەت قىلىش،بۈخەلچەم بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يازغان.


باش مەسئۇل

باشقۇرغۇچى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

تېما
124
قىزغىنلىق
856
تىللا
1805
تۆھپە
320
توردا
991 سائەت

مۇنبەر مەسئۇلى رەسمى ئەزا باشقۇرغۇچى چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-7 16:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك يۇسۇپجان ئەپەندىم سىز بۇ يەردە( شىئرنىڭ جېنى ھىسسىيات بولغىنىدەك ،ئاخبارات ئەدەبىياتىنىڭ جېنى چىنلىق ) دەپسىز دىگىنىڭىز توغرا لىكىن سىزنىڭچە ئۇستىدە دىيىلگىنى يالغانكەن دىمەكچىمۇ ،بۇنىڭ ھىچ يالغىنى يوق ھەممىسى ھەقىقى ئىشلار ، ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن ، بۇنى يازغان ئادەملەر ناھيىمىزدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن تالانتلىق يازغۇچى شائىرلار ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت تەتقىقات كۈزۈتۈش ئارقىلق يىغىلغان پايدىلىق تىمىلارنى يوللىسا سىز بۇنداق دىسىڭىز ئۇلارغا داغ تەككۈزگەن بۇلىسىز ،شۇڭا ئىنكاس يوللىغاندا ھەممىمىزنىڭ دىققەت قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
باشقا گەپ بولسا باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ  .. qq59496604


مەخسىتىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تىمىللىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئەمەس بەلكى بىلىم ئىگىلەش تىمىللىرىنى بىر يەرگە توپلاپ تىخىمۇ كوپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۇرۇش .............

Rank: 3Rank: 3

تېما
56
قىزغىنلىق
763
تىللا
1502
تۆھپە
105
توردا
138 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 15:31:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك قۇربان ئەپەندىم ئەسىرىڭىزدىكى ( بۇ قىزنىڭ مۇشۇ مەھەللىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى ئىكەنلىگىنى بىلدۇق)دىگەن جۈملە ،مۇشۇ مەھەللىدە ئوسمان ئىسىملىك بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈردۇ.لىكىن بۇ ئوسمان مۇئەللىم مۇشۇ مەھەللىدىكى مەكتەپتە خىزمەت قىلدىغان ،باشقا كەنىتلىك ئۇقۇتقۇچى .مىنىڭچە بۇ ئىككىسى ئىككى خىل مەنانى ئىپادىلەيدۇ دەپ قارايمەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-21 16:59 , Processed in 0.109308 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش